« قۇملۇقنىڭ چۈشى » ناملىق رومانىنى رادىئودا ئاڭلىغاندىن باشلاپ خالىدە ئىسىرائىل دېگەن ئىسىم قەلبىمگە سىڭىپ كىرگەن . ئەينى ۋاقىتتا ئاپام ، ئاچام ۋە مەن ئۈچىمىز رادىئونى بېشىمىزنىڭ يېنىغا قويۇۋېىلىپ ھەر كۈندۈكى رومان ئاڭلىتىش پىروگىراممىسىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن ساقلايتتۇق ۋە جىممىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ ، ئاڭلىتىلىۋاتقان روماننىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتتۇق ، رىسالەت ناسىرنىڭ ئاۋازى بىلەن قۇملۇقنىڭ چۈشى شۇنچىلىك ماسلىشاتتىكى بىر سائەت ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىننى سەزمەيلا قالاتتۇق ... ئالىمجان ئىسمائىلنىڭ « سەھرالىقلار »ى ، جالالىدىن بەھرامنىڭ « مىھىرگىيا»سى ، زوردۇن سابىرنىڭ « ئىزدىنىش»ى ، ئابدۇرھېم ئۆتكۈرنىڭ « ئىز»ى ، قاھار جېلىلنىڭ « تەقدىر»ى ... رىسالەت ناسىرنىڭ ، ئاسىيە ئېزىزنىڭ ، گۈلنىسا ئىمىن ...نىڭ ئاۋازلىرى ئارقىلىق قەلبىمدىن شۇ قەدەر چوڭقۇر ئورۇن ئاپىتىكەن ، ھازىر ئويلىساممۇ قەلبىم لەرزىگە كېلىدۇ .
خالىدە ئىسىرائىل قاتارلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز يازغۇچىلارنىڭ تېنىگە مەڭگۈ سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر ، خۇرىماس كۈچ -قۇۋۋەت تىلەيمەن !
|