مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 21:34
ئادەمنىڭ بىشىغا نىمە كۈنلەر كەلمەيدۇ ھە؟..
بىر چاغلارد ...
ھەي، راس دەيسىز ھەدە، ئادەمنىڭ بېشىغا نۇرغۇن كۈنلەر كېلىدىكەن، بىز قەيسەر بولمىساق بولمايدۇ، مېنىڭچىمۇ ئۇكامنىڭ بۇنداق بولۇشى، ھەممىسى بىز ئۈچۈن بېرىلگەن سىناق، سەۋر قىلساق، شۈكۈر قىلساق ، ئاللاھ ئەجرىمىزنى بېرىدۇ، سىزگە ئىنتايىن قايىل بولدۇم، بىر ئايال ئۈچۈن ئىككى بالىى بېقىپ قاتارغا قوشۇش ئىنتايىن قىيىن، جاپاكەش ئاپام ئۇكام ئىككىمىزنى بېقىپ بولالماي ئاغرىپ قالدى، ئىككى يىلدىن بۇيان بىز بىلەن دەرقەمتى ئولتۇرۇپ بىر چىنە تاماقنى چايناپ يۇتۇپ باققىنىنى بىلمەيمەن، ھەممە تاماقنى ئېزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكېلىپ ئاندىن يەيدۇ، بولمىسا يۇتالمايدۇ، ھەي... بۇ كۈنلەرگىمۇ مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، ئاللاھىمنىڭ ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرىشىدا بىر ھېكمەت بار، مېنىڭچە ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا.