ئىگىسى: abdurexit eli

«چوغدان»دىكى ئوتلار (40)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-28 22:10:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يالغان مۇھەببەت يېغلىدى

1
كۆزلىرىڭدە جىلمىيىپ يانغان مۇھەببەت يېغلىدى
لەۋلىرىڭدە ئۈمچىيىپ قالغان مۇھەببەت يېغلىدى.

نەپرىتىڭدە تاش بولۇپ قاتقان مۇھەببەت يېغلىسا
ھەسرىتىڭدە مىڭ تىنىپ ياتقان مۇھەببەت يېغلىدى.

گۈلگە رەڭ بەرگەن سىياقتۇر ،گۈلخۇمار قىلغان پۇراق
رەڭگىدىن مەغرۇرلىنىپ چانغان مۇھەببەت يېغلىدى.

دۇرى گەۋھەر قەدرىنى قازغانغا سالغان جەبرىنى
بىلمەيىن يار قەدرىنى تانغان مۇھەببەت يېغلىدى.

چۆلگە چۆل پىيالىدۇر ،باغلار ئۇنىڭ خىيالىدۇر
ساڭا بۇ ئىشىق ئوتىنى سالغان مۇھەببەت يېغلىدى.

يېغلىما چوغداندا چوغ ئۆچمەس ئەبەتكە يېغلىما
يېغلىغان كۆزلەردىكى يالغان مۇھەببەت يېغلىدى.

ۋاقتى: 2015-8-29 17:27:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-9-8 15:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2

كۆيگىنى ئەھدۇ ۋاپا ، كەلتۈرگىنى دەردۇ بالا
بەرگىنى غەمدۇر بۈيۈك قىسمەتتە مىڭ قادىر خۇدا .

بىرىنى تاغلاردىكى تاشتەك تولۇپ ياتقىن دېدى
بىرىنى قۇمدەك توزۇپ كەتكىن دېدى ئەللەر ئارا .

بىرىنى باغلاردىكى گۈلدە چىمەنزار ئەيلىدى
بىرىنى چۆللەردىكى سۈرگۈندە قىلدى كەربالا.

بىرىنى مەستانە قىلدى بىرىگە مەجنۇن سۈپەت
بىرىنى يار ئىشقىدا قىلدى ئازاپقا مۇپتىلا.

مېنى بىر بىچارە ھەم يىگانە قىلدى بۇ سەنەم
قىلمىسۇن ئەسلاكى ھېچ چوغداندىكى چوغدىن جۇدا .

ۋاقتى: 2015-9-8 15:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى بارلىق ئەسەرلىرىمنى ئىنكاس شەكىلدە مۇشۇ تېمىغا توپلىماقچىمەن، توغرا چۈشەنگەيسىلەر ئەزىزلەر

ۋاقتى: 2015-9-14 06:14:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزىتىلگەن  نۇسخىسى


ئىشقىم ئېنىقتۇر

ئەھەت مامۇت چوغدان

          1
بارچە ئازاپنى بىر ماڭا قالدۇر
بارچە شادلىقنى ئالغىن سەن يالغۇز .
بارچە سۆيگۈمدە سۆيەي بىر  سېنى
بارچە سۆيگۈڭدە يارىڭنى قۇتقۇز !

ھەيران مۇھەببەت ، ۋەيران مۇھەببەت
ئىشقىڭ كويىدا سەرسان مۇھەببەت !
مەن يارنى سۆيدۈم سۆيگۈچە ئۆلدۈم
قىلغاي شاپائەت ئاللاھ ، مۇھەممەد !

دۇرى گۆھەردۇر ، قىسمەت زەھەردۇر
زەھەرنى ئىچكەن شائىر – غەزەلدۇر .
ياتتىم يېنىڭدا ئۆلدۈم جېنىڭدا
يارغا يېلىنماق قىسمەت ئەزەلدۇر .

مەجبۇر ئەمەسمەن، مەھكۇم ئەمەسمەن
يارسىز تائەتتە مەقبۇل ئەمەسمەن .
ئاسمانغا چىقتىم ، زىمىنغا چۈشتۈم
روھىي قۇددۇسمەن ، بىر قۇل ئەمەسمەن .

رەشكىم كۆيدۈرەر نەپسى ھالىمنى
شېئىرىم كۆيدۈرەر يار جامالىڭنى .
بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم
ئىشقىمغا بەردىم مىڭ خۇمارىمنى .

ئەھمەد مەندۇرمەن ، رەھمەت مەندۇرمەن
رەھمەتكە تولغان ئاجىز تەندۇرمەن،
ئۆلگۈچە ئۆلدۈم ، ئۆلمەكنى كۆردۈم
ئەي خوجا سەن ـ مەن ، مەنمۇ سەندۇرمەن
2
ئايغا باقارمەن ، يارغا باقارمەن
مەجنۇنىي دەردتە دارغا باقارمەن .
ھىچكىم ياقتۇرماس تەلۋە ئاشىقمەن
بىر ئۆزۈم سۆيگەن يارغا باقارمەن ،

دېھقان قولىدا كەتمەن بولارمەن
پەيغەمبەر مىنگەن ئات مەن بولارمەن
ئاللاھنى سۆيدۈم قەلبىمدە كۆردۈم
ئۆزگە ئىشىققا يات مەن بولۇرمەن

بەندەڭ ئىرۇرمەن ئىلاھى  بىللاھ
كۆرسەت يۈزۈڭنىئ‍ا ئەلھەمدۇلىللاھ .
سۈزۈلگەن قەلبىم روشەن ئەينەكتۇر
ئىشقىم ئېنىقتۇر ئاللاھۇ بىللاھ .

شائىر بولارمەن كاپىر بولارمەن
كاپىرلىقىمدا پاك پىر بولارمەن.
ھەربىر غەزەلدە ئەھمەد تۇرۇپتۇ
ئەشئارلىرىمدا زاھىر بولارمەن .
3
پانىيدىن ئۆتتۈم باقىيغا كەلدىم
مەيدە تىرىلگەن ساقىيغا كەلدىم
ئىشقىم ئۆلۈپتۇ رەببىم كۆرۈپتۇ
ئەھلى مۇھەببەت زاتىغا كەلدىم .

ئاچقانغا نان بەر ، ئۆلگەنگە جان بەر
ئاتلارغا بوغۇز ، قۇشلارغا دان بەر .
بەرگىن ئىلاھىم ، قۇتقاز خۇدايىم
سېنى تۇنۇغان نادانغا ئاڭ بەر .

ئۆلگۈچە ئۆلسۈن زاتىڭنى كۆرسۇن
زاتىڭنى كۆرگەن ئىنسانغا شان بەر .
چەكسىز شەرەپتۇر سۆيمەك ئەدەپتۇر
سۆيگەننى سۆيسۇن ئالەمگە ئاڭ بەر .

قادىر خۇدايىم ، ئادىل خۇدايىم
سېنى دەپ مىڭبىر ئۆلگەنگە جان بەر !

2015.03.29


ۋاقتى: 2015-12-6 22:23:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ئەھەت مامۇت  چوغدان،بىريۇرتلۇق بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قەلىمىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن ،شېئىرىيەت يلىدىكى چوغلىرىڭىز يەنىمۇ يالقۇنجىغۇسى !

ۋاقتى: 2015-12-6 22:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ئەھەت مامۇت  چوغدان،بىريۇرتلۇق بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قەلىمىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن ،شېئىرىيەت يلىدىكى چوغلىرىڭىز يەنىمۇ يالقۇنجىغۇسى !

ۋاقتى: 2015-12-26 18:09:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بۇلسۇن...ئەھەد مامۇت ئاكام ھەقىقەتەن تىرشىچان ،ئىزدىنشچان مەن  بەك قايىل

ۋاقتى: 2015-12-27 06:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىنداشلار

ۋاقتى: 2015-12-27 12:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە يەنىمۇ نۇسرەت يار بولسۇن، يېڭى شېئىرىيەت بوستانىدا ھەر دائىم جۇلالىنىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-12-27 12:46:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، چوغدان!
شېئىردىن ئىبارەت بۇ غەلىتە چوغنىڭ كۆيدۈرىشىگە بەرداشلىق بېرىش تەس. شۇنداقتىمۇ ئۇنى جىمجىت قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئىستەيمەن. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇزاقلىق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-27 14:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشرەپنىڭ شىئىرلىرىدىكى ئىسيانكارلىق دىنغا ئەمەس دىننى تونغا ئورىنىۋالغان جاھىل سۇپىزىمچى رەڭۋازلارغا،ئادالەتسىز زامانغا  قارىتىلغان ئىدى.لىكىن بىلىپ بىلمەي قېيىپ كەتكەن يەرلىرىدىن ئىبرەت ئالغۇلۇقكى ھەرگىز قارا-قۇيۇق قۇبۇل قىلماسلىق كىرەك .مەشرەپچە شىئرى قىزغىنلىق ھەممە شىئىرىيەت ئەھلىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك  .كاپىر بولمايمۇ شائىر بولغىلى بۇلىدۇ.


شائىر بولارمەن كاپىر بولارمەن
كاپىرلىقىمدا پاك پىر بولارمەن.
ھەربىر غەزەلدە ئەھمەد تۇرۇپتۇ
ئەشئارلىرىمدا زاھىر بولارمەن .


شائىر بۇلۇش ئۈچۈن كاپىر بۇلۇش شەرت ئەمەس .كاپىر بۇلۇپ ئىسلام ئىتىقادىكى بىر قەۋىمگە يولباشچى بۇلىدىغان پاك پىر بۇلۇش تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.ھەربىر غەزەلدە ئەھمەد(مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنجىلدىكى بىشارەتلىك ئىسمى)بولغان ئىكەن باشتىكى ئەسەبى ،تەلۋە مىسرالارنى شىئىرغا زورلاپ كىرگۈزۈپ ياخشى بىر پارچە شىئىرنى ‹‹چىۋىن چۈشكەن ئاش››قا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشنىڭ زۈرۈريىتى يوق.
مۇشۇ بىر كۇپلىتنىڭ 1-2-مىسراسىنى ئۆزگەرتىش تەكلىۋىنى بىرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-27 14:45  


ۋاقتى: 2016-1-14 15:24:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە  ئىزچىللىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-1-29 22:33:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغداندا ئىجادىيەت ئىزچىللىقى بار، ھارماڭ ئىنىم !

ۋاقتى: 2016-3-14 14:50:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن چوغدان

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش