خالىدە ئىسرائىل ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، <<خالىدە ئىسرائىل ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>> 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ __ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە جۇڭگو تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىمجان سابىت، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەپەر ئابلىز، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تىل - ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارىز قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەم ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 350 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىمام موللاخۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاندىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارىز، رەئىس ئازات سۇلتان تەبرىك سۆزلىدى. سالامەتلىك سەۋەبىدىن بېيجىڭدىكى يىغىن نەق مەيدانىغا قاتنىشالمىغان يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ھەققىدىكى قىسقا فىلىم كۆرۈلدى.
يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىسىمىغا پىراففىسور لېتىپ توختى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇھاكىمىدە ئازات سۇلتان، ئابدۇرەئوپ پولات، ئەنىۋەر ھوشۇر، نىجات سوپى، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئابدۇۋەلى كېرىم، ئەكپەر قادىر، سائادەت قۇربان، ئابدۇللا تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ خالىدە ئىسرايىل ئەسەرلىرى ھەققىدە تەييارلانغان ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىدا رەئىس ئازات سۇلتان يىغىندىن خۇلاسە چىقىرىپ يىغىن تاماملاندى.