كۆرۈش: 3241|ئىنكاس: 59

«چوغدان»دىكى ئوتلار (40)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
[مەسئۇل مۇھەررىر ئىلاۋىسى] مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ سەھىپە بىر مەزگىل ئىزچىللىقىنى ساقلىيالماي قالدى، بۇندىن كېيىن يەنە ئاۋۋالقىدەك داۋاملاشتۇرىمىز ھەم ئاۋۋالقىدەك مۇنبىرىمىز ئەزالىرى بىلەن تەڭ باشقۇرىمىز. مۇنبىرىمىزدىكى كەڭ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىمىزدىكى ئۈمىدلىك ياش قەلەم ئىگىلىرىنى تەۋسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
                                                         (40-سان)

无标题.png
ئەھەت مامۇت چوغدان 1983. يىل 3 . ئايدا كۇچا ناھىيە چىمەن بازىرى كالتە پەيلو كەنىتتە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 2001 . يىلى ئاقسۇ مالىيە سودا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . ئوقۇش جەريانىدا ئۇستازى مەرھۇم زاھىر ئابدۇراخماننىڭ تۈرتكىسىدە ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان . 2002.يىل ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بەش پارچە رۇبائيسى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن . ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ مەدەنىيىتى ، تارىم ، ئاقسۇ ئەدەبىياتى ، ئاقسۇ گېزىتى ، تۇرپان ، كۇچا خەلىق رادىئو ئىستانىسى ، كۈسەن مەدەنيىتى قاتارلىق ژورناللاردا << مۇستەبىت>> ،<<جىمغۇرلىق >>،<<چېچەككە تەمشەلگەن نوتا>> ،<< يېڭى يىل يېڭى مۇھەببەت>> <<، مۇھەببەت ھەققىدە مەردانە خىياللار>> ،<<مەشئەل لىرىكىسى>> ،<< روھىمغا سەپەر>> <<، نىگارنى كۈلدۈرۈپ ئۆتتۈم>> <<،كېچىسى شېئىر يازاي تاڭدا ياتاي>>قاتارلىق ئوتتۇز  نەچچە پارچە ئەسىرى ،<< پەرىشتىنىڭ سوئالى ۋە سوۋغىسى>> ناملىق بىر پارچە تەرجىمە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان . شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئىككى يۈزپارچىدىن كۆپرەك شئېرى ئېلان قىلىنغان ، ھازىر كۇچا ناھىيە دىيانەت ئالاقە ئۈسكۈنلىرنى توپ پارچە تارقىتىش مەركىزىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەھەت مامۇتنىڭ شېئىرلىرى ھېسسىياتنىڭ قۇيۇق ۋە چىنلىقى، تىلنىڭ يەڭگىل ۋە يېپىشقاقلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ يېقىندا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

- مەسئۇل مۇھەررىردىن


سەرگەردان

مەشئەلدە چاقماق چاقىدۇ ،
قۇياش يۈگۈرۈپ يۈرەر ،
پەلەك ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ
مول -ھوسۇل يامغۇر بىلەن كىتىپ قالغان
چوكانلار قەلەندەردەك چىپىپ يۈرەر ،
قەھەتچىلىك ھۆكۈم سۈرەر
مەجنۇنلۇق ناننىڭ قۇلىقىغا قىسىلىپ قالغان
ئۇ بالا كوچىلاردا يىتىم قالغان
ئانىسى قورسىقى ئاچ ئۆلۈپ قالغان
ئاباراھۇم ....
سەرگەردانلىق ئاداققىچە
قاتتىقچىلىق سويۇلىۋاتقان
ئەركىلەيدۇ نەي
كۈي سىرغىيدۇ ئۆلۈك كېچىدىن
قۇشقاچلار ھاۋانى تەشمەكتە
شادلىق ياتسىرايدۇ
ھالسىرايدۇ ھىندىستان
ئاباراھۇم ...
ئوماق بالىنىڭ قاپقارا چىرايى
يالقۇنجايدۇ ئوت ئىچىدە ئوت
يىغلايدۇ دۇنيا
ئاچ قالغانلار كوچىدا قالسا
يىغلايدۇ ئوغلۇم
ئىمزىكىنى ئېلىپ قولىغا
ئاباراھۇم ...!!!

نىدا

روھ سۈيىگە تۇيۇنغان
ئاۋازسىز نىدالارنىڭ ھەسرەتلىك شاۋقۇنىغا قۇلاق سېلۋاتقان ئەي بايقالمىغۇچى ،
كۈلپەتلىك كېچىلەردىكى بوران ھۇشقۇرتىشلىرىغا ئوخشىغان شۇم كۈيگە ئەگەشكۈچى بىھۇشلۇق كارۋانلىرى
سېنىڭ ئېزىقمىغانلىقىڭدىن غەزەبلىنىپ مۇسىبەت دېڭىزىغا غەرق بولغىنىدا
ئالەم قۇياشنى ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولغان تەلۋە ئوقياچىلارغا ئەلەملىك خىتاب قىلىدۇ
ئۆزلۈك ئالىمىدىكى بىپەرۋالىق
نەپسانىيەت ئالىمىدە شورلۇق قىسمەتلەرگە جۇلا سالغۇچى
ئاھاڭدار شولىلارنىڭ شەۋكەتلىك شاۋقۇنىغا مەھلىيا بولغان
توختاش چىكىنى ئۇنتۇغان
ئەي بىخۇد كارۋان
ئاياغلىرىڭ ئاستىدىكى يول ئەمەس
يوللارنىڭ ئۈستىدىكى ئاياغلىرىڭ ئەمەس
ھاماقەتلىك كەمىرىنى بىلىڭدىن بوشىتىپ
ئەقىل كۆزلىرىڭ بىلەن نەزەر سالساڭ ئىدىڭ
سەن يولنى ئەمەس
يول سېنى مېڭۋاتىدۇ
ھاياتلىق سەھنىسىدە
سەن رولنى ئەمەس
رول سېنى ئېلۋاتىدۇ
نەزەر سال
مېنىۋالغىنىڭ نېمە ئىدى ؟                                            
ئات ئۆز ئۇقۇرىغا سۆرەپ كىتۋاتقان روھىڭ بىلەن غەمسىز خوشلاشقان ھالدا
قانچە ئۇزىساڭ شۇنچە يىرااقلىشىدىغىنىڭ يادىڭدىمۇ يوق
خوشاللىقلارغا لىق تولغان
خۇددى ئاتتەك
ماڭدىڭ بىپەرۋا
2
ئەي نادانلار سەپىرىگە چىققان خوشال بولغۇچى
قۇرۇت ئۆز نەپسى غېمىدە قاتتىق ياغاچقا چوڭقۇرلاپ كىرگىنىدەك
دۇنياغا بارغانچە چۇڭقۇرلاپ كىرمەكتىسەن ،
دەبدەبىلەر توپانىغا غەرق بولغان ھالدا
قىيامەت يولىغا ئەگىشىپ ماڭغان كېمىلەرگە ئەگىشىپ
قىيامەتنى ئۇنتۇغان ھالدا
يۈرمەكتىسەن
ئاھ  !
ئۇ سەن ئەمەس
بەلكى كۆلەڭگەڭ بوپقالسىچۇ ،
سەن يوقىلىشتىن بۇرۇن
ئېزىقىشلىرىڭ يوقالسىچۇ ،
شەيتان قاقاھلاشلىرى قۇلاقلارنى گاراڭ قىلماي
ئۆلگەن روھلار ئويغانسىچۇ
مەن يەنە بىر قېتىم ئاھ ئۇرۇشتىن بۇرۇن
بارلىق ئىشلار بوپبولسىچۇ
* * *
ئىلاھى مەرىكىگە ماڭغان قۇياش نۇرىدەك
نۇر چاچماقتا قەلەملىرىم قۇرلارغا


قانلار مۇزلىغان

كىرپىكلىرى تۈكۈلۈپ كەتكەن
ئەي كۈلرەڭ كېچىدىكى سوغۇق كۈتۈش ،
تەن تىترەشلىرى لەۋلەرنى سوۋۇتقان
قانلار مۇزلىغان
قىروۋ باسقان يۈزلەردە ئۇيۇغان ياش تامچىسى
سىرغىپ چۈشكەن ئەشۇ باغرىڭدا
يۈرەك بارمىدۇ
يۈرەك بارمىدۇ
ئەي ئەلەمنىڭ قان بېسىمى توختىماي ئۆرلەتكەن
كۆزلەرنىڭ ئاق پاختىسى تىتلىپ كەتكەن
قۇيۇنلارنى تۇزۇتقان
قامغاقنىڭ چۈشىگە كىرگەن شۇ كېچە
ھەسرەت بىزنى تۇنۇمايدۇ
بەخىت بىزنى يانداپ ئۆتەر ھەمىشە ،
ئاڭلانماقتا لالما ئىتلارنىڭ ئەلەملىك ئۈنى
بۆرىلەر مەسچىتتە
سەجدىگاھتا قوينىڭ قوزىسى
ئەزان توۋلار ئىبلىس كېچىدە
ئاللاھۇ ئەكبەر
نان دەسسەپ بىرەي ....
ئاھ ئەلەملىك 21.ئەسىر
دەرۋازىسىدا ئېسلغان قۇياش
چىكىلدايدۇ تىنىمسىز
ئۆيۈمدىكى سائەتكە ئوخشاش

شائىرنىڭ ئۆلۈمى

ۋاپاسىز دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىدە
سوئاللار باغرىنى ۋەتەن دەپ ياتقان
ئىنكارنىڭ تۇتقۇنى گۇناھكار شائىر
زەھەرنى ئىچىدۇ لىكىن يانىدۇ
ئۆلمەكچى بولىدۇ ئۆلەلمەس ھازىر
غۇبارسىز قەلىبنىڭ قاراڭغۇ تۈنى
نائېنىق قاچاندىن باشلاندىكىن تاڭ ؟
ئازاپقا ھەمشىرىك يۈرەر ھەر كۈنى
قاچانمۇ سەن بىزدەك ياشايدىكىن تاڭ ؟
يوقمىكىن ھاياتنىڭ باشقا بىر يولى
قاچانمۇ سەن بىزدەك ياشنايدىكىن تاڭ ؟
ھىچكىمسىز ئوردىغا بولغاندەك خاقان
يىگانە تۇرىدۇ شئېر ئۆيىدە .
ئۇ ئۈچۈن سىياھ ۋە قەغەزدۇر جاھان
قەلەمدەك كۆمۈلسە ئۆلگەن كۈنىدە ،
كىتابلار دۆۋىسى شئېر ۋە زامان
قوشۇلۇپ ئاقماقتا قىسمەت سۈيىگە .
ئۇ ئىزلەر ، ئىزلىنەر ئۆزى ھەققىدە
ئېچىلماس ۋەلىكىن ئۆزلۈكنىڭ يولى .
ئامەتلەر يېنىدىن ئۆتەر غىپپىدە
ۋەلىكىن ئۇنىڭغا سۇنۇلماس قولى ،
ئەزەلدىن بولمىغاچ دۇنيا غېمىدە
ئۆيىدە بىسات يوق يېنىدا پۇلى .
چۈشەنمەس چەكسىزلىك ياتار قەلبىدە
ئاچ - زارلىق يالغۇزلۇق قىينايدۇ ھامان .
پىسەنىتكە ئەرزىمەس ئاددى تەلىپى
قالماقتا ئەڭ ئېغىر كۈنلەرگە يامان ...
ھەممەيلەن پۇل دۇنيا ياشاش غېمىدە
پەقەتلا شائىرنىڭ يۈرىكى زېدە .
شۇقەدەر تار كەلدى ئۇنىڭغا جاھان
ئۆلۈشنى ئويلايدۇ ئاستا جىممىدە .
خىلۋەت بىر كەپىدە يىگانە جاھان
ئۇنىڭدا ياشايدۇ بىر شائىر ھامان .
تۇيۇقسىز يۈز بەرسە ئۇنىڭ ئۆلۈمى
ھىچ كىشى بىلەلمەس ئۆلگەن كۈنىنى   .  


مەن شېىئرغا كەتتىم چىلىشىپ

قاسراقلىرى تۆكۈلگەن كېچە
پىيالىدە ئۈزەر تۇلۇنئاي
تەن لەيلەيدۇ قاننىڭ يۈزىدە
چېچەكلەيدۇ قاغجىرىغان ساي

شەربەتلىرى ئەرلىك جۇۋاننىڭ
تۆكۈلمەكتە يالغۇز كېچىگە
چىلاشماقتا روھىم تۇيغۇغا
مەن يىقىلدىم شېئىر ئىچگە
مەن شېىئرغا كەتتىم چىلىشىپ
سەن بىراۋغا كەتتىڭ چىرمىشىپ
ئاھ ئازابلىق ئەرلىك تۇيغۇسى
ئۆتەرمەنمۇ مەڭگۈ سىنىشىپ ؟

روھىمدا چوڭقۇرلاپ ئۆرلەيمەن

ئالەمنىڭ كۆزىدە ئۈنلەيمەن ،
ھەر كۈنى ئۆزۈمنى سۆزلەيمەن
ئاڭلايدۇ چىلتەنلەر بېرىلىپ
ۋەلىكىن كىمدۇرمەن بىلمەيمەن

شامالنىڭ قولىمەن سىيلايمەن
سۇلارنىڭ تىلىمەن سويلايمەن
كۈيلەرنىڭ يامغۇرى روھىمدا
مۇزلارنى ئېرىتىپ يېغلايمەن
جانلارنىڭ ھەمزىسى لەۋزىمدۇر
قانلارنىڭ ئۆركىشى قەلبىمدۇر
قۇشلارنىڭ ناۋاسى باغرىمدا
مىسلى چوغ يالقۇنتاغ تەختىمدۇر
مەجنۇننىڭ ئۆزىمەن يارى يوق
دۇتارمەن خەق چالغان تارى يوق
ھىچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوق
شۇندىمۇ توختىماي ئۈنلەيمەن
ئۇ بىلمەس ئېھتىمال ئۆزىنى
ئۆزگىگە ئېيتقۇزار سۆزىنى
قىبلىگە قاراتتىى يۈزىنى
مەن نىچۈن يۈزىنى كۆرمەيمەن
قوغلىسام چاپمايدۇ ئاتلىرىم
روھىمنى چانايدۇ شاخلىرىم
يالغانغا ئايلاندى راستلىرىم
شۇندىمۇ توختىماي سۆزلەيمەن

قەلەمنىڭ يازغۇدەك ھالى يوق
يازماسقا مېنىڭدە چارە يوق
خەزنىمەن قوغداشقا مارى يوق
روھىمدا چوڭقۇرلاپ ئۆرلەيمەن

