قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي نېفىتلىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى
3-ئاينىڭ 23-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي نېفىتلىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا بىرلەشمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. بىرلەشمە رەئىسى جاۋجۈنخەي خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى. قاراماي شەھەر، نېفىتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇتەللىپ كېرىم بىلەن بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋليەنچېڭ توختاملىق ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ۋە نۇقتىلىق ئاپتورلارنى بېكىتىش چارىلىرىنى،ھەمدە 18-نۆۋەتلىك «قارا ياقۇت» ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قاراماي شەھەر، نېفىتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گوجۇڭجۈن مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى قاتارلىق 7 ئاپتور ئەدەبىي ئىجادىيەت تۈرى بويىچە، شۆھرەت پازىل قاتارلىق 6 ئادەم خەتتاتلىق تۈرى بويىچە مۇكاپاتلاندى. ئوسمان قاۋۇل قاتارلىق 12 ئادەم 2010-، 2011-يىللىق خىزمەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى بولدى. قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، قاراماي نېفىتلىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق 10 جەمئىيەتتىن 200 گە يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.
(سۈرەتلەرنى نۇرمۇھەممەت ھەسەن تارتقان)...