ئەنجۇمەن چاقچاقلىرى
يىغدى تاغقا ھەممىنى، تاغ تۇرانىڭ مەزىنى. ياڭرار‹‹نەنسەن›› تېغىدا، ئەيبۇكامنىڭ ئەزىنى.
تاغ تۇرادا ئابلىكىم، ھەممىمىزگە باش بولدى. ھەر تەلىمى كۆڭۈلگە، ئەڭ تېتىملىق ئاش بولدى.
«كرورانلىق بالىلار» تاغ تۇراغا جەم بولدى. ئۈچ كۈن بولدى پەرھات يوق، ئۇ كىملەرگە يەم بولدى؟
قىزىق سۆزلەپ ئىلغارمۇ، ھەممىمىزنى كۈلدۈردى. چېپىپ ئىككى ئارىدا، بارچە ئىشقا ئۈلگۈردى.
باشلاپ چىقتى جاسارەت، «بۆرە قىز»نى بۇ تاغقا. ماخمۇت يولۋاس ئېپىدە، ئېلىپ قاچتى ياتاققا.
«يولۋاس» قالدى چاتاققا «بۆرە قىز»مۇ بوش ئەمەس. ماخمۇت «قەغەز يولۋاس»كەن ئۇنىڭ كۆڭلى خۇش ئەمەس.
يولۋاسلارنى ئاچ قويدى، بۈگۈن «ئۇستام» ئا.توختى. بىلەلمىدۇق بۇ تاغدا، ئۇنى قايسى جىن سوقتى.
ئەنجۈمەننىڭ شامىلى، ئېلىپ كەلدى ناماننى. رەسىم بىلەن شېئىردا، ئاۋات قىلىپ خاماننى.
قىزىپ كەتتى نەچچە كۈن، يازغۇچىلار لاگىرى، ئۇچۇر بەرگەن بۇ ئىشتىن، ئەسلى ئوسمان زاھىرى.
يالقۇن قارى كۆپ يىدى، بوتۇلكىلىق ھەسەلنى. تۇختىماستىن يازىدۇ، تېپىشماق ھەم مەسەلنى.
كەلدى تەۋپىق يۇرتىدىن، سېتىۋالدى كېرىمى. پۈتۈن بولدى ئۇ كېلىپ، كۆڭلىمىزنىڭ يېرىمى.
ئەخمەتجاننىڭ قولىدا، «چۆچەك ئېيتار قاپاق» بار. بۈگۈن چۆچەك چىقمىدى، قاپاقتا بىر چاتاق بار.
«چاۋۇش»* بولۇپ سايلاندى، بىزگە پەرھات كازىمى. بۇ ئاداشتىن چىقىدۇ، ئۆسمۈرلەرگە لازىمى.
شەۋكەت رۇستەم ھەر كۈنى، «دەرياغا تاش تاشلىدى» ئۈرۈمچىگە قاچالماي، كۆزلىرىنى ياشلىدى.
تاغدا ئەنۋەر ناسىرى، بالىلارنىڭ ئىسىلى، قانداق قىلساق ساقىيار، ئۇنىڭ جىمغۇر كېسىلى.
بىزگە ئۆمەر مەتنۇرى، ئەتە لەغمەن ئەتمەكچى. ئوخشىمىسا لەغمىنى، بىز بۇ يەردىن كەتمەكچى.
فانتازىيە دۇنياسى، ھوجرا بولدى باتۇرغا. دۇنياسىدا چۆچەكنىڭ، ئايلانسۇن بىر «شاتۇر»غا.
قاراقاشلىق ياسىنجان، ئايلانسۇن دەپ قاشتاشقا. كەلدى دەرس ئۆتكىلى، نەنسەندىكى ھاكتاشقا.
نەنسەندىكى ئەنجۈمەن، ئىلھام بولدى توغراققا. تۇتۇنماقچى،ئەمدى ئۇ، خەۋەر يازماي چوڭراققا.
كۆرۈنمىدى ئىككى كۈن، ئەرقۇت قاچتى قاياققا. باغلاپ قويساق بوپتىكەن، ئەسلى ئۇنى ياتاققا.
باسار دادا ئىزىنى، بىلسەك ئەكبەر ئويىنى. تۈگۈگۈچە ئەنجۈمەن، ئوينىساقتى «تويى»*نى.
يەكەن قىزى ئايسىمە، شاڭخەيدە سىز ئۆزۈڭىز. شۇنداقتىمۇ چۈشۈپتۇ، تاغ تۇراغا كۆزۈڭىز.
ئالالماستىن رۇخسەتنى، كەتكۈزدۈڭ بىر پۇرسەتنى. ئەدھەم ئېيتتىڭ كىملەرگە، ئىچىڭدىكى دەرتلەرنى.
زامانىدىن پاكزاتنىڭ، كەلدى تاتلىق «چۆچىكى» يۈرەمدىكىن شاڭخەيدە، «تويغا ماڭغان مۈشۈكى.»
ئىلاۋە: بۇ شىئېرىي چاقچاقلارنىڭ ئاپتورى بارلىق سىمىنارىيە قاتناشچىلىرىدۇر!
|