نازىنە.ب يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 12:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن ئازراق چۈشەنچە ...
مەرھۇم دوستۇم باتۇر روزىنىڭ ۋاپاتىغا
نۇردۇن ئىبراھىم جىلال
ئەلھۆكمى لىللا ،كېتىپ قاپسەن ئارىدىن بىئامان باتۇر،
يا بىزنى بىمەھەل چەكسۇن دىدىڭمۇ دەرت-پىغان باتۇر.
ئىدىڭغۇ ياش تېخى گۈلدەك ساڭا كىمنىڭ كۆزى تەگدى،
سېنى بۇنداق كېتەرغۇ دەپ ھېچكىم ئويلىمىغان باتۇر،
ئىجات بەيگىسىدە تۇلپار ئىدىڭغۇ ئەسلىدىن داڭلىق،
سامادا ئۆرلىگەن قۇشنىڭ قاناتى نەۋقىران باتۇر.
نى-نى مەن-مەن دىگەنلەرمۇ قەلىمىڭگە ئىدى قايىل،
غۇرۇردا مىسلى پىر ئۇستاز ،ئەقىلدە سەل قىيان باتۇر.
ئىشەنگىم كەلمىدى ھەيھات توردىن كۆرۈپ جىنازاڭنى،
بىلمىدىم نە ئۈچۈن شۇنچە رەھىمسىز بۇ قاھان باتۇر.
يامانغا ئەجەپ يول كەڭرى ،نىمىشقا ياخشىغا كۈن يوق،
ئىدىڭ تىك چوققىدا بىر تۇغ ،يىقىتتى قاي بوران باتۇر.
ئارىدىن كەم چىقار بەلكى سېنىڭدەك يازغۇچى شائىر،
قايەردە بولسا تۈن شۇندا قۇياشتەك پارلىغان باتۇر.
چىدامىڭ ئالدىدا ھەتتا ئىدى لال نى چىنارلارمۇ،
گويا چۆلدىكى توغراقتەك بوراندا ئاينىغان باتۇر.
دەرىخ ! بۇندىن كېتىپ قالدىڭ نىمە دەي ئۈشبۇ قىسمەتكە،
ھاياتنىڭ سۆيگۈ مېھرىگە تۈزۈك بىر قانمىغان باتۇر.
تېنچ يات ،كەتكىنىڭ بىرلە ئارىدىن كەتمىدى روھىڭ،
كۆزۈمدىن تامچىلىغان ياش، يۈرەكتە لەختە قان باتۇر...
2009-يىلى 6-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-26 15:12