, L5 P+ t Q5 h3 @0 D
. e5 P8 \% T# B9 X
* g7 n6 U% @6 Q2 v: hخارۇكى مۇراكامى 村上春树ھاۋاي ئۇنۋېرستىتىدا نۇتۇق سۆزلىدى: قەلىبتە ئەقىلگە سىغمايدىغان سىرلىق خانە بولىدۇ
, _; i1 C$ u* l/ I- s1 R7 _
جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيئىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى دەيجىڭ خەۋىرى: يېقىندا ھاۋاي ئۇنۋېرستىتىدا تەتقىقاتى بولۇپ تۇرىۋاتقان ياپونىيەلىك داڭلىق يازغۇچى خارۇكى مۇراكامى مەزكۇر مەكتەپتە ‹‹ يېزىقچىلىق توغرىسىدا سۆزلىگەندە نىمىلەرنى دەيمەن›› دېگەن تېمىدا لىكسىيە ۋە دىكلىماتسىيە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بەردى. ئاندىن ئۇ ياپۇن ئەدەبىياتى دەرسىگە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ ‹‹ پىروزا ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ›› دىگەن تېمىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
& b& G8 E- `5 p* o4 L‹‹ئەتتىگەنكى قۇياش›› گېزىتىدە خارۇكى مۇراكامىنىڭ ھاۋاي ئۇنۋېرستىغا كەلگەندە زور زىلزىلە قوزغىغانلىقى يېزىلغان. پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئادەم مەيدانغا كىرىپ بولغان. ئالتە يۈز كىشىلىك زال يىغىن باشلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇنلا توشۇپ بولۇپ، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئادەم تۇرۇپ ئاڭلىغان. بۇ خارۇكى مۇراكامىنىڭ ھاۋاي ئۇنۋېرستىتىدا ئىككىنچى قېتىم نۇتۇق سۆزلىشى بولۇپ، يىغىن تۈگىگەندە خارۇكى مۇراكامى ‹‹ ئالتە يىل بۇرۇن ھاۋاي ئۇنۋېرستىتى مېنى بىر قېتىم تەكلىپ قىلغان، بۇ قېتىم يەنە تەكلىپ قىلىندىم. بۇ كۆپچىلىكنىڭ مەندىن زىرىكمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن مەن بەك خوش ›› دىگەن.
4 x* |+ \8 p* I# S `
كېيىن خارۇكى مۇراكامى پەقەت تەسەۋۋۇردىلا كۆرگىلى بولىدىغان ‹‹سۇدىكى لەيلىمە كۆۋرۈك›› نى ئېنگىلىز تىلىدا تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ‹‹ قەلبىمىزدە ئەقىلگە سىغمايدىغان سىرلىق بىر خانە بار. بىز بۇ خانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىنىمىزدا سۇدىكى ئاشۇ لەيلىمە كۆۋرۈكنى كۆرەلەيمىز. بۇ خىل تۇيغۇ ھەتتا بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋىتىدۇ، پروزا دەل موشۇنداق كۈچنى ئىشلىتىپ بىزگە ئاشۇ تۇيغۇنى ھېس قىلغۇزىدۇ. ›› دەيدۇ. ئۇ
《1Q84》تۇغرىسىدا توختىلىپ، ئۇ ئەسەرنى بىر كۈنمۇ توختىماي توپتۇغرا ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
2 t$ R& }3 i# P" @دىكلىماتسىيە باشلانغاندا خارۇكى مۇراكامى يۇمۇرلۇق قىلىپ ‹‹ مەن بۈگۈن يېڭى ئەسىرىم《1Q84》نى باشتىن ئاياغ دىكلىماتسىيە قىلماقچىمەن›› دىۋىدى، زالدا كۈلكە كۆتىرىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹كىنگۇرۇنىڭ ياخشى كۈنلىرى›› ناملىق توپلىمىدىكى ‹‹ئەينەك ›› ۋە ‹‹قىرلىق سېرىقماينىڭ گۈللىنىش-زەئىپلىىشىش خاتىرىس ››نى دىكلىماتسىيە قىلدى. خارۇكى مۇراكامى دىكلىماتسىيەدىن بۇرۇن‹‹ئەسەرلىرىمنى ئېنگىلىز تىلىدا دىكلىماتسىيە قىلىش ئانچە راھەت تۇيۇلمايدۇ›› دەپ ئاۋال ئۆزى ياپونچە دىكلىماتسىيە قىلدى، ئېنگىلىزچىسىنى ھاۋاي ئۇنۋېرىستىدىكى پىرۇففىسۇر Ken Ito ئوقۇدى.
# y8 l& |1 H8 K6 Wدىكلىماتسىيەدىن كېيىن ھاۋاي ئۇنۋېرستىتىدىكى ئۆزىنى خارۇكى مۇراكامىنىڭ ھەممە ئەسىرىنى ئوقۇغان دىگەن بىر تەتقىقاتچى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپ ‹‹ خارۇكى مۇراكامى نىڭ بۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىشى ناھايىتى ئاسانغا تۇختىمىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى نەق مەيداندىن ئاڭلاش ناھايىتى ھاياجانلىق ئىش›› دېدى. ياپۇن ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا نەتىجىسى بار دوتسىنىت Joel Cohn‹‹ خارۇكى مۇراكامىنىڭ ئەسەرلىرى ئاممىباپ، خەلىققە يېقىن، ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن گۇڭگا، سىرلىق تەرەپلەر بەر، كونكىرىت سىمۋۇللار كىشىلەرنى جاۋابىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ›› دەيدۇ.
# c( o/ g# |9 G7 y8 C }/ a
ئىزاھات : خارۇكى مۇراكامى –ياپونىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ‹‹نورۋىگىيە ئورمانلىقى››،《1Q84》قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسىرى بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
4 S. j( E" B7 Aمۇناسىۋەتلىك ئۇلىنشلار
$ V- a9 q8 R! |/ ?1 {: p) T$ zhttp://www.chinawriter.com.cn/news/2012/2012-05-17/127426.html2 r: [2 N. ?" p9 l) d) H# G0 a
$ U" b7 [' k& x! u& h. x( s( n# |, |. R6 ]
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%9D%91%E4%B8%8A%E6%98%A5%E6%A8%B9 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا risaletmerdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-19 00:35 * B" x& P; a' A u+ j
( g) T" d* w) V# I