مەن ھازىر بۇرھان مۇئەللىمگە تېلېفۇن قىلىپ،ۋاڭياپىڭ ئالەم بوشلۇغىدا ئىشلىگەن
نۇر تەجرىبىسىگە ئالاقىدار فىلىمىنى كۆرۆپ بېقىشىنى،ئالەم بوشلۇغىدىكى نۇرنىڭ 29-تېئورېمىدا تەشەببۇس قىلىنغاندەك ئېغىشىغا ئېغىرلىق كۈچى،كورىئولىس كۈچى،يەرشارى ماگىنىت مەيدانى كۈچى قاتارلىقلارنى تەدبىقلاشقا بولمايدىغانلىغىنى ئەسكەرىتتىم.بۇرھان مۇئەللىم ئالەم بوشلۇغىدا ئالەم ئوچقۇسىنىڭ ئىچىدىمۇ ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچ مەيدانى بارلىغىنى ئەسكەرىتتى....ۋەھاكازالار.
ھالبۇكى،مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئالاقىدار يازمىلاردا نۇر ئىففىكىتى ئىلىكتىر-ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدۇ،دىگەن چۈشەندۆرۈشنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.مۇبادا بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ئويلىغىندەك نۇرنىڭ ئالەم بوشلۇغىدىكى ھەركەت شەكىللىرىنى ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچىگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىرەر تاشقى كۈچ بىلەن چۈشەندۆرۆش مۆمكىن بولسا،بۇ ھالدا نۇر ئىففىكىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېنىقلىما -شەرىھلىرى باشقىدىن يېزىلغىدەك.
دىققەت قىلغان تورداشلار بىلەلەيدۇ.بۇرھان مۇئەللىمنىڭ بىز ئىشلەپ كۆرسەتكەن ماياتنىك تەجرىبىسىدىكى ئېغىشقا بولغان ئىنكاسى ھازىرغىچە ئۈچ خىل بولدى:
1.دەسلەپتە بۇ ئېغىشقا بېرنوللى قانۇنىنى تەدبىقلاشقا بولمىغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى كورىئولىس كۈچى ئارقىلىق چۈشەندۆرمەكچى بولدى.
2.يۇقۇرقى چۈشەندۆرۈش پۇت تىرەپ تۇرالمىغاندىن كىيىن يەر شارىدا مەۋجۈت بولغان تاشقى يىغىندى كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرمەكچى بولدى.
3.مەن ۋاڭ ياپىڭ ئىشلىگەن ئالەم بوشلۇغىدىكى نۇر تەجرىبىسىدىكى ئېغىشقا يەر شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى،كورىئولىس كۈچى،يەر شارى ماگىنىت مەيدانى كۈچىنى تەدبىقلاشقا بولمايدىغانلىغىنى ئەسكەرىتكەندىن كىيىن ئەمدى،ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچىدىكى ئىلىكتىر-ماگىنىت مەيدان كۈچىنى تىلغا ئالدى.
دىمەك،بۇرھان مۇئەللىم بۇ ھادېسىنى چۈشەندۆرەلەيدىغان بىرەر تەشەببۇسنى تېخى بېكىتىپ بولالمىدى.پەقەت ھازىر بۇرھان مۇئەللىم ئىلىكتىر -ماگىنىت مەيدانىدەك بىرەر تاشقى كۈچنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىۋاتىدۇ،شۇ! ھازىر ئۈمىت باغلاۋاتقان تاشقى ئىلىكتىر -ماگىنىت مەيدان كۈچىنىڭ ئۆزىمۇ بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ئاخىرقى تاللىشى بولالىشى ناتايىن.چۈنكى بۇنداق ئېغىشنى بۇنداق كۈچ ئارقىلىقمۇ چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.مەن بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ كونكىرىت توختالغان،ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا توختىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-17 14:03