جىددى ئىشلار سەۋەپلىك بىر قىسىم ماقالىلەرنى ھەمدە سۈرەتلەرنى ۋاختىدا يوللاپ بولالماي قالدىم . ماڭا روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ بۇ ماقالىدىكى ئىزدىنىشى ، ئەستايىدىللىقى بەك تەسىر قىلدى . قايتا- قايتا نەچچە رەت ئوقۇۋەتتىم . مۇھاكىمە يىغىنىدا ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئاپتور بۇ ماقالىسىنى قىسمەن قىسقارتىپ ئوقۇدى . يىغىندا مەزكۇر ماقالە بېرىلگەن توپلام تارقىتىلغان بولسىمۇ ، كۆپ ساندىكى قەلەمداش دوستلىرىمىزنىڭ تولۇق كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن . شۇڭا ئورتاق بەھىرلىنىش مەقسىدىدە بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم . شۇغىنىسى ئاپتور بىلەن بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىشمۇ نېسىپ بولماي قالدى ...
روزى سوپى ئۇچتېكىن
شائىرنىڭ بايانى ۋە شېئىرنىڭ پايانى
ـ شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرى ھەققىدە
مۇقەددىمە
ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە مەن بۇ دۇنياغا كېلىشتىنمۇ بۇرۇن كىرىپ كەلگەن شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا ھەم ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولىمەن ھەم چۆچەكلەردىكى تىلسىمات دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ئاجايىب ھەيران قالىمەن. ئەنە شۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىگە نەزەر سالىمەن، بايقاشلىرىم بىر يەرلەرگە بارغاندا ھەتتا ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىمدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ خېلى روشەن تەسىرى بارلىقىنى تەن ئالىمەن. شۇنداق، ئۇ ماڭا ئۇستاز يوللۇق شائىر. مەن ئۇچتۇرپاندىن بايىنغولىن پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا بارغاندىن باشلاپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرىغا بالىلارچە بىر خىل ھەيرانلىقنىڭ تۈرتىكىسىدە قىزىقىشقا باشلىغان. ھەتتا ئۇنىڭ «كروران» ژۇرنىلىغا بېسىلغان «قىشتىن زىرىكىش» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئۇقۇۋېتىپ، ئىچىمدە:«مەنمۇ مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلارنى يازالىغان بولسام-ھە!» دەپ تاشلىغان. كېيىن شائىر بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئەسەر ئاپىرىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇنىڭ تارغاققا بويسۇنماي ئۆز خاھىشى بويىچە ھەر تەرەپكە قاراپ ئۆسكەن ئەركسۆيەر چاچلىرىمۇ، بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن قويۇق قوشۇما قاشلىرىمۇ، بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ قاراشلىرىمۇ مەندە «ھە، شائىر ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن، ـ دە!» دېگەن تەسىرنى قالدۇرغان. ھېچكىم تونۇشتۇرۇپ قويمىسىمۇ بىز شېئىرنىڭ خاسىيىتى بىلەن ناھايىتى تىزلا ناتۇنۇشلاردىن تونۇشقا ئايلانغان. ئاندىن ئەدەبىيات ۋە باشقىلار توغرىسىدا خېلى ئۇزۇنغىچە مۇڭداشقان، ئۆزىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا سىرداشقان...
مېنىڭچە، ئەدەبىياتچىلاردىكى بۇ خىل چاقماق تىزلىكىدە تونۇشۇش ۋە تونۇشۇپلا ئىچ سىرىنى تۆكەلەيدىغان يېقىن دوستلاردىن بولۇشتەك سەمىمىيلىك، قىزغىنلىق ۋە قەدىرلەش روھى باشقا ساھە كىشلىرىدە ئاسانلىقچە تېپىلمىسا كېرەك.
دېمەك، مەن ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا شائىرنىڭ مېنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرغان شېئىرلىرى ھەققىدە بىر نەرسە دەپ بېقىشىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن مېنى تېخىمۇ قايىل قىلغان ئالىيجاناپ ئىنسانىي پەزىلىتى ئالدىدا لايىقىدا بىر نەرسە دېيەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ قولۇمغا قەلەم ئالالماي كەلگەن. بۇ قېتىم شائىرنىڭ يېڭى شېئىرلار توپلىمى «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى»نى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىدىنمۇ زور بولغان قىزلىرى ـ بۇرۇنقىدىمۇ سېھىرى كۈچكە تولغان شېئىرلىرىغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغۇم كەلدى. بۇ جەرياندا شائىرنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى توپلاملىرىنى ئوقۇۋېتىپ خاتىرەمگە ئۇدۇللۇق قوندۇرۇپ قويغان قۇرلارنىمۇ رەتلەپ چىقتىم. بۇ ئەمگەكلىرىم مېنى خۇددى ئۇزۇن يىللىق قەررزدىن قۇتۇلدۇرغاندەك كۆڭلۈمگە باشقىچە ئارام بەردى. چۈنكى، باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىدىن ئۈن – تىنسىز ھالدا ھۇزۇرلىنىش ۋە مەنىۋى ئۇزۇقلىنىش نەزىرىمدە ئادەمنى ئاجايىب بىر خىل قەرزدارلىق تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈپ خېلىلا خىجىل قىلىدىغان ئىش ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ مېنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزۈمنى ئەنە شۇ خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىدى.
مەقسەتكە كۆچۈشتىن بۇرۇن شۇنى ئېيتىۋېلىشنى توغرا تاپتىمكى، بۇ قېتىممۇ يەنە شۇنداق بولدى: مەن «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ئالدىدا تېخىمۇ بەك خىجىللىق تۇيغۇسىغا تولدۇم. چىن ئادىمىيلىك تۇيغۇسى ۋە شۇنداقلا بىر مىللەت، ھەتتا بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ غەم-قايغۇسى پارلاپ تۇرغان مىسرالارغا لەيلى ئىشقىدا مەستۇ – مۇستەقراق بولغان مەجنۇنلارچە مەپتۇن بولدۇم. چۈنكى، مېنى ھەيرانلىق چۆللىرىدە سەرسان قىلغان بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر بىرىدىن سەر خىل ئىدى، جەزىبىسى كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. بولۇپمۇ شائىرنىڭ شېئىرىي تىلغا ۋە تارىخقا تۇتقان پوزىتىسىيىسى باشقا شائىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. بۇ شېئىرلارنىڭ پايانىدا شائىر سالاھىيىتىدىكى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراندىن باشقا يەنە تىلشۇناس، تارىخشۇناس، فولىكلورشۇناس، ئستېتىكاشۇناس، مىللەتشۇناس ۋە مۇھەررىر سالاھىيتىدىكى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران ئۇچرايتتى. شۇڭا شائىرنىڭ ھايات ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسىگە مۇپەسسەل بولغان باھالارنى بېرىش ھەقىقەتەن قىينغا توختايتتى. قىيىن دەپ قاراپ تەستە باشلىغان بۇ ماقالەمنى يەنە يېرىم يولدا توختىتىپ قويسام بولمايتتى. مۇشۇلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ داۋاملىق ئىككىلىنىۋىرىشىمنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى، «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» مېنى ئاستا - ئاستا يېنىغا تارتىۋاتۋانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم ـ دە، خۇددى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نۇرغۇن گەپلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئاشىق مەشۇقىنى كۆرۈپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، دېمەكچى بولغانلىرىمنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي، ئالدى بىلەن نېمە يادىمغا كەلسە شۇنى يازماقچى بولدۇم. تۆۋەندىكىسى دەل ئەنە شۇ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، مەن بۇلارنى يېزىۋېتىپ ھېچ بولمىسا شائىر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئىنچكە ۋە ئىلمىي تەتىققاتلارغا ئاساس بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دەپ ئويلىدۇم.
بىرىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرىنىڭ تىلى ۋە شەكىل گۈزەللىكى
شېئىرىيەتنىڭ تىل گۈزەللىكى ئۇنىڭدىكى پاھاسەتتە ۋە بالاغەتتە. بايا دەپ ئۆتكەندەك، شائىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا كىرىپ كەلگەن ۋە 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا تىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى يېڭىلىققا، شېئىرىي پىكىر جەھەتتىكى تېرەنلىككە، تىراگېدىيە ئېڭى ۋە كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا تۇيۇنغان شېئىرلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسلەن، ئۇنىڭ 1993-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق ئىككىنچى شېئىرلار توپلىمىدىكى مۇنۇ مىسرالارنى نەقىل ئالساقلا، سۆزىمىز يىتەرلىك دەلىل – ئىسپاتقا ئىگە بولىدۇ:
ئەي دەريالار،
بۇ دەريادىن ئىبرەت ئېلىڭلار!
تۈگەيسىلەر ھامان بىر كۈنى،
سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار:
ئانا زىمىن تۇغقان سىلەرنى،
يۈز ئۆرۈمەي ئۇنىڭدىن
سايلىرىغا سىڭىپ تۈگەڭلار!
سورىماڭلار نېمە ئۈچۈن دەپ،
سۆزلەپ بەرسۇن سېلەرگە
ئەنە، تارىم ـ
ئۇلۇغ ئۈلگەڭلار!
ـ«تاشقى دەريا» ناملىق شېئىرىدىن («قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق توپلام 10-بەت)
بىز بۇ شېئىردىن شائىرنىڭ تېما تاللاش، تىل ئىشلىتىش، قۇرۇلما ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنىلا ھىس قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ يىغىندىسىى بولغان، ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت داۋامىدا ئاللىقاچان شېئىرىي ئىزچىلىققا ئايلانغان يارقىن بىر شېئىرىي گۈزەللىكنى كۆرۈپ يىتىمىز. چۈنكى، شائىر ئالدى بىلەن شېئىرىيىتىمىزدە تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قېلىبازلىقنى بۇزۇپ تاشلىغان. خېلى كۆپ قىسىم شېئىرلاردىكى بوغۇم ساناپ، تۆت مىسراغا تىزىپلا قويىدىغان سۆز دۈۋىسىنى شېئىر ھېسابلىمىغان. شېئىر مىسرالىرىنى ئۆز قانۇنىيىتىگە ماس ھالدا ئېقىن سۇدەك راۋان ئۇرۇنلاشتۇرغان. شېئىرىي تىلنىڭ پاھاسەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شېئىرىي پىكىرنى قاپىيە، بوغۇم ۋە مۇنتىزىم قۇرۇلمىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇنجۇقتۇرۇپ قويمىغان. قېلىپلاشقان شەكىلىنى دەپ بىر پارچە شېئىرنى شېئىر قىلىپ تۇرىدىغان شېئىرىي تىلنى ناكار قىلمىغان. قەلبىدىكى ھىس - تۇيغۇلارنى بىمالال ئىپادىلەشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان شېئىرىي شەكىلىنى تاللىغان. بىر پۈتۈن شېئىرنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك سۇقۇشى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان ئىچكى رىتىمگە ئىگە قىلغان. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، شائىر ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن باشلاپلا ھەر بىر پارچە شېئىرنى قېلىب بىلەن ئەمەس، قەلب بىلەن يازغان.
دېمەك، شېئىر ئەنە شۇنداق سۈزۈك قەلبتىن بۇلاق سۈيىدەك ئوخچۇپ چىقىدۇ. ئۇ ئەسلىدىنلا ئەركىنلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ھەرقانداق چەك قۇيۇشلارغا بويسۇنمايدۇ. بۇلارنى چۈشىنىپ يەتكەن شائىر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا تىل ۋە شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلىغان. نەتىجىدە، 30 نەچچە يىللىق ئىجادى ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاس ئۇسلۇبىنى ياراتقان. بۇ خىل ئۇسلۇب تەپەككۇر جەھەتتىكى تېرەنلىك ۋە تەسەۋۋۇردىكى گۈزەللىك بىلەن قۇشۇلۇپ شەكىل جەھەتتىكى رەڭدارلىققا ۋە تىل جەھەتتىكى جەلبكارلىققا ئايلىنىپ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاراتقان.
شاھانە شەربەتلەر كۆچكەن ئوردىدىن
رەستىلەر قېرىغان يەڭگۈشلەپ ئىگىن.
دوغاپ ئىچەر شاپ بۇرۇتلۇق ئەر،
دوغاپ ئىچەر ئۇسسۇز رەستىلەر،
دۇغاپ ئىچەر قەشقەردە قەشقەر...
ـ «قەشقەردە دوغاپ ئىچىش»ناملىق شېئىردىن، 2004-يىل («مۇھەببەت كارىدۇرى» ناملىق توپلام 256-بەت)
ئازار پەرۋازىدىن كۆڭلۈم قۇشى گۈلدەك چىقىپ كەلسەڭ،
بۇيۇڭغا تارقىغان ھىدنى يولۇڭغا تارقىتىپ كەلسەڭ.
ـ «كەلسەڭ» ناملىق غەزەلدىن، («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 39-بەت)
سېلەر بىر ئوت
ئوتتەك يۈرەكلەرنى كۆيدۈرگەن پىژ - پىژ،
سېلەر بىر ئوق
ئوقتەك ئەركەكلەرگە ئېتىلغان ۋىژ - ۋىژ.
ـ «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق شېئىردىن، 2006-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 39-بەت)
يول سۇزۇلغان كورىيە فىلىملىرىدەك
بىر قارىساڭ ئۇچى چىگىش يىپ.
چۈشلىرىڭ ئۇھسىنار داۋاننى ساناپ
خىيالىڭدا بېنىس، پاسات، جىپ...
ـ «ئۈرۈمچى» ناملىق شېئىردىن، 2008-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 107-بەت)
DVD دا 007
ئۇسسۇل ئوينار خىرامان
تاپانچىنىڭ ئۇچىدا جانان.
ـ « ئون بەشىنچى قەۋەتتىن كېچىگە نەزەر» ناملىق شېئىردىن، 2009-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 140-بەت)
مىسالغا ئېلىنغان بۇ قۇرلاردىن بىز شائىرنىڭ شېئىرىي تىل ھەققىدە ئىزدىنشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى تىل ئىشلىتىش ئادىتىمىزنى ئىسلاھ قىلغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا شەكىل جەھەتتە رەڭدارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايىمىز. دېمىسمۇ، بىر شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىدە كۆرۈلىدۇ. شېئىرىي تىلنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. بىز ھەر قانداق بىر شائىرنىڭ شېئىرلىردىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلەتكەن شېئىرىي تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇقۇرمەنلەر ئۆزىدە مانا مۇشۇ ئەڭ ئەقەللىي شەرتنى ھازىرلىمايدىكەن، بىر قولىدا ئەنئەنە، يەنە بىر قولىدا زامانىۋىلىقىتىن ئىبارەت تەڭشەكنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ماھىر دارۋاز مىسالى شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنىڭ بەزى شېئىرلىرىمۇ چۈشىنىكسىز تۇيۇلىدۇ.
قارايدىغان بولساق، يۇقارقى مىسرالاردا تىلغا ئېلىنغان «ئوق، تاپانچا، ماشىنا»... قاتارلىق سۆزلەر ئەسلىدە ناھايىتى سۇغۇق سۆزلەر بولۇپ، شائىرنىڭ ئۇلارنى ئەۋرىشىمچانلىق ۋە سىتېرىئولۇق كەيپىياتقا ئىگە قىلىشى نەتىجىسىدە قىزغىن ھېسىياتقا ئىگە شېئىرىي تىلغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شائىر ئەنە شۇ ئۇسۇلدا شېئىرلىرىغا سان - سىپىر، ھەتتا سانائەت، تەجىربە ۋە پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ ئىككىلەنمەستىن كىرگۈزىدۇ. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە مەزكۇر مىسرالارنى تېخىمۇ يېڭى، ھەرىكەتچان، گۈزەل شېئىرىي شەكىلگە ئىرىشتۈرۈپ، ئۇقۇرمەنلەرنى خۇددى خىلىمۇ - خىل گۈللەرگە تولغان باغ سەيلىسى قىلىۋاتقاندەك مەستخۇش تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.
ئىككىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىدىكى ماۋزۇ سەرخىللىقى
شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا، مېنى ئالاھىدە جەلب قىلىدىغان بىر تەرەپ شېئىرلارنىڭ ماۋزۇسى دېسەم سۆزۈمگە قىلچە مۇبالىغە ئارىلاشمىغانلىقىغا ھۆددە قىلالايمەن. سەۋەب شۇكى، شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران ئۆزىنىڭ قەلبىدىن تامغان ھەر بىر پارچە شېئىرىغا ماۋزۇ قۇيۇشقا پەقەت سەل قارىمايدۇ. ئالايلۇق، ئەگەر ئۇ ئۈمىد ھەققىدە شېئىر يازماقچى بولسا ياكى شۇ ھەقتىكى يازغان شېئىرىغا ماۋزۇ قويماقچى بولسا ھەرگىزمۇ بىۋاستە ھالدا «ئۈمىد» دەپ ماۋزۇ قويمايدۇ، بەلكى شېئىرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئىچكى باغلىنىشلىقى بولغان «سەھەر» ، «سۈبھى»، «نۇر» دېگەندەك سۆزلەرنى ماۋزۇ قىلىپ تاللايدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ماۋزۇ قۇيۇشتىكى بۇ خىل ماھىرلىقى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ دېققىتىنى تېخىمۇ جەلب قىلىش، بىر پۈتۈن شېئىرنىڭ مەنە قاتلاملىرىغا تەبئىي يۇسۇندا باشلاپ كىرىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەتتا شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، دەل جايىدا قۇيۇلغان ماۋزۇ بىلەن شېئىرنىڭ ئەسلىدىكى ھاياتى كۈچى ئۆزىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدۇ. ئەكسىچە، ماۋزۇ قۇيۇشقا سەل قارىغاندا، ئىچىدىكى ئەسەر ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇقۇرمەنلەرگە يېڭىلىق، ئىجادىيلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالمىسا، كۆپ قىسىم ئۇقۇرمەنلەر ماۋزۇسىغا قاراپلا «يەنە شۇ ئاتام ئېيتقان بايقى گەپ...» دەپ ئويلاپ ئۇقۇمايدۇ.
دېمىسمۇ، بىر قەلەمكەشنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىگە، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ماۋزۇ قۇيۇش جەريانى ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان باللىرىغا ئىسىم قۇيۇش جەريانىغا ئوخشايدۇ. بۇ جەھەتتىن، شائىرنى ئۆز باللىرىغا ئىسىم قۇيۇش جەھەتتە ئۇلارنىڭ مەمنۇنلۇقىغا ئىرىشكەن ئاتا دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، «ياسالمىغان يول»، «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى»، «ئېتىقادىنىڭ ئۇلتىماتۇمى»، «قىشتىن زىرىكىش»، «ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنچە ياشاش»، «قىرىق ياش»، «قەلەندەرسىز ھايات»، «نەۋايى شىركىتى»، «كىم كۆرۈپتۇ ئادەمنى»، «ئۇغۇل شەھەر»، «ئۆمەرىستان»، «مۇھەببەت كارىدورى»، «ئۈچىنچى يېرىم شار»، «تۈرمىسىدە ئۆزۈڭنىڭ»، «ئون بەشىنچى قەۋەتتىن كېچىگە نەزەر»،«ھېيىتگاھنىڭ ئالدىدا ئوي ئويلايدۇ ئات»، «گۈل قىلدىڭ، كۈل قىلدىڭ»، «تېلفۇن ئويناۋاتقان قىز»... قاتارلىق ماۋزۇلىرىنىڭ ئۆزىلا سۆزىمىزنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن شائىرنىڭ بىر پارچە شېئىرنى تەشكىل قىلىشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن بولغان شېئىرىي تىل ۋە شەكىل جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى ماۋزۇ ۋە مەزمۇنلىرىغا قەدەر ئىجادىيلىققا، غۇۋالىق ئىچىدىكى گىرىمسەن گۈزەللىككە يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىدىكى تېماتىك كەڭلىك
مۆرىتى گەلگەندە، مۇشۇ يەردە ئېيىتىۋېلىشىم كېرەككى، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۆگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيتى ھەققىدە گەپ بولغاندا، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن سۆيۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم شائىرلارنى قىستىلىپ بىر تارغا يولغا كىرىۋالدى، خەلقنىڭ ئازرۇ - ئارمانلىرى ۋە ئازاب - ھەسىرەتلىرىنى بايقاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالدى، دەپ ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاغرىنىشلىرىنمۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھازىر گېزىت - ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارنىڭ كۆپنىچىسى بىزگە خۇددى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئېغىر دەرىجىدە تېما قەھەتچىلىكى بۇلۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان شېئىر توپلاملىرىغا قارايدىغان بولساق دىلىمىز سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. يەنى، شائىرنىڭ تېما تاللاش دائىرىسى تولىمۇ كەڭ ۋە كۆزىتىش نۇقتىسى ئۆزگىچە بولۇپ، شېئىرلىرىدا تەبىئەتتىن جەمىئىيەتكىچە، يەككە شەخسنىڭ قىسمەتلىرىدىن بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگىچە، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقتىن ئۇزاق تارىخقا ۋە شۇنداقلا كوللىكىتىپ غېرىبلىقتىن بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى چىداپ تۇرغۇسىز تەنھالىققا قەدەر ھەممە - ھەممىسى ئەكىس ئېتىدۇ.
ئالايلۇق، ئۇنىڭ «قەبىرىدىكى پالۋان» ناملىق 200 بەتكە يەتمەيدىغان توپلىمىدىكى شېئىرلار 150 پارچىدىن ئارتۇق ھەمدە باشقا توپلاملىرىغا تاللانغان شېئىرلىرىغا ئوخشاش شەكىل جەھەتتىن رەڭدار بولۇپلا قالماستىن، تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىنمۇ رەڭدارلىققا ئىگە. ئۇقۇرمەنلەر ئۇلاردىن شائىرنىڭ ئاتا- ئانا، قۇۋىم - قېرىنداشلىرىغا، ساۋاقداش - ياتاقداشلىرىغا، ئۆزىنى شائىر قىلىپ يىتىشتۈرگەن ئانا يۇرتىغا ۋە ئۇنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىغا بولغان مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تولغان كۈيلەنمىلىرىنى، ئادەمدەك ياشاش يولىدىكى ئىنتىلىش ۋە ھەسرەتلىرىنى ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە؛ يىڭنە بىلەن كۆزنىڭ ئېقىىغا يېزىۋالغۇدەك ياخشى چىققان سۆيگۈ رىسالىلىرىنى، زامانداشلىرىغا قىلغان يالقۇنلۇق خىتابلىرىنى ئۇقۇپ ئىچ - ئىچىدىن سۆيۈنۈش ھىس قىلىدۇ. بۇ توپلامدىن يەنە شائىرنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ ياردىمىدە سەنئەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن ھايات ھەقىقەتلىرىنى، ئىنساننىڭ مەنىۋى قۇدىرىتى ۋە ئاچچىق ئىزتىراپلىرىنى كۆرۈپ ياش شائىرنىڭ كۆزىتىش كۈچىگە ۋە قەلەم قۇۋتىگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرسە؛ يەنە بىر يەرلەرگە كەلگەندە شائىرنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق ئەپتى - بەشرىسى ئېچىپ بېرىلگەن جاھالەت ھامىلىرىنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇم - سىتەملىرىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.
مېنىڭچە، ئەدەبىياتنىڭ، بولۇپمۇ شېئىرىيەتنىڭ قۇدىرىتى دەل مۇشۇ يەردە. ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر ئادەمنى ئوتتىن ئېلىپ سۇغا، سۇدىن ئېلىپ ئوتقا سالىدۇ. شائىرلار نۇقۇل ھالدا ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى ياكى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈچۈنلا قەلەم تەۋرەتسە ئۆزىگە كېلىدىغان ئىلھام مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى، شېئىر ئالاھىدە بىر تۇيغۇنىڭ تىل ئارقىلىق تارتىلغان سۈرىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدىنلا ئادەم بىلەن ئادەم ۋە ئادەم بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى ھەننىۋا ئالاقىنى ئىپادىلەش دائىرىسى ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئىلھامنىڭ بۇرنىغا چۆلۈك سالالايدىغان شائىرلارنى تېما تاللاش جەھەتتىكى كەڭلىككە ۋە چەكلىمىسزلىككە ئىگە قىلىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتساق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا تۇغۇلغان قۇرداشلىرى بىلەن بولغان بەيگىدىمۇ، 70-، 80-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان ياش شائىرلار بىلەن بولغان بەيگىدىمۇ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننى فولىكلۇر، تارىخ، تەبىئەت، جەمىئىيەت، مىللەت ۋە مۇھەببەت... تېمىلىرىدا ئۆزگىچە ئۇسۇلدا قەلەم يۈگۈرتۈپ، شېئىرىيتىمىزگە نۇر ۋە ھاياتى كۈچ بېغىشلاۋاتقان، نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىشىنى ھەقىقىي يۇسۇندا ئاڭقىرالىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىسى دېيىشكە بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىكولوگىيە ئېڭى
بىزگە مەلۇمكى، شېئىرىيەت ئۆزىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن بىزنى ھامان ئەسلىمىزگە قايىتىپ كېلىشكە چاقىرىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە بىز بىلىپ بىلمەيلا تاشلاپ كەتكەن ماھىيەت چاقناپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يەنە بىز پايخان قىلغان تالاي گۈزەللىكلەر ساقلاپ تۇرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن، زامانىۋى جەمىئىيەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىپتىدائى ئادەم دەپ قارىدىلىغان شائىر ئەنە شۇ ماھىيەتكە سېغىنىغان شېئىرلىرى بىلەن بىزنىڭ داتلىشىپ كېتىۋاتقان ۋىجدان - غۇرۇرىمىزنى چاقلاپ تۇرىدۇ.
رەڭسىز تاش قورالار دەۋرىدىكى سۈرەتتەك
يۇيۇلۇپ كەتتىڭ قايىسى كەلكۈندە؟
ئاۋاقسەن جىمجىتسەن مەن كەبى
شاۋقۇنۇڭ ئاڭلانماس چاقماقتەك ئۈندە
يېرىلغان تاشلاندۇق تاۋاقسەن
يۇندىلار يىقىلار ساڭا ئوڭدىلا
يەردىكى ئەڭ ئەرزان قاۋاقسەن
قەي قىلار زاۋۇتلار بۇسۇغاڭدىلا
ـ «تارىم» ناملىق شېئىردىن، 2002-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام1-بەت)
شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىچىدە بىز ئۈچۈن ئانا دەريا دەريا ھېسابلىنىدىغان تارىمنى زوق - شوق بىلەن كۈيلىمىگەن شائىرلار يوق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئازابلىق تەقدىرىگە كۆيۈپ تۇرغان يۈرىكى بىلەن كۆڭۈل بۆلەلىگەن شائىرلار ئىنتايىن ئاز ساندا. بۇ بىر شائىرنىڭ ئىكولوگىيە ئېڭىدىكى مەسلە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ۋىجدان مەسلىسى. مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان بىر پارچە شېئىر ئەنە شۇنداق ئىگىلمەس - سۇنماس ئېتىقاد ۋە ساغلام ۋىجدانغا ئىگە سەگەك قەلبنىڭ تۇغۇندىسى. چۈنكى، شائىر تەبىئەتنىڭ ئەڭ سادىق ئاشقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەت قوينىدا ياشايدۇ. ئاشۇلارنىڭ غەم - قايغۇلىرى بىلەن قەلبىگە ئۆزىنىڭ ئازابخانىسىنى ياسايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، شېئىر شائىر قەلبىدىكى ئازابتىن تۇغۇلىدۇ. بىر ۋىجدانلىق شائىر ئىنتايىن كۈچلۈك ئازاب ئېڭى ۋە قەرزدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بولىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى شائىر قىلىپ يىتىشتۈرگەن تەبىئەت، ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىغا قان -قەرزگە بۇغۇلىدۇ.
تۇتۇلۇپ قالار
ئادەمنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشسە ئېنىق.
ئاق چۈشكەندە ئېچىلىپ
تۇتۇلۇپ قالاركەن ئالەم
كۆزلىرىگە چۈشكەندە سېرىق
ـ «بۆگۈن توپا ياغدى» ناملىق شېئىردىن، 2008-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 112-بەت)
يۇقارقى شېئىرنى ئالساق، شائىر ئالدى بىلەن ئاممىباب شېئىرلىرىمىزدىكى قاراڭغۇلۇقنى چۈشكۈنلۈككە، ئاقلىقنى ئۈمىد - ئىستەككە سىمۋول قىلىدىغان تىل ئىشلىتىش ئادىتىنمۇ بۇزۇپ تاشلىغان، شېئىرىي شەكىلنىمۇ ھس - تۇيغۇنى ئەڭ تۇسالغۇسىز ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىپ تاللىغان. ئاندىن ئاق ۋە سېرىق رەڭنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرغان. بۇلارنى ئادەم بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق ۋە قارمۇ - قارىشىلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ قەلەمگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بايقاپ چىققان مۇنۇ ھەقىقەتنى ئوبرازلىق تىلنىڭ ياردىمىدە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سالغان. يەنى بارغانسىرى يامراپ كېتىۋاتقان قورغاقچلىقنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىنسان تەبىئىتىدىكى قورغاقچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رەڭنى ۋاستە قىلغان يېڭى - يېڭى شېئىرىي ئىماگلار شائىرنىڭ مەخسەت - مۇددىئاسىنى ئىپادىلەشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، شائىرنىڭ ئىكولوگىيە تېمىسىدىكى كۆپ قىسىم شېئىرلىرى نۇقۇل ھالدا تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەسۋىرلىرى ياكى شائىرنىڭ يۈزەكى تەسىراتلىرى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئادەم بىلەن ئالەمنىڭ تەقدىرىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلاردا ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يېزىلغان. يەنى، تەبىئەت ئىكولوگىيەسى، ئىنسانىيەت ئىكولوگىيەسى ۋە مەدەنىيەت ئىكولوگىيەسى ئايرىلماس بىر گەۋدە قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق مىسرالار ئارىسىغا ئۇستىلىق بىلەن سىغدالغان.
بەشىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىدىكى سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېڭى
مەلۇمكى، مۇھەببەت بارلىق سەنئەتكارلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما. شۇڭا، قولىغا قەلەم ئالغانلىكى شائىر - يازغۇچىلارنىڭ مەكۇر تېمىدا ئەسەر يازمىغانلىرى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم چىن ئەقىدىگە ئىگە يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىسى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ، ھەتتا مەخسۇس تەتقىق قىلىشىغا ۋە ئۆگنىشىگە ئەرزىيىدۇ. چۈنكى، بىر قىسىم قەلەمكەشلەرنىڭ ئىپادىلەش سەۋىسىيى جەھەتتىكى سەۋەنلىكىنى ئىنسان تەبىئىتىگە دۆڭگەپ، ئەسلىدە تولىمۇ گۈزەل بولغان مۇھەببەتنى چەكلىمىسىز يازدۇق دەپ، پۈچەك، چاكىنا، تېتىقسىز بايانلارغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىنى ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ - مۇھەببەتنى قانداق يېزىش جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى، مېنىڭ نەزىرىمىدىكى ئەڭ مول ھۇسۇللۇق ژۇرنالىست شائىر ھېسابلىنىدىغان ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ سۆيگۈ - مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرىمۇ ھەقىقەتەن كۆپ سالماقنى ئىگەلەيدۇ. ئىجادىيەتتە مۇھەببەتنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئېنىرگىيىسى قىلغان شائىر يېرىمدىن ئارتۇقراق شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى پاك سۆيگۈ - مۇھەببەتنى، ئۇلارنىڭ چىن ئەقىدە ۋە ۋاپا - ساداقىتىنى باشتىن - ئاخىر زوق - شوق بىلەن كۈيلەيدۇ. گۈزەل تەسەۋۋۇر ۋە قايناق ھېسىياتقا تولغان لىرىكىلىرىدا ئۆزىگە بارچە ئەزگۈلۈك ۋە چىنلىقنى مۇجەسسەم قىلغان شېئىرىي مۇھىت يارىتىپ، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن مىراس قالغان، ئۇقۇرمەنلەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى سۆزلەيدۇ.
سۆيگەن ئىدىم شۇنداق سەمىمىي،
بارلىقىمنى بېغىشلاپ ساڭا.
قالدىمىكىن باغرىڭ تاش بولۇپ؟
دۇملىماقتا يۈرەك ياش بولۇپ،
قاراپ باققىن كۆزۈمگە، ماڭا.
ـ «تىڭىرقاش» ناملىق شېئىردىن، («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 37-بەت)
ھەشىقپىچەك ئىدى يۈرىكىڭ
ئېچىلاتتى ماڭا يۆگىشىپ
كومپاسلىرىڭ مېنىلا تۇنۇپ
قالار ئىدى كۆڭلۈم كەلكۈندە
دەريالىرىڭ ماڭىلا تېشىپ
ـ «شۇ چاغدىكى سېنى سېغىندىم» دىن، 2006-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 59-بەت)
شائىر بۇ شېئىرى ئارقىلىق ئايالنىڭ ھەقىقىي ئايال بولۇشىنى، نازاكەت ۋە لاتاپىتىنى مەڭگۈ يوقاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلسا، ئەرنىڭمۇ مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتتە قىز - ئاياللارنى ئەيمەندۈرگىدەك ھەقىقىي ئەركەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. جۈملىدىن، «شۇ چاغدىكى سېنى سېغىنىدىم» دېگەن بۇ ئوتلۇق مىسرالار شائىرنىڭ ئۆزى سۆيگەن مەشۇقىغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ۋە سېغىنىشقا تولغان كۆڭۈل ئىزھارى بولسا؛ يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرى ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ئۇلۇغ، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. بولۇپمۇ، پاك سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدا تۇتىدىغان ئورنىنى، پاكلىقنىڭ ئەۋلادلارغا ئېلىپ كېلىدىغان بەخت - سائادىتىنى بەكمۇ گۈزەل مىسرالار بىلەن تەرىپلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇقۇرمەنلەرنىمۇ سەزدۈرمەي تەربىيلەيدۇ.
نىسىپ بولماس قايتا تۇغۇلماق،
راۋا ئەمەس ئەمدى چۇۋۇلماق،
ئارىمىزدا چاتقاللىق بىر يول،
ئۇچراپ قالدىڭ ماڭا كىچىكىپ.
ـ «ئۇچراپ قالدىڭ ماڭا كىچىكىپ» ناملىق شېئىردىن، («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 70-بەت)
شۇنداق، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران ئەپەندىنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان ساپ سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلغان قۇرلىرىدا تېخىمۇ ۋايىغا يېتىدۇ. ئۇ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرىدا ۋاپا گۈلشەنىدە كېچە - كۈندۈز سايراپ تۇرغان ئاشىق بۇلبۇلغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. «بۇلاق»، «دەريا» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىماگلار بىلەن «كىيىم ئاسقۇچ»، «تاختا نوغۇچ»، «ئاياغ بوغقۇچ» قاتارلىق يېڭىدىن يېڭى شېئىرى ئىماگلار ۋە ئۇيغۇر تىلىكى ئەڭ گۈزەل ئىبارىلەر ئارقىلىق ئايالىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشى ۋە سۆيگۈ تەشنالىقىنى ئىزھار ئېتىدۇ. ئالايلۇق:
تاغدا بۇلاق، ئاسماندا چېقىن،
كارىدوردا ئۈزۈلمەس ئېقىن.
ۋاپا، سۆيگۈ ئۇندا ئاققىنى،
بۇندا بىر جۈپ كۆڭۈل ئەڭ يېقىن.
ـ «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىردىن، 2004-يىل («مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق توپلام 253-بەت)
ئايالىم يوق ئۆيدە شۇ تاپتا،
ئايالىمنىڭ قولى
چىقىپ كېلەر كىيىم ئاسقۇچتىن
چىقىپ كېلەر تاختا نوغۇچتىن
چىقىپ كېلەر
بۇسۇغىدىن، ئاياغ بوغقۇچتىن...
ـ «ئايالىمنىڭ قولى» ناملىق شېئىردىن، 2007-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 85-بەت)
ئۇنىدىن باشقا، شائىرنىڭ «تۇنجى ئۇقۇرمىنىم»، «ئايالىمنىڭ يۈرىكى»، « ئايالىمنىڭ كۆزى»، «ئايالىڭنى ئالغاندا ئەسكە»، «ئايالىمغا يېزىلغان خەتلەر»... قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرىدىمۇ ئائىلە ۋە نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى كۈيلىگەن، ئۆمۈر ھەمراھىغا بولغان ساپ سۆيگۈسىنى ئىزچىل تۈردە ئىپادىلىگەن ئوتلۇق مىسرالىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئالتىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىدىكى تارىخىي تۇيغۇ
ئېيتىش كېرەككى، ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە بەرگەن نەرسىلىرىنى بىزدىن ئېلىپ كەتكەن تارىخ يەنە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى، تارىخ ۋە تىراگېدىيە تەكرارلىنىدۇ. ئۇ بىر يالغۇز ئۆتمۈشنىلا ئەمەس، ھازىر ۋە كەلگۈسىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. تارىختا بىزگە كېرەكلىك نۇرغۇن نەرسىلەر ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ قىممەتلىك روھى بايلىقىمىزغا ئايلىنىدۇ. شائىرلار شېئىرلىرى ئارقىلىق ئەنە شۇ ئۆلمەس روھنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن، قۇرداش شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننى ئۆزىنىڭ «قەبرىدىكى پالۋان» ،«قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسيا تارىخى»، «يارغول»، «تۇنيۇقۇق»، «مەڭگۈ تاش»... قاتارلىق بىر -بىرىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان شېئىرلىرى بىلەن يەنە باشقىچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، شائىر بۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ تارىخىي رومانلىرىمىز ئۇرۇندىيالماي كېلىۋاتقان مۇنداق بىر نۇقتىنى، يەنى تارىخىي چۇڭقۇرلۇقنى تىراگېدىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بىزگە ئەجداد روھىنىڭ پىچىرلىشىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ خىلدىكى شېئىرلار ئادەمگە يىلنامە ۋە ۋەقەلەرنىڭ قۇرشاۋىدا تۇنجۇقۇپ قالغان تارىخنىڭ تىرىلىشى بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ئىش - ئەمەلى ئەجدادلىرى بىلەن تۇيدۇرماي سېلىشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇنۇ مىسرالارغا ئۇقۇلغان ئۇقۇرمەنلەر خۇددى ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك قاتتىق ئۇيۇلىدۇ:
بوۋسىىغا ئوخشىسىمۇ
ھېچكىم بوۋىسىدەك بولالماس.
كۈن شەرقتىن چىقسىمۇ ھەر تاڭ،
ئاسمان ھەر كۈن كۈلۈپ تۇرالماس.
ـ «دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۆگە» ناملىق شېئىردىن، 2008-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 110-بەت)
ئاندىن، شۇ ئۇيىلىش ۋە ئويلىنىش ئىچىدە ئاستا - ئاستا ئويغىنىدۇ. يازما يادىكارلىقلارغا پۈتۈلگەن تارىخنىڭ توپىسىنى قېقىشقا ئۈلگۈرمەيلا، تەكلىماكاندىكى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ جاراڭلىق كۇلدۇرمىسىغا تۇتۇلىدۇ. مەڭگۈ تاشلارغا ئۇقۇلىدۇ. ئۇلاردىكى مەردۇ - مەردانىلىق، غەيرەت - جاسارەت ۋە پەم -پاراسەتكە تولغان قۇرلار بىزگە تارىخنىڭ جۇلاسىنىمۇ، نىداسىنىمۇ تەڭلا ھىس قىلدۇرىدۇ.
مەڭگۈ تاشلار، ئەي مەڭگۈ تاشلار،
باغرىڭدا قىشلايدۇ ئەقىل كومپاسى
شەبنەمدەكلا تۈگەيدۇ قۇرۇپ
بولسا كىمكى ئەسلىگە ئاسىي
تەجىربىخانىسىدا جىدەلنىڭ
ئۆز جىنسىنى ئۆزگەرتتى كۈلكە
تارشا پۈتۈك
تېرە پۈتۈك
تاش پۈتۈك
توزىدى نى سولالە، نى خاقان
سېنى ھەتتا ۋاقتمۇ كۆيدۈرەلمىدى
تۇنيۇقۇق ئەقىلىدە ياشىدىڭ ئامان
ـ «تۇنيۇقۇق» ناملىق شېئىردىن، 2006-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 64-بەت)
شەخسەن، مەن يۇقارقى مىسرالارنى پىچىرلاپ بولغىچە ئىچىمدە بىر ئادەم شائىرنىڭ «كىروران» ناملىق ئۇزۇندىن ئۇزۇن داستانىنى ئۇقۇپ تۈگەتتى. كۆز ئالدىمدا تالاي ئەسىرلەر تەكلىماكان قۇملۇقىدا قۇم كۆچكەندەك ھەيران قالارلىق تىزلىك بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. يۈرەكلەردىكى ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلىشى بىلەن يىپەك يولىدىكى تۆگىلەر ئۆركىشى كۆڭلۈمنىڭ تامىلىرىغا «كىروران گۈزىلى» نى چۆرىدەپ سۇۋارى ئېسىپ قۇيۇلغان رەسىملەرگە بېرىپ يەتتى. تامدىن تارىخقا قارىدىم، ئىنسانىيەت ئۆچۈشكە ئاز قالغان چوغلارنى كوچىلاپ يۈرۈپ كۈنىنى كۈن ئەتتى. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ يەنە بىر يۈزى غىل - پال كۆرۈنۈپ قالدى. سان- ساناقسىز تەئەججۈپلىرى بىلەن ئۇچۇق كەتكەن جۈپ - جۈپ كۆزلەر، بۇغۇزلاردا تاشقا بېسىلغان مۆھۈر كەبى قېتىپ قالغان سۆزلەر ۋە شۇ قۇملۇقنىڭ ئاستىدا قاينام - تاشقىنلىقى، باياشادلىقى ۋە باشباشتاقلىق بىلەن دەقىقە ئىچىدە تىلسىماتقا ئايلانغان، گويا بىر كۈنلەرگە كەلگەندە بىردىنلا ئۆرە بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرغان سەلتەنەتلىك شەھەرلەر ۋە ئۆتمۈشىنى ئاللىقاچان پاك -پاكىز ئۇنتۇغانلار، ئارىلىقتا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ ھېچنېمىدن پەرۋاسىز يۈرۈۋاتقانلار ئالىدىغا ئۇچرىغانلىقى ئەتىۋارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىراۋلارغا بېرىۋەتتى. ئەپسۇس، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇلارغا ھەممىدىن بەك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. كىيىن... نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن ئۇلارنىڭ قەدىرىگە بىر - بىرلەپ، مىڭ - مىڭلاپ يەتتى. ياش بىلەن يۇيۇلغان كۆزلەردىكى ئىشەنچ تاش پۈتۈكلەردە ئەكىس ئەتتى:
«تەڭرى يارلىققا دۇقىن ئۈچۈن،
ئۆزىم قۇتىم بار ئۈچۈن،
قاغان ئۇلۋرتىم،
قاغان ئۇلۋرىپ،
يوق - چىغانى بۇدۇنىغ،
قوپ - قوپراتىم،
چىغانى بۇدۇنىغ باي قلتىم،
ئاز بۇدۇنىغ ئۈكۈش قلتىم.»
(تەڭرى بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن، قاغانلىققا ئولتۇردۇم، قاغان بولۇپ، يوقسۇل خەلقىمنى باي قىلدىم، ئاز خەلقىمنى كۆپ قىلدىم. -«كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى» دىن)
دەرھەقىقەت، دۇنياغا كىرمىگەن يول ۋە قەدەم؛ دۇئاغا كۆتۈرمىگەن قول ۋە ئەلەم قەلەم ساھىبلىرىنى ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇ خىل مەھرۇرملۇق ئۇنى تېشىدىن ئىچىگە، تۆۋەندىن ئېگىزگە يۈزلەندۈرۈپ مىڭلىغان كىشىلەر ئارىسىدا تەنھا، مىڭلىغان كۆزلەر قورشاۋىدا ئەما ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ. بەختكە يارىشا، شېئىر ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ، تارىخنىڭ ئەرۋاھى قورقۇپ قاچىدۇ. ئۇ ئۆلۈك ۋە ھەرىكەتسىز تۇرغان يىلنامىلەرنى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. نەتىجىدە، شائىرنىڭ تارىخىي تېمىدىكى بىر قىسىم شېئىرلىرى ئۇقۇرمەنلەرنى خۇرسەنلىك تۇيغۇسىدا ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندۇرسا، غۇرۇر ۋە ھۇزۇر بەخىش ئېتىپ ئىچ- ئىچىدىن شادلاندۇرسا، يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرىدىكى ئاچچىق نىدا ئۇلارنى ئىختىيارسىز ھالدا ئاھ ئۇرغۇزىدۇ.
يىراقتىن باقساڭ
تۇرار دالىدا بىر باتۇر
تىزىغىچە تۇپراققا چۆككەن.
باغرىغا ئالغان ئۇنى دالا،
جەڭگاھى، ئۆيى تالا.
ـ «مەڭگۈ تاش» ناملىق شېئىردىن، 2009-يىل («قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام 130 -بەت)
شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنى كىروراننىڭ تارىخىي تېمىغا بېغىشلانغان شېئىر - داستانلىرىنى ئۇقۇغان ئۇقۇرمەنلەرنىڭ لەرزىگە كەلگەن قەلبىدە شۇنداق بىر ئەكىس سادا پەيدا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: تارىخ ـ بىزنىڭ مەۋجۇدلۇق يىلتىزىمىز. تارىخ ـ بىزنىڭ نىجاد يۇلتۇزىمىز. ئۇ بىزنىڭ ئەڭ سۈزۈك ئەينىكىمىز، ئۇنىڭسىز بىز مەھرۇم بولغانلىرىمىزنى كۆرۈپ يىتەلمەيمىز. ھېلىغۇ ئۆتمۈشكەن، يىراق كەلگۈسىدىمۇ بىز ئۇنىڭدىن ئۇزاپ كېتەلمەيمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭدىن ئەسلى كىملىكىمىزنى ئىزدەيمىز. بىز ئاشۇ ئوق يىلتىزىمىز ئارقىلىق كۆكلەيمىز. تەرەققىياتنىڭ چاڭ - تۇزانلىرى بىلەن ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز، تىلىمىز ۋە دىلىمىز كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ، مانا مۇشۇنداق ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىزلا بولىدىكەن تارىخىمىزنى كۆممەيمىز. ئۇنىڭسىز بىز كۆزى ئۇچۇق كورغا ئايلىنىپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ھالاكەتنىڭ بىشارەتلىرىنمۇ كۆرمەيمىز!...
يەتتىنچى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي مەنزىلى
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭ لىرىك قەھرىمانى بولغان «مەن» مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلانسۇن ياكى يۈرىكى يېرىلىپ كەتكۈدەك شادلانسۇن، ھامان چېكى كۆرۈنمەس بىر گۈزەللىككە، ۋېسالىغا قېنىپ بولماس بىر سۆيگۈگە ۋە مەڭگۈ يىتىپ بارغىلى بولماس مەنزىللەرگە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇغانىسرى ئۇقۇغىمىز كېلىدۇ، ئوخشاش بىر پارچە شېئىرنى بىر نەچچە قېتىم ئۇقۇساقمۇ يەنىلا يېڭى تۇيۇلىدۇ.
مەيلى شاھ بول، مەيلى مەلىكە
مەيلى ئالىم، مىليونېر ھەتتا
ھىس قىلىسەن بىر نېمەڭ كەمدەك.
ئۇ بىلىنەر ساڭا گاھىدا
سۆيگۈدەك، ئالتۇندەك، شاھلىقتەك
قىزلىقتەك، ئەرلىكتەك، راھەتتەك، غەمدەك.
بىر بوشلۇق بار ئىنسان دېگەن ئۇقۇمدا
ئۇ ئەگىشەر ساڭا ھەر زامان
كۈنۈ-تۈن رودۇپاي بىر سايىسىمان.
شۇڭا بولماس دېگىنىڭ دېگەن
گۈل دەپ تۇرساڭ بوپ چىقار تىكەن.
ـ «بوشلۇق» ناملىق شېئىردىن، 2002-يىل («مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق توپلام 212-بەت)
بىز شېئىر ۋە شائىرغا ئەگىشىپ، قەلبىمىزىدىكى ئاشۇ بىپايان بوشلۇققا قاراپ يۈرۈپ كېتىمىز. ئىرىشكەنلىرىمىز ۋە كۆرگەنلىرىمىزنىڭ بەكلا ئازلىقىنى ھىس قىلىمىز، تەلىيىمىز بولسا تىرىشىپ - تىرمىشىپ يۈرۈپ كۆرمىگەنلەرىنىمۇ كۆرۈپ كېتىمىز. ئەمما ھېچقاچان قانائەت قىلمايمىز. نېمىلەردىندۇر ئەپسۇسلىنىمىز. بىز ئىزدىگەن ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يىتىمىز. قەدەملىرىمىز تېخى يىتىپ بارالمىغان بوز يەرلەر بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارمانلىرىمىزغا ئايلىنىدۇ. شائىرنىڭ تەپەككۇردىكى كەڭلىك ۋە چۇڭقۇرلۇقتا ۋايىغا يەتكەن شېئىرلىرى ئارقىلىق سۆزلىنىۋاتقان ھىجران قىسسىلىرىنى، شەخسى سۆيگۈ سەرگۈزەشتىسى تەرىقىسىدە سۆزلىنىۋاتقان بىر پۈتۈن كوللىكتىپنىڭ قىسمەتلىك كەچمىشلىرىنى ۋاراقلاۋېتىپ، ئۇنىڭ بەدىئىي ئىستېبىداتىغا بولغان قايىللىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. چۈنكى، شائىر بۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق قەلبىمىزدىكى قاراڭغۇ بوشلۇقلارغا ئۆزى خالاپ كېچە - كۈندۈز كۆيۈش بەدىلىگە كەلگەن نۇرلىرىنى چاچىدۇ. نەتىجىدە، بىزنى ئەسىرلەردىن بېرى ئىسكەنجىگە ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچاقلىق، ئۆلۈمتۈكلۈك، ساختىپەزلىك، خائىنلىق ۋە جۈرئەتسىزلىككە ئوخشاش ئاجىز تۇيغۇلار قورقۇپ قاچىدۇ.
ھەئە، شائىر ھەممە - ھەممىگە چىن ۋە ئاخىرغىچە تىز سۆيگۈسى ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ ۋە تىنىمسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەممىنى بىر باشتىن سۆيۈشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۈن - تىنسىز ۋە تەل -تۈكۈس كۆيۈشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلىدۇ. ئۇ شۇ پىداكارلىقى، بىدارلىقى ۋە سەرگەردانلىقى بەدىلىگە بولىسمۇ مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يەتمەكچى بولىدۇ. بىراق ھەر قېتىمدا قۇرۇق قول قايتىپ كېلىدۇ. ئەمما ھېچقاچان ۋاز كەچمەيدۇ. بەلكى مەنزىلسىز مىسرالىرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان مەنىلەر ئۇپۇقى ئارقىلىق ئۇچۇق - ئاشكارا ئېيتقانلىرىدىن تېخى ئېيتپ بولالمىغانلىرى ۋە ئېيتالمىغانلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمدى شائىرنىڭ ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرىنى ئۇقۇش جەريانىدا، ئادەمنى بىر قىسما قىلىپ قويىدىغان مۇنۇ نۇقتىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتسەك، مېنىڭچە، بۇ نۇقتا نۆۋەتتىكى ساپ شېئىرىيەتنى قوغلاشتۇق دەپ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم ياشلارنىڭمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. يەنى، شائىرنىڭ 20 نەچچە ياش چاغلىرىدا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىدىكى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىشلىتلىگەن بەزىبىر سۆز - ئاتالغۇلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكلا غەش قىلىدۇ. مەسلەن:
سېنى كۆرسەم بىر قىسما بولۇپ،
قات – قېتىمغا خۇمارىڭ تولۇپ؛
ئىشتىھايىم دەرۋازسىغا
بىر – ئىككى كۈن سېلىنار قۇلۇپ...
ئاھ، قۇدرەتلىك سۆيگۈ ئىلاھى،
ساڭا مۇنقەرز كۆڭلۈم دەرگاھى!
ـ «سۆيگۈ ئىلاھى» 1987-يىل («قەبىرىدىكى پالۋان» ناملىق توپلام 20-بەت)
يولۇڭنى ئەڭ ياخشىسى تاللا ئۆزۈڭ،
گۈرۈچتىن تېرىق، شالنى تاللا ئۆزۈڭ.
سېلىپ قوي مەسلىھەتكە پەقەت قۇلاق،
تەۋرەنمە ئىقبالىڭغا «ئاللاھ» ئۆزۈڭ.
ـ «رۇبائىيلار» 1987-يىل («قەبىرىدىكى پالۋان» ناملىق توپلام 21-بەت)
تەڭرىگە
ئەۋەتسەم ئېتىقادىمنى
بەخت ئېلىپ كەلگىن دەپ.
تەڭرى
ئېلىپ قېلىپ ئىبادىتىمنى
ئەۋەتىپتۇ ماڭا ئاق ھۆججەت:
«ئۇ دۇنيالىق ئادەمسەن،
شۈكىرى بىلەن سەجىدە قىلىۋەر،
بەختىڭنى
جەننەتلەردە قويدۇم ئامانەت...»
ئېيتىپ قويغىن ئاڭا ئەي رەسۇل،
تەلىيىم يوق ئۇنداق نېسى بەختتىن!
ئۇ قىسمەتنى ياسىسۇن قايتا،
چۈشسۇن ياكى باقى تەخىتتىن!...
ـ «قارچۇقلارغا چېچىلغان نۇرلار» ناملىق شېئىردىن، 1988-يىل («قەبىرىدىكى پالۋان» ناملىق توپلام 185-بەت)
قارايدىغان بولساق، يۇقارقى مىسرالاردىكى «سۆيگۈ ئىلاھى» ، «ئاللاھ»، «تەڭرى»، «سەجىدە»، «ئىبادەت»، «جەننەت»، «رەسۇل» ... قاتارلىق سۆز- ئىبارىلەرنىڭ كونتىكىست ئىچىدە قوللىنىشى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى، شائىرمۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئاتالغۇلار ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ، دېمەكچى بولغان ئوي – پىكىرىنى ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېيىتگاھتىن ئىبارەت مۇڭلۇق ئاۋازدا سۇقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكى بار قەشقەردەك مىللى ئەنئەنە قۇيۇق مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بەش يىل تۇرغان بىر شائىرغا نىسبەتەن ئاشۇ مۇقەددەس سۆزلەرنى ئاشۇنداق كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش دۇرۇسمۇ ياكى ئادەمنى بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قويىدىغان نۇمۇسمۇ؟
مېنىڭچە، بىز يۇقىرىدا شېئىرلىرىغا خېلىلا كاتتا باھالارنى بەرگەن شائىرىمىز بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ۋە بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ دېمەكچى بولغانلىرىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تېخىمۇ جەلبكار ۋە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان يەردە ئەمەس. بۇ يەردىكى گەپ شۇ ياشتىكى شائىرنىڭ شېئىر ۋە شائىرلىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قۇيۇۋالغىنىدا ۋە قەلبىدىكى ئازغۇن ھىسلارغا مۇۋاپىق چەك قۇيالماي قالغىنىدا. چۈنكى، شېئىرنىڭ مەنبەسى ئىلھام، ئۇ شائىر قەلبىدىكى بېسىپ بولغۇسىز قايناق ھېسىياتىدىن كېلىدۇ. ئەمما، بەزىبىر ھىسلارنى ئەقىل ۋە ئەقىدە كۈچى بىلەن چەكلەپ تۇرمىغاندا، بىر كۈنلەر كەلگەندە شائىرنىڭ تىلى كۆيىدۇ، دىلى ئۆرتىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى شائىرىمىز سەل كىچكىپ بولسىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنگەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ كىيىنكى توپلاملىرىغا تاللانغان ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنۋاتقان شېئىرلىرىدا بۇنداق سەۋەنلىك قايتا كۆرۈلمەيدۇ، بەلكى بەكمۇ سۈزۈك بىر تۇيغۇ ھەممىنى ئەسىر قىلغۇچى نۇر كەبى بالقىپ تۇرىدۇ.
خاتىمە
شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنە ئۇپۇقىغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممە يەرگە چېچىۋەتكەن مەرۋايىت مارجانلىرىنى بىردىن - بىردىن تىرىپ كېلىپ كۆزگە كۆرۈنمەس بىر يىپقا ئۆتكۈزۈپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن مەنە ئىزدەيمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ شېئىرىيەت باغچىسىدا مىسرامۇ - مىسرا، سۆزمۇ - سۆز سەيىرى قىلىشمىز كېرەكلىكىنى ھىس قىلىمىز. سەيلىمىز «شېئىر دېگەن نېمە؟ شائىر زادى قانداق ئادەم؟ ئۆزىنى شائىر قىلىپ يىتىشتۈرگەن خەلققە يۈز كىلەلىگۈدەك شائىر بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئاللارغا تۇتىشىدۇ. چۈنكى، بىر پارچە شېئىر ئىلان قىلىنىپلا كەتتىمۇ، ئۇقۇرمەنلەرگە تولۇقى بىلەن تاپشۇرۇلغان بولىدۇ. گەرچە شائىرمۇ ئادەتتىكى بىر ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان قىممەت قاراشلىرى ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە تەربىيەلىنىشگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا، شېئىر دېگەن نېمە؟ ئېسىمدە قىلىشىمچە، مەن بۇ سوئالغا شېئىرلىرىم ئىلان قىلىنماستىلا جاۋاب ئىزدەپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما تاھازىرغىچە ئۆزۈم قايىل بولغۇدەك جاۋابقا ئىرىشەلمەي كەلدىم. بىر قىسىم ماقالىلىرىمدە تاساددىبى بايقاشلىرىمنى مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئورنىغا دەسستىپ بەزىبىر تەبىرلەرنى بەردىم. ئەمما، ئەڭ توغرا جاۋابى مەندىن بارغانسىرى يېراقلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ، مېنىڭ تېخىمۇ جاھىللىقىم تۇتۇپ شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى يېنىش – يېنىشلاپ ئۇقۇشتىن كەلگەن ھاياجان بىلەن يەنە شۇنداق تەبىر بېرىپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ:
دەرۋەقە، ئۈچ يىللىق ئۇقۇشۇم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، مەن بۆگۈنگە قەدەر شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران بىلەن يۈز – تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مەيلىمنى تارتىپلا تۇرىدىغان شېئىرلىرىنى نەشىر قىلىنغان توپلاملىرىدىن ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچى – سىرتىدىكى ئەدەبىي ژۇرناللاردىن دائىم دېگۈدەك كۆرۈپ تۇردۇم. ھەتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا چىقىدىغان قايىسلا ژۇرنالنىڭ قايىسىلا سانىنى ئاچسام ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇچرىتىش بەختىگە ئىرىشتىم دېسەممۇ بولىدۇ. مەن بۇنداق چاغدا شائىر بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالغاندەك، ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى چاغلىرىمىزغا ئوخشاش گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭداشقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. دېمەك، ھازىر مېنىڭ نەزىرىمدە، شائىر دېگەن مانا مۇشۇنداق شەكىلسىز ئادەم: ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، شېئىرلىرى ئارقىلىق قەلب قەسىرىمىزگە تۇيدۇرماي كىرىۋالىدۇ. شۇنداقكەن، بىز شېئىرغا ئىلگىرى ئۆگەنگەن ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىكى تەييار، قاتىمال، ئاللىبۇرۇن ئىستىمالدىن قالغان تەبىرلەرنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ، يەنى شائىرنىڭ يۇقىرىدا بىز ئۇقۇپ ئۆتكەن شېئىرلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ چۈشەنچە بەرسەك، شېئىر دېمەك ـ تۇيغۇ دېمەك. بىر پارچە شېئىر ئىنسان قەلبىدىكى چاقماق تىزلىكىدىكى تۇيغۇلارنىڭ مەھسۇلى. ھەقىقىي شائىرلا ئەنە شۇنداق ئەزگۈ تۇيغۇلارنى قانداق تۇتۇشنى ۋە قانداق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى بىلىدۇ. شائىر ئالدى بىلەن ئاددى بىر ئادەم بولسىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئالاھىدە روھى سەرگۈزەشتىگە ئىگە. بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېيتقانلىرى بىر پۈتۈن كوللىكتىپقا تەۋە. چۈنكى، خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەقىدىلىك شائىرلارنى بەك چوڭ بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنداق شائىرلار بىزگە ئۆز تۇيغۇمىزنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. زامانىۋىلىشىش جەريانىدا نېمىلەرگە ئىرىشىپ، نېمىلەرنى قولدىن چىقىرىپ قۇيۇۋاتقىنىمىزغا قەدەر راستچىللىق بىلەن ئېيىتىپ بېرىدۇ. ئەنە شۇنداق نازۇك تۇيغۇلىرىمىزدىن تارتىپ بىزنىڭ مەۋجۇدلۇق ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ- چوڭ ئىشلارغا قەدەر ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئېيتىپ بېرىۋاتقان شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ كۆپ قىسىم شېئىرلىرىدىن شۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، شېئىر ـ شائىر تۇيغۇسىنىڭ بايانى، شېئىر ـ شائىرنىڭ ۋىجدانى، شېئىرنىڭ بەدىئىي مەنزىلى ـ شائىرمۇ، بىزمۇ بىر ئۆمۈر قوغلاپ يىتەلمىگەن پايانى...
شۇنداق، شائىر قەلبىدىكى قايناق ھىس - تۇيغۇلارنىڭ ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ ئوبرازلىق بايانى بولغان شېئىرنىڭ پايانى چەكسىز. بىز ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ يېتەلمەيمىز. شائىرغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ كۆز تۇرماق، كۆڭۈلمۇ يەتمەس بەدىئىي مەنزىلىگە ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە تەلپۈنۈپ ئۆتىمىز، بىر نۇقتىنى ئەگىپ كېتەلمەيمىز. ماددى تۇرمۇشىمىزدىكى لازىمەتلىكلەر ھەر قانچە تەل بولسىمۇ، مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ زۆرۈر شەرتلىرىدىن بىرى بولغان شېئىرنى تەرك ئېتەلمەيمىز.
ھالبۇكى، بۆگۈنكى دەۋىردىكى خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر تىرىكچلىك ۋە تەرەققىيات غىمىدە ئۆزىگە ئەڭ كېرەكلىك بولغان شېئىردىن بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالماي يۈرۈۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا نەشىرىيات ئۇرۇنلىرىمۇ «شېئىرنىڭ بازىرى كاسات» دېگەن پەتىۋاسنى پەش قىلىپ، مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ مىڭ تەستە رۇياپقا چىقارغان شېئىر توپلاملىرىنى سۇنغان شائىرلارغا قاپاق تۈرۈۋاتىدۇ. بىر مىسرا شېئىرغا تەڭ كەلمەيدىغان ناباب رومان، پوۋسىت، ھېكايىلەر خۇددى كۈپكۈندۈزدە يېرىم - يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ ھەممىنىڭ كۆزىنى ئالا – چەكمەن قىلىۋەتكەن سەتەڭلەردەك ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ بۇ يەردە مەزكۇر ماقالىگە خاتىمە سۈپىدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مېكسىكا شائىرى ئوكتاۋۇ پازنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز سۆزىنى قۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ: «شېئىر ـ ھامان ئاز سانلىقنىڭ سەنئىتى».
دەرھەقىقەت، شېئىر ـ ئاقسۆڭەك سەنئەت، ئۇنى ھەممە ئادەمگە مەجبۇرى مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرغاندەك ئۇمۇملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە شېئىرىي تۇيغۇلار بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل تۇيغۇلارنى دەل ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئادەملەر بىر ئۆمۈر ئەنە شۇ خىل تۇيغۇلار ئىچىدە ياشاپمۇ بايقىيالمايدۇ. بەزى ئادەملەر تۇيدۇرمايلا كېلىپ يەنە تۇيدۇرمايلا كېتىدىغان بۇ تۇيغۇلارنى دەل ۋاقتىدا بايقايدۇ ۋە قۇم دانچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالىدىغان كىپەك ئالتۇننى ئايرىۋالغۇچىدەك ئىرىنمەستىن چايقايدۇ، قەلب پىچىدا تاۋلايدۇ، نېمىنى ئېلىپ – نېمىنى قۇيۇشنى قايتا – قايتا تاللايدۇ. تۇيغۇ ئەنە شۇ تەرىقىدە جىمجىتلىقتىكى ئاۋازغا ئايلىنىدۇ. شائىر قۇلىقى بىلەن ئەمەس، يۈرىكى بىلەن ئاڭلايدۇ ھەم ئۇقۇرمەنلىرىگە ئاشكارىلايدۇ. مانا بۇنى بىز شائىردىكى تەبئىي تالانت دەيمىز. ئەدەبىياتتا، بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە تالانىتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. نۇقۇل ماھارەتكىلا تايىنىپ يېزىلغان شېئىرلار ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئاچقان يېرىگە يىتىپ بارالمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇنداق بىر نۇقتىنى ئېنىق تۇنۇپ يىتىشىمىز كېرەككى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران ئەپەندىدەك ھەقىقى تالانتلىق، تىرىشچان، مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان، جاپاغا چىداپ ئىزدىنىش روھىغا ئىگە، يېرىم – يولدا توختاپ ياكى بوشىشىپ قالمايدىغان، سان ۋە سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان، قەلەمنى ئەقىدە - ئىخلاسى ۋە ھەقدارلىق تۇيغۇسى بىلەن تۇتىدىغان شائىرلىرىمىزلا بولىدىكەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزنىڭ بازىرى ئەبەدىي كاساتلاشمايدۇ. مۇھەببەت ۋە ھارارەتكە تولغان شېئىرلا بولىدىكەن، ئۇقۇرمەنلەر قەلبىنىڭ سۇغۇقى ئاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مەشىقتىن شەكىللەنگەن ماھارەتكىلا تايىنىپ يېزىلىغان، كېسەكتەك بىر قېلىبنىڭ ئىچىگە ئوپمۇ ئوخشاش قىلىپ تىزىلغان، شېئىرغا خاس ئىلمىنتلاردىن ئەسەرمۇ يوق ئەخلەت دۈۋسىگە شېئىر ۋە شائىرنى ئەزەلدىن چوڭ بىلىدىغان خەلقىمىز ھەرگىز قۇچاق ئاچمايدۇ. چۈنكى، مەيلى قانداق زامان بولۇپ كەتمىسۇن، ئادەمنى روھى كامالەت يۈكسەكلىگە ئۈندەپ تۇرىدىغان ھەقىقىي شېئىردىن ھېچكىم نېرى قاچمايدۇ. مېنىڭچە، مۇھەببەتلىك قەلبنىڭ ئىگىسى بولغان شائىرنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ گۈزەل ۋە تولىمۇ سىرلىق قىزغا ئوخشايدىغان شېئىرنىڭ تارتىش كۈچى مانا مۇشۇ ئوخشايدۇ.
ئاپتۇر: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە 乌什县第三小学教师肉孜.苏皮
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبە.ت.دىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-17 21:54