تىلنى تىرىلدۈرۈش -ئەدەبىياتنىڭ جېنى ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 232
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 12:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر پارچە  قىسقا تەھلىل يازغان ئىدىم . شۇنىڭدىمۇ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئازراق گەپلار بار  ئىدى، يوللاپ قويدۇم . تەستىقلانسا كورۇپ باقسىڭىز  .
پاكىتىم   شۇ  يەردە . قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمىدىم .

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 12:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەەمىمى ئىكەنسىز. ئۆز-ئارا   يازمىلىرىمىزغا پىكىر بېرىپ تۇرايلى.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 18:16:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلانغا :  

   مەۋجۇدىيەت -پۈتۈنلۈك،بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ.مەۋجۇتلۇق-ھەر بىر كونكىرېت مەۋجۇتلۇقنى-شەيى،جىسىمنى كۆرسىتىدۇ.ئەمما مەۋجۇتلۇققا «سالاھىيەت »دېگەن گەپ كەتمەيدۇ.مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلىغان مەۋجۇتلۇق مەۋجۇت بولىۋېرىدۇ.مەسىلەن: ماگما تاغنىڭ چوڭقۇرلۇق قاتلىمىدا نەچچە مىليۇن يىل قاينىغان بولسا ۋە يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان بولسا يېپ-يېڭى مەۋجۇتلۇق ۋولقاننى پەيدا قىلىدۇ.ۋولقاننىڭ ئېتىلىشى تۈگىگەندە بولسا  يەنە بىر يېڭى مەۋجۇتلۇق قىپ-قىزىل رەڭدىكى ۋولقان كۈلىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-1 00:19  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 489
تۆھپە : 5
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 18:32:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەۋجۇدىيەت -پۈتۈنلۈك،بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ.

_____________________________________________

   ئېزىز ھېيىت ئەپەندى، مەۋجۇدىيەتنى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ، دەپسىز. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن تىلنى مەۋجۇدىيەت تىلى ۋە ئىنسانلار تىلى ... دەپ ئايرىۋالىسىز دەيمەن؟ ئىنسانمۇ  مەۋجۇدلۇقنىڭ ئىچىدە ئەمەسمۇ يا؟!

(ئەسكەرتىش: ھەزرەتئېلىنىڭ تېمىسىدىكى ئىنكاسىڭىزغا قارىسام سەل كۆڭلىڭىزگە كەلگەندەك قىلىدۇ. مېنىڭ باشقا مەقسىتىم يوق، بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالايلى دېدىم خالاس. باشقىچە ئويلاپ قالمىسىڭىز چۈشەنچە بېرەرسىز. )


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 20:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلان   كۆڭلۈمگە  ئالمىدىم.چۈنكى بۇ يەردە  ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ شەخسى ئۆچمەنلىكى يوق،يەنە ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈش ئارزۇسىمۇ ئوخشاش.ئوخشىمايدىغىنى قاراش جەھەتتىكى پەرقتۇر.كۆې قارىشىمىز ئوخشىمىسا رەنجىيدىغان ئىش بولمايدۇ، سىلەرنىڭمۇ ھامان ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھېس قىلىپ ....قالىدىغانلىقىڭلارنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

    ئادەممۇ ۋە مەۋجۇتلۇقمۇ ماھايەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاڭ ۋە ئاڭسىزلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا مەۋجۇدىيەت ۋە ئىنسانلار تىلى شۇنداقلا سەنئەت تىلى دەپ ئالدىم.ئەگەر مەۋجۇدىيەت نوقتىسىدىنلا قارايدىغان بولساق ئالەمدە مەۋجۇدىيەت تىلىدىن باشقا تىل يوقلىقى راست.ئادەملەرنىڭ ئاۋازىمۇ  تەبىئەتتىكى سادا بىلەن ئوخشاش سادا ،ئەلۋەتتە.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 1
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 20:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ چاڭقىغان يېرىگە بارىدىغان ماقالىرىڭىزغا تەشەككۈر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 470
تۆھپە : 4
توردا: 139
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 21:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىم نېمىگە   مۇھتاج   بولسا   بەك ،
ئېرىشسە ئۇنىڭغا ، بەخىت شۇ دېمەك !

ئەزىز ھېيت كۈن ئەپەندى ،تىل ھەققىدىكى ئېزدىنىشلىرىڭىز ۋەئىلمى قىممەتكە ئىگە ماقالە ھەم قاراشلىرىڭىزدىن ئىجابى تەسىراتقا ئىگە بولدۇم ، ھەر تەرەپلىمە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان تىلىمىزنى تىرىلدۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!تېنىڭىز ساق ، يولىڭىز ئاق بولغاي ئىلاھىم !

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى  ۋە تۇرسۇنجان ھەسەنلەرنىڭ ماقالەمدىكى مەزمۇنلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە تەشەككۈر.ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنىڭمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 15:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3):ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتىنىڭ كونكرىتلىقى

    ئەدەبىي تىل ئىپادىلىنىش شەكلىدە جۈملە،مىسرا،دىيالوگدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.ئالاقە تىلىنىڭ ئاساسلىق تارمىقى بولغان ئاممىباپ تىلدا ھەر قانداق جۈملە ياكى دىئالوگلاردا مەنا ئۇدۇل،-تۈپ-تۈز ئىپادىلىنىدىغان بولغانلىقتىن ئالاقىنىڭ تىزلىكى ۋە راۋانلىقىنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدۇ.ئەدەبىي تىلنىڭ  سەنئەتلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى بولغاچقا ھەر بىر كچىك بىرلىكىدە(جۈملە،مىسرا،دىئالوگ) ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋەخۇسۇسىسىيەتلىرىنىڭ يۇغۇرلۇش قانۇنىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
    ئالدى بىلەن ئەدەبىي تىلنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى كونكىرېت نوقتىدىن تىلغا  ئېلىش زۈرۈر.بىرىنچى: كۆرۈنۈشلۈك-ئوبرازلىق بولۇش خۇسۇسىيىتى كىچىك  تىل بىرلىكىدە (يۇقۇرقى ئۈچ خىل شەكىلدە) يارقىن گەۋدىلىنىدۇ.

     گۈزەل شئېىردۇر  ئاي يۈزلۈك سەنەم

          چۈشتە باغدىن بالقىپ چىقتى ئاي
          نۇرلۇق چېھرى زەپمۇ خۇش چىراي.
           ئېرىقتىكى سۇدا شولىسى
           سۆيگۈ ئاقار بەلكى سۇ ئاقماي.
           ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلدى ئاسمان.
           لەۋلىرىدەك ئېچىلدى گۈللەر.
           تۇيغۇسىغا جۆر، ئەتراپتا-
           قۇشلار ئېيتقان يېقىملىق كۈيلەر.
           كۆزى شەھلا گويا بۇلاقتۇر
           تۇلۇن يۈزى زەپمۇ ئوماقتۇر.
          قەددى زىلۋا سەرۋى سۈپەتتۇر،
           ناز- خۇلقى شوخ،ئەركە،ئويناقتۇر.

           ئەڭ ئۇز گۈل ئۇ گۈللەر  ئىچىدە.
           بىر سۈرەتتۇر  ئاسمان كۆزىدە.
           شۇ كۆرۈنۈش ئاسمان-زىمىنغا
           قالار مەڭگۈ بولۇپ ئەسلىمە.
            چاچنى يەلپۈپ شامال ئۆتىدۇ.
           تاللار ئىگىلىپ سالام بېرىدۇ.
            قەدەملىرى نەم يول يۈزىگە
           چىرايلىق ئىز-نەقىش بېرىدۇ.

           قولىدا بار  ئەپچىل سېۋىتى
           گۈپۈلدەيدۇ  ئالما پۇرىغى.
          كۆكرەكسىمان ئەشۇ سېۋەتكە
           قاچىلانغاندۇ كىمنىڭ يۈرىكى ؟           
           ئالماسىمان يۈرەك سېۋەتتە
            شوخ يۈرىكى سوقار كۆكرەكتە.
            سېۋەتتىن ھەم نازۇك كۆكرەكتىن
            تەڭ گۈپۈلدەش كېلەر ئەلۋەتتە.
            قىز تۇيغۇسى ئۆزىگە ئايان.
            كىمدۇر ئۇنى ساقلىغان مېھمان؟
            ئېيتقۇسى يوق ھەتتا شامالغا
            مېھمان ئىسمى كۆڭلىدە پىنھان.
            تىز يۈرۈشكە خىجىل بولىدۇ
            كۆڭلى ئەمما قۇشتەك ئۇچىدۇ.
            ئالدىرماسلىق ئىچرە ئالدىراپ
            كېلىشىنى مېھمان بىلىدۇ.
            نىمە بوپتۇ ساقلاپ-ساقلىسا ؟
            كېلىشىنى ئويلاپ ساقلىسا؟
                  
           قىز ئويلايدۇ « ماڭا نە ئامال
           ھايا مېنى تىز ماڭدۇرمىسا؟»
          ئۈچ يۈز مېتىر داۋان ئەمەسقۇ؟
            ياكى ئىگىز ئاسمان ئەمەسقۇ ؟
             توسۇپ تۇرسا ھايا پەردىسى
            تىز ماڭماقمۇ ئاسان ئەمەسقۇ ؟

            قىزنىڭ مەڭزى تاڭنىڭ  شەپىغى،،
            خىجىللىقتا ئوت بوپ يانىدۇ.
            ۋۇجىدىدا بولسىمۇ كىيىم
             پاك-غۇبارسىز ئىپپەت روھىنى
            ئەسلى شەرمى-ھايا  ياپىدۇ.
            خىجىلىقتا تارتىنسىمۇ ئۇ
             ياش يۈرىكى ئوتلۇق سوقىدۇ.
             ئىنتىلگەچكە سۆيگۈگە چەكسىز
             ۋۇجىدىدا دەريا ئاققىدۇ.
             كۆزلىرىگە گۈزەلدۈر ئالەم،
             ھەر نەرسىگە كۈلۈپ باققىدۇ.
             ئالدىدىكى ھەر بىر كۆرۈنۈش
             شاد كۆڭلىگە زەپمۇ ياققىدۇ.
             قىز ئويلايدۇ قويۇق قاشلارنى،
            شۇڭقارنىڭكىدەك ئۆتكۈر جۈپ كۆزنى.
           يارشىملىق بۇرۇت مەڭگۈ ئېسىدە،
           سېھىرلەنگەندەك سېزەر ئۆزىنى.
           ۋۇجىدىغا تارايدۇ سېزىم،
           خوشاللىقنى يۇتۇپ ئالغاندەك.
           لەۋلىرىگە  شۇڭقار  يىگىتى،
           ئوتلۇق،شىرىن لەۋنى ياققاندەك.
           تەڭ يىيىشسە ھال رەڭ ئالمىنى،
           ئالما ئەمەس چوغدەك يۈرەكنى !
           لەززىتىدە  يۈرەك يۇلقۇنۇپ،
           تېشىپ چىقارمۇ نازۇك كۆكرەكنى ؟
           قىز كېلىدۇ  ھاياجان بىلەن،
           تەن –ۋۇجۇدى يانغان ئوت بولۇپ.
           قەلبى كۆيگەچ گۈزەل ئىستەكتە،
           تۇرار ئىدى كۆزى نۇرلۇنۇپ.
           يۇمۇلمايتى گۈلدەك لەۋلىرى،
            بېسىلمايتى ئوتلۇق ھاياجان.
            تاپىنىدىن تا بېشىغىچە،
            تاارالغانتى قىزىق-ئوت گۈلخان.
             كۆرىنەتتى ئۇ بىر گۈل بولۇپ.
            يانار ئىدى  قەلبى چوغ بولۇپ.
            
                ھەۋەسلىنىپ كۈلەر تېرەكلەر
                چېلىپ يەڭگىل-يەڭگىل چاۋاكلار.
                سۆزلىشىدۇ توپ قارلىغاچلار-
                 تىلى تاتلىق،-چۈچۈك ئوماقلار.
                 قىز كېلىدۇ قىزىل گۈل بولۇپ
                 قىيا باققان تۇلۇن ئاي بولۇپ.              
                لوق گۆش ئەمەس چوغدۇر يۈرىكى
                 خوشال كۆڭلى چاپار تاي بولۇپ.
                 قىز كېلىدۇ نەم يول ئۈستىدە
                  ئاي يۈزىدىن كۈلكە تارايدۇ.
                  تۇيغۇسىدا كۈتكەن جۈپتىگە
                  جان ئېلىپ،جان بېرىدىغاندەك،
                  مېھرى،سېھرى بىلەن قارايدۇ.
                  مەپتۇنلۇقتا  چەكسىز يەر-ئاسمان
                   گۈل ھۆسنىگە بېقىپ تويمايدۇ.
                    ئۇ بەئەينى تەبى بىر رەسىم-
                    يەر يۈزىدە  مەۋجۇت پەرىزات،
                    ئەبەدىيلىك لىرىك مۇزىكا-
                    گۈزەل شئېىر-زىل تىلغا ئوخشايدۇ.
                    تەشنالىقتا  ئۇنى ئاشىغى
                     ئۆمۈرۋايەت  ئوقۇپ ياشايدۇ !

          «بارخاندىن ئاۋاز » ناملىق داستانىمنىڭ 1-ئىنكاس بوشلىقىغا بېرىلگەن يۇقۇرقى شئېىرىمدا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى كارتىنا-كۆرۈنۈشتۇر.ھەر بىر مىسرادىن پۈتكۈل تېكستقىچە ئەڭ ئاۋال گەۋدىلەنگىنى ئوبرازچانلىق-كېتىپ بارغان بىر قىزنىڭ كۆرۈنۈشىدۇر.
      چۈشتە باغدىن بالقىپ چىقتى ئاي.
      ئىللىق چېھرى  خۇش چىراي.
      ئېرىقتىكى سۇدا شولىسى ،
      سۆيگۈ ئاقار بەلكى سۇ ئاقماي.....

         يۇقۇرقى كۇپلىتتىكى ھەر بىر مىسرادا  بىر كۆرۈنۈش يورۇتۇلغان.ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرىغا مەنسۇپ بولغان ئەسەرلەرلەردىكى ھەر بىر كىچىك تىل بىرلىكىدە (يۇقۇردا ئىزاھلانغان.تەكرارلىمىدىم) ئالدى بىلەن نامايان بولىدىغىنى كۆرۈنۈش-ئوبرازچانلىقتۇر.بۇ ئەدەبىي تىلنىڭ بىرىنچى خۇسۇسىيىتى.
    ئىككىنچى: رىتىمدارلىق-ئاھاڭدارلىق خۇسۇسىيىتى.تىلنىڭ رىتىمدارلىقى ھەرگىزمۇ يالغۇز تاشقى رىتىم -قاپىيىداشلىقنى كۆرسەتمەيدۇ،بەلكى ئىچكى رىتىم بىلەن تاشقى رىتىم بىرلىكى بولغان پۈتۈن رىتىم بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنداقتا ئەدەبىي تىلنىڭ ئىچكى رىتىمى دېگەن نىمە؟ -سەزگۈنىڭ تىز-ئاستا،كۈچلۈك،سۇس،غەزەپلىك ياكى مۇلايىم،خۇشھال ياكى قايغۇلۇق ھالىتىنىڭ كارتىنا بىلەن بىرلىكتە ئەكس ئېتىشى ئەدەبىي تىلنىڭ ئىچكى رىتىمىدۇر.ئەدەبىي تىلدىكى رىتىم ئاۋال ھايات، تۇرمۇش رىتىمى،كەيپىيات رىتىمى،بايان (ئىپادىلەش) رىتىمى تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئىچكى رىتىمنى پەيدا قىلىدى غان ئامىل تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدۇر.بىز ئادەتتە غەزەپلىنىدىغان ئىشقا يولۇقساق دەماللىققا قەلبىمىزنى ئاچچىق ،چىرايىمىزنى يامان ئەلپازغا كەلتۈرۈشتىن،ئېغىزىمىزدىن ھاياجانلىق ،غەزەپ  تېشىپ تۇرغان سۆزلەرنى دىيىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز.بۇ ئالدى بىلەن تۇرمۇشتا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تەبئىي يوسۇندا مەۋجۇت .ئۇ ئەدەبىياتتا ئىپادىلەنگەندە ئەگەر نەسرىي (پېروزا) ئەسەرلەر بولسا تۇرمۇش رىتىمى ئىچكى رىتىم،-كەيپىيات رىتىمى،بايان رىتىمى بولۇپ ئىپادىلىنى دۇ.يەنە سەھنە ئەسەرلىرىدىمۇ شۇنداق.بىز نەسرىي ئەسەرلەردىكى جۈملىلەردە ۋە سەھنە ئەسەرلەردىكى دىئالوگلاردا  قاپىيە بولمىسىمۇ تىل بىرلىكىنىڭ ناھايىتى تەبئىي قۇراشتۇرغانلىقى،راۋانلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىنى بايقايمىز.بۇنىڭدىكى سەۋەپ ھەر بىر جۈملە،ياكى دىئالوگ تەبئىي يۈرگۈزۈلگەن ئوي-پىكىر ۋە ئۇنىڭ مۇكەمەل ئىپادىلىنىشىنىڭ بىرلىكى بولغاندىن باشقا  تۇرمۇش رىتىمى ،تۇيغۇ رىتىمى، بايان رىتىمى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇيغۇنلاشقانلىقى ۋە ئۆز-ئارا تەبئىي يۇغۇرۇلغانلىقى دا.لىرىك نەسىرلەر قاپىيە بولمىسىمۇ يۇقۇرقى ئۈچ خىل رىتىمنىڭ تەبئىي يۇغۇرۇلىشى جەھەتتىكى ئۆرنىكى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ.تۇرمۇشتىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر كەيپىياتنىڭ تىز،دولقۇنسىمان،ھالىتى بولۇپ،باياننىڭمۇ تىز گەۋدىلىنىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.تۈرمۇشتىكى ھاياجانلىق ھالەت ئەسەردىكى ھەر بىر جۈملىدە ئوخشاشلا ھاياجانلىق ھالەت بولۇپ يورۇتىلىدۇ.شۇ ئارقىلىق تىز ،جىددى رىتىمنى ھاسىل قىلىدۇ.رىتىمنىڭ ئىپادالىنىشى كۆرۈنۈش بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ.شئېىرىي ئەسەرلەردە بولسا ئىچكى رىتىمغا تاشقى رىتىم بولغان قاپىيە قوشۇلغان بولىدۇ.شئېىردا قاپىيە مەخسۇسس قاپىيە قوغلىشىش نوقتىسىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ بەلكى قاپىيەگە تاللانغان سۆز كۆرۈنۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بولۇش،ئىچكى رىتىمغا ئۇيغۇن بولۇش،شۇنداقلا تاشقا رىتىمغا-داۋام قىلىۋاتقان قاپىيەگە ئۇيغۇن بولۇش شەرتىگە توشۇشى كېرەك.شۇڭا شئېىردا سۆز تاللاش يۈكسەك ئېتىبار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، شئېىردىكى ئاھاڭدارلىق تىلنىڭ ئىچكى رىتىمى بىلەن تاشقى رىتىمنىڭ بىرىكىشى بولۇپ،گۈزەل،يېقىملىق تۇيىلىدىغان ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.يۇقۇردا مەن مىسال ئالغان « گۈزەل شئېىردۇر ئاي يۈزلۈك سەنەم »ناملىق شئېىرىم  ئوبرازچانلىق خۇسۇسىيىتى گە ئىگە بولغاندىن باشقا كۈچلۈك رىتىمدارلىق-ئاھاڭدارلىق  خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
     قىز تۇيغۇسى ئۆزىگە ئايان.
     كىمدۇر ئۇنى ساقلىغان مېھمان ؟
     ئېيتقۇسى يوق ھەتتا شامالغا،
     مېھمان ئىسمى كۆڭلىدە پىنھان.

       يۇقۇرقى كۇپلىتتا  كارتىنىغا قارىغاندا رىتىمدارلىق بىلەن كەيپىيات(سەزگۈچانلىق ) كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن. رىتىمدارلىق يۇقۇرقى شئېىرغا باشتىن-ئاخىر قويۇق سىڭدۈرۈلگەن.ئومۇمەن رىتىمدارلىق-ئەدەبىي تىلنىڭ ناھايىتى موھىم خۇسۇسىيىتىدۇر.
    ئۈچۈنچى: كەيپىيات (سەزگۈچانلىق) ئالدى ئەدەبىي تىلنىڭ خۇسۇسىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە سەزگۈچانلىق،ئوبرازچانلىق،رىتىمدارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ.كەيپىياتچانلىق -سەزگۈچانلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۈچلۈك گەۋدىلەنگەندىن باشقا ئەدەبىي مۇھاكىمە،ئوبزور ماقالىلىرىگىمۇ قۇيۇق سىڭگەن بولىدۇ.شۇڭا مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن ئەدەبىي مۇھاكىمە،تەقرىز،ئوبزور ماقالىلىرىنىڭ كەسكىن پەرقى بولىدۇ.مەخسۇس خاراكتىرىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردە قىلچە ھېسسىيات ئامىلى بولمايدۇ.ئۇنداق ماقالىلەر قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئەدەبىي مۇھاكىمە ،ئوبزور ماقالىلىرىگە ئاپتورنىڭ ھېسسىياتى يارقىن سىڭگەن بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ماقاالىلەرنى لىرىك مۇھاكىمە دەپ ئاتاش مۇۋاپىق.
تۆتىنچى :ئەدەبىي تىلنىڭ قۇرۇلمىلىق خۇسۇسىيىتى باغلىنىشچانلىقى ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن بىر پۈتۈن شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. قۇرۇلمىچىلىق –ئەدەبىي تىلنىڭ موھىم بىر خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى .قۇرۇلما –تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلىشىدىن تاكى بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ تېكىستى تاماملانغىچە بولغان بارلىق باغلىنىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قۇرۇلمىنىڭ چوڭ-كىچىك،كېلەڭسىز ياكى ئەپچىل بولىشى تىل ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان تەسسەۋۇرىنىڭ قانداقلىقى ۋە تىل ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ قانداقلىقىغا  باغلىق.

          قولىدا بار  ئەپچىل سېۋىتى
           گۈپۈلدەيدۇ  ئالما پۇرىغى.
          كۆكرەكسىمان ئەشۇ سېۋەتكە
            قاچىلانغاندۇ كىمنىڭ يۈرىكى ؟           
            ئالماسىمان يۈرەك سېۋەتتە،
            شوخ يۈرىكى سوقار كۆكرەكتە.
            سېۋەتتىن ھەم نازۇك كۆكرەكتىن
            تەڭ گۈپۈلدەش كېلەر ئەلۋەتتە.


      «گۈزەل شئېىردۇر ئاي يۈزلۈك سەنەم»ناملىق شئېىرىمدىن ئېلىنغان يۇقۇرقى ئىككى كۇپلىتتا  كۆرۈنۈش، رىتىمدارلىق، كەيپىيات ئىنتايىن تەبئىي بىرىكىش بىلەن بىرگە شئېىرىي قۇرۇلمىنىڭمۇ مۇكەمەللىكىنى نامايەن قىلغان.مەزكۇر شئېىرنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى ئىزچىللىقا ،ئىچكى باغلىنىشقا،زەنجىرسىمان ئۇلانمىلىققا ئىگە قىلىنغان.يۇقۇرقى شئېىرنىڭ كۇپلىت ياكى مىسرالىرىنى قىسقارتىۋەتكەندە ئەڭ موھىمى كەيپىيات جەھەتتىكى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى كەمتۈكلىكى سېزىلىپ قالىدۇ. يۇقۇرقى شئېىرنى ھەر قانداق  ئادەم بىر ئوقۇش بىلەن تاماملايدۇ ھەم ھەرگىز ئۇزۇن ھېس قىلمايدۇ.
   بەشىنچى: ئەدەبىي تىلنىڭ ئايلانمىلىق خۇسۇسىيىتى ھەر بىر جۈملىدە،دىئالوگدا،مىسرادا ئوبرازچانلىق، رىتىمدارلىق، سەزگۈچانلىق،قۇرۇلمىلىق قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل قايتىلىنىدىغانلىقى –تەكرارلىنىدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.بىر ئەدىپنىڭ بىر مىسراسى ياكى يۈز مىڭ مىسراسىدىن،بىر جۈملىسىدىن،ياكى يۈز مىڭ جۈملىسىدىن ئوخشاشلا يۇقۇرقى 4 خىل خۇسۇسىيەت نى بايقىيالايمىز.تىلنىڭ كىچىك بىرلىكى ئايلانمىلىق بىلەن قوشۇلۇپ 5 خىل خۇسۇسىيەتنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتمەيدۇ.ئەشۇ بەش خىل خۇسۇسىيەت بارلىق دىئالوگ ،جۈملە ›مىسرا (ئەدەبىي تىلدىكى ) قېلىپى.ئۆلچىمى.مەن مىسالغا ئالغان يۇقۇرقى شئېىردىنمۇ بۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
    ئەدەبىي تىلنىڭ يۇقۇرقى يادرۇلۇق 5 خىل خۇسۇسىيىتى دەل ئەدەبىي تىلنىڭ كونكىرت قانۇنىيىتىدۇر.يۇقۇرقى بەش خىل خۇ سۇسىيەتنىڭ ھىمزىر –ھىم (قىل سىققۇسىز) يۇغرۇلمىسى ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. بۇ قانۇنىيەت ئېستېتىكا قانۇنىيىتىگە ئۇي غۇن .بىز ئەدەبىي تىلنىڭ نۇرغۇن قانۇنىيىتى،ئالاھىدىلىكى،خۇسۇسىيەتلىرى بارلىقىنى بايقىغان ۋە بايقاۋاتقان بولساقمۇ مېغىز نىڭمۇ -مېغىزى،يادرۇنىڭمۇ-يادرۇسى دەل بەش خىل خۇسۇسىيەتنىڭ مۇستەھكەم  بىرگەۋدىگە ئىكەنلىكىنى ئىزچىللىققا ئايلان دۇرۇشتىن ئىبارەت.ئىلگىرى ئەسەرگە ،ئاپتور تىلىغا ئۆلچەم قويۇلۇپ كەلگەن.ئەسەرگە قويۇلغان ئۆلچەم بىلەن ئەسەرنىڭ تې كستىغا قويۇلغان ئۆلچەم ئەمىليەتتە بىر گەپ.تىلنىڭ كىچىك بىرلىكىگە ئېنىق،كونكىرت ئۆلچەم قويۇلۇپ باقمىغان.مەن ئەسەر گە-ئەسەرنىڭ تېكىستىگە قويۇلىدىغان ئۆلچەمنى ئومۇمى ئۆلچەم ،تىلنىڭ كىچىك بىرلىكى بولغان جۈملىگە قويۇلىدىغان ئۆلچەمنى كونكىرت ئۆلچەم قىلىش زۈرۈر دەپ قارايمەن.ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش جۈملە ياكى مىسرادىن باشلىنىدۇ.جۈملە ياكى مىسرانىڭ سۈپىتىگە باشتىن –ئاخىر (ئەسەر تېكستى تاماملانغىچە ) كاپالەتلىك قىلىش پۈتكۈل ئەسەر نىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
    يۇقۇرىدا بايان قىلىنغا ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى پۈتكۈل ئەدەبىيات ئەمىلىيىتىدىن چىقارغان  يەكۈنىمدۇر.ئۇنداقتا ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ ئەسلى مەنبەسى نىمە؟  ئىككىلەمچى مەنبەسىچۇ؟


(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 17:21  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 19:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  4)   ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتىنىڭ ئەسلى مەنبەسى-مەۋجۇدىيەت تىلىنىڭ قانۇنىيىتىدۇر.

     يۇقۇرقى بۆلەكتە ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتىنىڭ كونكىرتلىقى بايان قىلىندى.جۈملىدىن نۇتۇققىچە ياكى تېكستقىچە ئوخشاش بىر رەۋىشتە ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتىنىڭ ئىزچىللىشىشنىڭ  كۆچمە مەنبەسى ئاڭدىكى تەسەۋۇر،تەسەۋۇرنىڭ مەنبەسى بولسا ماددى ئالەم-مەۋجۇدىيەت تىلىدۇر.
    ئىنتايىن چوڭ مۆجىزە خاراكتىرلىق بىر تۇتاش ئوخشاشلىق بار:مەۋجۇدىيەت  ئاڭدا تەسەۋۇر شەكىللەندۈرىدۇ.ئاڭدا شەكىللەنگەن تەسەۋۇر سەنئەت بولۇپ ئىپادىلىنىشكە دۇچ كەلگەندە تاللانغان سەنئەتنىڭ ۋاستىسى –تىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئاڭدىكى تەسەۋۇر تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە دۇچ كەلسە تىلنىڭ ئەدەبىي قانۇنىيىتى ئارقىلىق يورۇتىلىدۇ.سەنئەت تىلىنىڭ  قانۇنىيىتى ۋە ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى ئارقىلىق يورۇتۇلغان دۇنيا  ھېس قىلىش ،سېزىش ئارقىلىق مەنادارلىقنى ھاسىل قىلىدۇ.مەنادارلىق سەنئەتتە غۇۋا،سۇس بولىدۇ،ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتى ئارقىلىق يورۇتۇلۇشتا يارقىن ھەم گەۋدىلىك بولىدۇ.مەۋجۇدىيەت،تەسەۋۇر،سەنئەت تىلى قانۇنىيىتى،ئەدەبىي تىل قانۇنىيىتى قاتارلىق تۆت خىل قاتلامنىڭ بايقىلىشى،سېزىلىشى،ئىپادىلىنىشى ،يورىتىلىشى ئادەملەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان سېزىملار شۇنداقلا سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ رولى بىلەن ئالاقىدار بولىدۇ.
     ئالدى بىلەن ئەدەبىي تىلنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان مەۋجۇدىيەت تىلىنىڭ ئىپادىلىنىش ھالىتى ھەققىدە توختىلىش زۈرۈر.ماكرۇ نوقتىدا  مەۋجۇدىيەت بىرلا بولۇپ،چەكسىز ئالەم –كائىناتنى كۆرسىتىدۇ.مىكرۇ  نوقتىدا مەۋجۇدىيەت تۈمەنلىگەن ،مىليۇنلىغان مەۋجۇتلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.زەررىچىدىن ئالەمگىچە بولغان بولغان پۈتكۈل مەۋجۇدىيەتتە ھەر قانداق مەۋجۇتلۇق (بار بولۇپ تۇرىۋاتقان شەيى،جىسىم) ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھالىتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.ئۇنداقتا مەۋجيۇدلۇقنىڭ مەۋجۇد بولۇش ھالىتى دېگەن نىمە؟ مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھالىتى چەكسىز،سانىمۇ چەكسىز بولسىمۇ ئۇلارنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچاملاپ بەش خىل ھالەتكە تۈگەللەشكە بولىدۇ.
   بىرىنچى : مەۋجۇتلۇق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ كۆرۈنۈشى،قىياپىتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.بىز ئاسمانغا قاراپ كۆپ-كۆك ئاسماننىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ،كېچىسى چوغدەك يېلىنجاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يانغان جىسىمنىڭ يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.جىسىملار،شەيىلەر نۇرغۇن،شۇنداقلا ھادىسىلەر (ئۆزگىرىش ) مۇ نۇرغۇن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋال ئۆز شەكلى،رەڭى،قىياپىتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ.ئادەملەر مەۋجۇتلۇقنى كۆرگەندەك ،مەۋجۇدلۇققا ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئاۋال ئايان بولىدىغان تەرپىمۇ ئادەملەرنىڭ كۆرۈنىشىدۇر.دېمەك بارلىق مەۋجۇتلۇق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىرىنچى قەدەمدە كۆرۈنۈشى(ئوبرازى)  ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.مەۋجۇتلۇقنىڭ كۆرۈنىشى نەق،ئوچۇق،تۈز،ئۇدۇل بولغاندىن باشقا مەۋھۇم،نىسپى،تۇتۇق،يېپىق ،ئەگىتمىلىق-ۋاستىلىق بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ.بىز سەھەرنى ۋە گۇگۇمنى كۆرەلەيمىز.ئەمما سەھەر بىلەن گۇگۇمنىڭ كونكىرتلىقى،يىراق،يېقىنلىقى يەنىلا غۇۋا،ئىلاستىكىلىق بولىدۇ.بىز ھاۋانى سېزەلەيمىز،سۈمۈرەلەيمىز ئەمما كۆزىمىز بىلەن ئېنىق كۆرەلمەيمىز.قولىمىز بىلەن تۇتالمايمىز.
  ئىككىنچى: مەۋجۇتلۇق ئۆزىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇد بولۇش رىتىمى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.مەۋجۇدلۇقنىڭ رىتىمى- ماكاندىكى زامان،زاماندىكى ماكاننىڭ ئۆز-ئارا سىڭىشكەن  ھالەت-كۆرۈنۈشنىڭ قايتىلىنىش ئىزچىللىقىدىن ئىبارەت.كائىناتتىن ئىبارەت كەڭ ئۆيدە  قۇياش ئۇپۇققا-شەر*قىي تامدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ۋە توختىماي مېڭىۋاتقان سائەتتىن ئىبارەت.ھەر بىر مىنۇتتىن12 ئاينىڭ جەملىنىشىدىن ھاسىل بولغان بىر يىلغىچە ۋاقىتنىڭ ئايلىنىشى ۋاقىت رىتىمىنى،ماكاندىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىر كۈننى ئۆزگىرىش ھالقىسى قىلىشى ماكان رىتىمىنى ھاسىل قىلىدۇ مەۋجۇتلۇق رىتىمى بولسا زامان،ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى نوقتىنىڭ بىرىكىشىنى مەركەز-يادرۇ قىلىپ ئايلىنىدۇ.كونكىرت شەيىلەردە يەنى جانلىقلاردا ئاۋاز،جىسىملاردا ،ھادىسىلەردە سادا بولىدۇ.شامالنىڭ غۇر-غۇر ئۆتىشى،دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىشى،بوراننىڭ گۆكىرىشى،دەريا سۈيىنىڭ شاقىرىشى،گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى،كېچىنىڭ تىمتاسلىقى،ئاي نۇرىنىڭ ئۈنسىزلىكى....تەبئەتتە،مەۋجۇتلۇقتا رىتىم بارلىقى،ياكى رىتىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى زاھىر قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ.
  ئۈچۈنچى: مەۋجۇتلۇق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆزىنىڭ تۈسسى (سەزگۈ قوزغىيالايدىغانلىقى) ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.جىمجىت ئاسمان،ئۆركەشلىك دەريا،رەڭدار شەپەك،ئاقارغان ئۇپۇق،دەھشەتلىك گۈلدۈرماما،شاقىراپ ياغقان يامغۇر،ئۇزاق سوزۇلغان يول،جىمجىت ئورمان ...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جانلاردا،جۈملىدىن ئادەملەردە ھاياجان ،كەيپىيات قوزغىيالايدۇ.مەۋجۇتلۇقتا شۇنداق سەزگۈچانلىق ھالىتى ناھايىتى كەڭ ۋە يۇغرۇلۇپ كەتكەن ھالەتتە زاھىر بولىدۇ.سەزگۈچانلىق  ئېتىللىۋاتقان بۇلاقلاردىن،كۆيىۋاتقان گۈلخانلاردىن ۋە تەسىرلىنىش قوزغىيالايدىغان دالىلارنىڭ كەڭلىكىدىن،باھار،قىش،كۈز،يازنىڭ مەنزىرسىدىن... كېلىپ چىققىدۇ.مەۋجۇتلۇقتىكى سەزگۈ ئامىللىرى كەڭلىككە يېيىلغان ،يۈكسەكلىككە بوي تارتىپ سوزۇلغان،چوڭقۇرلۇققا شۇڭغىغان،نەپىسلىككە جىپسلاشقان،ئۇلۇغلۇغقا تويۇنغان،بۈيۈكلىككە مۇجەسەملەشكەن بولىدۇ.
   تۆتىنچى: مەۋجۇتلۇق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى باغلىنىشچانلىقى ئارقىلىق تۈزۈلگەن بىر پۈتكۈل قۇرلمىسى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.مەۋجۇتلۇق قۇرۇلمىسى ئىچكى باغلىنىش ۋە تاشقى باغلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،جىسىملار،ئۆسۈملۈكلەر،ھادىسىلەر،جانلىقلار  قاتارلىق 4 چوڭ مەۋجۇتلۇق تۈ*ركىمىدىكى ھەر بىر يەككە مەۋجۇتلۇق ئىچكى باغلىنىش جەھەتتە ناھايىتى ئىنچىكە باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە،گارمۇنىيىلىككە (بىرىكىش،باغلىنىشتىكى نەپىس ماسلىق،) ئىگە.خۇددى ناھايىتى كۆركەم بىر شەھەر گە ئوخشاش ھەررە كۆنەلگۈسىنى، چوڭ جەھەتتە تەبىي قەدىمىي يەر تۈزىلىشىنى،تاغ تىزمىلىرىنى .... ۋە باشقا مەۋجۇتلۇق كۆرۈنۈشلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.مەۋجۇتلۇق ئىچكى تۈزۈلۈش جەھەتتە زىچ باغلىنىپ مۇكەمەل،پۇختا،نەپىس،گۈزەل قۇرۇلما،پۈتۈن شەكىل ھاسىل قىلىپ قالماستىن ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان مۇھىت بىلەن بولغان باغلىنىشى جەھەتتىمۇ مۇكەمەللىكە،نەپىسلىككە ئىگە.مەسىلەن يۈز يىللىق بولغان، ،ياشناۋاتقان بىر تۈپ قارغاينىڭ ئۆزى تەبىي بىر سەنئەت ئەسىرىدۇر....ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى پۇختا مۇكەمەل بولۇپ قالماي تاشقى موھىتتىكى ئورنى ،ماكاندىكى باغلىنىش مۇناسىۋىتى ئۆزىگە ماكان بەرگەن تاغدا بىر ئۆزىگىلا خاس بولغان ئورۇننى تۇتۇپ تۇرىدۇ.
    بەشىنچى : مەۋجۇتلۇق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دەۋرىيلىكى (ئايلانمىلىقى) ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.داۋاملاشتۇرىدۇ.يەككە نوقتىدىن ئالغاندا بارلىققا كېلىش،زورىيىش،قۇدرەتكە تولۇش،ئاخىرى يوقۇلۇش ھەرقانداق يەككە مەۋجۇتلۇقنىڭ قانۇنىيىتى.شۇنداقلا مەۋجۇتلىقىنى قايتا-قايتا بارلىققا كېلىش،زورىيىش ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ قانۇنىىتى،بۇ يەنە ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىش قانۇنىيىتى.مەۋجۇدىيەتتە،ھاياتلىقتا مەڭگۈلۈك دەۋرىيلىك-قايتىللىنىش،داۋاملشىش،گېننىڭ،نەسىل،ئەۋلاد قالدۇرۇشنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى مەۋجۇت.ئۇ  مىكرۇ جىسىم ۋە ماددى ئالەمنىڭ قانۇنىيىتى.تەپسىلى مەزمۇن « مەۋجۇدىيەت تىلى -مەڭگۈلۈك تىل » ناملىق ماقەلەمدە بايان قىلىنغان.بۇ بۆلەكتە ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن قىسقىچە بايان قىلىندى.
    ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا مەۋجۇدىيەت تىلىدىكى يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان كۆرۈنۈش،رىتىمدارلىق،سەزگۈچانلىق قوزغاش،قۇرۇلما،ئايلانمىلىق قاتارلىق ئەڭ يادرۇلۇق قانۇنىيەتتىن كەلگەن.

   (  داۋامى بار)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-1 00:40  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 00:37:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋجۇدىيەت-ئالەم  بىرىنچى  چوڭ مۆجىزە.ئىنسانلاردىكى ئاڭ ئىككىنچى چوڭ مۆجىزە.مەۋجۇدىيەت بىلەن ئاڭنى ئىپادە قىلىدىغان ئىنسانلار تىلى (ۋاستە ) ئۈچۈنچى چوڭ مۆجىزە ھېساپلىنىدۇ.
      ماقالىنىڭ  1-بۆلىكىدە  مەۋجۇدىيەت تىلى،ئىنسانلار تىلى،سەنئەت تىلى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى.2-بۆلىكىدە ئەدەبىي تىلنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 8 تارماق مەزمۇن بار.(ھازىر 2-بۆلەكنىڭ 4-تارمىقىغىچە بېرىلىپ بولدى.)3-بۆلەك « تىلنى تىرلدۈرۈش -ئەدەبىياتنىڭ جېنى » ماۋزۇلۇق بۆلەك بولۇپ،پۈتكۈل ماقالىنىڭ يادرۇسى ھېساپلىنىدۇ.3-بۆلەكتە   3 چوڭ تارماق بار. رەتلەپ بولالمايۋاتىمەن.
      
     بوزلان سورىغان  «مەۋجۇدىيەت تىلى دەپ نىمىگە ئاساسلاندىڭىز ؟» دېگەن سۇئال دەل يۇقۇرقى 4-بۆلەك مۇناسىۋەتلىك.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش