جان سەنىمى
ئەھەت مامۇت چوغدان
ئاھ خۇدا مەن يېغلىسام دەردىمدە ئاسمان يېغلىدى
دات دېسەم مىڭ دات دېدى ئەرزىمدە سۇلتان يېغلىدى.
مەن نىچۈن ئەخمەق بولاي ، قەلبىمدىكى ئەبلەخ بولاي
يار ئۈچۈن بەدبەخ بولاي باغرىمدا شەيتان يېغلىدى .
قىز ئىدى قاندەك قىزىل ھەم جان ئېدى ناندەك يۇرۇق
ئول پەلەك رەپتارىغا تەقدىردە ئىمكان يېغلىدى.
سۇنى سۇ ئويناپ تۇرۇر، يامغۇردا يار يېغلاپ تۇرۇر
مەن بىلەن مۇڭداش بولۇپ چۆللەردە بوستان يېغلىدى.
كۆزلىرىم كۈلگەن جاھاندا سۆزلىرىم بىچارىدۇر
ئالجىغان قىسمەت ئارا قەلبىمدە داستان يېغلىدى.
2015.08.14
|