ئۆزىمىز قىياس قىلالىغان دائىرە ، دائىرەدىكى رۇشەن ۋە مەۋھۇم مەۋجۇتلارنى ئالەم دېگەن سۆز بىلەن ئاتاپ ، ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ، بۇ چەكسىزلىكتە بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى ئىلغا قىلدۇق . قۇياش سېستىمىسى ، سامان يولى سېستىمىسى ، قارا ئۆڭكۈر ، ئالەمنىڭ كېڭىيشى ، بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشى ، نىسپىيلىك نەزىرىيىسى ، كۋانت مېخاينىكىسى قاتارلىق چۈشۈنۈشلەرنى ئوتتۇرغا چىقاردۇق .
سىتېفېن خاۋكىڭ ئاممىباپ ئوقۇشلىقى بولغان ‹‹ ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› نىڭ ئىككىنجى قىسمىدا ئوبرازلاشتۈرۈپ ئالەمنى پۈۋلەنگەن شارنىڭ سىرتقى يۈزىگە يايىدۇ . بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشى ، بوشلۇقنىڭ كېڭىيشىنى بىز چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىدۇ . مەن مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ قالدىم ؛ ئالەمنى شارنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئەمەس ئىچكى يۈزىگە يېيىلغان ، بوشلۇق ۋە چەكسىزلىك شارنىڭ ئىچىدە ، شارنىڭ سىرتىدا يەنە بىر بوشلۇق ۋە چەكسىزلىك بار ، بىز بۇنى ھەقىقى چەكسىزلىك دەپ ئاتىساق ، شارنىڭ ئىچىنى ھەقىقى چەكسىزلىكنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقى چەكسىزلىكتىن ئايرىلغان يوقىلىدىغان چەكسىزلىك دەپ ئاتىۋالساق . يەنە شۇ يۇسۇندا ھەقىقى چەكسىزلىكتە يوقىلىدىغان چەكسىزلىكتىن يەنە بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلساق . يوقىلىدىغان چەكسىزلىكنى ھەقىقى چەكسىزلىككە قوشۇلۇپ كېتىدىغان ھالەتتە ئويلىساق ، ئالەمنىڭ بارلىق فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك قانۇنىيەتلىرى غايىپ بولسا ، نىسپىلىك مەۋجۇتلۇقتىن قىلىپ ، مۇتلەقلىق نىسپىلىكنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋەتسە .
1. سىزچە بۇ تەسەۋۋۇر سىزدە قانداق قاراشنى شەكىللەندۈرىشى مومكىن ؟
2. ناۋادا بىرتامچە سۇ ( ئۈرۈك مىغىزىچىلىك ، ياكى ياڭاقچىلىك چوڭلۇقتا) تارتىش كۈچى بولمىغان بوشلۇققا قويۇلسا شۇ ھالەتتە تۇرامدۇ ياكى ھىدروگىن ، ئوكسىگىنلارغا پارچىلىنىپ ، بۇلارمۇ يەنە پارچىلىنىپ مەۋجۇتلۇقتىن قالامدۇ ؟
مەن تەبىئى پەن ئادىمى ئەمەس ، ئىجتىمائى پەنگە مەنسۇپ ، ئەمما قىززىقىشىم ، خېلى ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇشۇم سەۋەپلىك مۇشۇنداق سۇئالنى سورىغىم كەلدى .