شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران شېئىرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالىلەردىن تاللانما:
«قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى»دە ئالاھىدە ئىككى شېئىرىي سەنئەت
ئابلەت ئەيسا
(مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن)
شېئىرىيەتكە ئىشتىياق باغلىغاندىن بېرى كلاسسىك شېئىرىيەت بىلەن يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدىكى ئۈزۈلمەس بەس-مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. ۋەھالەنكى كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا، يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتە قەدىمكى شېئىرىيەت بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەيلى كلاسسىك شېئىرىيەتتە بولسۇن ياكى يېڭى شېئىرىيەتتە بولسۇن ئۇنىڭ ماتېرىيالى شېئىرىي تىل ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى شېئىر تىلى نەسرىي تىلدەك بىلدۈرۈشنى، خەۋەرلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماي، تەسىرلەندۈرۈشنى، ھاياجانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان ئايرىم بىر تىل بولۇپ ھەر قانداق بىر شېئىردا ئەينىدۇر. شۇ ۋەجىدىن ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى شېئىرلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى شېئىرىي تىلدۇر.
فارابى «شېئىر نەرسىلەرنىڭ ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىش سەنئىتىدۇر» دەپ ئېيتقان ئىدى. بۇ شېئىرنىڭ سۆز سەنئىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەبىردۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا شېئىر تىلىنىڭ سۆز سەنئىتىدە كونكرېتلىشىدىغانلىقى شۈبھىسىز. مەلۇمكى ئىستىلىستىكا شېئىرنىڭ زېھنىنى يېڭى ئىپادىلەرگە، يېڭى تىل شەكىللىرىگە ئۈندەيدىغان، يېڭى چۈشەنچە، يېڭى تۇيغۇلارغا باشلايدىغان، مەنە ئوبرازلىرىنى يارىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتەدۇر. دېمەك، قانداقلا شېئىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشىتىش، ئىستىئارە، تەجنىس، ئىشارە، تەمسىل، مۇبالىغە قاتارلىق خىلمۇخىل بەدىئىي سەنئەتلەرنىڭ ياردىمىسىز رۇيابقا چىقمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان سەنئەت ئەمەلىي پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش ئۇسلۇبى ۋە سىستېمىسى بولۇپ، ئىش يولى بىلەن قاسساپ پىچىقى بىلەندۇر. شېئىرىي سەنئەت شېئىرنىڭ بەدىئىي كامالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ۋە شېئىرىي مەنالارنى كۈچەيتىدىغان شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگىلا خاس ئىش ئۇسلۇبىدۇر.
شۇڭا بۇ يەردە شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدە تىلدىكى يېتۈكلۈك ۋە گۈزەللىكنى كۈچەيتىدىغان بالاغەت ۋە فاساھەت ئىلمى يۈكسەك دەرىجىدە نەزەرىيىۋى سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋايى ۋە باشقا بۈيۈك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيىسى، بولۇپمۇ شېئىرىيەتتىكى بەدىئىي سەنئەتلەر ھەققىدە توختالغان مەخسۇس ئەسەرلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا مۇكەممەل بەدىئىي سەنئەتلەر بالقىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى بۇلار نۆۋەتتىكى شېئىرىيەت ئىجادىيىتى ۋە تەتقىقاتىدىكى كەم نۇقتىلارنى تولۇقلايدىغان زور بايلىق بولسىمۇ، بۇلارنى قېزىش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەزەرىيىلەرنى چاغداش شېئىرىيىتىمىزدە قايسى خىل تەرزدە پايدىلىنىشمۇ بەكلا مۇھىم مەسىلە ئىدى. مۇشۇ ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان پەيتلەردە شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قولۇمغا چۈشتى. شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ئۇشبۇ شېئىرلار توپلىمىدا كۆپلىگەن كلاسسىك شېئىرىيەت ئېلېمېنتلىرىدىن پايدىلانغان. بۇلار مەيلى شېئىرىي شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قاپىيە جەھەتتە بولسۇن خېلى ئېنىق ئەكس ئەتكەن.
شائىرنىڭ بۇ توپلىمىغا 2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە يېزىلغان جەمئىي 137 پارچە شېئىر كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدە يېڭى شېئىرىيەتكە خاس گۈزەل ئۆرنەكلەر بولۇشىدىن تاشقىرى، قەدىمكى شېئىرىيىتىمىزدە ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلگەن ئىشارە ۋە تەجنىس سەنئىتى ناھايىتى كەڭ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلغان. شۇ سەۋەبتىن، مەن مەزكۇر ماقالەمدە «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى»دە كۆپ قوللىنىلغان بۇ ئىككى ئالاھىدە سەنئەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
ئىشارە سەنئىتى:- ئىشارە سەنئىتى قەدىمدە «تەلمىھ سەنئىتى» دېيىلگەن بولۇپ، «نەزەر سالماق» دېگەنلىك بولىدۇ. يەنى، شېئىر ياكى نەسردە مەشھۇر تارىخىي ۋەقەلەر ۋە ئەفسانىلەرنى ئەدەبىي ئەسەرلەر ياكى ماقالىلەرگە ئىشارە قىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «پال پۇل يالتىراتماق» دېگەن مەنىسىمۇ بار. ئەدەبىياتتا تەمسىل يولى بىلەن داڭلىق بىر قىسسەنى، مەشھۇر بىر لەتىپىنى، تونۇلغان بىر نۇقتىنى، تارىخى بىر ھادىسىنى ئۇيغۇن بىر مەسىلىگە، ئىلمىي بىر پىكىرگە ئىشارەت ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى بۇ سەنئەتنى ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ ئىستىلىستىكىسى» ناملىق كىتابىدا ۋاكالەتلەندۈرۈش دەپ ئېلىپ، ئىپادىلىمەكچى بولغان شەيئىنى بىۋاسىتە ئاتىماي، شۇ شەيئى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا بىر شەيئىنى ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلدۇرۇش دەپ تەبىر بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان «شەيئى» مەشھۇر شەخس، مەشھۇر تارىخىي ۋەقە ۋە ئەپسانە، رىۋايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ تەبىر يۇقىرىدىكى تەبىردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇنىسى روشەنكى، ئۇيغۇرلاردا «ئاتالمىغان ئادەمدىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى» دېگەن تەمسىل بار. شۇڭا، نەزمدە ياكى نەسردە بولسۇن بارلىق «ئاتالغان دۆڭ»لەرگە ئىشارە قىلىش ۋە ياكى ۋەكىللىك قىلدۇرۇشنى ئىشارە سەنئىتى دەپ ئاتاشمۇ مۇمكىن. ھالبۇكى شائىر ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران بۇ سەنئەتنىڭ شېئىردىكى مەنە ئوبرازلىرىنى يارىتىش خۇسۇسىيىتىدىن روشەن تۈستە پايدىلانغان ئىدى. مىسال تەرىقىسىدە شائىرنىڭ «قەشقەردە دوغاپ ئىچىش» ناملىق شېئىرىغا قاراپ باقايلى:
بىنالار قوللىرىدا قىسىلغان سېپىل،
ئاخىرقى ئىپپەتتەك ئاجىز ۋە نازۇرك.
توپ ئىزى __ بىر قىسسەلىك تارىخ
ئۇندىن سۇمۇرغ بولۇپ ئۇچار بۇغراخان،
ئۇندىن دۈپۈرلىشىپ كېلەر خوجىلار...
ساداقەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۈپ
بۈدۈر چاچ قىزلارغا قارار نۇزۇگۇم.
ئويىدا يۈز يىلغا يېقىن قان ھىدى...
تونۇپ بولماس تالاي نەرسىنى
تارىخچى قېرىغان، تارىخ قېرىغان.
شائىر يۇقىرىدىكى ئون مىسرادا تۆت يەردە ئىشارە سەنئىتى قوللانغان. بۇلار «سېپىل»، «بۇغراخان»، «خوجىلار»، «نۇزۇگۇم» قاتارلىق سۆزلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ يەردىكى «سېپىل» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى شەھەر مەدەنىيىتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئامىللارغا ئىشارە قىلىنغان. ھالبۇكى « بىنالار قوللىرىدا قىسىلغان سېپىل» دېگەن بۇ مىسرانى كونتېكست بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇسىڭىز، بۇ يەردە قىسىلىۋاتقان نەرسىنىڭ پەقەتلا سېپىل ئەمەسلىكىنى تۇيۇسىز. سېپىلغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى مەدەنىيەت، تارىخ ۋە باشقا نۇرغۇن ھادىسىلەر بۇ سۆزگە سۆرىلىپ بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى بىر تال سۆزنىڭ يىلتىزىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تۇتىشىدىغان قىلىۋېتىشتىكى يول ئىشارە سەنئىتىدۇر.
«بۇغراخان» ۋە «خوجىلار» بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ھاكىمىيەت تىزگىنىنى تۇتقان تارىخىي شەخسلەردۇر. شۇڭا، بۇ يەردىكى:
«ئۇندىن سۇمۇرغ بولۇپ ئۇچار بۇغراخان،
ئۇندىن دۈپۈرلىشىپ كېلەر خوجىلار...»
دېگەن ئىككى مىسرا نەچچە يۈز يىللىق تارىخىمىزغا ئىشارە قىلىنغاندۇر. سەلتەنەتتىن ئۇچقان ھۇما قۇشى، مەھكۇملۇقتىن پايخان بولۇپ دۈپۈرلەشكەن قەلەندەرلەر، مانا بۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخنىڭ ئىككى مىسراغا پۈتۈلگەن بەدىئىي ئىنكاسىدۇر. «نۇزۇگۇم» باغلانغان تارىخ ۋە داستان ئىشارە سەنئىتىنىڭ قۇدرىتى بىلەن تېخىمۇ ۋايىغا يەتكەن:
«ساداقەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۈپ
بۈدۈر چاچ قىزلارغا قارار نۇزۇگۇم.»
نۇزۇگۇمدىن بۈدۈر چاچلارغىچە بولغان كەچمىش، ساداقەتتىن خىيانەتكە يول ئالغان يانمىش بۇ سەترىلەردە بىزگە تىنماي بىر نەرسىلەرنى جىكىدەپ تۇراتتى، ئىشارە قىلىپ تۇراتتى. ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قىممەت قارىشى نۇزۇگۇمغا باغلانغان تارىخىي كەچمىشلەر بىلەن بىر خىل چاكىنىلىشىۋاتقان روھنىڭ كارتىنىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلاتتى.
نۇزۇك باشىغا كۈن چۈشتى
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
دېگەن مىسرالار «نۇزۇگۇم» سۆزىگە تەڭكەش قىلىنغان ھالدا ئوقۇرمەننىڭ قەلب دۇنياسىغا يالتىراپ چىقىپ تەگسىز تەپەككۇرغا باشلايتتى.
ئوردا ئالدى...
ئوردا ئالدى ئەمەس ھازىر ئۇ
خام بازىرى، تۇماق بازىرى.
چىقىپ كېلەر ئۇندىن
مىڭ يىل كېيىنكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئەمەستۇر قولىدىكى «قۇتادغۇبىلىگ».
بۈگۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي
تىراژ غېمىدە بەللىرى ئېگىك.
شاھانە شەربەتلەر كۆچكەن ئوردىدىن
رەستىلەر قېرىغان يەڭگۈشلەپ ئىگىن.
دوغاپ ئىچەر شاپ بۇرۇتلۇق ئەر
دوغاپ ئىچەر ئۇسسۇز رەستىلەر
دوغاپ ئىچەر قەشقەردە قەشقەردە...
يۇقىرىدىكى مىسرالاردا بولسا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە يەردە ئىشارە سەنئىتى ئىشلىتىلگەن. يەنى «ئوردا ئالدى»، «خام بازىرى»، «تۇماق بازىرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «قۇتادغۇبىلىگ»، «مەھمۇد كاشغەرىي» قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى مەدەنىيەتكە، سەلتەنەتكە، شاھانە كىتابلارغا ۋە تىل، ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىش-ۋەقەلەرگە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىبلار تىلغا ئېلىنغان ھامان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى شانۇ-شەۋكەتلىك چاغلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدە زاھىر بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئەربابىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلار ئوقۇرمەننىڭ بىلىشىچە خىيالىدىن كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتىدۇ. قۇدرەتلىك قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا يۈرگۈزگەن نەچچە يۈز يىللىق ھۆكۈمرانلىقى مۇشۇ بىر نەچچە سۆزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قايتىدىن جان ئاتا قىلىنىدۇ. تارىخ ئەسلىنىدۇ، كەلگۈسىگە داغدام قەدەم ئېلىنىدۇ.
ھالبۇكى، ناۋادا «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى»دىكى بۇنداق ئىشارىلىك سۆزلەرنى ئىستاستىكىلاپ چىقساق ھەم ئۇنى كونتېكىست بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، قەدىمدىن ھازىرغىچە، دىيارىمىزدىن چەت ئەللەرگچە بولغان مەدەنىيەت، تارىخ، ئىجتىمائىي، سىياسىي قاتارلىق كۈرمىڭلىغان ئىش-ۋەقەلەرگە تۇتۇشۇپ كەتكەن بەدىئىي تىمساللار كۆز ئالدىمىزدا جىلۋىلىنىدۇ. تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجى، رىزۋانگۈل، تۇنيۇقۇق، مەڭگۈتاش قاتارلىق بىر تالاي مىساللار ئىشارە سەنئىتىنىڭ مەزكۇر توپلامدا نەقەدەر كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، شائىرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز ماقالىنىڭ ھەجىم ئېتىبارى بىلەن قالدى مىساللارنى بىرمۇبىر سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز. ئەقىللىق ئوقۇرمەنگە مەزكۇر توپلامدا يەنە قانداق پۈتمەس-تۈگىمەس مەنالارنىڭ قالدۇرۇلغانلىقىنى مۇشۇ سەنئەتكە باغلىق ھالدا جىكىلەپ قويىمىز خالاس.
تەجنىس سەنئىتى:- تەجنىس ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «بىر جىنىسلاشتۇرۇش، بىر خىللاشتۇرۇش، ئوخشاش بولۇش» دېگەن مەنىدە. تەجنىس سەنئىتى مەنە جەھەتتىن ھەر خىل، ئەمما شەكىلداش ۋە ئاھاڭداش بولغان سۆزلەرنى قوللىنىش سەنئىتىدۇر. مەلۇمكى، سۆزلەر تەجنىسنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق تۆت ئۇنسۇرنى ھازىرلىشى كېرەك. يەنى، نەۋئى ئىلىپەنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر ھەرىبنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھەرىبلەرگە نىسبىتى نەۋئى بولىدۇ. دەل مۇشۇ نەۋئىلەرئۇيغۇن كەلگەن بۆلىشى كېرەك. سانى:- سۆزنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرىبلەرنىڭ سانى تەڭ بۆلىشى لازىم. ھەيئەت:- بۇ ھەرىبلەرنىڭ جاراڭلىق، جاراڭسىز، ۋە ئۇزۇن ۋە قىسقا بۆلىشى، لەۋ ھالىتى، تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىشىنى كۆزدە تۇتقان. تەرتىپ:- ھەرىبلەرنىڭ سۆزدىكى ئىلگىرى كېيىنلىكىگە قارىتىلغان. تەجنىس سەنئىتىنىڭ شېئىردىكى ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىقنى كۈچەيتىدىغان خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ جەھەتتە تەجنىسىڭ باشقا ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەرگە قارىغاندا تېخىمۇ روشەن بولۇپ، كلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرىلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى، «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى»دىمۇ بۇ خىل سەنئەت خېلى جىق ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن، شائىرنىڭ داڭلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئاكىغا ئاتاپ يازغان شېئىردا تەجنىس سەنئىتى زاھىردۇر.
ئارىمىزدا سەركە يىگىت ئۆزىڭىز،
كۆپنى كۆرگەن شۇ بۈركۈتتەك كۆزىڭىز
ئەل تونۇدى، دەل جايىغا تەگكەچكە –
باشقۇرۇلىدىغان بومبا كەبى سۆزىڭىز.
يۇقىرىقى كۇپلېتتىكى «ئۆزىڭىز»، «كۆزىڭىز»، «سۆزىڭىز» دېگەن سۆزلەر تەجنىس ھاسىل قىلغۇچى سۆزلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۆزلەردە تەجنىس ھاسىل قىلغۇچى تۆت ئامىلدىن ئۈچى ھازىرلانغان. شۇڭا بۇ ئەيبناق تەجنىسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ سۆزلەرنىڭ قاپىيىدە كېلىشىگە كۆرە تەجنىسلىك قاپىيىمۇ دېيىلىدۇ. شېئىر تىل سەنئىتى بولسا، رىتىم تىلدىكى مۇزىكىدارلىقنى كۈچەيتىدۇ. بۇ خىل مۇزىكىدارلىق كىشىنىڭ ھېسسىياتىنى توختىماي غىدىقلاپ ئوقۇرمەننى روشەن تۈستە ھاياجانلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇلار بىز باشتا دەپ ئۆتكەن شېئىرىي تىلنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى ئىدى. ھالبۇكى، شائىر ئۆز شېئىرلىرىنىڭ تىلىدىكى بۇ خىل خۇسۇسىيەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تەجنىسنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلانغان.
ئومىقىم بۈگۈن مېنى «ساراڭ» دېدى،
«ساراڭ»دىن كەلدى تاتلىق كۆڭۈل ھىدى،
ئويناقلاپ كەتتى شۇئان يۈرەكلىرىم،
كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمگە نېمە دېدى؟
يۇقىرىدىكى كۇپلېتتىكى «ساراڭ» سۆزىدە تەجنىس ھاسىل قىلغۇچى تۆت ئامىل تولۇق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، بىرىنچى مىسرادىكى «ساراڭ» ئەسلى مەنىسىدە كەلگەن بولسا، ئىككىنچى مىسرادا «يار» مەنىسىدە كەلگەن. شۇڭا، بۇ مۇكەممەل تولۇق تەجنىس بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەينەن بىر سۆز ئوخشىمىغان مەنىدە قايتا-قايتا تەكرارلانسا شېئىردىكى رىتىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دە، شېئىرىي پۇراق تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە تەجنىسنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىدىن يەنە بىر قانچىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
يىراقتىن باقساڭ
تۇرار دالادا بىر باتۇر
تىزىغىچە تۇپراققا چۆككەن.
باغرىغا ئالغان ئۇنى دالا
جەڭگاھى، ئۆيى تالا.
ھەر تاڭ، ھەر كەچ
كۈن ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئۆتكەچ
قىزارغانچە ئۈپكىنى ئۈپكۈن.
يۇقىرىدىكى مىسرالاردىكى «كەچ» سۆزى بىلەن «ئۆتكەچ» سۆزى تەجنىسنى ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، بىر سۆز تامامى بىلەن يەنە بىر سۆزنىڭ پارچىسىدىن بارلىققا كەلسە مۇرەككەب جىناس بولىدۇ. دېمەك، «كەچ» سۆزى «ئۆتكەچ» سۆزىنىڭ پارچىسى بولغاچقا يۇقىرىدا ئېيتقان تەبىرىمىزگە تامامەن ماس كېلىدۇ.
مەن تارىخقا يۆلىنىپ
تارىخ ماڭا بۆلۈنۈپ
يۇقىرىدىكى مىسرادىكى «يۆلىنىپ» ۋە «بۆلىنىپ» سۆزلىرى يېزىق تەجنىسنى ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدىكى سۆزلەرنىڭ چېكىتلەردىكى پەرقى سەۋەبلىك شۇنداق ئاتالغان. بۇ ئىككى سۆزدىكى «ب» ۋە «ي» ھەرپىدە پەقەت چېكىتتە پەرقلىق بولغاچقا يېزىق تەجنىسنى شەكىللەندۈرىدۇ.
شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ توپلامنى ئىنچىكىلىك بىلەن قېدىرىدىغان بولساق تەجنىسنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرى ئوخشىمىغان مىسرالاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرى «تەجنىس ۋە ئېيھامدىن پايدىلىنىش شائىر-ئەدىبلەر ئىچىدە ناھايىتى ئومۇمىي بىر ئەھۋال. شېئىرگە ئالاھىدە رەڭ بېرىدىغان بۇ خىل سۆز سەنئىتى ئۈچۈن پارس تىلىغا قارىغاندا تۈركىي تىلدا ئىمكانىيەت تېخىمۇ كۆپ» دەپ ئېيتقانىدى. دېمەك شېئىردا تەجنىس سەنئىتىدىن پايدىلىنىش بىزدە نەچچە يۈز يىللىق ئەنئەنىدۇر. ھالبۇكى تەجنىس شېئىرنىڭ مۇزىكىدارلىقىنى ئاشۇرۇشتا قوللىنىدىغان ئالاھىدە بەدىئىي سەنئەتتۇر. ئۇنداقتا مۇزىكىدارلىق شېئىرغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
ئىبىن سىنانىڭ قارىشىچە مۇزىكا ئېستېتىك گۈزەللىكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر ئىشتۇر. ئۇ ئاۋازنىڭ (نوتا، نەغمە) ۋە مۇناسىۋەتلىك رىتىملەرنىڭ تەتقىقاتىنى ئوبيېكت قىلغان ماتىماتىكىلق بىر ئىلىم. ھالبۇكى، مۇزىكىدىكى مەنە ئۆلچىمى مۇزىكا ئاڭلىغۇچىدا قالغان تەسىرنى شەرت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر مېلودىيە (مۇزىكىنىڭ ئىنساندا قالدۇرغان تەسىرى بىلەن) بىر-بىرىگە ئوخشىسا، ئىنسانغا رۇھىي خۇشاللىق بەخش ئېتىدۇ. مەلۇمكى، بۇ مۇزىكىنىڭ پسىخولوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان قاراش بولۇپ، ئىبىن سىنا بۇ يەردە مۇزىكىنىڭ شىپالىق رولىنى ئىشارەت قىلىۋاتسا كېرەك. دېمەك، مۇزىكا ئىنسانغا بىر تەرەپتىن ئېستېتىك نۇقتىدىن تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئىنساننى داۋالاش رولىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، شائىر ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كىروراننىڭ تەجنىستىن ئىبارەت شېئىرىي سەنئەتتىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ، شېئىردىكى مۇزىكىدارلىقنى ئاشۇرغانلىقى قەدىمدىن كېلىۋاتقان شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ جەرياندىن ئېرىشكەن زور ئۇتۇقىنىڭ تىمسالى دېيىشكە بولىدۇ.
خۇلاسە كالام، ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران يېڭى شېئىرىيەت ئۇسلۇبىدا ئىزچىل ئىجادىيەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ چاغداش شېئىرىيىتىمىزگە ئۆزىگە خاس يول بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىستېداتلىق شائىرىمىزدۇر. ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بولسا كلاسسىك شېئىرىيەت ۋە يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ چاغداش شېئىرىيىتىمىزدە يېڭىدىن سەھىپە ئاچقان، «كونا» ئۇسۇلدىن يېڭىچە مەنە ۋە بەدىئىيلىك ياراتقان نەمۇنىلىك ئەسەردۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 16:54