يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 7818|ئىنكاس: 70

بالام تەڭرىقۇت باتۇر روزى ئۈچۈن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-12 12:29:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن مەرھۇم يازغۇچى باتۇر روزىنىڭ ئايالى ئامانگۈل توختى بولىمەن، ئۇزاقتىن بېرى ئالدىراشلىق بىلەن تورغا چىقالمىدىم، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەتتە يىلدىن بۇيان مەرھۇمنى ئۇنتۇپ قالماي ياد ئېتىپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى دائىم دېگۈدەك تورلاردا بېرىپ تۇرغان، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
   ھەمممەيلەنگە مەلۇم، مەرھۇم 2007-يىلى ئۈرۈمچىدە قازا قىلدى، مەن ئىككى بالام بىلەن ئۆيسىز  قالدىم، مىجىت ناسىركامنىڭ ياردىمى بىلەن كورلىدا بىر تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيگە ئېرىشتىم، ھازىر شۇ ئۆيدە ئىككى بالام ۋە ئانام تۆتىمىز تۇرىۋاتىمىز، ئانام بۇ يىل 80 ياشقا كىردى، كۆزى ياخشى كۆرمەيدۇ، قۇلىقىمۇ ئېغىرلىشىپ قالدى. قىزىم نازىنە تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى، ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلغاچ ۋاقىتلىق خىزمەت ئىزدەپ يۈرىۋاتىدۇ. ئوغلۇم قۇتلۇقجان (ئەسلى تەڭرىقۇت ئىدى، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسمىنى يۆتكىگەن) بۇ يىل 10 ياشقا كىردى، مەكتەپتە ئوقۇتالمىدىم، ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىنتايىن سالامەت ئىدى، ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، بىر كۈنى ئۆزى يالغۇز بالكوندا ئويناۋېتىپ بىر چىرقىرىدى، يۈگرەپ يېنىغا كىرسەك كۆزىنىڭ قارىچۇقى كۆرۈنمىدى، بالىدا ھېچقانداق سېزىم يوق، باتۇرغا تېلىفون قىلسام ئۈرۈمچىگە ئەكېلىڭلار دېدى، شۇ زامان ئۈرۈمچىگە ماڭدۇق، بالام يولدا بارغۇچە ئۇخلىدى، ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئويغىنىپ كۆزىمۇ ئەسلىگە كەلدى، بىراق ئەقلى ئىقتىدارى بارا-بارا كەينىگە يېنىپ كەتتى، قايتىدىن ئۆمىلەشكە باشلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بالىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى،بالا شۇنداق بولۇپ دەل بىر ئايدىن كېيىن باتۇر ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى، مەن شۇنداق قىيىن كۈنلەردە قالدىم، بالىنى نۇرغۇن چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپاردۇق، ئۇلار مېڭە پارالىچ ، تۇتقاقلىق كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويدى، چۈنكى ئوغلۇم پات-پاتلا تارتىشىدىغان بولۇپ قالدى، بىر قېتىم تارتىشسا يەتتە سەككىز سائەتكىچە ھوشۇغا كەلمەيتى، چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ باراتتۇق. دوختۇر ماڭا بالا بىر قېتىم تارتىشسا ئەقلى ئىقتىدارى بىر ئىككى ياش كەينىگە يېنىپ كېتىدۇ دېدى. ئىشقىلىپ قىلمىغان سەۋەب، ئاپارمىغان دوختۇرخانا قالمىدى، ھەممىسى شۇنداقلا دىئاگنوز قويدى، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ بىر دورىسى بار ئىكەن، تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ، شۇ دورىنى ئىچىشكە بۇيرىدى، ھازىرغىچە شۇ دورىنى ئىچىدۇ، بىر ئايدا ئىككى قۇتا كېتىدۇ، ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆپ تارتىشمايدۇ، بىر يىلدىن ئاشتى، پەقەت تارتىشىپ باقمىدى، بىراق بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى 2 -3ياشلىق بالىدەك بار، گەپنىمۇ ئۇلاپ قىلالمايدۇ، بوۋاق بالىنىڭ يېڭى تىلى چىققاندەك گەپ قىلىدۇ، ئۆزى ئاڭلاپ ئۆگىنىۋالغان گەپلەرنى ئايرىم-ئايرىم سۆز بويىچە دەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، ئۇ گەپ قىلالمىغاچقا ، ئۇنى يالغۇز سىرتقا چىققۇزمايمىز، چوقۇم بىرسىمىز 24 سائەت دېگۈدەك يېنىدا بولىمىز، بالام پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا دەسسەپ ، تاپىنىنى دەسسىمەيدۇ، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا دوختۇرغا كۆرسەتسەم، بالىنىڭ پۇتىنىڭ پېيى قىسقىراپ كېتىپتۇ، پەي