量子点_百度百科
ئەمدى نۇقتا كىۋانىت(كىۋانىت نۇقتىسى) ھەققىدە مۇلاھىزە يۆرگۆزسەك بەزى ھاسىلاتلارغا ئىرىشىپ قىلىشىمىز مۆمكىن.بۇ ھاسىلاتلار تەنقىتكە بەرداشلىق بىرەلەمدۇ-يوق؟،بۇ ئايرىم مەسىلە.
كىۋانىت نۇقتىلىرىنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرى شۆبھىسىزكى ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ.مېنىڭچە بۇ ھەقتە ھېچكىم تالاش -تارتىش قىلىپ قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.مۇنازىرە قوزغايدىغان نۇقتا،بەلكىم بۇ ئەگرىلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاشتا كۆرۆلىشى مۆمكىن.مېنىڭچە بۇ تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۆدەك مىكرۇ نۇرلار بولۇپ،بۇنداق نۇرلاردا شۈبھېسىز ھالدا 29-تېئورىمىچە ئېغىش كۆرۆلىدۇ.29-تېئورېمىچە ئېغىش كىۋانىت نۇقتىلىرىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەپلىرىنىڭ بىرى.چۈنكى بۇ تەركىپلىگۆچىلەر غايەت زور سىپىن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىغا ئىگە.مانا مۇشۇ مىقدار بولمىسا كىۋانىت نۇقتىسىمۇ بولمايدۇ.ھالبۇكى،بۇ مىقدار پۈتۈنلەي تاشقى كۈچ ۋەجىدىن مەيدانغا كەلگەن دېيىشكە بولمايدۇ.بۇنداق تەشەببۇسنىڭ پاكىت ۋە نەزەريىۋى ئاساسلىرى ئاز ئەمەس.
كىۋانىت نۇقتىسى ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلسە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولغىدەك.مەسىلەن،بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ مىكرۇ قاتلام ۋە ماكرۇ قاتلامغا كېڭەيتىش.بۇ ھالدا ئوخشاشلا كىۋانىتلىق قانائەتلىنىۋىرىدۇ ،فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرۈشنىڭ يېڭى تەپەككۈر ئىمكانىيەتلىرىنى قولغا كەلتۆرگىلى بولىدۇ...
مىكرۇ يۆنىلىشتە ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىگىچەكېڭەيتىش.ماكرۇ يۆنىلىشتە بىرپۈتۈن ئالەمگىچە كېڭەيتىش.
بۇنداق تەپەككۈر«كىۋانىتلىق»دىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپال ئىدىيەگە مۇخالىپ ئەمەس.
ماكرۇ ئالەمگىمۇ،مىكرۇ ئالەمگىمۇ ئورتاق ھادىسە ۋە قانۇنىيەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىكى بۇنداق كېڭەيتىش مەقسىدىدىكى تەپەككۈرگە ئىلھام بېرىدۇ.مەسىلەن: بۇلۇڭلۇق ھەركەت ۋە بۇ ھەركەتكە ئالاقىدار قانۇنىيەتلەر ھەر ئىككى ئالەم ئۈچۈن ئورتاق.ھەركەت قىلغۇچى زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ شەكىللىرىمۇ ھەر ئىككى ئالەم ئۈچۈن ئورتاق.يەنى، مەيلى رادىئوسى چوڭ ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر شار يەنىلا شار.بۇ يەردە پەقەت مىقدار پەرىقلىرىلا مەۋجۈتكى،پىرىنسىپال پەرىق مەۋجۈت ئەمەس.
كىۋانىت نۇقتىسى شەكىل نەزەريىسىنىڭ "سېستىما تەركىلىگۆچىلىرىنىڭ تېزلىكى بىر پۈتۈن سېستىمىنىڭ تېزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ"دىگەن تەشەببۇسىنى قوللايدۇ.مەسىلەن،مالىكولا تېزلىكى - تەركىۋىدىكى ئاتوملارنىڭ تېزلىكىدىن كىچىك بولىدۇ.
بىز بۇئىدىيەنى ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىگىچە تەدبىقلىساق،پەقەت،پەقەتلا ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە تېزلىكلا ئەڭ يۇقۇرى تېزلىك ئىكەنلىگى ئايان بولىدۇ.بىز بۇ يەردە يەنە ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر ھەركىتىنىڭ مۇتلەق مەنىدە ئەگرى بولىدىغانلىغىنى،بۇنداق ئەگرىلىك بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ خۇسۇسى،ئىستىخيىلىك خاراكتىرى ئىكەنلىگىنى،ئۇلارنىڭ بۇنداق خارەكتىرىنى بىرەر تاشقى كۈچنىڭ كەلتۆرۆپ چىقارمىغانلىغىنى كۆرۆپ يېتەلەيمىز.
مانا مۇشۇنداق سىتىخيىلىك،خۇسۇسى ئەگرىلىك بولغانلىغى ئۈچۈنلا تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملار،شۇنداقلا ئەڭ ئىپتىدائى كىۋانىت نۇقتىلىرى شەكىللىنەلەيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-18 09:25