شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى(7)
ئۆمەرجان سىدىق
(داۋامى)
مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە
شاڭخەي مەملىكىتىمىزدىكى مەدەنىيەت چوڭ رايونى، مەملىكىتىمىزدىكى مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، مەدەنىيەت مۇھىتى ئەڭ قويۇق شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى شاڭخەينىڭ جۇڭگودىكى شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن چەت ئەل مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقانلىقىدا. 19 – ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپلا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر شاڭخەيگە بېسىپ كىرىپ، زورلۇق بىلەن مۇستەملىكە ئورۇنلىرىنى قۇرغان، ئۇلار تەڭسىز شەرتنامىلەر بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ بىللە ئېلىپ كىرگەن، بۇ تەبئىي ھالدا شاڭخەينىڭ مەدەنىيتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، يېڭى پىكىر ئېقىملىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، يېڭىچە مەنىۋى مۇھىتنىڭ، يېڭىچە كەيپىياتنىڭ يارىلىشىغا تۈرتكە بولغان. شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىدىكى مەشھۇر شاڭخەي ساھىلى بويىغا جايلاشقان تارىخىي كوچا - جۇڭشەن شەر*قىي يولىدا 1848 – يىلى قاتناش باشلانغان، 1943 – يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1.5 كېلومېتىرلىق بۇ قىسقا كوچىغا رىم ئۇسلۇبى، غەرب ئۇسلۇبى، جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى كلاسسىك گۈللىنىش شەكلىدىكى چوڭ – كىچىك 52 ئىمارەت، 23 تارىخىي قۇرۇلۇش جايلاشقانلىقى بىلەن نەچچە ئونلىغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆرگەزمە توپىغا ئايلانغان، ، ئەينى ۋاقىتتىكى كونا شاڭخەينىڭ پۇل – مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ شەكىللەنگەن. فرانسىيە پوچتا كېمە شىركىتى 1932 – يىلى سالغان بىنا، 1913 – يىلى ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان «ياشيا»نېفىت شىركىتى بىناسى، 1864 – يىلى سېلىنغان ئەنگلىيەلىكلەر باش ئۇيۇشمىسى بىناسى، 1861 – يىلى ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان «شاڭخەي كۇلۇبى»، 1910 – يىلى سېلىنغان ئەنگلىيە كېمە شىركىتى بىناسى، 1891 – يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن سېلىنغان شاڭخەي تاموژنا بىناسى، 1916 – يىلى سېلىنغان ئامېرىكا بانكا بىناسى، 1921 – يىلى سېلىنغان ياپونىيە «رىچىڭ» شىركىتى بىناسى قاتارلىق قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى كۆركەم بىنالار ھازىرمۇ قارشى قىرغاق – پۇدۇڭ رايونىدىكى ئاسمانپەلەك بىنالاردىن روشەن پەرقلىق ۋە جەلپكار ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
1930 – يىلى شاڭخەيدە تارتىلغان بىر قانچە پارچە سۈرەتتە تۆۋەندىكى مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ: «شۆتېلوڭ»ماركىلىق ئېسىل پىكاپلار شاڭخەي ساھىلى بويىدا رەتلىك كېتىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىكشىچىلارمۇ يول بويىدا خېرىدار ساقلاپ تۇرغان، يەنە تېخى بىر توپ قوي پادىسى كوچىدىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقان… يەنە شۇ يىللاردىكى سۈرەتتە بىنا ئۈستىگە ئورنىتىلغان، چىراقلىرى يېنىپ تۇرغان، ئىنتايىن سەنئەتلىك ئىشلەنگەن ئېلان تاختىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ . گېزىت – ژۇرنال بوتكىسىدا بوتكىچى بىر گېزىتنى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ، پەشتاختىدىكى كىتاب، گېزىت – ژۇرناللارنىڭ سانى يۈز نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ..قاراڭ، بۇ مەنزىرىدىن ھەيرانۇ – ھەس قالىسىز، ئۇ يىللاردا جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا نەدىمۇ ماشىنا، توك بولسۇن، نەشر قىلىنىدىغان نەدىمۇ بۇنداق كۆپ گېزىت – ژۇرنال بولسۇن! يەنە شۇ يىللاردا شاڭخەيدىكى مەشھۇر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى «بەيلېمىن» پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن، ھەر خىل ئىرىق، ھەر خىل مىللەتتىكى كىشىلەر ۋە جۇڭگونىڭ زەردارلىرى، زىيالىيلىرى بۇ يەرگە پات – پات كېلىپ تۇرغان. يەنە شاڭخەي ساھىلى بويىدا ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھاجىرلىرى ئات چاپتۇرۇش، قېيىق ھەيدەش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. بۇنداق داڭق قازانغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھازىرقى دەۋردىمۇ تېپىش تەس!
ئەينى يىللاردا مەدەنىيەت بىلەن بىرگە ئەدەبىياتمۇ ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان، 1919 – يىلىدىكى «4 - ماي»ھەرىكىتى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ھالقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، 1927 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى مەشھۇر زىيالىيلار، ئەدىبلەر شاڭخەيگە يىغىلىشقا باشلىغان. چۈنكى يۇقىرىقىدەك ئامىللاردىن تەسىرىدىن شاڭخەيدە بىر قەدەر ئەركىن پىكىر قىلغىلى، ئەركىن پائالىيەت قىلغىلى بولاتتى. گېزىت – ژۇرنال، نەشرىيات ئور رۇنلىرىمۇ كۆپ، ماقالە، ئەسەر، كىتاب نەشر قىلىشمۇ بىر قەدەر ئاسان ئىدى. يازغۇچىلارنىڭ قەلەم ھەققىمۇ يۇقىرى ئىدى. بۇ تەبئىي ھالدا شاڭخەينى يېڭىچە ئەدەبىيات جەڭگىۋارلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. لۈشۈن، گو مورۇ، چۈ چيۇبەي، ماۋ دۇن، يې شېڭتاۋ، شيا يەن، فېڭ شۆفېڭ، شېن يىنمو، دىڭ لىڭ قاتارلىق مەشھۇر ئەدىب، يازغۇچىلار شاڭخەيگە، شاڭخەي «خوڭكۇ»(ھەسەن – ھۈسەن ئېغىزى)دىكى «دولۇن»(كۆپ خىل ئىدىيەلەر ئۇچراشقان)كوچىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەردە ياشاۋاتقان با جىن، جاڭ ئەيلىڭلارمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇلارغا قوشۇلغان، بۇ شاڭخەيدە ئەدەبىيات جەھەتتىكى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
مانا مۇشۇنداق ئاساس، يىلتىز بولغاچقا شاڭخەي ھازىرغا قەدەر جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ يۆنۈلۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخىي ئامىلنىڭ رول ئوينىشى بىلەن شاڭخەيدىكى ئاۋامنىڭ كىتاب كۆرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى، كىتابلارنىڭ بازىرى ئىتتىك، يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەر، نەشرىيات، مەتبۇئاتلار كۆپ بولۇپ كەلدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى، كىرىمىمۇ يۇقىرى بولدى. يازغۇچى، شائىرلار مەيلى دوختۇرخانا ياكى باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بارسا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. نەشرىياتلارنىڭ مىڭ خەتكە بېرىدىغان نورمال قەلەم ھەققىمۇ 500 يۈەندىن ئاشىدۇ. (بىزدە ئەڭ يۇقىرى بولسا ئاران 80 يۈەن بېرەلەيدۇ)، يىللىق كىرىمى نەچچە ئون مىليوندىن ئاشىدىغان يازغۇچىلار خېلى كۆپ. شاڭخەيدىكى ۋاڭ ئەنيى، يې شىن قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ئاپپاراتلىرى «ئەدەبىي تالانتنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولمايدۇ»دېگەن قاراشقا قارىتا «ئەدىبلەر چوقۇم تەربىيەلىنىش جەريانىدا يېتىشىپ چىقىشى كېرەك»دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ۋە ئىجادىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، تۈ*ركۈم – تۈ*ركۈملەپ ھەۋەسكارلارنى تەربىيەلەپ چىقتى. بۇلاردىن تورنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلغان نۇرغۇن ياش يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقتى.
بىز شاڭخەي شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت پائالىيىتىمىز مەدەنىيەت، ئەدەبىيات چەمبىرىكىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلدى. 10 – ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى دېڭىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاساسەن شاڭخەي – چاڭجياڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، «چوڭمىڭ»ئارىلىغا كەلدۇق. بىزنى ھەيران قالدرۇغىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاستىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان 8.9 كېلومېتىرلىق يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى ۋە دەريانىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان 16.5 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەيۋەتلىك چاڭجياڭ كۆۋرۈكى بولدى. چوڭمىڭ ئارىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەر*قىي دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى 3 – چوڭ ئارال، چاڭجياڭنىڭ چىقىش ئېغىزى دەپ ئاتىلىدىكەن.