كېچىسى شېئىر يازاي تاڭدا ياتاي

خوشاللىقتىن خۇيلانغان
غەمسىزلىكتىن ئويلانغان،
گۈل بەرگىنى جەندە دەپ
يار دەردىنى مەندە دەپ
شېرىن كېچىلەرگەبولۇپ قۇربان
قەلبىدىن قېچىپ چىقىپ دۇتار چالغان ،
كىمسەن ئەي
ھەركېچە توختىماستىن شئېر يېزىپ
ئۆزىنى ئۆزى شائىر ئاتىۋالغان ....
تۈنتەڭدىكى جىنايەتچىسەن ،
ئاي يالىڭاچ ،ئاسمان يالىڭاچ ،
بىر كېچىگە خىيانەتچىسەن
مىڭ كېچىنى قىلغاچقا تاراج.
بەزىدە ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ
قاتىل كىم دەپ ئاستا توۋلاپ باقىسەن ،
بەزىدە ھەممىنى كەتكۈزۈپ قۇيۇپ
ئىشىكتە تەلمۈرۈپ قاراپ ياتىسەن ...
شئېر بىر چۈش
بىر بالىسەن ئويغۇنۇشنى خالىمايدىغان ،
يۈرۈيسەن
چۈشلىرىڭنىڭ ئىچىدە چۈش كۆرۈپ

ئويغانغاندا چۈش ئۆرۈپ ...
                    1
تاراملاپ ئاقماقتىدۇر كۆز ياشلىرىڭ
قەلبىڭنىڭ قىياسىدىن تاشقىنلىغان ،
ئۆزەڭگە ئېغىر يۈكتۇر ئامراقلىرىڭ
سېنىڭدىن باشقا ھىچكىم ياقتۇرمىغان ،
بىر ئوتتۇر كۆيىۋاتقان دۇنيا دۇنيا
بىر چەكسىز ئەركىنلىكتۇر مۇندا گۇناھ ،
باغلانسا مەيلى ئۆمۈر نان جان بىلەن
باغلانغان ئىنسان بىلەن شەيتان ، خۇدا !
باغلانسۇن مەنپىئەت بىلەن مەئىشەتلەر
باغلانسۇن قەلبىڭدىكى ئەزىيەتلەر
ھەرنەرسە ھەر نەرسىگە باغلىق بولسۇن
باغلانسۇن سېنىڭ مەيلىڭ شئېرغىلا.
بۇ كېچە باشقا ئۆيدە تاڭ ئاتمىدى
بۇ كېچە ئاياغلاشتى ئۆلۈم بىلەن ،
بۇ كېچە ئايغا قاراپ نۇمۇس قىلدى
بۇ كېچە ئاياغلاشتى زۇلۇم بىلەن .
مەن يارنىڭ خىيالىغا كىرىپ كىرمەي
تىگى يوق خىياللارغا كۆنۈپ قالدىم ،
شېئىردەك سۈزۈك تۇيغۇ ، سۈزۈك سۆيگۈ
شېئىردىن چىقالمايلا ئۆلۈپ قالدىم .
تاڭنى دەرد بىر كېچىدە راۋا قىلدى ،
تاڭ ئاتتى ئازابلىرىم داۋا قىلدى
جېق جاۋاپ ئىزلىگەنتىم يار يۈزىدىن
قارىدىم قارىغانچە سەۋدا قىلدى.
بىر ئەرمەن ئاستىم ئىككى تۈشۈك مۇنچاق
ئەرلىكىم پىغان چەكتى ناۋا قىلدى .
ئۆلۈمدىن ھالقىپ ھالقىپ سەۋىر قىلدىم
تەغدىرىم ماڭا شۇنداق جازا قىلدى ...
                    2
ئۆلۈمگە باقتىم ئۆلمەس مۇھەببەتتە
ئۆيۈڭگە باردىم مىڭبىر مۇشەققەتتە .
يار دېسەم دارنى بەردى نۇمۇس قىلدىم
تاش ئاتتى تەڭرى ماڭا سىياسەتتە .
بىر كېچە قىلدى مېنى خانەۋەيران
ئۆيۈڭدە بىرمۇ كېچە قۇنۇپ قالماي ،
بىر كېچە مۇھەببەتكە بەردى ئىمكان
نە قىلاي ئەمدى يەنە شېئىر يازماي .
قەلبىمدە بىر ئاللاھقا نالە قىلدىم ،
يۈرەكنى ساڭا بەردىم پارە قىلدىم .
رىغبەت بەر دېدىم ئۈنسىز پەيغەمبەرگە
مۇھەببەت ساڭا مىڭبىر چارە قىلدىم .
جاللاتتەك كەلگىن مېنى ئۆلتۈر ئۆلتۈر
چېچىۋەت قانلىرىمنى ئاسمىنىڭغا .
جېنىمنى تەندە قويما سەندە قالسۇن
كۆزۈمنى ئۇيۇۋالغىن قايتقىنىڭدا .
              3
بۇ دۇنيا مېنى دائىم بايان قىلار
ئۆزەمگە ئۆزەمنى مىڭ ئايان قىلار ،
دۇنيانى داغدا قويغان شائىرلىقىم
يولۇمنى بىر كۈنلىرى راۋان قىلار ؟!
شېئىردەك ئۈسۈپ كىرەي جاھالەتكە ،
شېئىردەك بۆسۈپ كىرەي ئادالەتكە ،
شېئىردەك بۆسۈپ كىرەي، ئۈسۈپ كىرەي
شېئىردەك كۈلۈپ كىرەي قىيامەتكە !!!
خوشلۇقۇم ئۆكسۈشلىرىم سەندە قالسۇن ،
ئازابىم كەچمىشلىرىم مەندە قالسۇن ،
مەي ئىچمەي مەست بوپ ئۆتەي مەرتلىكمىدىن
ئىزتىراپ تەشۋىشلىرىم غەمدە قالسۇن .
                     4
بۇ دۇنيا نامەلۇمدۇر، نامەلۇمدۇر
دۇنيانى ئايان قىلغان ئامالىمدۇر .
شېىئىرنى سۇغارمىدىم سېھىر بېلەن
مېھىردە ئايان بولغان گۇمانىمدۇر .
قۇياشتەك نۇرلانغىنى پارە پارە
ئىشقىمدۇر ،مۇھەببەتتۇر ئىمانىمدۇر .
سۆزلىرىم ئوچۇق ئوچۇق دانە دانە
ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئەڭ بۈيۈك ئىمكانىمدۇر .
پىكىردىن بوينۇمغا مىڭ تۇمار ئاساي
ئوي خىيال مېنىڭ كۆنگەن خۇمارىمدۇر .
كېچىسى شېئىر يازاي تاڭدا ياتاي
قارغىما ئۇمۇ مېنىڭ ئىمانىمدۇر .
                 
ئىشقىم ئېنىقتۇر
          1
بارچە ئازاپنى بىر ماڭا قالدۇر
بارچە خوشلۇقنى ئالغىن سەن يالغۇز .
بارچە سۆيگۈمدە سۆيەي مەن سېنى
بارچە سۆيگۈڭدە يارىڭنى قۇتقۇز !
ھەيران مۇھەببەت ، ۋەيران مۇھەببەت
ئىشقىڭ كويىدا سەرسان مۇھەببەت !
مەن يارنى سۆيدۈم سۆيگۈچە ئۆلدۈم
قىلغاي شاپائەت ئاللاھ ، مۇھەممەد !
دۇرى گۆھەردۇر ، قىسمەت زەھەردۇر
زەھەرنى ئىچكەن شائىر – غەزەلدۇر .
ياتتىم يېنىڭدا ئۆلدۈم جېنىڭدا
يارغا يېلىنماق قىسمەت ئەزەلدۇر .
مەجبۇر ئەمەسمەن، مەھكۇم ئەمەسمەن
يارسىز تائەتتە مەقبۇل ئەمەسمەن .
ئاسمانغا چىقتىم ، زىمىنغا چۈشتۈم
روھىي قۇددۇسمەن ، بىر قۇل ئەمەسمەن .
رەشكىم كۆيدۈرەر نەپسى ھالىمنى
شېئىرىم كۆيدۈرەر يار جامالىڭنى .
بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم
ئىشقىمغا بەردىم مىڭ خۇمارىمنى .
ئەھمەد مەندۇرمەن ، رەھمەت مەندۇرمەن
رەھمەتكە تولغان ئاجىز تەندۇرمەن،
ئۆلگۈچە ئۆلدۈم ، ئۆلمەكنى كۆردۈم
ئەي خوجا سەن ـ مەن ، مەنمۇ سەندۇرمەن
2
ئايغا باقارمەن ، يارغا باقارمەن
مەجنۇنىي دەردتە دارغا باقارمەن .
ھىچكىم ياقتۇرماس تەلۋە ئاشىقمەن
بىر ئۆزۈم سۆيگەن يارغا باقارمەن ،
دېھقان قولىدا كەتمەن بولارمەن
پەيغەمبەر مىنگەن ئات مەن بولارمەن
ئاللاھنى سۆيدۈم قەلبىمدە كۆردۈم
ئۆزگە ئىشىققا يات مەن بولۇرمەن
بەندەڭ ئىرۇرمەن ۋەللاھۇ بىللاھ
كۆرسەت يۈزۈڭنى ئەلھەمدۇلىللاھ .
سۈزۈلگەن قەلبىم روشەن ئەينەكتۇر
ئىشقىم ئېنىقتۇر ئىللاھۇ بىللاھ .
شائىر بولارمەن كاپىر بولارمەن
كاپىرلىقىمدا پاك پىر بولارمەن.
ھەربىر غەزەلدە ئەھمەد تۇرۇپتۇ
ئەشئارلىرىمدا زاھىر بولارمەن .
3
پانىيدىن ئۆتتۈم باقىيغا كەلدىم
مەيدە تىرىلگەن ساقىيغا كەلدىم
ئىشقىم ئۆلۈپتۇ رەببىم كۆرۈپتۇ
ئەھلى مۇھەببەت زاتىغا كەلدىم .
ئاچقانغا نان بەر ، ئۆلگەنگە جان بەر
ئاتلارغا بوغۇز ، قۇشلارغا دان بەر .
بەرگىن ئىلاھىم ، قۇتقاز خۇدايىم
سېنى تۇنۇغان نادانغا ئاڭ بەر .
ئۆلگۈچە ئۆلسۈن زاتىڭنى كۆرسۇن
زاتىڭنى كۆرگەن ئىنسانغا شان بەر .
چەكسىز شەرەپتۇر سۆيمەك ئەدەپتۇر
سۆيگەننى سۆيسۇن ئالەمگە ئاڭ بەر .
قادىر خۇدايىم ، ئادىل خۇدايىم
سېنى دەپ مىڭبىر ئۆلگەنگە جان بەر !

ئىلاھى سۆيگۈ

مۇھەببەت مۇھەببەت كۆيۈپ كىتىمەن
مۇھەببەت سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىمەن،
يار مېنىڭ سۆيگۈمنى ھېس قىلغان كۈنى
مەن بەلكىم تۇپراققا كىرىپ كىتىمەن ،
ئ‍ۇ مېنىڭ قەلبىمنى كۆرەر، كۆرەلمەس
ئ‍ىلاھى تۇيغۇغا تولغان روھىمنى ،
ئ‍ۇ مېنى سۆيىدۇ ئەمما سۆيەلمەس
مەن ئۇنى سۆيگەندەك بىر قېتىم مېنى ،
قولۇمدا قىزىل گۈل بەرگى قايرىلغان ،
يارىمغا خوش دەيمەن يېغلاپ تۇرىمەن ،
ھەقىقىي مۇھەببەت ياشايدۇ مەڭگۈ
تەڭداشسىز كۆڭلۈمچۈن مىڭ ئ‍اھ ئ‍ۇرىمەن ،
مېنى بىر بىچارە قىلدى مۇھەببەت
يار ئ‍ۈچۈن مىڭ چارە ئ‍ىزدەپ تۇرىمەن ،

قىزلىق كېچىسى

1
بىر ئۆمۈر ياشاي دېسەم مەن بىر گۈزەل قىز قەلبىدە ،
بىر گۈزەل سۆيگۈ بىلەن شۇ بىر گۈزەلنىڭ دەردىدە .
تەقدىرىي قىسمەت ماڭا ئەسلاكى ئىمكان بەرمىدى
بولغىلى بالۇ ھەسەل شىرىن شەكەرنىڭ دەردىدە .
ئىككى قىز ئالدىم بىراق تۇردۇم قىزىل قاندىن يىراق
ئىككى مىڭ يىل يىغلىدىم شامۇ سەھەرنىڭ دەردىدە .
يار دېدى يار بولغىلى ، جانىمدىكى دار بولغىلى
ئىككى مىڭ رەت ئۆلگىلى سۆيگەن نىگارنىڭ دەردىدە .
2
قىز دېدى قاندىن يىراق قىزلار مۇھەببەت ئىزدىدى ،
قىز دېدىم قاندىن يىراق قىزلار يۈرەكنى تىلغىدى .
مەي دېدى مەسىت بولمىدى مەيخور شاراپتا بىر تېمىم
مەي دېدىم مەسىت بولمىغان دۇنيا يۈرەكنى تىلغىدى.
شانۇ شەۋكەتلىك ، مۇھەببەتلىك ۋېسالنىڭ پەيتىدە
خۇشپۇراق گۈلدىن يىراق ئىزا يۈرەكنى تىلغىدى .
نە نۇمۇس نەبىر ئازاپ ئەركەك تۇرۇپ قەلبىمدىكى
قىز تىلەپ روھىمدىكى ئىزنا يۈرەكنى تىلغىدى .
بۇ مۇھەببەت بىر تېمىم قاندەك قىزىل ئاڭدۇر نىچۈن
شۇ قىزىل قانىمدىكى جىنلار يۈرەكنى تىلغىدى .
ئەي مۇھەببەت سەن ماڭا قىلدىڭ نىچۈك مۇنچە جازا
كەچمىشىمدە چاقنىغان ئىزلار يۈرەكنى تىلغىدى .
3
نەكى بىر قىسمەت بۈگۈن ئاھ لەيلى مەجنۇندىن يىراق
يار ئۈچۈن قىلغان دۇئا ۋە سەجدە مەقبۇلدىن يىراق .
تاھىرى دەريادا ئاقماي ئاقسا زۆھرە يېشىدا
چالغىلى يار قەلبىنى زەخمەكى تەمبۇردىن يىراق .
باغدا بۇلبۇل سايرىدى زەينەپ ئاڭا بىر كۈلمىدى
بۇ مۇھەببەت ئاخىرى بولدى مەجبۇردىن يىراق .
مىڭ كۆيۈپ ئۆرتەندى شام كۆيگەنچە ئۇ قالدۇردى نام
ئوتتىكى شۇ ھۆر ئازاپتا  قەلبى مەھزۇندىن يىراق .  
ئەي ئەھەت كۆپ سۆزلىمە ، بولدۇڭ ھاياتتا ھەرنېمە
بولغىنىڭ يەتمەمدۇ ئاھ قەلبى مەھكۇمدىن يىراق .

مىڭبىر ئازاپتۇر يەتمىشىم

1
بىر كېچە مەجبۇر ئەمەسمەن ، مىڭ كېچە مەھكۇم بولاي
ھېچكىمە تەسلىم ئەمەسمەن بىر ساڭا تەسلىم بولاي .
مەيلى يوق مەشھۇرلۇقۇمنىڭ يار بىلەن نە بىر ئىشى
ھەممىگە ھەسرەت بىرىپ شۇ يارغا مەن تەقدىم بولاي .
گۈلدىكى مەجنۇن چىراي،بۇلبۇلدىكى مەجنۇن ئاھاڭ
مەندىكى مەجنۇن قەلىپتە خۇدى يوق ئەقلىم بولاي .
مۇز بىلەن كۈلدى باھارىم، سۇ بىلەن ئويناپ كىلۇر
سەن بىلەن مۇشتاقلىقىمدا بىغۇبار پەسلىم بولاي .
يىلغا يەتمەي يار پىراقى مەن يەنە چالدىم مۇقام
شۇ مۇقامدا چاقنىغان كەچمىشتىكى ئەسلىم بولاي .
2
ساقىدىن بىرجام ماڭا تەگمەي مۇھەببەت تەگدىيا
بۇ مۇھەببەت ئاخىرى مەغرۇر بېشىمنى ئەگدىيا .
پىرى مۇغان سۆھبىتىدە بىر دەقىق بولماي تۇرۇپ
قەلبى ھەسرەت كۆز يېشىمدىن ئۈنچە مارجان تەردىيا .
ئەھلى دەرتتۇر ئەسلى دەرت ، دەرتتە بۈيۈك مىڭلارچە مەرت
مەن غېرىپ بولماي تۇرۇپ مىڭلاپ غېرىپلار كەلدىيا .
كەلگىنى كەتتى يەنە ، كەتكەنلىرى كەلدى ئەنە
بۇ گۈزەل دۇنياغا مىڭ قەلبى مېيىپلار كەلدىيا .
ئەۋلىيايۇ ئەنبىيالار كەتتى ئەسلا كەلمىدى
كەلمىدى ئەمما ماڭا ئۆلمەس ئىشىقنى بەردىيا .
3
شاھ بولۇشقا ئەرزىمەس شەپقەت تىلەپ قالغان بېشىم
ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەس ئالەمدىكى ھېچبىر ئىشىم .
مەن ئۆلۈمدە ئۆلمىدۈم ئۆلمەككە  پەرمان كەلمىدى
قان بولۇپ ئاقتى بىراق بىر يار ئۈچۈن تۆككەن يېشىم .
تاغۇ تاشتىن سۇ ئاقۇر مىڭبىر بۇلاقتىن ئەل غېمى
ئەل بىلەن ئەھلى مۇھەببەتتە بۈيۈكتۇر كەچمىشىم .
يارى يوق بازارى يوق يا خوشلۇقى ئازارى يوق
يار ئۈچۈن يا دار ئۈچۈندۇر بارچە قىلمىش ئەتمىشىم .
مەن مۇساپىر ئەل ئارا قەلبىمدىكى كارۋان بىلەن
كەلمىشىم يارغا ئېنىقكى ، نائېنىقتۇر كەتمىشىم .
مەن ياشايمەن ئەي خۇدا قەلبىمدىكى ئىشرەت ئارا
بۇ مۇھەببەت بابىدا مىڭبىر ئازاپتۇر يەتمىشىم .

ھايات يۈرمەككە غەم بولسۇن

قەسەملەرنىڭ ناۋاسىدىن ماڭا مىڭ رەت قەسەم بولسۇن
قەسەملەرنىڭ بايانىدا ماڭا زۇلمۇ سەتەم بولسۇن .
كۆيۈشنى ئەيلىدى پەرمان، سۆيۈپ سۆيمەسلىكىم ئارمان
بېھوش كۆڭلۈمدە بىر ئاي قىز ماڭا مەڭگۈ سەنەم بولسۇن .
گۈزەللەرنىڭ كۆزى بىرلە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرەي دەيمەن
گۈزەل قەلبىمدە جان بىرلە گۈزەل خۇلقى لېۋەن بولسۇن .
مۇھەببەت شەربىتى ئىچمەي مۇشەققەت دەردىنى تارتاي
ئۈمۈدۈم ھەركىشى ئاخىر ۋىسال  پەيتىدە جەم بولسۇن .
مۇھەببەت تەختى جەننەتتۇر ، مۇھەببەت شەرتى سۆيمەكتۇر
مۇھەببەت بابىدا ئايھاي مېنى سۆيگەن ئەدەم بولسۇن .
ئۆلۈمنى ئۆلتۈرۈپ نەچچە، ھاياتمەن تېخى بىرمۇنچە
ئىشىقنىڭ نەغمىسى بىرلە ھايات يۈرمەككە غەم بولسۇن ...

قەلبىمدىكى ئارمانلىرىم
  1
شىر سۈپەت پالۋانلىرىم ھەم جىن پەرى، شەيتانلىرىم
داردىكى داستانلىرىم ھەم باغدىكى بوستانلىرىم .
مەردۇ – مەردان بىر كېچە كۆردۈم ئۆلۈمنى ئۆلگىچە
مېنى مەندە نۇر دېدى روھىمدىكى چولپانلىرىم .
باغنى باغلاپ چىت بىلەن ، زەنجىرنى باغلاپ ئىت بىلەن
ۋادەرىخ كەلدى بۈگۈن قەلبىمدىكى ئەفغانلىرىم  .
تىغنى تەندە قىينىدى ، جاننى جاناندا قىينىدى
قان كېچىپ ، قاندىن قېچىپ چىقتى كۆڭۈل سۇلتانلىرىم .
مەينى مەست قىلدى خۇمار ، تۇمۇردا قان چالدى دۇتتار
مېنى مەندە قېينىدى قەلبىمدىكى ئارمانلىرىم !
      
  2
مەن مېنى تاشلاپ كېتەي كۆڭلۈمدىكى ئارمان بىلەن
جاننى مەن تاشلاپ كېتەي ئۆلۈم بىلەن بىر نان بىلەن .

يارنى مەن تاشلاپ كېتەي ھەم بىر ئۆمۈر يېغلاپ ئۆتەي
ھىچنىمە بولالمىغان كۆڭۈل دىگەن سۇلتان بىلەن .
تاغنى مەن تاشلاپ كېتەي باغرىمغا بىر تاش پاتمىدى
باغنى مەن تاشلاپ كېتەي قەلبىمدىكى بوستان بىلەن .
يەرنى مەن تاشلاپ كېتەي يەردە ياشايدۇ مىڭ گىياھ
تاڭنى مەن تاشلاپ كېتەي ئاسماندىكى چولپان بىلەن .
مېنى مەغرۇر قىل خۇدا ، بولدۇم بۈگۈن ياردىن جۇدا
ئوت بولۇپ كۆيسۈن تىنىم شۇ ئوت بىلەن ۋولقان بىلەن .
بۇ مۇھەببەت بىر كېچە مەڭگۈ داۋامدۇر ئۆلگۈچە
ھەر كېچە كۆڭلۈم مۇھەببەتتىن جۇدا بولغان بىلەن .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-14 22:56:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم چوغدان ،مەندە شېئىرلىرىگە باھا بەرگۈدەك  ساپا يوق ، ئ‍ەمما سۈيۈپ ئ‍ۇقىيدىغان قەلىب بار. سىلىدىكى شېئىرغا بولغان مۇھەببەت مېنى تۇلىمۇ قايىل قىلدى …

ۋاقتى: 2015-8-14 22:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ شېئىرنى باھالىغۇدەك ساپا يوق، ئەمما ھەر ۋاقىت سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئوقۇيدىغان، شېئىرنى سۆيگۈچىنى ھۆرمەتلەيدىغان قەلب بار!
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2015-8-14 23:38:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەت مامۇت چوغداننىڭ ياش قەلەم  سەھىپىسىدە تۇنۇشتۇرۇلغىنىغا مۇبارەك بوسۇن.

ۋاقتى: 2015-8-14 23:50:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدان، مەختۇمسۇلانىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالغاندا ئەمدى يالماۋۇزدىن چوغ سوراپ يۈرمىسۇن، چوغلارنى يۈرەك قېتىدا ھەردەم ساقلاڭ!

ۋاقتى: 2015-8-14 23:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      ئەھەد مامۇتقا قۇت بولسۇن!
      ئالغا...!!!

ۋاقتى: 2015-8-14 23:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش قەلەم بىلەن بىللە ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭمۇ قايتا پەيدا بولغانلىقىغا خوشال بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-8-14 23:59:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدان ئىنىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتىم.بولۇپمۇ«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان«مۇستەبىت»ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان.يۇقارقى شېئىرلارمۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىكەن.
ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئىجادىيەت قەدىمى يەنىمۇ قۇتلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2015-8-15 00:24:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدان ئىنىمىزنىڭ ئىجاد ئۈچۈن تىپىرلاپ تۇرىۋاتقان ئوتلۇق يۈرىكى تېخىمۇ لاۋۇلدىغۇسى.

ۋاقتى: 2015-8-15 00:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوغداننىڭ ئەسەرلىرىنى تۈنجى قېتىم ئوقۇشۇم،شىئېردا ئىپادىلەنگەن تىل تەسۋىرلىرى،مەزمۇندىكى بىر خىل چوڭقۇرلۇق،ئۆزگىچە شەكىللەر مەندە قايتىدىن بۇ شائېرغا نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى،سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-8-15 01:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چوغداننىڭ چوغى يېلىنجاپ تۇرغاي!

ۋاقتى: 2015-8-15 01:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغداندىكى چوغنىڭ يىلىنجاپ تۇرۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-8-15 02:02:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغداننى مۇبارەكلەيمەن! ئۇنىڭ قەلىمىگە ئىزچىللىق،ئىجادىيتىگە خاسلىق تىلەيمەن.
چوغدان،بىر قىسىم غەزەللىرىڭىزدە ۋەزىن چىقىپتۇ،قايتا قاراپ باققايسىز!

ۋاقتى: 2015-8-15 10:25:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدانغا مۇبارەك بولسۇن، ئىجادىيەتتە تېخىمۇ يۈكسەك چوققىلارغا قاراپ يۈرۈش قىلغايلا.

ۋاقتى: 2015-8-15 11:14:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغداننىڭ ئوتى داۋاملىق لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرسۇن! قۇتلۇق بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش