يالغان مۇھەببەت يېغلىدى
1
كۆزلىرىڭدە جىلمىيىپ يانغان مۇھەببەت يېغلىدى
لەۋلىرىڭدە ئۈمچىيىپ قالغان مۇھەببەت يېغلىدى.
نەپرىتىڭدە تاش بولۇپ قاتقان مۇھەببەت يېغلىسا
ھەسرىتىڭدە مىڭ تىنىپ ياتقان مۇھەببەت يېغلىدى.
گۈلگە رەڭ بەرگەن سىياقتۇر ،گۈلخۇمار قىلغان پۇراق
رەڭگىدىن مەغرۇرلىنىپ چانغان مۇھەببەت يېغلىدى.
دۇرى گەۋھەر قەدرىنى قازغانغا سالغان جەبرىنى
بىلمەيىن يار قەدرىنى تانغان مۇھەببەت يېغلىدى.
چۆلگە چۆل پىيالىدۇر ،باغلار ئۇنىڭ خىيالىدۇر
ساڭا بۇ ئىشىق ئوتىنى سالغان مۇھەببەت يېغلىدى.
يېغلىما چوغداندا چوغ ئۆچمەس ئەبەتكە يېغلىما
يېغلىغان كۆزلەردىكى يالغان مۇھەببەت يېغلىدى.
|