ئۇلىمىساق بالا چوڭ بولغانسېرى تېخىمۇ دەسسىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ دېدى، بىراق پەي ئۇلاش ئۈچۈن  80 مىڭ ئەتراپىدا پۇل  كېتىدىكەن ، مېنىڭ خىزمىتىم يوق، ئىلگىرى ئىشلىگەن  شىركەت تاقىلىپ قالغان بولغاچقا، باتۇر بىلەن توي قىلماستىلا خىزمەتسىز قالغان ئىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەي دېسەم بالامنىڭ ئەھۋالى شۇنداق، ئۇنى قويۇپ قويىدىغان جاي بولمىغاچقا، چوقۇم يېنىدىن ئايرىلماي بېقىش توغرا كەلگەچكە خىزمەت قىلالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىم نازىنە يەتتە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئوقۇدى، پەقەت تەتىل ۋاقىتلىرىلا ئۇكىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىپ بېرەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينىلىپ قالدىم، ئەگەر شۇنچىلىك پۇل بولغان بولسا بالامنىڭ پۇتىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرالىغان بولسام، پەي ئۇلىيالىغان بولسام، بالام ھېچبولمىغاندا يول مېڭىشتا بولسىمۇ قىينالمىسا ياخشى بولغان بولاتتى، بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭغا قارىساملا يۈرىكىم ئاغرىيدۇ....مېنىڭچە مېنىڭ ھېسسىياتىمنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر چۈشىنىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، ئىككى يىل بولدى، كاناي ياللۇغى، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلى، يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالدىم، ئىككى يىلدىن بۇيان تاماقلارنى چايناپ يەپ باقمىدىم، مېۋە ئېزىش ماشىنىسىدا ئېزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكېلىپ ئاندىن يەيمەن، بولمىسا گېلىمدىن ئۆتمەيدۇ، ئىككى يىلدا 20 كلوگرام ئورۇقلاپ كەتتىم، ئىلگىرىكى ھالىتىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، بالىنىڭ غېمى بىلەن مۇشۇنداق كېسەل بولدۇم، دوختۇر ماڭاروھىي ھالىتىڭنى ياخشى تۇت، ساياھەت قىل، چارچىما ، ئاندىن ساقىيىسەن دېدى، بىراق ماڭا ھازىرچە بۇنداق شارائىت يوق. مەنمۇ دورا بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتىمەن دېسەم بولىدۇ.
   ئادەمنىڭ بېشىغا نى نى كۈنلەر كېلىدىكەن، بىراق مەن سەۋر قىلدىم، شۈكرى قىلدىم، ئىككى پەرزەنتىمنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن جاپالارغا چىداپ كەلدىم. ئەلۋەتتە باتۇرنىڭ ساۋاقداشلىرى ، ئەل-ئاغىنىلىرى، تۇغقانلىرى ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلىپ كەلدى، بالامنىڭ دورىسىنى ئېلىپ بېرىدىغانلارمۇ بار، بىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلارمۇ بار، روھىي جەھەتتىن يۆلەك بولۇۋاتقانلارمۇ بار، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
   بۇ تېمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت، مەن ھازىر ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى يىغىپ، بالامنىڭ پەي ئۇلاش ئوپراتسىيىسىنى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز، قىزىممۇ تېخى خىزمەتكە چىقمىدى، مۇراجىئەتنامە چىقىراي دېسەم ، بۇنداق ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەي گەپ تارقىتىپ يۈرۈيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، قىزىم نازىنەنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا تەسىرى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن، شۇڭلاشقا،شىنجاڭدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، شۇنداقلا باتۇرنى بىلىدىغان چۈشىنىدىغان كىشىلەر توپلاشقان يازغۇچىلار تورىغا بۇ تېمىنى يوللىدىم، يازغۇچى شۇنداقلا ھەۋەسكارلارنىڭ ماڭا ۋە ئائىلىمىزگە ياردەم قىلىشىنى، بالامنىڭ پېيىنى ئۇلاش ئوپراتسىيىسىنى قىلدۇرالىشىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....مەنمۇ ئىنتايىن ئامالسىز قېلىپ، قانداق قىلارىمنى بىلمەي ، ئەڭ ئاخىردا مۇشۇنداق قىلىشنى توغرا تاپتىم....   توغرا چۈشەنگەيسىلەر...
   ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغاي...


تېلىفون نومۇرۇم : 15899042532
تۇرۇشلۇق ئورنۇم: شىنجاڭ كورلا شەھىرى شىڭگو مىنيۈەن ئولتۇراق رايونى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-14 12:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىدارلارغا ۋە كارخانىچىلار توپلاشقان تورلارغىمۇ تارقىتىپ قويايلى!

ۋاقتى: 2014-11-14 12:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تاما - تاما كۆل بولار» دىگەن گەپ بار، قاراپ تۇرمايلى، ساۋاپلىق ئىشقا داۋراڭمۇ قىلمايلى. ئۈستىدىكى نومۇرغا تېل ياكى ئۇچۇر قىلىپ كارتا نومۇرنى سوراپ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى.
مەن ئۈستىدىكى تېلىفۇنغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم! مەن باتۇرنىڭ ئاغىنىسى، بانكا كارتا نومۇرۇڭىزنى، كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى توغرا يېزىپ ئەۋەتىپ بېرىڭ!» دەپ ئۇچۇر قىلدىم.

ۋاقتى: 2014-11-14 12:31:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر روزى ئائىلىسىنىڭ بۇنچىۋالا قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى پەقەت بىلمەپتىمىز. چوقۇم ياردەم قىلىشقا تىگىشلىك. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز.
ئۆتكەندە بىر تېمىدا دېيىلگەن بويىچە مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ كىتابلىرى بالدۇرراق نەشىردىن چىققان بولسا، شۇ ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققىمۇ بۇ ئائىلىگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد ئېلىپ كېلەتتى. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇمكىن بولسا نازىنە قىز بانكا كارتا نومۇرى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، شۇ كارتىغا ئازراقتىن بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك. بىزدەك يېزىلىقلارغا پوچتىنىڭ ياكى ئامانەت - قەرز كوپراتىپىنىڭ بولسا تېخى ياخشى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 12:31  


ۋاقتى: 2014-11-14 12:35:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تال خورما چاغلىق ياردەم بولسىمۇ قىلىپ قويغۇلۇق،ئاللا باتۇر روزى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغاي،قۇتلۇقجاننىڭ كېسىلىگە داۋا تېپىلغاي؟

ۋاقتى: 2014-11-14 12:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ھازىر داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمانىمىز دىلمۇرات تەلئەت كۆردى. ئۇ تورغا چىقمىغاچقا ئۆزى يېقىندا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇچە نەشر قىلدۇرغان مەرھۇمنىڭ «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» ناملىق رومانىنىڭ ئۆزىگە كەلگەن تەرجىمە قەلەم ھەققىنىڭ بارلىقى جەمى 10 مىڭ يۇەننى بۇ ساۋاپلىق ئىشقا ئاتايدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتتى.
ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بىر ئارزۇسىنىڭ بارلىقىدىن بىز يېقىن - يورۇق دوستلار خەۋەردار ئىدۇق.

باھا سۆز

ئاپىرىن ! دىلمۇرات تەلئەت چوڭ ياخشى ئىش قىپتۇ  ۋاقتى: 2014-11-16 03:21 AM
ئاپىرىن، ئەزىمەت!  ۋاقتى: 2014-11-14 10:36 PM
ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! بەكمۇ تەسىرلەندىم...  ۋاقتى: 2014-11-14 09:06 PM
ۋاقتى: 2014-11-14 12:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 12:38
بۇ تېمىنى ھازىر داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمانىمىز دىلمۇرات  ...

دىلمۇرات تەلئەت ئاكىمىزنىڭ ‹‹ئۆلگەننىڭ روھىنى  خۇش،تىرىكنىڭ يۈزىنى يورۇق›› قىلىدىغان ئىنسانى پەزىلىتىگە ئاپىرىن،ئۇنىڭ قەلەم تۇتقان قوللىرىغا كۈچ قۇۋۋەت يار بولسۇن،مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولسۇن؟

ۋاقتى: 2014-11-14 12:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 12:31
باتۇر روزى ئائىلىسىنىڭ بۇنچىۋالا قىيىنچىلىقتا قالغان ...

خەنزۇچە نەشر قىلىنغان«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانىنىڭ باتۇر ئۆزىگە بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى نەشريات تەرىپىدىن ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-11-14 12:46:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 12:30
«تاما - تاما كۆل بولار» دىگەن گەپ بار، قاراپ تۇرمايلى،  ...




         بىزمۇ سىزدەك قىلايلى. ھەممىمىز شۇنداق قىلايلى...

ۋاقتى: 2014-11-14 13:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش مۇبارەك بۇ ئىشىڭ*!

(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، دىلمۇرات تەلئەتنىڭ ‹‹ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى››ناملىق خەنزۇچە تەرجىمە توپلىمىغا بېغىشلاپ)

قاراخان

كۇن چىقىشقا يول ئالغاندا ‹‹كرورانلىك بالىلار››*،
‹‹بوز دالا››*نىڭ ،ۋاڭ -چۇڭى سىڭىپ كەتتى قۇياشقا.
‹‹قۇملۇق روھى››* دىلغا بەخش ئەتتى چەكسىز ئىپتىخار،
ئوخشىغاچقا ئوغلانلىرى مىڭ ئۆيدىكى نەققاشقا.

چىچەك ئاچتى يېشىل تۇيغۇ ئاق ۋاراقتا مىسلىسىز،
چەندان سۇخەن‹‹ تارانچى››  چىقىپ غۇلجا باغرىدىن.
تىلدا ئىزھار قىلىندى روھ مەنزىلى پايانسىز،
قەلەمنىڭ زىل تىۋىشى بوش چىقمىدى ناغرىدىن.

ئۆرۈلگەندە ‹‹ئۇلۇغ ئانا چۆچىكى››  زەر  قەلەمدە،
‹‹ئۆتكۈر››بوۋا ھاياجاندىن دىدى ئوغلۇم ‹‹ئايلىناي››.
تەلكە، قۇمۇل مۇڭلىرىنى ياڭرىتىپ ھەر قەدەمدە،
پەدە چاقماي ماڭغىنىڭدا كۈلدى بوغدا‹‹ قەدىمجاي››.

تىللىرىڭدا بار ئىكەن ‹‹ئارتىشى››*نىڭ پەرھىزى،
ماقال-تەمسىل،لىرىك داستان ،باللادىغا ئۆزگىچە.
ئېرىغىڭدا ئاقتى ئوقچۇپ مۇشتاق  باھار ئەگىزى،
تىن تاپمىدىڭ ‹‹ئىز›› قوغلىشىپ ئەتىيازدىن كۈزگىچە.

قۇمۇل قايەر؟ئۆتكۈر كىم ؟بوغدا ئانا زاتى كىم؟
تونۇتتۇڭغۇ تىل،تارىخ ،ئۇز شەجەرنى ئۆزگىگە.
ئوتتۇز ئىككى ھەرپ بىلەن بولدۇڭ پالچى مۇنەججىم،
ئېلىپ چىقتىڭ ئۇلۇغ ئەلنىڭ ئار تۇغىنى ئۆگزىگە.

ئالماڭ يوغان ،دەرىخىڭ ئۇندىن يوغان بولۇپ كەت،
تۇرسۇن ئىلى ئېقىنىدەك  يۈرەكلىرىڭ يول تېپىپ.
بولسۇن سەندە ‹‹ئا.ئۆتكۈر››دەك ئۆلمەس تۇيغۇ ئاڭ سۈپەت،
ئۆتكىن ئېزگۈ  تەرجىمىنىڭ بەيگىسىدە ئات چېپىپ.

كىملەر كۆرۈپ تەرجىمەڭنى چەكتى قانداق ئىزتىراپ،
كىملەر ئۆپۈپ قامۇسۇڭنى،كىملەر قالدى داڭ قېتىپ.
ئەل غېمىدە يۈرسە ئەرگە  ياغار ئالقىش بېھىساپ،
قىزىل تاغنىڭ چىراغىدەك دىلنى يورۇت نۇر چېچىپ.

ئۆلگەنلەرنىڭ روھى سېنىڭ قەلىمىڭدە نۇر چاچتى،
ھىممىتىڭدىن سۆيۈنىدۇ تىرىكلەرنىڭ قەلبىمۇ.
ئەجدادلاردىن  قالغان ئۇدۇم ۋۇجۇدۇڭغا تۇتاشتى،
ئاڭا قايىل بولدى باغراش ،سايرام ،ئابرال تەلكىمۇ!


*بەلگىسى  قويۇلغانلار مەرھۇم شائىر ئا.ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق ئەسەرلىرى...
‹‹ئارتىشى››*-ئاتاقلىق تەرجىمان مەرھۇم توختى باقى ئارتىشى...

2014-يىلى 24-ئۆكتەبىر




ۋاقتى: 2014-11-14 13:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 12:44
خەنزۇچە نەشر قىلىنغان«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» رومانى ...

بۇنى دېمىدىم. ئۆتكەندە بىر تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باتۇر روزىنىڭ بىر نەچچە كىتابىنىڭ گېپى. «كاچۇڭ مۇقامى» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتاب. دىلمۇرات تەلئەت ئاكىمىزنىڭ بۇ روھىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. ئاللاھ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلسۇن.
دىلمۇرات تەلئەت ئاكىنىڭ ئالدىدا باتۇر روزىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ ھالىتى خەسىچىلىكمۇ بولمىسا كېرەك.
يەنە بىر ئىش، ھەممىمىز  ئامانگۈل خانىمغا ئۇچۇر قىلىپ كارتا نومۇرى سوراپ ئاۋارە قىلىپ يۈرگىچە، نومۇرنى مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويسىلا ياخشى بولارمىكىن.

ۋاقتى: 2014-11-14 13:12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 13:06
بۇنى دېمىدىم. ئۆتكەندە بىر تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان  ...

كارتا نومۇرىنى ھازىر مەن ئالدىم: سودا - سانائەت بانكىسى  6222023010000810610

كىملىكتىكى ئىسىم:阿米纳·托呼提 ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-11-14 14:15:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۈمدە لىققىدە ياش!...

باھا سۆز

سەۋرى قىل  ۋاقتى: 2014-11-19 04:31 PM
ۋاقتى: 2014-11-14 15:25:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكام، دىلمۇراتكاملارغا كۆپنىڭ مىننەتدارلىقى بولغاي، بىز ھەم ئەيبۇكام بىلەن دىلمۇراتكاملار بۇ تېما ئارقىلىق ئېچىپ بەرگەن يولدا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز.

ۋاقتى: 2014-11-14 16:32:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئامانگۈل ئاچا!  مۇنبەردىكىلەرگە ئىشىنىپ يوللىغان خېتىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى... يوللاپ توغرا قىپسىز، ھەركىم ئۆزى بىلەن ئۆزى ياشاپ تۈگىتەلمەيدۇ بۇ ھاياتنى، ئىشىنىمەنكى، مەن قاتارلىق قەلەمنى تۇتۇپ ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ باتۇر رۇزى ئاكىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئۇلۇغ گەپلەر بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيىتىمىز بىلەن كۆرسىتىدىغان ۋاقتى كەپتۇ. سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەمدەم بولىمىز.  
ئاشۇ ئوماق بالىلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! بەردەم بولۇڭ!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش