كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 25

تىلنى تىرىلدۈرۈش -ئەدەبىياتنىڭ جېنى ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 15:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلنى تىرىلدۈرۈش –ئەدەبىياتنىڭ جېنى   

     ئەزىز ھېيت  كۈن
                          
   1- تىل ئۇقىمى توغىرسىدا يېڭى تەھلىل


     ئىنسانلار نەزرى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تىل پەقەت ئادەملەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولغان ئالاقە تىلىنى كۆرسىتىدۇ.ئىنسانلار تىلى -ئالاقىلىشىش تىلى ھەم ئىپادىلەش تىلىدۇر.ئادەملەر ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ياشاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق،قەلبىنى،ئوي-پىكرىنى ۋاستە (ئۈن،-ئاۋاز،زۇۋان) ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.مەۋجۇدلۇقنى ئىپادىلەش نوقتىسىدىن قارىغاندا تىلنى مەۋجۇدىيەت تىلى(ھايۋانلارنىڭ ئىپتىدائى ئالاقە بەلگىلىرى،ئاۋازلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)، ئىنسانلار تىلى ۋە سەنئەت تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئالاقە تىلى- ئېغىز تىلى تىلى،ئىما-ئىشارە تىلى (گاچىلار تىلى) ،يېزىق تىلى قاتارلىق ئۈچ تۈر ئوي-پىكىرنى يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ۋاستە ھېساپلىنىدۇ.ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرمۇ ئوبرازلىق ئوي-پىكىر (ئوبرازلىق تەپەككۇر) ھەم ئەقلى (ئابستىراكىت تەپەككۇر )ئوي-پىكرىدىن  ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
        ئومۇمىي تىل ئۇقۇمىنى كونكىرتلاشتۇرغاندا ئىنسانلارنىڭ ئالاقە تىلىنى تار مەنىدىكى تىل دەپ،سەنئەت تىلىنى ۋاستىلىق تىل ياكى ئىككىلەمچى تىل دەپ،مەۋجۇدىيەت تىلىنى كەڭ مەنىدىكى تىل دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئىككىلەمچى تىل بولغان سەنئەت تىلى ئوي-پىكىر (ئوبرازلىق تەپەككۇر-تەسەۋۇر) نىڭ رەڭ،شەكىل،ئۇدار،مىلۇدىيە،كارتىنا-كۆرۈنۈش،رىتىم،قۇرۇلما،گارمۇنىيە،سىزىق،بوشلۇق،ھەركەت،كەيپىيات،سېزىم،ئايلانمىلىق(ھەركەت-جىمجىتلىقنىڭ ئالمىشىش دەۋرىيلىكى) قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بىلەن ئىپادىلىنىشىگە قارىتىلغان.سەنئەت تىلى (ۋاستىلىرى)  گۈزەللىك يارىتىش،گۈزەللىك تۇي غۇسى بېغىشلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.شۇڭا ئالاقە تىلى بىلەن سەنئەت تىلى روشەن پەرققە ئىگە.ئادەملەرنىڭ ئالاقە ئېھتىياجى ئالاقە تىلىنىڭ،گۇزەللىكتىن بەھرى مەن بولۇش ئېھتىياجى سەنئەت تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان.
     كەڭ مەنىدىكى تىل بولغان مەۋجۇدىيەت تىلى بىشارەتلىك،ئىماگلىق تىلدۇر.ئادەملىك نەزرى بىلەن قارىغاندا مەۋجۇدىيەتتە تىل بارلىقىنى بايقاش مەڭ
گۈ مۇمكىن ئەمەس.پەقەت مەۋجۇدىيەتنىڭ ،ئالەمنىڭ نەزرىدە تۇرۇپ نەزەر سالغاندىلا ئادەملەرنىڭمۇ مەۋجۇدىيەت ئىچىدىكى ھەركەتلىنىۋاتقان بىر مەۋ جۇتلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.مەۋجۇدىيەت ئىچىدىكى ھەر بىر شەيىنىڭ،جىسىمنىڭ،ھادىسىنىڭ،كۆرۈنۈشنىڭ،ئۆزگىرىشنىڭ،سوزۇلغان ياكى يېيىلغان قىياپەتنىڭ ئۆز تىلى-ئۆزىنى ئىپادىلەش ھالىتى بولىدۇ.بەزى شەيىلەر ئۆزىنى كۆرۈنۈش،رەڭ ئارقىلىق يەنە بەزىلىرى ئاۋاز،رىتىم ئارقىلىق،بەزى شەيىلەر ھەركەت ياكى جىملىق ئارقىلىق، ،بەزى شەيىلەر پايدىلىق تەسىرى يەنە بەزى ھادىسىلەر زور ئاپەت –خەتەر  بولۇپ كەلگەنلىكى....بىلەن ئىپا دىلەيدۇ...مەۋجۇدىيەت تىلى-يەنى مەۋجۇدىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھالىتى-ئادەملەرنىڭ ئالاقە تىلى،ئىما-ئىشارە تىلى،يېزىق تىلى، سەنئەت تىلىغا يېڭى بىشارەت،ئاگاھلاندۇرۇش،سىگنال،ئىلھام،پەخىرلىنىش،سۆيۈنۈش،ئۈمىد،مۇمكىنچىلىك بېغىشلاپ كەلدى.مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزى ئوي-پىكىرنى ئىپادى لىيەلمەيدۇ.چۈنكى مەۋجۇدىيەتتە ئاڭ (ئوي-پىكىر) يوق.لېكىن مەۋجۇدىيەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتى-(جىم-ھەركەتلىك،كەڭلىك-تارلىق،چوڭقۇرلۇق-يۈكسەكلىك،تىزلىق،ئاستىلىق،چوڭلۇق،كىچىكلىك،گۈزەللىك،خۇنۈكلۈك،نەپىسلىك،قوپاللىق،يېقىملىق،يىرگىنىشلىك قاتارلىق تەبىئىي ئېستېتىك قاتلاملىرى )  ئارقىلىق ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.قەلبىدە ھاياجانلىنىش پەيدا قىلىدۇ.نى-نى مەنالارنى يەتكۈزىدۇ.قىسقىسى ئەسلى تىل بولمىسىمۇ ئەمما بىر تەبىئىي تىل بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.
      تىلغا بولغان ئەنئەنىۋى چۈشەنچىمىزدە ئىككى سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ كەلدى.بىرى:تىلنى ناھايىتى تار مەنىدە چۈشىنىۋېلىش،يەنى ئالاقە تىلى بولغان ئېغىز تىلىنىلا تىل دەپ چۈشىنىۋېلىش. يەنە بىرى:تىل ئۇقىمىدا ھادىسىنى كۆرۈپ ماھايەتنى كۆرمەسلىك.ئوي-پىكىرنى يەتكۈزۈش ۋاستىسىنى ( ئاۋاز، ئىش ارە،يېزىققاتارلىق ۋاستىلەرنى) تىل دەپ بىلىپ يادرۇ بولغان ئوي-پىكىرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش.ئوي - پىكىر ماھايەتلىك تىل، مەنبەلىك تىل، ئىچكى تىل، ئىپادىلىنىدىغان-يەتكۈزۈلىدىغان تىلدۇر.چۈنكى ئاۋاز-ئۈن،ئىما-ئىشارە،يېزىق قاتارلىق بەلگىلەر ئوي-پىكىردىن ئايرىلىپ قالساياكى ئوي-پىكىر نى يەتكۈزۈشنى مەخسەت قىلمىسا ھېچنىمە بولالمايدۇ.ئادەمنىڭ ئاۋازنى يېقىملىق تۇيۇلدىرغىنى،ئىما-ئىشارەتلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكىنى،يېزىقنى گۈل دەك  تۇيۇلدىرغىنى دەل ئوي-پىكىر بولغان تەپەككۇردۇر.
    ئوبرازلىق ئوي-پىكىر يەنى ئوبرازلىق تەپەككۇر- ئەدەبىي تىلنىڭ ۋە سەنئەت تىلىنىڭ مەنبەسىدۇر.ئەقلى ئوي-پىكىر ئىجتىمائى پەنلەر،ساھەلەرنىڭ شۇنداقلا تەبىئىي پەنلەر ،ساھەلەرنىڭ ئىلمىي ئىپادە قىلىنىشى-ئىسپاتلىنىشىنىڭ مەنبەسىدۇر.تىل ئالدى بىلەن ئاڭ-تەپەككۇردا زاھىر(ئايان) بولىدۇ.يەنى بىز قانداق ئويلىغان بولساق شۇ بويىچە  سۆزلەيمىز ياكى شۇ بويىچە ئىشارە قىلىمىز ۋە ياكى شۇ بويىچە يازىمىز.بىزنىڭ ئويلىغان چاغدىكى جۈملە تۈزىشىمىز، جۈملە تەرتىپىمىز،جۈملىنىڭ باغلىنىش قانۇنىيىتى قانداق بولسا سۆزلىگەن چاغدىكى،ئىشارە قىلغاندىكى،خاتىرگە يازغاندىكى جۈملە تۈزىشىمىز،جۈملىنىڭ تەر تىپى،جۈملىنىڭ باغلىنىش قانۇنىيىتى يۈزدە-يۈز ئوخشاش بولىدۇ.قىسقىسى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بىلەن ئويىمىزنى ئىپادىلىشىمىز ئوپ-ئوخشاش بولىدۇ.دىمەك تىل ئالدى بىلەن تەپەككۇرنىڭ ئۆزىدۇر.  ئادەم تەنھا خىيال قىلغان چېغىدا كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان ياكى سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋات قان چېغىدىكىدەك نورمال،تەبىئىي يوسۇندا ئوي-پىكىر سۈرەلەيدۇ.خىيال قىلىش-ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەشكەنگە باراۋەر.خىيال سۈرۈشمۇ بىرخىل ئىپادىلە ش -ئىچكى ئىپادىلەشتۇر.خىيال –ئۈن،ئىشارە،يېزىق قاتارلىق تىلنىڭ تاشقى ماددى پوستى(بەلگىلىرى) –ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تاشقىرلىققا(قەلب دۇنياسىدىن تاشقى دۇنياغا ) يەتكۈزۈلمىسە ئىچكى تىل-خىيال بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.گەرچە خىيال قىلىش بىلەن سۆزلىشىش (ئىپادىلەش) ئوبكىتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياغا قارىتىلغانلىقى بىلەن ئوخشىمىسىمۇ تەپەككۇرنىڭ يۈرگۈزىلىشى پۈتۈنلەي ئوخشاش.خىيال قىلغاندا ئېغىز ھەركەتلەنمەيدۇ،ئاۋاز چىقمايدۇ،بىز تىل ئەمىلىيىتىگە ئەستايدىل،ئىنچىكە نەزەر سالىدىغان بولساق خاتىرگە يازغان ھەر بىر جۈملىمىزنىڭ ئېغىزتىلىمىزدىكى جۈملە قائىدىسىگە بويسۇنىۋاتقان لىقىنى،ئېغىز تىلىمىزدىكى ھەر بىر جۈملىنىڭ تۈزۈلۈش قائىدىسى بولسا ئوي-پىكرىمىزدىكى ھەر بىر جۈملىنىڭ تۈزۈلۈش قائىدىسىگە ئۇيغۇنلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.بىزنىڭ ئويلىغان،سۆزلىگەن ،يازغان ،ئىشارەت قىلغان چاغدىكى جۈملە تۈزۈش تەرتىپىمىزنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىمىز.دېمەك ئىما-ئىشارە تىلى ،ئېغىز تىلى،يېزىق تىلى قاتارلىق ئىپادە تىلىنىڭ ئۈچ تەركىبى قىسمىدىكى ئەڭ كىچىك تىل بىرلىكى بولغان جۈملىنىڭ تۈزۈلىشى  ئىچكى تىل بولغان ئوي-پىكىردىكى  جۈملىنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنيىتىگە بوي سۇنىدۇ. تەپەككۇر-ئوي-پىكىر تىلنىڭ مېغىزىدۇر.ئىپادە تىلى (ئېغىز،ئىشارە،يېزىق قاتارلىقلار)تىلنىڭ تاشقى پوستىدۇر.ئوي-پىكىر –گەۋدە،ئىپادىلەش ۋاستىلىرى تىلى–سايە،كۆلەڭگۈ،شولىدىن ئىبارەت.يەنە كېلىپ ئوي-پىكىردىكى جۈملىنىڭ ئاۋازدكى،ھەركەتتىكى،قەغەز يۈزىدىكى كۆلەڭگۈسى-سايىس-شولىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا تىل دېگەن نىمە؟ دېگەن مەسىلىگە «ئوي-پىكىر بىلەن  ئوي-پىكىرنى توغرا،تولۇق،تىز ئىپادىلەپ (يەتكۈزۈپ) بەرگۈچى  ۋاستىنىڭ ئورگانىك (ئايرىلماس)بىرلىكى تىل دەپ ئاتىلىدۇ.» دەپ تەبىر بەرگەندىلا تىلنىڭ مېغىزى بىلەن ماددى پوستى گەۋدىلەنگەن توغرا جاۋاپ بولىدۇ دەپ  قارايمەن.
ئىپادە تىلىنىڭ چوڭ بىر تۈرى بولغان سەنەت تىلىغا كەلسەك سەنئەت تىلىمىۇ ئوبرازلىق ئوي- پىكىرگەئۇيغۇنلىشىدۇ.بىر سەنئەتكار مەيلى قايسى تۈردىكى سەنئەتكار بولىشىدىن قەتئى نەزەر پۈتكۈل سەنئەتكارلارغا ئورتاق بولغان ئوبرازلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ھەم ئۇنىڭ گەۋدىلىنىشى بولغان تەسەۋۇردىن ئايرىلالمايدۇ.مەيلى ئىجادى ياكى تەقلىدى سەنئەت  ئەسەرلىرى بولسۇن ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر تەسەۋۇر شەكلىدە نامايەن بولىدۇ.شۇ تەسەۋۇر ئالدى بىلەن سەنئەتكارنىڭ مېڭىسىدە پەيدا بولىدۇ.تەسەۋۇرنىڭ (سەنئەت ئەندىزىسىنىڭ) شەكىللىنىشى سەنئەت ئەسىرىنىڭ مېغىزىدۇر.ئۇنى ئىپادىلەش (يا رەسىم،يا ئۇسۇل،يا مۇزىكا،يا ھەيكەل،يا ناخشا ....ئارقىلىق) بولسا سەنئەتكارلارنىڭ كەسپى خاراكتىرى ۋە قۇراشتۇرۇش،ئىپادىلەش ماھارىتىگە باغلىق. سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئاپىردە بولغان تەسەۋۇردۇر.شۇ تەسەۋۇر سەنئەت ئارقىلىق،جۈملىدىن تىل سەنئىتى بولغان ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلىشىمۇ مۇمكىن.....
    تىل-تەپەككۇر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ يەنى ئوي-پىكىر بىلەن ئوي-پىكىرنى ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەشنىڭ ئورگانىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىشى ئىكەنلىكىنى ئومۇممىي نوقتىدىن چوڭقۇر تونىشىمىز زۈرۈر.ئەگەر تەپەككۇر بولمىسا ئىپادىلەش مەۋجۇت بولمايدۇ.ئەكسىچە ئىپادىلەش بولمىسا تەپەككۇر تاشقىرلىققا ئىپادىلەنمەيدۇ.شۇڭا تەپەككۇر بىلەن ئىپادىلەش خۇددى ئاي بىلەن ئاينىڭ شولىسىغا ئوخشاش ئىنتايىن بىرىكىپ كەتكەن ئايرىلماس بىر گەۋدە.ئەگەر ئىپادىلەش (ئىپادىلەش -ۋاستىلىرى) بارلىققا كەلمىگەن بولسا تەپەككۇر ئۆزىنىڭ يەككىلىكى، بىرتەرەپمىلىكى، قىسمەنلىكى، تارلىقى، تېيىزلىقى، يۈزەكلىكى ،چەكلىمىلىكى بىلەن توختىغان،چېكىنگەن،ھەتتا يوقالغان بولاتى.ئاڭ ئەڭ ئىپتىدائى ھالەتتە قېلىپ رەسمى ئاڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلمىگەن، ئادىمىيلىك مۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتى....تەپەككۇر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ مۇناسىۋېتىدە تەپەككۇر ئادەمنىڭ ئويغاق،سەگەك ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە ئىپادىلىنىشكە مۇھ تاج.تامچىلارنىڭ قوشۇلىشىدىن دەريا ھاسىل بولغاندەك يەككە ئادەملەرنىڭ ئاڭ-تەپەككۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىپادىلىنىشىدىن،يۇغۇرىلىشىنىڭ داۋاملىشى شىدىن ئىنسانىيەتنىڭ كوللىكتىپ ئېڭى بارلىققا كەلگەن....
    تىل بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتىدە تىل ئاۋال بارلىققا كەلگەنمۇ؟ ياكى ئاڭ تەپەككۇر ئاۋال بارلىققا كەلگەنمۇ ؟ دېگەن مەسلىدە تەپەككۇرنىڭمۇ، تىل نىڭمۇ ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.تىل ۋە تەپەككۇرنىڭ بىللە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى جەزىملەش تۈرگىلى بولىدۇ.ئاڭ تەپە ككۇر ناھايىتى كەڭ ئۇقۇم بولسىمۇ ئاڭ تەپەككۇر بىخلىنىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن ئىپادىلىەش ( ئاساس لىقى ئىشارەت ۋە بەلگە خا راكتىرلىك ئاۋازلار ئارقىلىق) تەڭ ئېلىپ بېىرىلغان بولىشى مۇمكىن.ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئوي-پىكىر،ھېسسىيات ئال ماشتۇرۇش رىتىمى تىزلەشكەنلىكى،شۇ جەرياندا تەپەككۇر بىلەن بىلەن ئىپادىلەشنىڭ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.ئىنسانىيەتتە مۇ كەمەل ئاڭ ۋە مۇكەمەل تىل شەكىللەنگەن باسقۇچقا كەلگەندىلا ئاڭنىڭ كەڭ،ئومۇمى ئۇقۇم بولۇپ،تىلنىڭ تار،تارماق ئۇقۇم بولۇپ ئايرىلىپ ھازىرقى ھالە تنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى بولغانلىقى شەكسىز.
  مەۋجۇدىيەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن قارىغاندا تىل مەۋجۇدىيەت تىلى ۋە ئادەملەر تىلى (ئىپادە تىلى بولغان سەنئەت تىلى ،سەنئەت تىلىنىڭ ئەڭ ئالىيلىغىغا مەنسۇپ بولغان ئەدەبىي تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) دىن ئىبارەت چوڭ ئىككى تۈرگىلا بۆلىنىدۇ.مەۋجۇدىيەت تىلى –ئىپادىلى نىش،ئەكس ئەتتۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلىدىغان،كۈتىدىغان تىلدۇر.ئۇ ئادەملەرنىڭ ئېڭى بولغان ئوي-پىكرىدە ئەكس ئېتىدۇ.زاھىر بولىدۇ.ئاڭ تەپەككۇرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاشقى دۇنيا ھەققىدە يۈرگۈزىلىدۇ.يەنى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تۇرغان مۇھىتقا قارىتا ئادەم ئېڭىدا تەسىرات،ئوي-پىكىر پەيدا بولىدۇ. تاشقى دۇنيا ئاڭ تەپەككۇردا ئەكس-ئېتىدۇ.ئاڭ تەپەككۇر بولسا ئىپادىلەش -ۋاستىلىرى ئارقىلىق تاشقىرلىققا-ئادەملەرگە يەتكۈزىلىدۇ.مەۋجۇدىيەت تىلى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىدىغىنى -يادرۇ بولغان ئاڭ تەپەككۇردۇر.
        ئالاقە تىلنىڭ كونكىرتلىقى –مىللى تىل ئىكەنلىكىدە كۆرۈلسە،تىلنىڭ ئومۇممىيلىق خۇسۇسىيىتى-بارلىق مىللەت تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.ئاناتىل-مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ بىرىنچى زۈرۈر ئامىلى.ئانا تىل –مىللەتنىڭ ئاڭ تەپەككۇرى،پىسخىكىسى،مەدەنىيىتى،ئۆرپ-ئادەتلىرى قىسقىسى ئىدلوگىيسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.مىللى تىل نوقتىسىدىن قارىغاندا پەقەت ئىما-ئىشارە تىلىنىڭلا مىللى خاسلىقى يوق بولۇپ دۇنيا بويىچە ئورتاق تىلدۇر.ئىپادە تىلىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا تارماقلىرى –ئېغىز تىلى،يېزىق تىلىنىڭ روشەن مىللى خۇسۇسىيىتى بولىدۇ.ئىككىلەمچى تىل ياكى ۋاستىلىق تىل بولغان سەنئەت تىلىنىڭمۇ مىللى خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
    ئەدەبىي تىل-ئىككىلەمچى تىل بولغان سەنئەت تىلىنىڭ ئەڭ ئالى ئورۇندا تۇرىدىغان تەركىبى قىسمى ھېساپلىنىدۇ.بۇنداق دېگەنلىك ئەدەبىي تىلنىڭ ئالاقە تىلى بولغان ئېغىز تىلى،ئىما-ئىشارە تىلى،يېزىق تىلى بىلەن باغلىنىشى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.ئەدەبىي تىل ئېغىز تىلى،يېزىق تىلى،ئىما-ئىشارە تىلىنى ئ.ۆزىگە خام ماتىريال قىلىدۇ.ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى ۋە يادرۇلۇق ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا  ئىپادىلەش ئۈنۈمى،ئوينايدىغان رولى ئالاقە تىلىدىن يەنى ئېغىز تىلى،يېزىق تىلى ،ئىما-ئىشارە تىلىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ سەنئەت تىلىنىڭ ئەڭ ئالىدەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ.«ئەدەب ىيات-تىل سەنئىتى»«ئەدەبىيات-سەنئەت» دېگەن ئاتالغۇلار بىكار بارلىققا كەلمىگەن.ئەدەبىيات جەمىيەتتىكى رولى جەھەتتە سەنئەت بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇلىدۇ.ئىلمى تەتقىقات،پەننىي ساھەدە بولسا ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن بىر قاتارغا تىزىللىدۇ.ئەدەبى تىلنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا ئۇ مۇتلەق ھالدا سەنئەت تىلىغا تەۋە.ئەدەبىي تىلنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك.
      ئالاقە تىلى بولغان ئىما –ئىشارە،ئېغىزتىلى،يېزىق قاتارلىق ئۈچ تەركىپ ئىچىدە ئېغىز تىلى ئەڭ چوڭ رولغا،ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ كەلدى.ئىما-ئىشارە تىلى ئېغىز تىلى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەندە ئېغىز تىلىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى،يېزىق تىلى ئېغىز تىلىنىڭ خاتىرلىگۈچىسى بولۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.ئىما-ئىشارە تىلىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئالاقە قورالى بولغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئادەملەردىكى ئىما-ئىشارە تىلى ناھايىتى ئۇزاق ھەتتا مىليۇن يىللاردىن كىيىن رەسمى ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئىما-ئىشارە تىلىغا ئايلانغان بولىشى مۇمكىن.تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالغا نەزەر سالايلى:بىرىنچى: ئەڭ ئىپتىدائى ئادەملەر ئىما-ئىشارە ئارقىلىق ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىش،پىكىر،ھېسسىيات،قەلب ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج.ئىككىنچىدىن ھەرقانداق دەۋر دىكى تۇغما تىلسىزلار(گاچىلار) ئىما-ئىشارە تىلىنى ئىشلىتىشكە مۇھتاج.ئۈچۈنچىدىن : نەزەربەنت قىلىپ ئېغىزىغا بىر نەرسە كەپلەپ قويۇلغانلار ئىما-ئىشارە قىلىشقا مۇھتاج. يۇقۇرقى ئەھۋالدىن ئىما-ئىشارە تىلىنىڭ ئىنسانلاردىكى ئەڭ دەسلەپكى ئالاقە ۋاستىسى بولغانلىقى كۆرۈلۈپ تۈرىدۇ.ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجى يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا قەلب،پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بولۇپ گەۋدىلەنگەن.كۆز ئىشارىسى،چىراي ئىپادىسى، بەدەننى ھەر خىل بۇراش،ۋاقىراش،ھەركەت ھالىتى ۋە بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ،قول ئىشارىسى قاتارلىقلار ئىما –ئىشارە دىن ھالقىپ بەدەن تىلى بو لۇپ ئىپادىلىنىپ ئوي-پىكىرنى ئەكس-ئەتتۈرگەن.شۇ ئارقىلىق مەخسىدىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزگەن.بارلىق ئىما-ئىشارە،بەدەن تىلى ئوي-پىكىرنى ئىپا دىلەش ۋاستىسى بولغان.
       ئېغىز تىلىدىكى مەنىلىك ئۈن-ئوي پىكىرنىڭ ئاۋازدىكى كۆلەڭگۈسىدۇر.ئېغىز تىلى بولغان مەنىلىك ئۈننىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى،فىزولوگىيلىك خۇ سۇسىيىتى ھايۋانلارنىڭ ئۈنى-ئاۋازىدىكى خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە.پەقەت ئىجتىمائى خۇسۇسىيەت –مەنا يۈكلەش،مەنا سىڭدۈرۈش،مەنا يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىلا مۇتلەق پەرقلىنىدۇ.ئىپتىدائى دەۋر ئەمەس ھازىرقى دەۋردىمۇ بىر بوۋاق ئادىمزاتتىن مۇتلەق ئايرىۋېتىلىپ،ئادەمگە يات بولغان سۈننىي بېقىش،يېتىشتۇرۇش شارىتىدا چوڭ قىلىنسا (پۈتكۈل ئىنساننى تەربىيە قىلچە سىڭدۈرۈلمىسە) تەبىئىي ھالدا ئادەم قىياپىتىدىكى باشقا بىر جانلىق بو لۇپ يېتىلىپ،تىل،تەپەككۇر،ئاڭ ،ئادىمىيلىك دېگەنلەرگە پۈتۈنلەي يات بولىدۇ.ئىجتىمائى (ئادەملەر كوللىكتىپىغا ماشلىشىشچانلىق) خۇسۇسىيەتنى يېتىل دۈرەلمەيدۇ.ئىما-ئىشارە تىلى،ئېغىز تىلى،يېزىق تىلى قاتارلىقنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى.ئاڭ تەپەككۇرمۇ ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى.يەككە ئادەم ياشىيالمايدۇ،ھېچنىمە بولالمايدۇ.
   سەنئەت تىلى ئالاقە تىلىدىن ئىپادىلەش جەھەتتە زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن تىلدۇر.ئالاقە تىلىنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولغان ئېغىز تىلى جەمىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىدۇ.سەنئەت تىلى بولسا كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش،گۈزەللىكنى سۆيۈش ئارزۇسى، تەلپىنى ئورۇنلاش ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.شۇڭا سەنئەت تىلى ئالاقە تىلىدەك تۈز،ئۇدۇل،ئاددى،دەل،ئاممبىباپ شۇنداقلا مەنانى ئوچۇق،ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس.سەنئەت تىلى ئېستېتىك ئۆلچەم بويىچە نەپىس،كۆركەم شەكىل،يېپىق،يوشۇرۇن ئۇسۇل،گۈزەل،ئۆزگىچە ۋاستە-تىل،مۇۋاپىق ھەجىم،پۇختا قۇرۇلما ئارقىلىق ئوي-پىكىرنى بىر گۈزەل دۇنيا سىياقىغا كەلتۈرۈپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.شۇڭا سەنئەت تىلى يالڭاچ-ئاشكارە تىل ئەمەس.بەلكى جەلپكار سېھىرلىك تىلدۇر.سەنئەت تىلى تۈرلىرىگە ئەدەبىي تىل،مۇزىكا تىلى،ئۇسۇل تىلى،رەسساملىق تىلى،ئاكتىيۇرلۇق(سەھنىدە رول ئېلىش) تىلى،ھەيكەلتاراشلىق تىلى،بىناكارلىق سەنئىتى تىلى....قاتارلىقلار كىرىدۇ.سەنئەت تىلىنىڭ جېنى-يادرۇسى دەل ھېسسىيات- سېزىمچانلىقتۇر. سەن ئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى مەيلى بىرەر يۈزگە يېتىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ۋە ئىپادىلەش ۋاستىسى ئوخشاشلا بىرەر يۈز خىل بولغان ھالەتتىمۇ يادرۇسى-ھېسسىياتقا مەركەزلەشكەن بولىدۇ.سەنئەت ئەسەرلىرىگە ھېسسىيات كۈچلۈك ياكى چوڭقۇر ،ياكى سۈزۈك،ياكى قويۇق ھالەتتە سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ. سېزىم چانلىق –سەنئەتتە تەسەۋۇر بىلەن ئوخشاشلا موھىم رول غا ئىگە.تەسەۋۇر –بىر بەدەن دېيىلسە،ھېسسىيات شۇ بەدەندىكى قان دېگەنلىكتۇر.شۇڭا سەنئەت نىڭ ئىپادىلەش ۋاستىلىرى-تىللىرى قويۇق سېزىم-سەزگۈچانلىققا ئىگە بولىدۇ.يا رەسىمدە،يا ئۇسۇلدا،يا مۇزىكىدا،ئېكران سەنئىتىدە ناھايىتى كۈچلۈك سەز گۈچانلىقنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى-جانلىق،جەلپكار  ماددى ۋە روھى دۇنيانىڭ جانلاندۇرۇلۇپ يورىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
    تەپەككۇر –ئوي –پىكىر تىلى تەرتىپى تاۋۇش(ھەرىپ) تىن باشلىنىپ بوغۇم،سۆز،جۈملە بۆلىكى،جۈملىگىچە سوزۇلغان بولىدۇ.شۇ جەريان تاۋۇش، بوغۇم، سۆز،جۈملە بۆلىكى،جۈملە قاتارلىق كىچىك بەش بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.شۇ جەريان ئالدى بىلەن ئويدا-تەپەككۇردا زاھىر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوي-پىكىردىكى جۈملە تەرتىپى دېېيىش مۇۋاپىق.ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچ قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىرىنچىسى:تېنچ ئوي-پىكىر بولۇپ ئىپادىلىنىش قاتلىمى.بۇ بىر ئادەمنىڭ تەنھا خىيال سۈرىشىدىن ئىبارەت.ئىككىنچى: مونىلۇگ-ئۆز-ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش قاتلىمى .ئىچى سىقىلىپ چىدىمىغان ئادەملەر  ۋاقىراپ تاشلايدۇ.بۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەشكەنلىكتۇر،.چوڭقۇر ئويغا چۆككەن ئادەملەرمۇ بەزىدە تۇيماي ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلىشىپ قالىدۇ. نېرۋىسى دىن ئاداشقانلارنىڭ دائىم ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشى ئادەتتىكى ئەھۋال.بەزىدە خىيالى تۇيغۇ بىلەن ئويغاقلىقنى ئارلاشتۇرۋالىدىغان ئەھۋال ياشانغانلاردا شۇنداقلا ئېغىر كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ.مونىلوگ قاتلىمىنىڭ ئەكس ئېتىشى كۆپ خىل بولىدۇ.بىر تەرەپتىن ئوي بولۇپ يۈرگۈزۈلۈش يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكاس بولۇپ ئىپادىلىنىش قاتلىمى.بۇ ئىما –ئىشارەتىلى،ئېغىز تىلى،يېزىق تىلىدا بىر تەرەپتىن ئويلاپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشارەت قىلىۋاتقان،ياكى سۆزلەۋاتقان ۋەياكى يېزىۋاتقان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.
   ئالاقە تىلىدىكى ئىلمىي تىل (ئىلىم-پەن تىلى ،ئىلمىي ئەسەرلەر تىلى) ئاڭ تەپەككۇرنى مۇكەمەللەشتۈرۈشتە غايەت رولئ وينىدى.ئىلمىيلىق-ئەمىلىي، توغ را،كونكرت،ئېنىق،تەرتىپلىك،ئىلغار ،ئىجابى مىتود سۈپىتىدە ئوي-پىكىرگە ئىجادى روھ بېغىشلىدى.ئىلمىيلىق-تەبىئىي ۋە ئىجتىمائى قانۇنيەتلەرنى بايقاپ، ئىنسانىيەتنىڭ،جەمىيەتنىڭ،دۇنيانىڭ،ئاڭ-تەپەككۇرنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.سەنئەت تىلىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىل ھېسسىيات –سېزىمچانلىق بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان كۆرۈش سەزگۈسى،ئاڭلاش سەزگۈسى،تېگىشىش سەزگۈسى،تېتىش سەزگۈسى،پۇراش سەزگۈسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقۇ رقى بەش خىل سەزگۈ پۈتكۈل جانلىقلارغا ئورتاق بولسىمۇ پەقەت ئىنسانلارلا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق تەپەككۇرنى ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر مەھسۇلى بولغان تەسەۋۇرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.سېزىمچانلىق –ھېسسىي بىلىش(ئوبرازلىق تەپەككۇر) نى تەدرىجى بارلىققا كەلتۈرگەن.مەنتىقىلىق تىل –پاكىتلىق، توغرىلىق،ئىلمىيلىق،ئېنىقلىق تەرتىپى ئارقىلىق ئەقلى يەكۇن چىقىرىدۇ.ئوبرازلىق ئوي-پىكىر ۋە مەنتىقىلىق ئوي-پىكىرئىنسانىيەتنىڭ تەڭداشسىز بىر جۈپ تەپەككۇر قورالى.
   مىكرۇ ئالەم بولغان ئاڭنىڭ ماكانى نېرۋا-نۇرغۇن بۆلەككە-رايۇنلارغا بۆلۈنگەن.«تىل بۆلىكى»شۇ رايۇنلارنىڭ بىرى.ئادەم چۈش كۆرۈش ھالىتىدە تۇرغان دىمۇ چۈش ئارقىلىق ئاڭ ئېقىنى بولغان ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش تەرتىپىنى توختاتمايدۇ.ئادەم چۈش كۆرگەندە يوشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىق ئوي-پىكىر تىلىنى دا ۋام قىلىدۇ.ئويغاق چاغدا بولسا ئېنىق(سەزگۈر،ئويغاق) ئاڭ ئارقىلىق ئويلىنىشنى-ئوي-پىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.ئويلىنىش-ماددى ۋە مەنىۋى ھەركە تنىڭ بىرلىكىدۇر.چۈنكى ئويلانغاندا يۈرەك رىتىمى (قان ئايلىنىش) مېڭىگە قان يەتكۈزىدۇ.نەپەس رىتىمى ( ئۆپكىنىك ھاۋا ئالماشتۇرىشى) ئادەم تېنىكى  ھاۋانىڭ يەڭگۈشلىنىپ  تۇرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.نەپەس رىتىمى بىلەن يۈرەك رىتىمى ئادەم ھەركەتلەنگەندىلا ئەمەس ھەتتا قاتتىق ئۇيقۇغا كەت كەندىمۇ توختاپ قالمايدۇ.شۇڭايۈرەك مەڭگۈ دەم ئالمايدىغان ئەزادۇر.ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى نىسپى ھەركەتتۇر.شۇڭا ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشنى ھەتتا چۈشنىمۇ ماددى ۋە مەنىۋى ھەركەتنىڭ بىرىكتۈرۈلىشى دېيىش تامامەن توغرا.
    ئومۇملاشتۇرغاندا تىل ئۇقىمىغا ئىنسانلار نەزرى نوقتىسىدىن قارىغاندا پەقەت ئالاقە تىلىلا مەۋجۇت.مەۋجۇتلۇقنى ئىپادىلەش نەزرى نوقتىسىدىن قارىغان دا تار مەنىدىكى تىل بولغان  ئادەملەر تىلى،ئىككىلەمچى تىل بولغان سەنئەت تىلى،كەڭ مەنىدىكى تىل بولغان مەۋجۇدىيەت تىلى مەۋجۇت. ئادەملەر بىل ەن مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن قارىغاندا ئادەملەر تىلى بىلەن مەۋجۇدىيەت تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىللا مەۋجۇت.ئىنساننىڭ ياشاش زۈرۈريىتى نوقتىسەىن قارىغاندا ئالاقە تىلى پەۋقۇلادە موھىملىققا ئىگە.مەنبە بىلەن يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان (يەتكۈزىدىغان ) ۋاستىنىڭ بىرىكمىسى تىل دىيىللىدۇ. ئالاقە-يەتكۈزۈش –ئىپادىلەش ۋاستىلىرى تىلنىڭ تاشقى پوستى، كۆلەڭ گۈسى،سايىسىدۇر.شۇڭا تىل –تەپەككۇر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت. تۆۋەندىكى بايانلاردا ئۇچرايدىغان «تىل» ئاتالغۇسى بىردەك «تەپە   ككۇر  بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرىلىشى »دېگەن مەنىدە.شۇڭا قايتا ئىزاھات قىستۇرمايمەن.



     داۋامى  بار   ( 1-بۆلەك تۈگىدى،يەنە 2  بۆلەك بار. )

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 19:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2:  ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى ۋە  ئۇنىڭ  مەنبەسى

1 ): تىلنىڭ بىرلىكىنى تەشكىل قىلغۇچى موھىم تەركىپلەر


     تاۋۇش ،بوغۇم،سۆز ،جۈملە ،نوتۇق (تېكست) –ئىنسانلار تىلىدىكى موھىم تەركىپلەردۇر.تاۋۇش-ھۈجەيرە.بۇغۇم–توقۇ لما(ئەت)،سۆز-ئەزا،جۈملە–بۆلەك(ئەزالار بىرلىكى)،نوتۇق(تېكست)-گەۋدىدۇر. تاۋۇش ئايرىم تۇرغاندا موھىملىغى بىل ىنمەيدۇ.تاۋۇش پەقەت بوغۇم تەركىبىگە ،تېخىمۇ موھىمى سۆز تەركىبىگە كىرگەن چاغدىلا رول ئۆتەيدۇ..تاۋۇش ۋە بوغۇم لار سۆزنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن كېيىن تىل ئىستىمالىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بارلىققا كېلىدۇ.سۆزنىڭ بارلىققا كېلىشى سۆز نىڭ يەككە ھالىتىنىڭلا بارلىققا كەلگەنلىكىدۇر.سۆز ئايرىم تۇرغاندا يېڭى رول ئوينىمايدۇ. سۆز جۈملە تەركىبىگە كىرگەن دىن كېيىن جانلىق-جانسىزلىقى،ئوبرازلىق-ئوبرازسىزلىقى،ئۇزۇن-قىسقىلىقى-رىتىمدارلىقى-رىتىمسىزلىقى،...قاتارلىق ئالا ھىدىلىكلىرى كۆزگە چېلىقىش بىلەن بىرگە تاۋۇشلار،بوغۇملارنىڭ ئىنتايىن جايدا بولغان ياكى بولمىغانلىقى بايقىلىدۇ.
    تىلنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىپلەر ئىچىدە سۆز،جۈملە،تېكىستنى تىلنى تەشكىل قىلغۇچى «ئۈچ يادرۇ» دېيىشكە بولىدۇ. بىز ھەرقانداق تىلدىكى ھەرقانداق بىر ئەسەرنىڭ سۆز،جۈملە،تېكستتىن ئىبارەت ئۈچ موھىم تەركىپنىڭ يۇغرۇلمىسى ئىك ەنلىكىنى بايقايمىز.سۆز،جۈملە،تېكست قاتارلىق ئۈچ تەركىپنىڭ ھەر بىرى ئايرىم –ئايرىم مۇستەقىل بىرگەۋدە بولۇپ قال ماستىن يەنە ئۆز-ئارا زەبجىرسىمان باغلىنىشچانلىققا ئىگە.سۆزنىڭمۇ،جۈملىنىڭمۇ،تېكستنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈزۈلۈش قاانۇننى يىتى  بولىدۇ.تېكست پۈتۈنلۈك -ئومۇمى گەۋدىدىن ئىبارەت.كونكېرتلىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا سۆزنىڭ ۋە جۈملىنىڭ رولى پەۋقۇللادە موھىملىققا ئىگە.سۆز ھەركەتچان ئەزا بولۇپ قالماستىن جۈملىمۇ ھەركەتچان قۇرۇلما.سۆزنى قايتا-قايتا ئالماشتۇرۇش،تاللاش مۇمكىن بولغاندەك،جۈملىنىمۇ (مىسرانىمۇ،دىيالوگنىمۇ) قايتا-قايتا قۇراشتۇرغىلى،ئەڭ ياخشى دەرى جىگە بارغىچە تۈزەتكىلى بولىدۇ.سۆزنى يەڭگۈشلەش بىلەن،جۈملىنى داۋاملىق يېڭىلاپ قۇراشتۇرۇش تېكستنىڭ سۈپىتىنىڭ كۆڭۈلدە ئويلىغاندىكىدەك يھخشى دەرىجىگە يېتىشى ئۈچۈندۇر.شۇڭا سۆز،جۈملە،تېكستنىڭ مۇناسىۋىتى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.يەنى ياخشى سۆز تاللاش ياخشى تۈزۈلگەن جۈملىلەرنى،ياخشى تۈزۈلگەن جۈملىلەر سۈپەتلىك تېكستنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسى دېگەنلىكتۇر.سۆز،جۈملە،تېكستنىڭ سۈپىتىگە تاۋۇش ۋە بوغۇم ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۆزنىڭ، جۈملىنىڭ،تېكستنىڭ زىيادە كېلەڭسىز،چۇۋالچاق،تېتىقسىز بولۇپ قېلىشى ياكى ئىخچام،پۇختا،مېغىزلىق بولىشى ئالدى بىل ەن تاۋۇش،بۇغۇملارنىڭ پىرىسلاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىگە باغلىق.ئەگەر بىر تېكستنىڭ ھەربىر جۈملى سىدىكى ھەر بىر سۆز كۆپ نوقتىدا تۇرۇپ تاللاشتىن ئۆكەن بولسا تېكستنىڭ ئىنتايىن سۈپەتلىك تېكست بولغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.بۇ خىل تاللاش ۋە تاۋلاش تىلنىڭ ئىخچاملىقى،ئىپادىلەش كۈچىگە باي ئىكەنلىكى مەسلىسىگە چېتىلىدۇ.
     تىلغا كونكرت قاراش بىلەن بىللە يەنە ئىنچىكە نەزەر بىلەن قاراش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا تاۋۇش نەزەرگە ئېلىنى دۇ.تىلدا بىر تاۋۇش تاۋۇشنىڭ ،بوغۇمنىڭ،سۆز نىڭ،جۈملىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان پەۋقۇللادە ئالاھىدىلىكمۇ مەۋجۇت. بۇ، تىلنىڭ ئەڭ ئىخچاملىقى،مېغىزلىق ئالاھىدىلىكىنى يارقىن گەۋدىلەندۈردىغان تەرپىدۇر.مەسىلەن؛تۆۋەنىدىكى دىيالوگقا نەزەر سالايلى:
    -كىم كەتتى؟
    -ئۇ.
«ئۇ» ئەسلى بىر تاۋۇش بولسىمۇ ئۆز رولىدىن ئۈچ دەرىجە (بوغۇم،سۆز،جۈملە بۆلىكى) ھالقىپ  جۈملە بولۇش رولىنى ئۆتى يەلىگەن.جۈملە تەركىبىدىكى ھەر بىر سۆزگە ئارتۇقچە قوشۇلغان تاۋۇشمۇ سېزىلىپ قالىد.كەم قالغان تاۋۇشمۇ سېزىلىپ قا لىدۇ.تاۋۇشنىڭ رولى سۆز ياساش جەھەتتىلا ئەمەس سئۆزنىڭ،جۈملىنىڭ پۇختىلىقى،مۇكەمەللىكىدىمۇ موھىم رولغا ئىگە. تىلنىڭ ئاھاڭدارلىق-رىتىمدارلىق خۇسۇسىيىتىگە،شۇنداقلا تىلىنڭ دەللىك،ئىخچاملىق،راۋانلىق،يەڭگىللىك خۇسۇسىيىتى گە تاۋۇشنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى روشەن بولىدۇ.ئالاقە تىلىدا بولسۇن ياكى ئەدەبىي ئەسەر تىلىدا بولسۇن بۇ ئەھۋال ناھايىتى ئېنىق سېزىلىپ قالىدۇ.
    تىلنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىپلەر ئىچىدە سۆز پەۋقۇللادە موھىم ئاچقۇچتۇر،ھەتتا كۆپۈنچە چاغلاردا «تىل ئىشلىتىش» ئۇقىمى كونكېرت جەھەتتە «سۆز ئىشلىتىش »دەپمۇ  ئېيتىلىدۇ.سۆز ئىشلىتىش ئالاقە تىلىدا ياكى ئەدەبىي  تىلدا 4 خىل ئۇسۇلدىن ھالقىپ كەتمىدى.يەنى ئورۇنسىز سۆز ئىشلىتىش،ئادەتتىكىچە سۆز ئىشلىتىش،سۆزنى پاساھەتلىك ئىشلىتىش، سۆزنى يېڭىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار.بۇلارنىڭ ئىچىدە پاساھەتلىك سۆز ئىشلىتىش ،سۆزنى يېڭىلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن.ئورۇنسىز سۆز ئىشلىتىش -ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەس.لېكىن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەسلىك ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز بولۇش شۇنداق بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.90 پىرسەن ئادەم ئادەتتىكىچە سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.ئاممىباپلىق خۇسۇسىيەت ئاساسلىقى ئادەتتىكىچە سۆز ئىشلىتىقش ئۇسۇلىغا مەركەزلەشكەن.«گەپكە ئۇستا»«ئېڭىكى كۈچلۈك» دېگەن ناملار پاساھەتلىك سۆزلىيەلەيدىغانلارغا قارىتىلغان.سۆزنى يېڭىلاپ ئىشلىتىش-ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۆزنىڭ يېڭى،يوشۇرۇن مەنىلىرىنى قېزىش،ئېستېتىك ئۆلچەم بويىچە سۆز ياساش ...ئۇسۇللىرىغا قارىتىلغان.
    جۈملە تىلغا ئېلىنغاندا ئېغىز تىلىدىكى بىر قۇۋۇز (بىر تىنىق بىلەن ئاخىرلاشقان ئوي-پىكىرنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى) گەپ ،يېزىقتا بىر قۇر دا تىنىش بەلگىسى بىلەن ئاخىرلاشقان جۈلە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.جۈملىنىڭ شەكلى شئېىريەتتەمىس را،سەھنە ئەسەرلىرىدە دىيالوگ،نەسىر،پروزا ئەسەرلىرىدە ئەينەن ھالىتى (جۈملە شەكلى) دە كېلىدۇ.ئادەتتە سۆزلىگەن چاغدىكى جۈملە تۈزىشىدىن سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق ساپادىكى،قانچىلىك سەۋىيەدىكى ئادەملىكى بىلىنىپ قالىدۇ. يازغۇ چىنىڭ تۈزگەن جۈملىلىرى،شائىرنىڭ مىسرالىرى بەدىئىي ماھارەتتىن باشقا ناھايىتى كۆپ تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى ئاشكار لاپ بېرىدۇ.قىسقىسى تېكست (ئەسەر) يالغۇز بەدىئىي ماھارەتنىلا نامايەن قىلىپ قالماستىن بىلىمى،مەلۇماتى،نەزەر-دائى رسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىرىنى ئاشكارلاپ بېرىدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 19:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مەۋجۇدلۇقنى ئىپادىلەش نوقتىسىدىن قارىغاندا تىلنى مەۋجۇدىيەت تىلى(ھايۋانلارنىڭ ئىپتىدائى ئالاقە بەلگىلىرى،ئاۋازلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)، ئىنسانلار تىلى ۋە سەنئەت تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
...                        ....                        ...
مەۋجۇتلۇقنى ئىپادىلەش نەزرى نوقتىسىدىن قارىغان دا تار مەنىدىكى تىل بولغان  ئادەملەر تىلى،ئىككىلەمچى تىل بولغان سەنئەت تىلى،كەڭ مەنىدىكى تىل بولغان مەۋجۇدىيەت تىلى مەۋجۇت.
_________________________________________________


ئىنسان بىلەن مەۋجۇدىيەتنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىپسىز، مەۋجۇدىيەت ۋە مەۋجۇدىيەت تىلى ھەققىدە يەنىمۇ سۆزلەپ باقسىڭىز؟


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 19:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2) ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى
   ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكى: سۆزى ئىخچام،جۈملىلىرى قىسقا،تۈزۈلۈشى ئاددى،قۇرۇلمىسى پۇختا،بايان رې تىمى راۋان،تۈسى يەڭگىل،ئاھاڭدارلىقى يارقىن،شەكلى كۆركەم،نەپىس،ئوبرازچانلىقى كۈچلۈك،قاراتمىلىقى ئېنىق، مەنادار لىق قاتلىمى كۆپ،باغلىنىشچانلىقى زىچ،يېپىشقاقلىقى گەۋدىلىك،لۇغەت بايلىقى مول،ساپلىق دەرىجىسىنى ئاساسى مەنبە    ىلغان،مەنادارلىقى كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا سوزۇلغان،ئىشلىتىشكە ئەپلىك،تەلەپۇز قىلىشقا قولايلىق ،ئەستە تۇتۇش ئوڭ اي ،ئىپادىلەش يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز...قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك پايانسىز خەزىنىسىنى شەكىللەندۈرگەن.قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار،يازما ھۆججەتلەر، ئورخۇن ئابىدىلىرى   «ئوغۇزنامە» «قۇتاتقۇ بىلىك» ...شۇنداقلا تاكى 15-ئەسىرگىچە تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان  تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەر بۇنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ.بۇ ھەقتە ئايرىم تېما بەلگىلەپ،تەپسىلى توختىلىش زۈرۈر.
      ئەدەبىي تىل –ئانا تىلنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ ۋە ئىلغارلىقىنىڭ جەۋھىرى.ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى :تىلنىڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ھەر بىر جۈملىدە ئوبرازچانلىق (كارتىنا-كۆرۈنۈش)نى ،رىتىمنى (ئاھاڭدارلىقنى ) ،قۇرۇلمىنى( باغ لىنىشچانلىقنى)،سەزگۈچانلىقنى(ھېسسىيات-كەيپىيات)،ئايلانمىلىقنى (يۇقۇرقى 4 قانۇنىيەت قايتىلىنىدىغان،ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدىغان دەۋرىيلىكنى ) گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.يۇقۇرقى بەش خىل قانۇنىيەت ئارقىلىق مەنادارلىق كېلىپ چىققىدۇ.ياكى مەنادارلىق يۇقۇرقى بەش خىل قانۇنيەت ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىللىدۇ.مەنادارلىق-ئەدەبىي تىلنىڭ ۋاستى لىق،يوشۇرۇن خۇسۇسىيىتى بولۇپ،ئىلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. يەنى ئەدەبىي تىلنىڭ يۇقۇرقى قانۇنىيىتى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن مەنا چەكسىز كېڭىيەلەيدۇ،يېيىلالايدۇ،سوزىلالايدۇ،چوڭقۇرلىشالايدۇ،يۈكسەكلىشەلەيدۇ.شۇنداقلا يەنە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە تارىيى بارالايدۇ،يىغىلالايدۇ،قاتلىنالايدۇ،يىغىلايدۇ،ئىخچاملىشالايدۇ،جەۋھەرلىشەلەيدۇ.ئەدە بىي تىل-چۈشىنېۋىلىشنى،بىلىۋېلىشنى،ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشنى،ئېنىقلىۋېلىشنى ئەمەس بەلكى سېزىشنى،بايقاشنى،ھېس قىلى شنى،تەسەۋۇر قىلىپ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قكىلىدىغان تىل.ئەدەبىي تىلنىڭ يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان كارتىنا، رېتىم،لكەيپىيات،قۇرۇلما،ئايلانمىلىق قاتارلىق 5 خىل ئالاھىدىلىكنىڭ يۇغۇرۇلشىدىن تۈزۈلگەن قانۇنىيىتى ھەرگىزمۇ مە خسەت،نىشان ئەمەس بەلكى ۋاستە-قورال.ئوچۇق ئېيتقاندا مەنەدارلىقنى يورۇتۇپ  بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ۋاس تىدۇر.ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى بولسا سۈرئەتلىنىدىغان(تەسۋىرلىنىدىغان) ،يورىتىلىدىغان(ئىپادىلىنىدىغان)،مەنزىل ( مەنا-مەزمۇن،-ئىدىيۋىلىك) دۇر.ئەدەبىي تىلدا بەدئىيلىك (ئوبرازلىق،سەنئەتلىك ئىپادىلەش) ئوچۇق،ئىدىيۋىيلىك(مەزمۇن) يېپىق بولىدۇ.شۇڭا ئەدەبىي تىل-تىلنىڭ ئىچىدىكى تىل،گەپنىڭ ئىچىدىكى گەپ ھېساپلىنىدۇ.بەدئىيلىك يە نى ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ زاھىر قىلىنىشى ئەدەبىي تىلنىڭ بىر قانىتىنى تەشكىل قىلسا،مەنادارلىق يەنە بىر قانىتى نى تەشكىل قىلىدۇ.ئەدەبىي خۇسۇسىيەت تىلنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسىنى ،قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلسا مەنادارلىق ئەدەبىي تىلنىڭ يۈرىكىدۇر.دېمەك بەدئىيلىك تىن ئىبارەت گەۋدە ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرگەندىلا ئاندىن يۈرەككە-مەنادارلىققا يەتكىلى بولىدۇ.ئەدەبىي تىل مەنانى ۋاستىلىق،ئەگەتمىلىك،يېپىقھالدا ئىپادىلەيدۇ.ئەدەبىي تىلنىڭ بەش خىل خۇسۇسى يىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇش جەريانى بولغان قنۇنىيىتى ئەدەبىي تىلنىڭ ماھىيىتى،جېنى ھېساپلىنىدۇ.مەنانى –ئۇدۇل، بىۋاستە، ئو چۇق،نەق،ئاشكارە ئىپادىلەش  ئالاقە تىلى،ئاممىباپ تىل،پەننىي –ئىلمىي نەزىريىۋى تىەلنىڭ ماھايەت –جېنىدۇر. بەدئىيلەشتۈرۈش-تىلنىڭ ئەدەبىي قانۇنىيىتىدىن پايدىلىش بولسا ئالاقە تىلى،ئاممىباپ تىل،نەزىريىۋى تىلنىڭ قوشۇمچە ئالاھىدىلىكىدۇر.
     قىزىقارلىق يېرى ئەدەبىي تىلدىكى بەشخىل خۇسۇسىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش قانۇنىيىتى  سەنئەتنىڭ تىللىرىدىمۇ بار.مەيلى قايسى سەنئەت تۈررى بولسۇن شۇ قانۇنيەتتىن خالى ئەمەس.رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ۋاستىسى رەڭ،  كۆرۈنۈش، ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ ۋاستىسى ھەركەت ۋە بوشلۇق،مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ۋاستىسى رىتىم،مىلۇدىيە....قاتارلىقلار تەسەۋۇرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ھەر خىل ۋاستە-تىلدۇر.رەڭ-رەسساملىق سەنئىتىنىڭ تىلى بولسىمۇ ئۆزى ئىپادىلىگەن ئىچكى تىل ھېسسىيات، سەزگۈ ئارقىلىق رىتىمدارلىقنى ،ئايلانمىلىقنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ.كارتىنا ۋە قۇرۇلما بولسا رەسىمنىڭ كۆرۈنۈشىدىلا سېزىلىپ تۇرىدۇ.بىزگە قۇرۇلما ۋە كارتىنا ئارقىلىق شەكىل يارىتىش سەنئىتى بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.تىل بولغان رەڭ كارتىنا-كۆرۈنۈش بولۇش بىلەن چەكلەنمەي سېزىم،رېتىم،قۇرۇلما،ئايلانمىلىق قاتارلىق 4 خىل خۇسۇسىيەتنى بىر-بىرلەپ تارتىپ چىققىدۇ.ئۇسۇل سەنئىتىدىكى بەدەن ھەركىتى ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل تىل بولۇش بىلەن چەكلەنمەستىن ،بىرىككەن تىل (ھەركەت بىلەن بوشلۇقنىڭ جىپسىسلىشىشى)ئارقىلىقبوشلۇق-ماكاندىكى،زاماندىكىكارتىنا،رىتىم،سەزگۈ،قۇرۇلمىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.ئۇسۇلنىڭ ئۆزى بىر كىچىك ئايلانمىلىق (ھەركەت ،رىتىم،نەپسلىكنىڭ قايتىلىنىشى) بولسىمۇ باشقا  4 خىل خۇسۇسىيەت بىلەن بىرىكىپ بەدئىيلىك قانۇنىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ.يۇقۇردا تىلغا ئالغان رەسساملىق سەنئىتى، ئۇسۇل سەنئىتى بولسۇن ياكى باشقا سەنئەتلەر بولسۇن ھەرقانداق سەنئەت ئاخىرىدا يەنىلا مەنەدارلىقنى ھېس قىلىدۇر ىدۇ.ياكى ئۇلاردىن ھامان مەنادارلىق كېلىپ چىققىدۇ.چۈنكى تەبىئەت ياكى جەمىيەت بولسۇن مەنا غا ئىگە بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرالىغان ئەمەس.شۇ ئەھۋال تىل سەنئىتى ياكى باشقا تۈرلۈك سەنئەتلەردە يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
    لېكىن مەندارلىقنى يورۇتۇپ بېرىشتە تىل سەنئىتى بىلەن باشقا سەنئەت تۈرلىرى پەرقە ئىگە.تىل سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سەنئەتنىڭ ئورتاقلىقى بەش خىل خۇسۇسىيەتنىڭ يۇغۇرۇلىشى بولغان ئەدەبىي-بەدئىي قانۇنىيەت ئارقىلىق مەنادارلىقنى يورۇتىدىغانلىقىدا.بىراق تىل سەنئىتى باشقا سەنئەىتلەردىن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ،بىرىنچى تىلنى ئۆز ۋاستىسى قىلغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ.ئىككىنچى: تىلدىكى بەش خىل خۇسۇسىيەتنى ئوخشاش نىسبەتتە، سىغىم دا،ھەجىمدە تەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ.ھەرقانداق سەنئەت مۇزىكا،رەسساملىق،ئۇسۇل قاتارلىق ئاساسلىق سەنئەتلەرنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئەدەبىي تىلنىڭ كارتىنا،رىتىم،ئايلانمىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.يەنى تىل مۇزىكىنىڭ،رەسسىمنىڭ،ئۇسۇلنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھالىتىنى تەسۋىرلەپ، يورۇ تۇپ بېرەلەيدۇ.لېكىن باشقا سەنئەتلەر ئۇنداق ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس.ئوچۇق ئېيتقاندا تىل سەنئىتى باشقا سەنئەت لەرنىڭ رولىنى قىسمەن ئوينىيالايدۇ.مەسلىەن تەسىرلىنىشچان،سەزگۈگە باي بىر شائىر شئېىرىي تىل ئارقىلىق بىر پارچە رەسىمنى ئەينەن تەسۋىرلەپ كىشىلەركۆز ئالدىغا شۇ رەسىمنىڭ قىياپىتىنى ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن.ئەمما رەسسامنىڭ بىر رەسىمدە بىر شئېىرنى ئەينەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.قىسقىسى تىل سەنئىتى بەدئىيلىك جەھەتتە ھەممىدىن ئۈستۈن ئەۋزەللىككە ئىگە.تىل سەنئىتىدىن باشقا سەنئەتلەردە ئىككى خىل تۇتۇقلۇق بار،بىرى: مەنا  گۇڭگا لىقى، يەنە بىرى :ئۆز ۋاستىسى( مەسىلەن مۇزىكا سەنئىتىتىدە مۇزىكىدىن باشقا )،قۇرۇلمىسى ،كەيپىياتچانلىقىدىن باشقا ئىككى خۇسۇسىيەت ( ئايلانمىلىق،ۋە ئالمىشىدىغان خۇسۇسىيەت،مۇزىكىدا كارتىنا،رەسساملىقتا رىتىم دېگەندەك) نى غۇۋا گەۋدىلەندۈرۈشتۇر.ئايلانمىلىق(ئالمىشىش،قايتىلىنىش دەۋرىلىكى) ھەممىدە ئورتاق غۇۋالىققا ئىگە.رىتىم،كارتىنا ئالمىشىپ گەۋدىلىنىدۇ.ھەممە سەنئەت تۈرىگە ئورتاق بولغان خۇسۇسىيەت –سەزگۈچانلىق،قۇرۇلما،ئايلانمىلىقتىن ئىبا رەت.ئونۋېرساللىق جەھەتتە ھەر قانداق بىر سەنئەت تىل سەنئىتىگە تەڭلىشەلمەيدۇ.تىل سەنئىتىدىكى (ئەدەبىي ئەس ەرلەردىكى) تىلنىڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ھەر بىر جۈملىدە بەش خىل خۇسۇسىيەتنىڭ يۇغرۇلمىسى بولغان ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكىنى شۇنداقلا پۈتكۈل تېكستە ئىزچىللاشقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ،.

   

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 19:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلانغا:  

     ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم.« مەۋجۇدىيەت تىلى-مەڭگۈلۈك تىل» ناملىق ماقالەمدە بۇ مەزمۇن تەپسىلى بايان.قىلىنغان.ئۇ ماقالەمنى رەتلەپ بولالمىدىم.ئالدىمىزدا ئۇ  ماقالەمنىمۇ ئىلان قىلىمەن.كۆرگەندە پىكىر بېرەرسىز.
     مەزكۇر ماقالە باش تېمىسى تىل بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمى تىل ئۇقىمى،مەۋجۇتلۇق تىلى،سەنئەت تىلى ھەققىدىكى قىسقا مەزمۇنلار قوشۇمچە كىرگۈزۈلىدى.مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسى قاراتمىلىقى ئەدەبىي تىل،ئاپتور تىلى،ئەسەر تىلىغا قارىتىلغان.ئەدەبىي تىل بىلەن سەنئەت تىللىرىدىكى يادرۇلۇق خۇسۇسىيەتلەر بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇلغان. مەزمۇن تېشىدىن ئىچىگە،تېيىزلىقتىن ئىچىگە يۈزلىنىش يۆنۈلىشى بويىچە كېڭىيىپ بارىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 19:37  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 20:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەۋجۇدلۇقنى ئىپادىلەش نوقتىسىدىن قارىغاندا تىلنى مەۋجۇدىيەت تىلى(ھايۋانلارنىڭ ئىپتىدائى ئالاقە بەلگىلىرى،ئاۋازلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)، ئىنسانلار تىلى ۋە سەنئەت تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
______________________________________________________


  سىزنىڭ قايسى پاكىتقا ئاساسەن مەۋجۇدىيەت تىلى بىلەن ئىنسانلار تىلىنى ئايرىم - ئايرىم تۈر دەپ بېكىتكەنلىكىڭىزنى بىلىپ باقساق بولارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 20:36  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 22:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلانغا:

     مەن  بۇ جەھەتتە  ئويلىنىپ ۋە كۈزىتىپ كېلىۋاتقىلى 15 يىل بولدى.مەجۇدىيەت -ئوبىكتىپلىق (كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان كۆرۈنۈش،قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان جىسىملار )  تۇر. كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇش بولۇپ كەتكەن دىنازاۋۇرلارنى ھازىرغىچە بىرەر ئىنسان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باققان ئەمەس.
    ئىنسانلارنىڭ يېزىق تارىخى چەكلىك-قىسقا جەرياندىن ئىبارەت.يېزىق بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىركى تارىخنى ئارخىلوگىيلىك بايقاشلارغا (بۇيۇملارنى خېمىيلىك ۋە ئىلمىي ھەر خىل ئۆلچەش ) ئارقىلىق بىلگەن.ئۇنداقتا يەرشارى ،جانلىقلار،مەۋجۇدەيەت تارىخىنىچۇ؟  گېدرولىگىيە (يەرقاتلىمى تەتقىقاتچىلىقى) ،ئاسترنومىيە،خېمىيە،بىولوگىيە،گېلوگىيە،ئارخىلوگىيە، بوتانىكا قاتارلىق تەبئىي پەنلەرنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەر شارى ،ئاسمان جىسىملىرى،ئۆسۈملۈكلەر ....قاتارلىقلار تارىخنى بىلىش مەيدانغا كەلدى.ئىنسانلارنىڭ تارىخى،تىلى،يېزىقى ....دېگەنلەر كۆپ كېيىنكى گەپلەر. تەبئىي پەنلەر تەبئەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى ۋەزىپىسى قىلىدۇ.پۈتكۈل تەبئىي پەنلەرنى بىر گەۋدە دەپ قارىغاندا تەبئىي پەنلەر پۈتۈنلىكىنى تەبئەتنىڭ تىلىنى بىلىش دېسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.....
   ئىلىم-پەن ئەسلىدە تەييار بار بولغان قورال ئەمەس.شۇنداقلا تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ شۇنداق.مەن يۇقۇرقى چۈشەنچىنى مەۋجۇدىيەت تارىخى ۋە ئىلىم -پەن،ئاڭ،تەپەككۇر،تىل ئۇقۇممى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇش نوقتىسىدىن قاراپ ئوتتۇرغا قويدۇم.
     مەۋجۇدىيەتنى مەۋجۇدىيەتنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۆرمىسەك،ئويلىمىساق ،تىلنى پەقەت مەڭگۈ ئىنسانلارغا خاس دەپ ئويلىساق مەۋجۇدىيەتتە تىل بولىدىغانلىقىغا ئەسلا ئىشەنمەيمىز.ئەمىليەتتە ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرمۇ مەۋجۇدىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.ئىنسانلار يوقالغاندىن كېيىنمۇ مەڭگۈلۈك قالىدىغىنى يەنىلا مەۋجۇتلۇقتۇر.ئۇنىڭغا ھەتتا تەڭرىمۇ ئامىلسىز بولسا كېرەك.

          بىزدە كونكرت شەيىلەرگە قارىتا كونكرت تەپەككۇر  يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى بولغاندىن باشقا ئەڭ ئومۇملۇققا،ئەڭ پۈتۈنلۇككە-غايەتلىككە قارىتا ماكرۇ نوقتىدىنمۇ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بولۇش كېرەك.

       كونكېرت پاكىتلار «مەۋجۇدىيەت تىلى -مەڭگۈلۈك تىل» ناملىق ماقالەمدە ئوتتۇرغا قويۇلغان.شۇڭا بۇ ھەقتە ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 23:21:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلانغا  ئەسكەرتىش:  

    سىز سورىغان سۇئال ماقالەمنىڭ 2-بۆلەك تۆىنچى تارمىقىدا ئېنىقلىما بېرىش نوقتىسىدىن قىسقىچە بايان قىلىغان.بۇ ماقالەمنىڭ 2- ۋە 3- بۆلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇ شۇ ماقالەمنىڭ كەينىدىكى ئىنكاس بوشلىقىغا «مەۋجۇدىيەت تىلى -مەڭگۈلۈك تىل » ناملىق ماقالەمنى يوللايمەن.  ئايرىم تېما قىلىپ يوللىمايمەن.

     يۇقۇرقى سۇئالدىن باشقا  ئوخشىمايدىغان قارشىڭىز ياكى ماقالىگە قارىتا تەنقىدىي پىكرىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 11:24  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 155
تۆھپە : 2
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 10:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئەزىز ھېيت كۈن ئەپەندىنىڭ تىل ھەققىدىكى بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىگە ئاپىرىن.
ئادەمنى تەپەككۈرگە، ئىزدىنىشقا ئۈندەيدىغان مۇشۇنداق قىممىتى ئۈستۈن تەپەككۈر جەۋھەرلىرىنىڭ كۆپ ھاللاردا ئىنكاسسىز، مۇنازىرەسىز قېلىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن.
ئانا تىلنى ئۆزىنىڭ سەنئەتلىك ۋە پاساھەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن بېيىتىش مەسئۇلىيەتچان قەلەم ئەھلىنىڭ غايىسى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئاللاھ ئاپتۇرنى سالامەت قىلسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 383
تۆھپە : 2
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 11:09:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش روھىغا ئىگە قەلەمداشلارنىڭ بۇ خىل روھى ئادەمنى تەسىرلەندۇرىدۇ . بوزلاننىڭ سۇئالىغا سالماقلىق بىلەن جاۋاپ بېرىشنىڭ بۇ خىل ئۈلگىسىنى كۆپلىگەن تورداشلار ئۆگۈنىشىمىز كېرەك . ئەزىز ھېيت كۈننىڭ بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ تىل ھەققىدىكى بىلىمى ئاشقاندەك بولدى . ئىزدىنىش روھىغا ئىگە تورداشلارنىڭ  قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 11:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   ئەزىز ھېيىت كۈن ئەپەندى،

   مەۋجۇدىيەت دېگىنىڭىز  __ مەۋجۇد(بار) لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 11:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىشىمىز شەۋكەت  ئىبراھىم ،مەخمۇدجان خوجا  ئۈمىدۋارنىڭ ماقالەمگە كۆڭۈل بۆلگىنىگە تەشەككۈر.

    ماقالىنىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىنى بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن پىكىر ،تەنقىد بېرىلسىمۇ بولىدۇ.مەزكۇر ماقالە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئويلىنىش ئاساسىدا يازغان ماقالەم ئىدى.داۋامىنى تۈزىتىۋاتىمەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 11:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىپلەر ئىچىدە سۆز،جۈملە،تېكىستنى تىلنى تەشكىل قىلغۇچى «ئۈچ يادرۇ» دېيىشكە بولىدۇ.

«ئۈچ يادرو» دىكى جۈملە بىلەن تېكىت بىر كاتگورىيەگە تەۋە . يەنى ئايرىم جۈملىمۇ تېكىت بولالايدۇ .
\

بۇ ئۇچ قاتلام  بەلكىم تاۋۇش ،سۆز ، جۈملە بولىشى كىرەكتۇر


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1484
تۆھپە : 5
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 12:15:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز  ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا ئالدىراۋاتمەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 12:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئېلى  سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا .

    مەن ئاۋال «تاۋۇش،بۇغۇم،سۆز،جۈملە بۆلىكى ،جۈملە» قاتارلىقلارنى تىلنىڭ كىچىك بىرلىكى نوقتىسىدىكى تەركىپ ھېساپلىغان بولسام تىلنىڭ كونكىرېتلىق ۋە ئوممۇمىي نوقتىسىنى بىرلەشتۈرۈش نوقتىسىدىن قارىغاندا پۈتۈن تىل نوقتىسىدا «سۆز ،جۈملە،تېكست يادرۇ »  دەپ ئېيتتىم.

      مەن ئۇيغۇر  تىلىدا پەقەت تاۋۇش ياكى سۆزلا ئۆز رولىدىن ھالقىپ جۈملە دەرىجىسىگە يېتەلەيدىغانلىغىنى بىلىدىكەنمەن.

  «  جۈملىمۇ تېكست بولالايدۇ .» دېگەن يېڭى گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.بۇ ھەقتە پاكىت بولىشى كېرەككۇ دەيمەن؟
   
    مېنىڭچە بىر جۈملە ئادەتتە مۇستەقىل ھېكمەتلىك سۆز.ئىديۇم،ماقال،ئۈزۈندە بولالايدۇ.ئەمما تېكست بولالمايدۇ.چۈنكى « بىر ئەسەرنىڭ پۈتۈن ئورگىنالى -تېكست » بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
    سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز «كونتېكس» بولسا كېرەك.«كونتېكىست» بۆلەك،ئابزاس،جۈملە  قاتارلىق تېكىستنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئالى مەكتەپتە شۇنداق ئۈگەنگەنلىكىم ئېسىمدە قاپتۇ.مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى  24 يىل بولدى.بەلكىم مېنىڭ دېگىنىم كونا قاراشتۇر.جۈملە بىر پۈتۈن تېكستنىڭ -ئەسەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان يېڭى نەزىريە بارمىدۇ؟

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش