كۆرۈش: 10827|ئىنكاس: 83

'' شىنجاڭ مائارىپى '' ژۇرنىلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3.jpg

2.jpg

1.jpg

《شىنجاڭ مائارىپى》ژۇرنىلى — شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ باشقۇرۇشىدا نەشىر قىلىنىدىغان ئايلىق كەسپىي ژۇرنال. بۇ ژۇرنال 1951-يىلى نەشر قىلىنىپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە يىلللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى ھەمدە 533 سان نەشر قىلىندى.
《شىنجاڭ مائارىپى》ژۇرنىلىدىكى رەھبەرلەر ۋە مۇھەررىرلەر 1997-يىلى ژۇرنالنىڭ ئجتىمىائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېپىدىكى كەسپىي ژۇرناللىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ژۇرنالنى ئۆز ئالدىغا تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات يولىغا قەدەم قويدى . شۇ يىلدىن باشلاپ ژۇرنالنىڭ تىراژى 65مىڭدىن چۈشمىدى.
《شىنجاڭ مائارىپى》ژۇرنىلى يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن 1998 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشىدە 1- دەرىجىلىك ژۇرنال، 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ژۇرنال بولۇپ باھالاندى . 2010-ۋە 2011-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ژۇرنالچىلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم  6-
ۋە 7- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .


نەشر قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچى ئورۇن: شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
ژۇرنىلىمىزنىڭ ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 187-قورۇ
پوچتا نومۇرى: 830049
تېلېفۇن نومۇرى: 2852064
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نومۇرى:        CN65—1026/G4
ئېلخەت ئادرېسى:  xjmt@yahoo.cn
                              地址:乌鲁木齐市胜利路187号 《新疆教育》杂志维文编辑部   

5.jpg

'' شىنجاڭ مائارىپى ''ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلەر




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-25 12:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھنەتكەش ، مەسئۇلىيەتچان  مۇھەرىرلەرنىڭ  جاپالىق ئەجىر - مېھنىتىدە  بۇ سۆيۈملۈك  ژۇرنىلىمىز يىللاردىن بۇيان  ناھايىتى  ياخشى  چىقىۋاتىدۇ  .  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  سىرداش دوستى  ، كەسپىي يېتەكچىسى  بولۇپ ، ئۆزىنىڭ  موھىم رولىنى ياخشى جارىي قىلىدۇرۇپ  كېلىۋاتىدۇ  .  مەن  بۇ سۆيۈملۈك ژۇرنالنىڭ  بۇندىن كىيىنكى  مەنزىلىگە  نۇرانە تىلەك  ، يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2012-5-25 13:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ مائارىپ» ژۇرنىلى مەن ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مەنىۋى ئوچاق. مەن بۇ ئوچاقنىڭ ئوتىدا تاۋلانغان، نۇرغۇن ئەسەرلىرىم بۇ ئوچاقتا كامالەت تاپقان. بۈگۈن بۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ ژۇرنال ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن تۇنىياز ئېلىياس، مۇختەر مۇھەممەد، تاھىر خالىق قاتارلىق مۇھەررىرلەرگە قىزغىن سالام يوللايمەن.

ۋاقتى: 2012-5-25 13:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تاھىر خالىقنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەسەرلىرىمىزنى پات-پات ئېلان قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2012-5-25 13:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مائارپ ژۇرنىلىدىكى بارلىق مۇھەررىرلەرگە ئوتلۇق سالام!

ۋاقتى: 2012-5-25 13:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ژورنالنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن

ۋاقتى: 2012-5-25 13:39:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە ھەشقاللا يانغىن،سۆيۈپ ئوقۇۋاتقان ژورنىلىمىزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىنىمسىز جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان ئەزىزلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلغىنىڭىز ئۈچۈن.
يەنە دىسەم يەنە شۇ ........تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن.

ۋاقتى: 2012-5-25 15:04:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالنىڭ 5-،6-سانلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى يوللاپ قويغىلى بۇلارمۇ، چۇنكى بىز تېخى بۇ سانلارنى تاپشۇرپ ئالمىدۇق.

ۋاقتى: 2012-5-25 15:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مائارىپچىلارنىڭ يىقىن ئوقۇشلوقلىرىمىزدىن بىرى بۇ !

ۋاقتى: 2012-5-25 17:10:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن بۇرادەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!

ۋاقتى: 2012-5-25 17:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     «شىنجاڭ مائارىپى» مېنىڭ خىزمەتتىكى ياخشى ھەمرايىم. مەن ئۇنىڭدىن قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئۆگەنگەن ۋە داۋاملىق ئۆگىمەن.

ۋاقتى: 2012-5-25 18:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ژۇرنال ئىكەن

ۋاقتى: 2012-5-25 20:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-5-25 21:32:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺑﯘ «ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ» ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
.....................................................................................................................

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: ئاخبارات نەشرىيات باش مەھكىمىسى يېقىندا گېزىت ژۇرناللارنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ داۋاملىق گېزىت  ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا 22-دېكابىر «گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سېلىشنى قەتئىي توسۇش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، گېزىت ژۇرنال چىقارغۇچى ھەرقايسى ئىدارىلەردىن مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سالماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ گېزىت ژۇرناللىرىنىڭ توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقى ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاخبارات نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى گېزىت ژۇرنال باشقۇرغۇچى تارماقلار پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، گېزىت ژۇرنال تارقىتىش بازارلىرىنىڭ نورمال بولۇشىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.
  ئۇقتۇرۇشتا گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى نورما تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن مۇشتەرى بولغاندا ئالدى بىلەن پارتىيە گېزىت ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇش قايتا تەكىتلەندى، نورمىدىن ئارتۇق مۇشتەرى بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىش قىلمىشلىرى قاتتىق توسىلىدۇ.


ۋاقتى: 2012-5-26 12:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مائارىپى ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ژورنىلى...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش