كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 2

قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 15:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي نېفىتلىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى





    3-ئاينىڭ 23-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي نېفىتلىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا بىرلەشمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. بىرلەشمە رەئىسى جاۋجۈنخەي خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى. قاراماي شەھەر، نېفىتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇتەللىپ كېرىم بىلەن بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋليەنچېڭ توختاملىق ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ۋە نۇقتىلىق ئاپتورلارنى بېكىتىش چارىلىرىنى،ھەمدە 18-نۆۋەتلىك «قارا ياقۇت» ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قاراماي شەھەر، نېفىتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گوجۇڭجۈن مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى قاتارلىق 7 ئاپتور ئەدەبىي ئىجادىيەت تۈرى بويىچە، شۆھرەت پازىل قاتارلىق 6 ئادەم خەتتاتلىق تۈرى بويىچە مۇكاپاتلاندى. ئوسمان قاۋۇل قاتارلىق 12 ئادەم 2010-، 2011-يىللىق خىزمەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى بولدى. قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي نېفىتلىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق 10 جەمئىيەتتىن 200 گە يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.






(سۈرەتلەرنى نۇرمۇھەممەت ھەسەن تارتقان)...


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 538
تۆھپە : 6
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 19:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ موۋاپىقىيەتلىك چاقىرىلغانلىقىنى ھەمدە يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۈ*ركۈم يازغۇچى-شائىر، خەتتات ۋە تەھرىر-مۇھەررىرلەرنى تەقدىرلەپ ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. تۆھپىكارلارنىڭ ئەجرى ئۇنتۇلماستۇر. قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن نېفىتلىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسۈتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ ۋە ھەممە جاينىڭ ئۈگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  431
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 382
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 23:48:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش