يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: نازىنە.ب

بالام تەڭرىقۇت باتۇر روزى ئۈچۈن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-14 16:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەردەم بولۇڭ ئامانگۈل خانىم. ئۇلۇغ ئاللا ئىشىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!  مۇنبەردىكى قەلەمكەشلەر بىلەن بىزگە ئوخشاش ھەۋەسكارلارنىڭ ھەممىسى ئاقكۆڭۈل كىشىلەردۇر. سىزگە ھەممىمىز ياردەمدە بولىمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-16 00:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان تورغا چىقالمىدىم، ھەممەيلەننىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەمدە بولۇپ كەلگىنىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىرەيلەننىڭ تېنىنى سالامەت ، ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي. يالقۇن ئەزىزى ئاكامنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قالماي، ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگىنىگە كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-2-7 10:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بەكلا كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن .چۈنكى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تورغا چىقمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ كېتىپتۇ .بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى .مەن ئىشىنىمەن خۇدايىم بۇيرىسا قۇتلۇقجان چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . باتۇر روزى ئائىلىسىگە پۈتمەس خوشاللىقلار تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-2-19 16:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yoruq يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 20:52
ئەسلىدە بۇ تېمنى كۆپرەك توردا ئىلان قىلىپ قويساق ياخشى ...

مۇشۇنداقمۇ گەپ بولغانمىدى؟

ۋاقتى: 2015-2-20 02:55:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيدۇ :«تاما - تاما كۆل بولار» دىگەن گەپ بار، قاراپ تۇرمايلى، ساۋاپلىق ئىشقا داۋراڭمۇ قىلمايلى. ئۈستىدىكى نومۇرغا تېل ياكى ئۇچۇر قىلىپ كارتا نومۇرنى سوراپ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى.
راس قىيىنچىلىق تاشتىن قاتتىق..............

ۋاقتى: 2015-2-26 17:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزلىرىم نەملەندى .باتۇر رۇزى ئاكىمىزنىڭ رۇھى جەننەتتە بۇلغاي .
ياخشى قىپسىز . سىزگە ياردەم قىلىمىز . خاتىرجەم بۇلۇڭ . قانچىلىك قۇلۇمىزدىن كەلسە شۇنىلىك قىلىمىز .
يەنە بىر گەپ سىزنىڭ كىسىلىڭىزنىڭ تەپسىلى ئالامىتىنى ماڭا دەپ بىرىڭە . دۇرا ئەۋەتىپ بىرەي . ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىسىدىن
بۇ تۇردىكى بارلىق دۇسلا ر    ھەممە دۇسلار قانچىلىك قىلالىساق شۇنچىلىك ياردەم قىلايلى .
مەڭ تەسەللىيدىن نەغ بىر كۇي بىر سۇم ئەلا .

ۋاقتى: 2015-2-26 18:10:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ساخاۋەت قىلغان قوللارغا .
رەھمەت ئاق كۇڭۇل ساپ دىللارغا.
ئامانگۇل ھەدە ھازىر ئىشلا قانداق بۇلدى .خەۋەر بەرگەن بۇلسىڭىز .
ساخاۋەت سائادەتلىك قوللارغا ئاللا بەركەت ۋە رەھمەت بەرگەي .
مەنمۇ سىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىلەرگە!
سىلەر بىزنىڭ شۇنداقلا بىز سىلەرنىڭ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 23:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋايى1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 17:59
كۆزلىرىم نەملەندى .باتۇر رۇزى ئاكىمىزنىڭ رۇھى جەننەتت ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇلۇغ ئاللاھ سىزدىن رازى بولغاي، ئاپام ئىككى يىل بولدى ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. تاماقنى ئېزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكېلىپ ئاندىن يېيەلەيدۇ، بولمىسا گېلىدىن ئۆتمەيدۇ. دورىلارنىمۇ سۇيۇق بولسا ئىچەلەيدۇ، قۇيۇق ياكى تابلېت دورا بولسا يېيەلمەيدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-20 11:51:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار، ئەزىز قەلەمكەش دوستلار، مەرھۇم يولدىشىم باتۇر روزىنى ئىزچىل ياد ئېتىپ كەلگەن قېرىنداشلار . ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولغاي. ھازىر ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبلىك ئوغلۇم تەڭرىقۇتنى داۋالىتالمىدىم، ئۆزسالامەتلىكىم سەل ياخشىلانسىلا ئوغلۇمنى ياخشى داۋالىتىمەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوغلۇمنىڭ داۋالىنىشى ئۈچ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-20 11:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنغان بارلىق دوستلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ھەممىڭلارنىڭ تېنىغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە بەرىكەت، ئشىلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
                                                     ----مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئايالى ئامانگۈل توختىدىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 23:10:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئايالى ئامانگۈل توختىدىن ھەممەيلەنگە ئوتلۇق سالام، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي ئۆزۈمنى داۋالىتىپ، يېقىندا تېخى سەل ياخشى بولۇپ دوختۇرخانىدىن چىقتىم. ھازىر ئوغلۇم تەڭرىقۇتنى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى بىرىنجى دوختۇرخانىنىڭ نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالىتىۋاتىمەن. بالامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇرغان، بىزنىڭ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بارلىق ئەزىزلەرگە رەھىمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ھەممەيلەنگە سالامەتلىك يار بولغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نازىنە.ب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-18 23:11  


ۋاقتى: 2015-9-21 21:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ھەممە بەندىلىرىنى سالامات قىلغاي ،

ۋاقتى: 2015-9-21 21:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش