مۇھەببەتنىڭ يامغۇر كېچىسى 
 
چوغدان 
 
ئۆرلەۋاتقان توپاندەك گويا  
مەجبۇرلىنار گاھى  ھېسيات . 
بىز بىچارە غېرىپ ئەرلەرمىز  
يوقالغاچقا ئالەمدە  ئۇيات . 
 
كارۋاتتەكلا قاتتىق بىر كېچە  
يوتقاندەكلا يۇمشاق بىر بەدەن . 
قىمىرلىغان شىلىمشىق تۇيغۇ  
مەن بىر قىزغا چاپلاشماقتىمەن .... 
 
قېنى قىزلار قاندەك قىزارغان  
قېنى قىزلار بىزدىن ئۇيالغان . 
قىزلىق قېنى ، يېتىرقاش قېنى  
مۇھەببەتنىڭ ھەممسى يالغان . 
 
تارام تارام تالادا يامغۇر  
كۆزلىرىمگە چۆكەر بىر كىشى . 
مۇھەببەتتىن يوقالماقتىمەن  
مەن ئاشۇنداق چۈشكۈن ئەر كىشى . 
 
2015-08-13 
  |