《شىنجاڭ مائارىپى》ژۇرنىلى — شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ باشقۇرۇشىدا نەشىر قىلىنىدىغان ئايلىق كەسپىي ژۇرنال. بۇ ژۇرنال 1951-يىلى نەشر قىلىنىپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە يىلللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى ھەمدە 533 سان نەشر قىلىندى. 《شىنجاڭ مائارىپى》ژۇرنىلىدىكى رەھبەرلەر ۋە مۇھەررىرلەر 1997-يىلى ژۇرنالنىڭ ئجتىمىائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېپىدىكى كەسپىي ژۇرناللىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ژۇرنالنى ئۆز ئالدىغا تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات يولىغا قەدەم قويدى . شۇ يىلدىن باشلاپ ژۇرنالنىڭ تىراژى 65مىڭدىن چۈشمىدى. 《شىنجاڭ مائارىپى》ژۇرنىلى يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن 1998 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشىدە 1- دەرىجىلىك ژۇرنال، 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ژۇرنال بولۇپ باھالاندى . 2010-ۋە 2011-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ژۇرنالچىلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم 6- ۋە 7- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
نەشر قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچى ئورۇن: شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ژۇرنىلىمىزنىڭ ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 187-قورۇ پوچتا نومۇرى: 830049 تېلېفۇن نومۇرى: 2852064 مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نومۇرى: CN65—1026/G4 ئېلخەت ئادرېسى: xjmt@yahoo.cn 地址:乌鲁木齐市胜利路187号 《新疆教育》杂志维文编辑部
'' شىنجاڭ مائارىپى ''ژۇرنىلىدىكى مۇھەررىرلەر
|