ئىگىسى: abdurexit eli

«چوغدان»دىكى ئوتلار (40)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-18 02:44:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جان سەنىمى

ئەھەت مامۇت چوغدان

ئاھ خۇدا مەن يېغلىسام دەردىمدە ئاسمان يېغلىدى
دات دېسەم مىڭ دات دېدى ئەرزىمدە سۇلتان يېغلىدى.

مەن نىچۈن ئەخمەق بولاي ، قەلبىمدىكى ئەبلەخ بولاي
يار ئۈچۈن بەدبەخ بولاي باغرىمدا شەيتان يېغلىدى .

قىز ئىدى قاندەك قىزىل ھەم جان ئېدى ناندەك يۇرۇق
ئول پەلەك رەپتارىغا تەقدىردە ئىمكان يېغلىدى.

سۇنى سۇ ئويناپ تۇرۇر، يامغۇردا يار يېغلاپ تۇرۇر
مەن بىلەن مۇڭداش بولۇپ چۆللەردە بوستان يېغلىدى.

كۆزلىرىم كۈلگەن جاھاندا سۆزلىرىم بىچارىدۇر
ئالجىغان قىسمەت ئارا قەلبىمدە داستان يېغلىدى.

2015.08.14

باھا سۆز

«يېغلىدى» ئەمەس، «يىلىدى' بولىشى كېرەك.  ۋاقتى: 2015-8-21 01:02 PM
ۋاقتى: 2015-8-21 13:00:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن. تۇيغۇ گۈللىرىڭىز تېخىمۇ پۇرەكلىگەي!!

ۋاقتى: 2015-8-21 13:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان سەنىمى

ئەھەت مامۇت چوغدان

ئاھ خۇدا مەن يىغلىسام دەردىمدە ئاسمان يىغلىدى
داد دېسەم مىڭ دات دېدى ئەرزىمدە سۇلتان يېغلىدى.

مەن نىچۈن ئەخمەق بولاي، قەلبىمدىكى ئەبلەخ بولاي
يار ئۈچۈن بەدبەخت بولاي باغرىمدا شەيتان يىغلىدى .

قىز ئىدى قاندەك قىزىل ھەم جان ئىدى ناندەك يورۇق
ئول پەلەك رەپتارىغا تەقدىردە ئىمكان يېغلىدى.

سۇنى سۇ ئويناپ تۇرۇر، يامغۇردا يار يىغلاپ تۇرۇر
مەن بىلەن مۇڭداش بولۇپ چۆللەردە بوستان يىغلىدى.

كۆزلىرىم كۈلگەن جاھاندا سۆزلىرىم بىچارىدۇر
ئالجىغان قىسمەت ئارا قەلبىمدە داستان يېغلىدى.

2015.08.14

_______________
قىزىل رەڭدە بويالغان ھەرپلەر مەن تۈزەتكىنى.
كۆك رەڭدە بويالغىنى مەن قوشۇپ قويغىنى.
ئالدىنقى قېتىم بۇ غەزەلنى تۈزەتسەم ئۆچۈرۈلدى، يەنە تۈزىتىپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2015-8-21 23:50:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، پۇرقەت

ۋاقتى: 2015-8-21 23:52:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ۇقۇشماسلىق ، غەزەلنىڭ ئ‍ىسمى دوستۇم غوجمۇھەممەت مۇھەممەدنىڭ بىر كىتابىنىڭ ئ‍ىسمى بىلەن ئ‍وخشاش بوپقاپتۇ ، تولىمۇ خىجىلمەن ، شۇ سەۋەپتىن غەزەل نامى چوغلار يېغىسى دەپ ئ‍ۆزگەرتىلدى

ۋاقتى: 2015-8-21 23:53:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلار يېغىسى

ئەھەت مامۇت چوغدان
1
ئاھ خۇدا مەن يىغلىسام دەردىمدە ئاسمان يىغلىدى
داد دېسەم مىڭ دات دېدى ئەرزىمدە سۇلتان يېغلىدى.

مەن نىچۈن ئەخمەق بولاي، قەلبىمدىكى ئەبلەخ بولاي
يار ئۈچۈن بەدبەخت بولاي باغرىمدا شەيتان يىغلىدى .

قىز ئىدى قاندەك قىزىل ھەم جان ئىدى ناندەك يورۇق
ئول پەلەك رەپتارىغا تەقدىردە ئىمكان يېغلىدى.

سۇنى سۇ ئويناپ تۇرۇر، يامغۇردا يار يىغلاپ تۇرۇر
مەن بىلەن مۇڭداش بولۇپ چۆللەردە بوستان يىغلىدى.

كۆزلىرىم كۈلگەن جاھاندا سۆزلىرىم بىچارىدۇر
ئالجىغان قىسمەت ئارا قەلبىمدە داستان يېغلىدى.

2015.08.14 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahatmamut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-21 23:54  


ۋاقتى: 2015-8-22 00:49:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چوغ رىۋايىتى

ئ‍ەھەت مامۇت چوغدان


ئ‍ەڭ ئەدەبلىك ئ‍ادەم ئ‍ەمەليەتتە ئ‍ەڭ قارا نىيەت ئ‍ادەمدۇر ،
تاھارەت ئېلىش ئ‍ىشتان سېلىشتىن ئ‍اسان ،
ھايات ياشاشقا مەجبۇرلىنىشتۇر ،
ئ‍ۆلمەسلىكنىڭ ئ‍ۆزى ئۆلۈمگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بىر سەنئەت .
قاپىيداش تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسىنى شېئىر دەپ ئ‍اتىۋالدۇق ،
ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئۇيغۇرچە تۇيغۇلار
ئ‍ەي ئ‍اسماننىڭ تەلۋىلەرچە يامغۇر تۆكۈشى
پادىشاھ تەخىتتىن چۈشكەنگە قەدەر پۇقرا بولالماس
ئ‍ەبگالىقنىڭ ئ‍ۆلۈك تېنى شان شۆھرەتنىڭ مۇقەددەس گەۋدىسىدىن تولىمۇ ھەقىقى ھەم تولىمۇ سەمىمىي  ،
قۇياش يەنىلا ئ‍ۆز مەيلىچە ئ‍الەمنى كۆيدۈرۋاتىدۇ
ئ‍ەڭ ئولۇغ بىر كېچىلىك قۇربان بېرىشتىن كىيىن
سادامنىڭ قىزىمۇ ئ‍انا بوپ قالىدۇ ،
مەن كاللامدىن كېتىپ قالىمەن
ئەگەر ئ‍ىككى بالامنىڭ سەبىي چىرايى ماڭا ئ‍ۈمۈد ئ‍اتا قىلمىسا
ئۆلۈمدىن بۇرۇنلا ئ‍ۆلۈپ قالىمەن .
ئۇيغۇر ئ‍ەدەبىيات سالونى
بىر پارچە قىپقىزىل چوغقا ئ‍وخشايدۇ
بىر پارچە قىپقىزىل شېرىن چۈشتۇر
ئۇنىڭدا ھەركىمىنىڭ كۆشەۋاتقىنى ،
ھەممە قۇشلار ئ‍ۆزتىلىدا سايرىشىدۇ ،
ئ‍ەڭ ئاچچىق ئازاپنى ، ئ‍ەڭ تاتلىق يېتىرقاشنى
ئ‍ەڭ ھەقىقى مۇھەبببەتنى ۋە ئ‍ەڭ ئاخىرقى نەپرەتنى
بىر بالىنىڭ تۇغۇلۋاتقىنىنى  ۋە بىر ئانىنىڭ ئ‍ۆلۈۋاتقىننى ،
خىيالىغا كەچكەن ۋە خىيالىدىن كەچمىگەن ھەممە نەرسىنى ،
مەن توختىماي ئ‍ۆز ئ‍ۆزۈمگە  ئەسكەرتىش بىرىمەن ،
يەنە توختىماي كالۋالىق قىلىمەن ۋە خاتالىق سادىر قىپ تۇرىمەن ،
ھاياتتتىكى تېخىچە تاپالمىغان ۋە مەڭگۈ ئ‍ويلىغىنىمدەك تاپالمايدىغان ئ‍اشۇ پۇلدىن ئ‍ېشىنغان بارچە ۋاقتىمنى
شېئىر ئۈچۈن قۇربان قىلىمەن .
بالام !
داداڭ بەلكىم بىر ياراملىق دادا ئ‍ەمەستۇر ،
ئەمما ئۇ ھامان سەن ئۈچۈن بىردىنبىر  دادا
ئاناڭنىڭ كۆز ياشلىرى ھەممە نەرسىنى ئ‍ېقىتىپ كەتتى
مەن ھېچقاچان شېئىرغا ئ‍اسيلىق قىپ باقمىدىم ،
مېنىڭ ئ‍ۇخلىيالماس بوپقالغانلىقىم راست
مېنىڭ يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالغانلىقىم يالغان ،
كارۋات ئ‍ۈستىدىكى ئ‍ۆلۈك قۇرتتىن باشقا ھېچقانداق سىردىشىم يوق ،
مۈشۈكۈممۇ ئ‍ۆلۈپ كىتىپتىكەن
يەنە يامغۇر يېغۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم
ئازراق ھاياجانلانساملا بوينۇمنى ئ‍ۈزۋېتىشكە ئ‍ۇرۇنۇپ باقىمەن
ئ‍ۇ مېنىڭ شېئىردەك ھاياتىم ،
بارلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا خاستۇر !
كۈچلۈك بولۇش دائىم يوشۇرۇن  يېغلاشتۇر ،
مەن نېمە بولالىدىم ، نېمە بولالايمەن ۋۇجۇدۇمدىكى شۇ ئ‍ادەمدىن باشقا ،
چوغلىرى ئ‍ۆچۈپ قالاي دېگەن بىر چوغداننى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن
ئ‍ۆي ئۆيلەردە ئ‍وت
قەلىبلەردە ئ‍وت !
قۇرغاقچىلىق قاپلاپ كەتكەن كىشىلەرگە
چوغ سورايدىغان چوغ بىرەلمەيدىغان كىشىلەرگە
تېخىچىلا چوغ توشۇپ يۈرۈيمەن ،
ئ‍ۆي ئۆيلەردە جۇت
قەلىبلەردە جۇت ...!

2015-8-19

ۋاقتى: 2015-8-22 00:50:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەملىرى بەرىكەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2015-8-23 11:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلىق كېچىسى

ئىككىنچى بۆلەكنىڭ تۈزىتىلگىنى


2
قىز دېدى قاندىن يىراق قىزلار مۇھەببەت ئىزدىدى ،
قىز دېدىم قاندىن يىراق قىزلار يۈرەكنى تىلغىدى .

مەي دېدى مەسىت بولمىدى مەيخور شاراپتا بىر تېمىم
مەي دېدىم مەسىت بولمىغان دۇنيا يۈرەكنى تىلغىدى.

شانۇ شەۋكەتلىك ، مۇھەببەتلىك ۋېسالنىڭ پەيتىدە
شۇ گۈزەل ياردىن يىراق چاغلار يۈرەكنى تىلغىدى .

نە نۇمۇس نەبىر ئازاپ ئەركەك تۇرۇپ قەلبىمدىكى
قىز تىلەپ روھىمدىكى قىزلار يۈرەكنى تىلغىدى .

بۇ مۇھەببەت بىر تېمىم قاندەك قىزىل ئاڭدۇر نىچۈن
شۇ قىزىل قانىمدىكى ئىزنا يۈرەكنى تىلغىدى .

ئەي مۇھەببەت سەن ماڭا قىلدىڭ نىچۈك مۇنچە جازا
كەچمىشىمدە چاقنىغان ئىزلار يۈرەكنى تىلغىدى .

ۋاقتى: 2015-8-23 11:30:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغداندىكى چوغلارنىڭ خاسىيىتىگە تەشەككۈر !ئ‍ىللىق ھارارىتى يەنىمۇ كامال تاپقاي !

ۋاقتى: 2015-8-23 11:52:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدان....چوغلىرىڭىز   ئۈچۈپ  قالمىسۇن.....يىلىنجاپ     تـۇرسۇن ..قەلەملىرىڭىز    توختاپ قالمىسۇن .

ۋاقتى: 2015-8-23 11:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق تىلەيمەن .....

ۋاقتى: 2015-8-24 02:58:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلىرىڭىز مەڭگۈ يېلىنجاپ تۇرسۇن! ئ‍ىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-8-27 17:30:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدانغا مۇبارەك بولسۇن. ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-8-28 22:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش