ئىگىسى: eybuyaqup

«بالىلار ئەدەبىياتى» ئىجادىيەت سېمنارىيىسى ئېچىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 08:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن تولىمۇ سۈيۈندۈم، بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ نىمىلىكى، ئۇنىڭ مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بالىلار ئۈچۈن قانداق ئەسەر يېزىشنىڭ لازىملىقى، قانداق يېزىش توغىرىسىدا مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولدۇم، بىر قىسىم بالىلار يازغۇچىلىرى ۋە شائىرلىرى بىلەن كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتىم

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1624
تۆھپە : 78
توردا: 589
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 08:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمنارىيەگە ئەھۋالىدىن كۈندە دىگۈدەك خەۋەردار بۇلۇپ تۇرىۋاتىمىز . ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن . باتۇرجان مۇئەللىم بىلەن ياسىنجان توغراق ئاكامغا ، دوستۇم ئەكبەر سابىرىغا سالاملار بولسۇن ! بۇندىن كىيىن ئىجادىيتىڭلار تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق ھەم بەركەتلىك بولغۇسى . بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان يېڭى ئەسىرىڭلارنى كۈتىمىز .

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 07:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى «شىنجاڭ قارلۇق مېدىيە پەن - تېخنىكا شىركىتى»گە كېلىپ زىيارەتتە بولدى ۋە «بالىلار ئەدەبىياتچىلىرى ۋە قارلۇق كارتون سىنارىيە سۆھبەت يىغىنى» ئۆتكۈزدى. زىيارەت ۋە سۆھبەت يىغىنىغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ پەرۋىشكار ئۇستازلىرىدىن تۇرسۇن قۇربان، تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىردىن، قادىر ئارسلان قاتارلىقلار قاتنىشىپ، قارلۇق شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان پەخىردىن قارلۇقنىڭ كارتون فىلىملىرىنى ئىشلەش، سىنارىيەگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدىكى دوكىلاتىنى ئاڭلىدى. قارلۇق شىركىتى ئىشلىگەن ئۈلگىلىك كارتون فىلىملەرنى كۆردى. ئازات سۇلتان، تۇرسۇن قۇربان، تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىردىن، قادىر ئارسلان، سېتىۋالدى كېرىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ،ئۇيغۇر كارتون فىلىملىملىرى ۋە سىنارىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەمدە بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد - تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئابلىكىم ھەسەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاخىرىدا «قارلۇق شىركىتى» كۇرسانتلارغا كۈتىۋېلىش چېيى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى» ھەممە كۈنتەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ مۇۋەپەققىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

IMG_4033.JPG


IMG_4076.JPG


IMG_4070.JPG


IMG_4059.JPG


IMG_4055.JPG


IMG_4053.JPG


IMG_4048.JPG


IMG_4044.JPG


IMG_4039.JPG


IMG_4062.JPG


IMG_4060.JPG


IMG_4069.JPG



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 6
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 09:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدىكى بارلىق قەلەمكەش ئەدىپلەردىن رايونىمىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىۋاتقان چوڭ كىچىك ئەدىپلەرگە قىزغىن سالام! سىلەرنىڭ مەڭگۈ بالىلاردەك ياشاپ، بالىلار بىلەن تەڭ بالىلىقتىن ھوزۇرلۇنۇپ، ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى يارىتىشىڭلارغا تىلەكداشمىز. سىلەر ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە   مەڭگۈ بالا. شۇڭا بۈگۈنكى بايرام پەرزەنتلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭمۇ بايرىمىڭلار. بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن ، باسقان ئىزىڭلار گۈل بولسۇن، ھايات مۇساپەڭلار ئېسىل ئەسەرلەرگە تولسۇن!بايرىمىڭلار شاتلىق ئىچىدە ئوتسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1090
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 11:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى يېقىندىن بۇيان بىر-بىرىدىن سەرخىل تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئۆز رولىنى بىز ئويلىغاندىنمۇ  ياخشى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
مەن «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىدىكى بىر مۇھەررىر  بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان قەلەمكەشلەرنىڭ ژۇرنىلىمىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، بىزنى ياخشى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، چۈنكى، ژۇرنىلىمىزنىڭ 4 بېتى مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەرلە ئۈچۈن ئاجرىتىلغان.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇللۇقلىما


2012-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت-ماتىريال مەركىزى»دە بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت سىمنارىيىسى رەسمىي باشلاندى. سىمىنارىيەنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابلىز قېيۇم، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن،«تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلغارجان سادىق ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن،تاللانتلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ 20 ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىر ھەپتە داۋام قىلىش جەريانىدا شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى،«شىنجاڭ ياشلىرى»ژورنىلى تەھرىراتى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە مۇھەرىرلىرى  بۇ پائالىيەتكە قىزغىن قاتنىشىپ، پىكىر قاتناشتۇردى ۋە سەمىمىي ئۈمۈدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
«1-ئۇيۇن» بالىلار بايرىمى كۈنىسى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى ئىدارىسى تۇمارىس مېھمانخانىسىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت ئورۇنلاشتۇردى. سۆھبەتكە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىدىن ئەيبۇ ياقۇپ، ئىدارە باشلىقى غۇپۇر جاپپار، باش مۇھەرىر مىجىت تۇرسۇن، تەھىرىر بۈلۈم مۇدىرى ئاينۇر ھادى، تەھىرى بۈلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلنار ئابلىز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 15 نەپەر بالىلار يازغۇچىلىرى قاتناشتى.  ئىدارە باشلىقى غۇپۇر جاپپار«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى ئىدارىسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر نامىدىن بارلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىدىن سەممىي ھال سورىدى ۋە تىلىكىنى بىلدۈردى. سۆھبەت قىزغىن داۋاملاشتى
مىجىت تۇرسۇن : «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى ۋە «تەربىيىچى» ژورنىلىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە بالىلار يازغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئاينۇر ھادى ؛ بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن قانداق ئەسەرلەرنى يېزىش، يازغاندا قانداق يېزىش، بالىلار ئەدەبىياتى قوشۇنىنىڭ زاپاس ياردەمچىسى بولغان بالىلارنى قانداق يېتەكلەش توغىرىسىدىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى
گۈلنار ئابلىز: بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرگە قويىلىدىغان ئاساسى تەلەپلەر، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجى، ئەسەر تەلىپى توغىرىسىدا توختالدى.
ياسىنجان توخنىياز توغراق : «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى تورى»نىڭ بالىلار ئۈچۈن يېشىل تور ئىكەنلىكىنى، بۇ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش شۇنداقلا بۇ تۇرنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن بالىلار يازغۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىنى ئوتتۇرغا قويدى.
سېتىۋالدى كېرىم: مەكتەپ گېزىتىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىدىكى رولى توغىرىسا توختالدى.
جاسارەت جاپپار : بالىلار ئۈچۈن ئىجادىي، بالىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغايدىغان ئەسەرلەرنى كۆپراق يېزىش تەلىنىپى ئوتتۇرغا قويدى.
يۇقىرقىلاردىن باشقا نۇرغۇن بالىلار ئەدەبىيات يازغۇچىلىرى«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گزىتى ۋە «تەربىيىچى» ژورنىلى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت يازغۇچىلار بىلەن مۇھەرىرلەر ئورتاق ھالدا سۆھبەتلەشكەن ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق پائالىيەت بولدى.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 819
تۆھپە : 12
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
osmurler giziti.jpg

ياسىنجان يوللىغان سۈرەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-5 11:35  


كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!
http://www.karizim.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1154
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى بالىلار يازغۇچىلىرى سىمنارىيىسى ھەققىدىكى خاتىرىنى مەن يازغان ئىدىم. توغراق ئەپەندى يوللىغان تۇمارس رېستۇرانىدىكى سۆھبەتتە مەن بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ مەزمۇن كەم قالىدىكەن. توغراق ئەپەندى، پايدىلىنىۋېلىشىمغا بولامدۇ؟
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇمات تەييارلىنىپ بولۇندى. يوللاش ئالدىدا تۇرىمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلۇدۇ مەن سىزدىن ھېچنىمىنى ئايىمايمەن، سىزگىمۇ يوللاپ بەرمەكچى ئىدىم

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 13:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسق مەتبۇئاتقا يوللايسىز؟ تارىم غۇنچىلىرى ئايرىلىپ قالمىسۇن جۇما؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  431
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 537
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 21:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن بويۇڭلار ئامان بولسۇن ! ئەيبۇكا بۇلارنىڭ ئارسىدا مەندەك كاۋاپچى بارمىكەن ؟

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 22:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بار  «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمىنىڭ ئاپتۇرى مەخمۇت يولۋاس بەك تەملىك كاۋاپ پىشۇرىدىكەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  197
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 199
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 16:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار ئۈچۈن (بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن دېگەن گەپ ماھىيەتتە بالىلار ئۈچۈن) يىغىن ئېچىلىپ، ‹‹بالىلارنى قانداق يېتەكلەيمىز؟›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە بوپتۇ. سىمنارىيگە قاتناشقان ئەدىبلەردىن بالىلىرىمىز ئەدەبىيات كۈتىدۇ. ئىشلىرىڭلار قۇتلۇق، ئىجادىيتىڭلار مۇۋاپىقيەتلىك بولغاي!

ئابدۇكىرىمجان ئابدۇراخمان

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 16:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ گىپىڭىزدىن سۈيۈندۈم، بۇ قېتىم جۈمىلىدىن مەندە ئىدىيە جەھەتتىن بۇرۇلۇش بولدى، بۇنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ باقىمەن، كارتۇن ئىجادىيىتىدە نامانجان تۇرسۇن قارا تېكىن قارلۇق كارتۇن مەزكىزىدىكى پائالىيەتتتىن قاتتىق تەسىرلىنىپ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن سۈرەتلىك ئەسەر تەييارلىقىغا چۈشتى. پەرھات كازىمى كارتۇن تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، تەرجىمە تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئالدىغا كارتۇن سىنارىيىسى يازماقچى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1036
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 147
تۆھپە : 6
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 19:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 22:39
بار  «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپل ...

ياسىنجان ئاكا ، قارغاندا سىز مەن پىشۇرغان كاۋاپنى يېمەپسىز - دە ؟! يېگەن بولسىڭىزمۇ ، ساقىلىق بىلەن بولۇپ كېتىپ كىمنىڭ پىشۇرغىنىنى بىلمەي قالىڭىزمۇ - يا ؟  

بالىلارلا بولىدىكەن بالىلار ئەدەبىياتىمۇ بولىدۇ !~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش