ئىگىسى: يانغىن

'' شىنجاڭ مائارىپى '' ژۇرنىلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-5-26 12:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مائارىپى ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ژورنىلى...

ۋاقتى: 2012-5-28 11:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پ

مەن مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن. نەچچە يىللار ئىلگىرى قارىسام توپ توپ ئۇنۋان ماقالىلىرى بېسىلغان ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنىلىنى ئىشخانىلاردا تۇراتتىكەن. ۋاراقلاپلا قويغانىدىم. شۇڭا نەچچە ۋاقتتىن بىرى بۇ ژورنالنى كۆرمەپتىمەن ھەم ئەسەر ئەۋەتمەپتىمەن. قايسى كۈنى ئىدارىدە نۆۋەتچى بولغىنىمدا قۇلۇمغا چىقىپ قالغان بىر ساننى كۈرۈپ ھەيران قالدىم.ژورنال شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چىقىرىلىپتۇ. پۇل تۆلەپ ئىنۋانغا ماقال چىقىرىدىغان ژورنالغا ئەمەس بەلكى مۇستەقىل ھەم سەھىپىلىرى مۇكەممەللەشكەن بىر ژورنالغا ئايلىنىپتۇ. ژورنالنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ قەدەملىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى، تېخىمۇ سەرخىل ئەسەرلەرنىڭ ئېلن قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 11:24  


ۋاقتى: 2012-5-28 12:52:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              مېنىڭ ئىجادىيەت قەدىمىم بۇ مۇبارەك ژورنالدا 2003-يىلى 10-ساندا ئېلان قىلىنغان «ساپا ۋە ساپا مائارىپى» دېگەن ماقالەم بىلەن باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بۇ ژورنالنى  ياخشى كۆرىمەن. ھەر قېتىم بۇ ژورنالنى ۋە ژورنال مۇقاۋىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتچىلارنىڭ ئەۋلاد ئىشقىدا كۆيۈپ تۇرغان نۇرانە چېھرىنى كۆرسەم، قەلبىمگە يىراقتىن سايە تاشلاپ تۇرغان ئەۋلاد ئەتىسىگە بولغان خىرە تۇمانلار سۈزۈلگەندەك بولىدۇ.

             ئەسلى كۆڭۈلسىز سۆزلەرنى دېمىگەن ياخشى ئىدى، يەنىلا ئەسلەپ قالدىم، سىڭلىم پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى مۇھەپپەقىيەتلىك تاماملاپ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن كەسپ ۋە غايە ھەققىدە سىردىشىپ قالدۇق.
         ـــ سىز،  ئائىلىمىزدە ئالىي مەكتەپنى بىردىنبىر پۈتۈن ئوقۇدىڭىز. يەنە كېلىپ ماڭا قارىغاندا تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولدىڭىز. شۇڭا بۇرۇنراق قەلەمگە يېقىنلىشىڭ... ئۇنىڭسىزمۇ سىزنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى  تۇيغۇلىرىڭىز بۇرۇنتىن سۈزۈك ئىدى.
        ـــ ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ئاچا، لېكىن مەن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ مۇنبەرگە چىقاي،  مەنمۇ ئەسلى كەسپ بىلەن ئىجادىيەتكە تەڭ  كىرىشىپ كېتەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، مەن يەنىلا ئالدى بىلەن مۇنبەرگە ئەقىدەمنى بېرەي دەپ ئويلاپ قالدىم. پاراكتىكا جەريانىدا مەن بۇرۇنتىن بەكمۇ ھۆرمەتلەپ مەتبۇئاتلارنى شېئىرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيدىغان بىر شائىر  ئاكىمىز  بىلەن بىللە ئىشلەپ قالدۇق. ئۇ ئاكىمىز  بىزنى ئۇزۇتۇش چېيى بېرىلگەندە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ،«سىلەر، تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن ياشلار كەلگۈسىدە چوقۇم، ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىسىلەر، مەن سىلەرگە ئېيتسام، مەن شۇنچە يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ قەلەمنى تاشلىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق. ئوقۇتقۇچىلىقنىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەپلەپ-سەپلەپ قىلىپ كېتىۋاتىمەن... مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان مېھرىم ئالدىدا ئوقۇتقۇچىلىق مېھرىم ھېچ گەپ ئەمەس... » دېگەن ئىدى. بۇ شائىرغا بولغان ھۆرمىتىم بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى بۇ ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايمەن... سىزگە نېمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسەممۇ،  مەن بۇ گەپنى ھېلىھەم ئۇنتىغىنىم يوق.
مېنىڭ ئالدى بىلەن ئەڭ ياخشى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغۇم بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاتىگۈل نىياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 12:56  


باھا سۆز

سىڭلىڭىزنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا ئاپىرىن !  ۋاقتى: 2015-10-29 12:49 PM
ۋاقتى: 2012-5-29 23:57:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىننىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2012-5-30 09:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئالدى بىلەن ئەڭ ياخشى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغۇم بار...



يۇقىرىقى جۈملە ھەققىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى چوڭقۇر ئويلاپ بېقىشى كېرەك.

ۋاقتى: 2012-5-30 11:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبىلەرنىڭ قەلبىدە ئانا تىلنىڭ ئىشقىنى ياندۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.بۇ ئېغىر ھەم مۇقەددەس بۇرچ.يازما ئىگىسىگە تەشەككۈر.بۇ ئىرادىسىدىن ھەرزامان يېنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.نىمە سەۋەپ بىلمىدىم.ئىملا ئەجەپ خاتا چىقىپ قېلىۋاتىدۇ.ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.

ۋاقتى: 2012-5-30 17:03:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلخەتكە ئەسەر يوللىسا قوبۇل قىلمايدىكەن . ئۈنۈملۈك ئادرىس يوقمۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھرىمان تۆمۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 17:03  


ۋاقتى: 2012-6-4 12:47:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى سىردىشى ئېدى.يىقىندىن بۇيان دىدار كۆرسەتمەس بولىۋالدى بىزگە.شەنبەمنە بەر،يەكشەنبەمنى بەر بەك تاتلىق شېئىر ئېدى.

ۋاقتى: 2012-6-4 13:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان بالىلار ئەدەبىياتى ئاپتۇرلىرى سىمنارىسىيىسىدە شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىدىن پەرھات ئىلياس، دىلشات ئىدىرىس، ۋاھىتجان ئوسمان، موختەر مەمەت ۋە ئەسقەر مىجىتلار كىلىپ «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى ۋە« پەرۋاز» ژورنىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، ئەسەر تەلىپى، قانداق ئەسەرلەرنى يېزىش، قانداق يېزىش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى

ۋاقتى: 2012-6-4 13:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن  بېرى بۇ ژورنالنىڭ ساپاسى خېلى يۇقىرى كۆتىرىلىپ،بىزگە تېخىمۇ ئەمەلىي نەپ بېرىۋاتىدۇ.مەنىۋىي تەشنالىقىمىزنى قاندۇرىدىغان بۇلاققا ئايلىنىۋاتىدۇ.ئىشلىتىلىۋاتقان ماقالىلەرمۇ شۇنداق ياخشى تاللىنىۋاتىدۇ.ژورنالىنى مۇشۇنداق ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان جاپاكەش مۇھەررىرلەرگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2012-6-4 14:32:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elxatrahim يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 20:42
مىنڭىچە بۇ ژورنال ئىسلاھاتقا مۇھتاج.ھەق گەپ قۇلاققا خو ...

ھەقىقەتەن  بۇ ژورنال ئىسلاھاتقا مۇھتاج ،...يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ژورنالدىكى ماقالە ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى خېلى يامان ئەمەس كىتىپ بارىدۇ ....لىكىن تورداش    elxatrahim
دىگەندەك  بۇ ژورنال مەكتەپلەردىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا ھەريىلى مەجبۇرى مۇشتەرى قىلدۇرىلىدۇ ...گەرچە بۇنداق قىلىشنىڭ  ژورنال تىراژىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولسىمۇ ئەمما ئوقۇرمەننىڭ تاللاپ ئوقۇش ،ئەڭ ياخشىسىنى ئوقۇش ھۇقۇقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بۇلامدۇ قانداق  ...ئەگەر بۇ ژورنالمۇ  ئىختىيارى  ئارزۇلاپ تۇرۇپ مۇشتەرى بۇلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۇرسە بۇ  ژورنالنىڭ سۈپىتىنى،ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا  تۈرتكىسى بۇلىدۇغۇ -ئەلۋەتتە

ۋاقتى: 2012-6-4 18:10:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنىلى سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.چۈنكى مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى مائارىپقا باغلىق.‹‹شىنجاڭ مائارىپى› جورنىلىدا ساۋات خاراكتىرلىك ئەسەرلەر كۆپ ،يېڭىلىق ئاز، بىلىم بېرىدىغان،يېتەكلەيدىغان ئېسىل ئەسەرلەر ئاز. ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنلا چىقماسلىقى بەلكىم پۈتۈن ئاۋام خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

ۋاقتى: 2013-3-14 23:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىنكاس يازغان ئەزىزلەر، شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلىنىڭ كىچىكىپ كەلگەن بىر يىللىق سانىنى بىراقلا تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئىككى كۈندىن كىيىن مۇئاشىمىزدىن 72 يۈەن نان پۇلىمىز تۇتۇپ قىلىندى. مۇشتىرى ھەققى ئۈچۈن. بىرسىمىز ئۆزىمىزنىڭ بۇرادەرلىرى ئۈچۈن، بىرىمىز بىسىلغان ماقالىمىز ئۈچۈن ياخشى كۆرسەك، بىرلىرىمىز بولسا....، تارازا تۇتۇش ئۇسۇلى ئوخشىمىسا تارازىنىڭ كۆرسەتكىنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆزىنى باقىدىغان، سانلىرى بىزگە يىتىشمەي قالىدىغان تاتلىق تىمىلىق ژۇرناللارغا سىلىشتۇرغاندا بۇ ژۇرنالنىڭ مونۇپۇللىقتىن پايدىلىنىپ ئىرىشكەن ئورنى يەنىلا كۆپ تۆۋەن. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، جەمىئەتتتىكى بارلىق كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ تىمىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ ژۇرنالىنىڭ قەدىمى بەكلا ئىغىر بولىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2013-4-7 11:52:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانچە ئۇختۇرۇش چىقارسۇن يەنىلا سېلىقچىلىق تۇگۇمەيدۇ. چۇنكى نۇرغۇن ژۇرنال -گېزىتلەرنىڭ مۇشتۇرلارنى جەلىپ قىلدىغان ئارتۇقچىلقى ئەسلا يوق .مەزكۇر ژۇرنالمۇ  دەل سېلىقچىلىق بىلەن مەۋجۇت تۇرۋاتقان‹‹ پىشقەدەملىەرنىڭ›› تىپىك ۋەكىلى .

ۋاقتى: 2013-4-7 13:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى مائارىپ ئۈچۈن مېھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان «شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى»دىكى
مۇھەررىرلەرگە ئالىي ئېھتىرام!تىنىڭلار سالامەت،ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق،ئائىلەڭلار بەختلىك
بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش