يەنە ماياتنىك تەجرىبىسى -2
قاسىم سىدىق
بۆگۆن،2015-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى بەشىنجى كۆرۆكتىكى قوش ئېگىز بىنانىڭ(2-بېنا دەپ ئاتىلىدىكەن،دەرۋازىدىن كىرگەندىن كىيىنكى 1-بېناكەن بولمىسا)6-قەۋىتىدە 10مېتىر 10سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ماياتنىك يىپىغا ئىلىكتىر ماتۇرنى ئېسىپ ماياتنىك تەجرىبىسى ئىشلىدۇق.گەرچە بۇ تەجرىە يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى زىل تەجرىبە بولمىسىمۇ،نەتىجىسى يەنىلا 29-تېئورېمىنى قانائەتلەندۆردى.تەجرىبە نەتىجىسىدىن بۇنداق ئېغىشنىڭ قەتئى مەۋجۈتلىكىنى مۇئەييەنلەشتۆرۈشكە بولىدۇ.ئىنچىكە ئىشلەپ،تېخىمۇ توغرا سانلىق قىممەتلەرنى ئېلىش ئەلۋەتتە شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئايرىم ئىشلىنىدىغان خىزمەت.
مەقسەت:
1.ماياتنىك يىپى ئۇزۇنلىغى ،ماياتنىك بېشى قىلىنغان ماتۇرنىڭ ماسسىسى ۋە ئايلىنىش تېزلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىشقا بولغان تەسىرى ۋە ئېغىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۆرۆپ كۆرۈش.
2.شىنجاڭ ئونىۋېرىستېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنىستېتوتىدىن بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ماياتنىك يىپى 10 مېتىر بولغان،ماسسىسى چوڭراق بولغان ئىلىكتىر ماتۇردا قايتا ئىشلەپ سىناپ كۆرۆش تەشەببۇسىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ماسسىسى كىچىك ماتۇردىمۇ ئىشلەپ ئۆنۆمىنى كۆرۆپ بېقىش.
1-رەسىم:ئىشلىتىلگەن ئىلىكتىر ماتۇر
ماياتنىك يىپىنىڭ ئۇزۇنلىغى:10مېتىر 10سانتىمېتىر.
ماياتنىكنىڭ ئېسىلىش نۇقتىسى بىلەن قويۇپ بېرىش ئارىلىغىنىڭ ئۇزۇنلىغى:4مېتىر 57سانتىمېتىر.
قويۇپ بېرىش ئېگىزلىگى:1مېتىر 13سانتىمېتر. ئېغىش خاتىرىلەنگەن ئورۇن بىلەن ماياتنىكنىڭ ئېسىلىش نۇقتىسىنىڭ ئارىلىغى:1مېتىر.
ئىشلىتىلگەن ماتۇر:ئالدىنقى قېتىملىق تەجرىبىدە ئىشلىتىلگەن ماسسىسى 356گىرام بولغان بولغان كىچىك ماتۇر.
ئايلىنىش تېزلىگى: 15600قېتىم ھەر مېنوت.
ئەسكەرتىش:ماتۇرنىڭ يۇقۇرقى ئايلىنىش تېزلىكى بۇ ماتۇر تۇنۇشتۇرۇلغان تاۋباۋ سودا تورىدىن ئېلىندى.ئەمىلى تېزلىكنى مەخسۇس ئۆسكۆنىلەردە قايتا ئۆلچەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئومۇمى نەتىجە:
ماتۇر قوزغىتىلمىغاندا كورىئولىس كۈچى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ئېغىش: 2.4سانتىمېتىر.
ماتور سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئايلاندۇرۇلغاندىكى ئېغىش:3.6 سانتىمېتىر.
ماتۇر سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشىگە قارشى ئايلاندۇرۇلغاندىكى ئېغىش:7.2 سانتىمېتىر.
ئەسكەرتىش:ماياتنىك جەنۇپتىن شىمالغا قارىتىپ قويۇپ بېرىلدى.
قوشۇمچە: سېلىشتۇرۇپ ئەقلى يەكۈن چىقىرىشتا پايدىلىنىش ئۇچۇرى:
ئۆتكەندە دەل مۇشۇ ئىلىكتىر ماتۇردا،ئوخشاش ئايلىنىش تېزلىكىدە تەجىرىبە ئىشلىگەن ئىدۇق.ئۇ تەجربىنىڭ ئالاقىدار پارامېتىرلىرى:
ماياتنىك يىپى ئۇزۇنلىغى:2مېتىر 40سانتېمېتىر.
.30-قېتىملىق تەۋرىنىشنىڭ نەتىجىسى خاتىرلەنگەن.
ماياتنىكنىڭ ئېسىلىش نۇقتىسى بىلەن قويۇپ بېرىش ئارىلىغىنىڭ ئۇزۇنلىغى:1.10 مېتىر.
ئېغىش خاتىرىلەنگەن ئورۇننىڭ مەركەز (中-ئېسىلىش نۇقتىسى)بىلەن بولغان ئارىلىغى 60 سانتىمېتىر.
نەتىجە:
1.ماتۇر ئايلاندۇرۇلمىغاندا كورىئولىس كۈچى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئېغىش:1.1سانتىمېتىر.
2.سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى ئايلانغاندا:12.7سانتىمېتىر.
3.سائەت سىتىرىلكىسى بويىچە ئايلانغاندا:20.95 سانتىمېتىر.
بۇ قېتىمقى تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلار:
1.ئليار تۇرسۇن.شىنجاڭ ئونىۋېرىستېتى ئوقۇغۇچىسى.ماياتنىكنى مۇقىم بىر نۇقتىدىن قويۇپ بېرىشكە مەسئول.
2.ئىرفان ئىمام.شىنجاڭ ئونىۋېرىستېتى ئوقۇغۇچىسى.ئېغىش قىممتىنى ئوقۇپ،جاكالاشقا مەسئول.
3.ئابدۇراھمان سادىق .ئۈرۈمچى تۆمۆر يول ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان خادىمى.ئىلىكتىر ماتۇرنى قوزغۇتۇش،توختۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئول.
4.ئەنۋەر مۇھەممەت .ئەلدۇسىت شىركىتىدىن.ئېغىش ئوقولۇپ جاكالانغان ئورۇننى نازارەت قىلىشقا مەسئول.
5.قاسىم سىدىق.غۇلجا شەھەر دادامتۇ مەكتىۋىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.ئىرفان ئىمام جاكالىغان قىممەتلەرنى خاتىرىلەشكە مەسئول.
ئەسكەرتىش:
تەجرىبىدە 10-قېتىملىق تەۋرىنىشنىڭ نەتىجىسى خاتىرىلەندى.ھەر گۆرۆپپا تەجرىبە 10قېتىمدىن تەكرارى ئېلىپ بېرىلدى.يۇقۇرقى نەتىجە ئىرفان ئىمام ئومۇمى نەتىجىنى 10غا بۆلۈپ كەلتۆرۆپ چىقارغان مىقدارلاردىن ئىبارەت.
بۇ قېتىمقى تەجرىبىگە تەجرىبە ئۆتكۆزۆلگەن بېنادا ئولتۇرۇشلۇق بۇرادىرىمىز ئابدۇراھمان سادىق ئالاھىدە كۈچ چىقاردى.يەنە نىجات،تاشپۇلات،ئابلەت، پەرھات قاتارلىق دۇسىت-بۇرادەرلەر ئۈستىدەتۇروپ شاھىت بولدى.ياردەملەشتى.
بۇ بېنانىڭ ئامانلىق قوغدۇغۇچىلىرى بىزنى تەجرىبە ئۆتكۈزۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ،پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
مەن يۇقۇرقى ھەممەيلەنگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
2015.11.9-كۈنى
تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيدان ۋە تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلار: