يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: پولات

كورلىدا <<دەۋر مېلودىيىسى_شېئىرىيەت سەپىرى>>مۇشائىرە پائالىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-9-22 11:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر ھوشۇر

گۈل دېگىنىڭ بوپ چىقار تىكەن

شائىرلىقنىڭ بېشى تاش، ئوتتۇرىسى كۆز ياش، ئاخىرى ئاندىن باشتۇر. بۇ يەردىكى «تاش» كۆپلۈككە، ھارارەتكە، نىشانسىزلىققا تىمسال قىلىنغان بولۇپ، مەنزىلى ۋە مەنزىرىسى ئېنىقسىزدۇر. «كۆز ياش» شاللىنىش ۋە تاللىنىشنىڭ ئازابىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاتلاپمۇ، ئالداپمۇ  ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىكتۇر. ئايانى باتىن، تەمى بىر بولسا زەھەردەك ئاچچىق يەنە بىر بولسا ھەسەلدەك شىرىندۇر. «باش» سالاھىيەت دېمەكتۇر، شائىرلىق قەسرىگە كىرىشنىڭ يول خېتىدۇر. كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى بەزى كىشىلەر دېگەندەك «ھەممە ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا شائىر» سانالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شائىرلىق مۇشۇ كوچىغا قەدەم باسقان نەچچە مىڭ ئادەمدىن ساناقلىق بىرنەچچىسىگىلا نىسىپ بولىدىغان كاتتا شان-شەرەپتۇر. «دەريادا ئاققاننىڭ ھەممىسى تاھىر ئەمەس، شېئىر يازغاننىڭ ھەممىسى شائىر ئەمەس» دېگەن ئىبارىنىڭ ھېكمىتى دەل مۇشۇ يەردە! ئۇنداقتا قانداق ئادەملەر ھەقىقىي شائىرلىق سالاھىيىتىگە نائىل بولالايدۇ؟ كۈزۈتىشىمچە، بىرىنچىدىن، ھېسسىياتى نازۇك (قاشاڭ ئەمەس)، سەزگۈر (جاراڭلاپ تۇرىدىغان)، تەلەپچان؛ ئىككىنچىدىن، ئۆتكۈر، ئوچۇق، ئۆزلۈك ئېڭى، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك؛ ئۈچىنچىدىن، جىددىي، تىنىمسىز، ئەقىدىسى، توغرا دەپ قارىغىنى ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان، بۇ يولدا ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى بىلەن ئارتۇقچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، ئېرىشىشنىمۇ، ۋاز كېچىشنىمۇ بىلىدىغان، قاسراق تاشلاشنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان ئەقىدە ئىگىلىرى ئىچىدىن ئۆگىنىشنى، پىكىر قىلىشنى، يېزىشىنى توختىتىپ قويمىغانلىرى ئەلنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندە تەبىئىي يوسۇندا شائىرلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغان بىر نوقتا بار: شائىرلىق سالاھىيىتى بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك تۈمۈر تاۋاق ئەمەس، بەلكى ھەممە يېرىدىن نۇر-جۇلاسى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان نازۇك خىرۇستال قاچىدۇر. سەللا بىخەستىلىك قىلىنسا، قولدىن چۈشۈپ كۇكۇم تالقان بولۇپ كېتىش خەۋىپى ھەر ۋاقىت باردۇر. تۆمۈر تاۋاق يەرگە چۈشۈپ كەتسە چوڭ ئىش يوق. بۇلغانغان بولسا سۈرتۈپ، بۈكۈلۈپ كەتكەن بولسا بولقا بىلەن تۈزلەپ قايتىدىن قولتۇقىغا قىستۇرىۋالسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن خىرۇستال چېقىلىپ كەتسە ئامال يوق، قاماپمۇ، ياماپمۇ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بىردىنبىر ئامال چېقىندىلارنى پاكىز يىغىپ، ئەسكى قاپقا قاچىلاپ، ئادەمنىڭ ئايىغى تەگمەيدىغان يەرگە كۆمۈۋېتىشتۇر.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران 32 يىللىق ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئالدىنقى ئىككى باسقۇچىنى نەتىجىلىك  تاماملاپ، ئۈچىنچى باسقۇچقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن تەلەيلىك شائىرلىرىمىزنىڭ بېرى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە باشلانغان بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان «ئىدىيە ئازاتلىقى ھەرىكىتى» جىددىي ۋە كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يىگىرمە نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن سولچىل ئىدىيەۋىي ئېقىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى يامان تەسىرى تازىلىنىپ، يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش روھى نامايان قىلىنىۋاتقان ئالاھىدە تارىخىي دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى، شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇرۇقى ئاجىز، ئۈنۈمسىز تۇپراققا سېلىنغان. لېكىن ئۆسۈش مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، يەنىلا ئۆز قەرەلىدە باراقسانلاپ، مېۋىگە كىرىشنىڭ دەسلەپكى شەرتلىرىنى ھازىرلىغان. مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ مەزگىلدە ئۇزۇن مەزگىللىك بۇرۇختۇم سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى نەتىجىسىدە ئەنئەنە بىلەن بولغان غول تومۇرى ئاساسەن ئۈزۈلۈپ، ئىچىگە تىنىپ قالغان شېئىرىيەت ساھەسىدە  «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى» ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەدەبىياتتا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدىغان شېئىرىيەتتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى. مېنىڭچە «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى» بىر قىسىم كىشىلەر دېگەندەك «شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىققان، نۇسخىلانغان، سۈنئىي قۇراشتۇرۇلغان قۇرۇق دارۋاڭ» بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرگە نىسبەتە ئېيتقاندا ھاۋا بىلەن سۇغا ئوخشاشلا  زۆرۈر بولغان، دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئالاھىدە بىر خىل ئەدەبىيات ھادىسىسىى ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەدەبىياتىمىزنى (بولۇپمۇ شېئىرىيەتنى) شۇئارۋازلىق، قۇرۇق مەدھىيەۋازلىق، قېلىپبازلىق پاتقىقىدىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدۇرۇپ، ئەسلى ماھىيىتىگە، ئۆزىگە قايتۇرۇشتا ھەر قانداق بىر كۈچ ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇھىم روللارنى ئوينىدى. كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى، «يېڭىچە شېئىرلار»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى بىر خىل ساقلانغىلى، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىكتۇر! گەرچە «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى»نىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا زىيادە مۇئەممالاشتۇرىۋېتىش ۋە «قېلىپنى بۇزىمەن دەپ تۇرۇپ ئۆزى قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشتەك» بىر قاتار ئاجىزلىقلىرى بىلەن ئۇزۇنغا قالماي تەسىرى تەدرىجى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر قاتار ئىجابىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتنى خېلى ئۈنۈملۈك رېئاللاشتۇردى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئالدىنقى قاتاردىكى بىر بۆلۈك شائىرلار شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەگەر ئەينى يىللىرى «يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى» بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۆگۈنى بولمىغان بولاتتى! ئاشۇ مەزگىللەردە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران يېڭىچە شېئىرىيەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى ۋە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى، يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ تەشەببۇسىغا يېقىنلاشقان بىر بۆلۈك شېئىرلارنى يازدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ئەينى دەۋر ياشلىرىنى تامامەن ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان بۇ ئۇلۇغ ئېقىنغا كۆزىنى ئېتىۋېلىپ چاموللاق ئاتماستىن، بەلكى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئويداڭ-چۇقۇرىنى ئوبدان دەڭسەپ، باش-ئاخىرىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، تولۇق ئىدىيەۋىي تاييارلىق بىلەن شۇڭغىدى. كىم نېمە دېسە قارا-قۇيۇق ئەگەشمىدى، بەلكى يېڭىلىقتىن كۈچ ئېلىپ، ئۆز يولىنى تېپىش، ئۆز بوزلىقىنى ئېچىش يولىدا ئەقلىي ئىزدىنىپ، ئۇزۇنغا قالماي «ئۈچىنچى خىل يول»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى ۋە بۇ يولنى ھازىرغىچە پۇختىلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنىنى ياراتتى.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران ئىزدىنىشچان شائىر، ھوسۇللۇق شائىر، پەزىلەتلىك شائىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، سۈپىتىمۇ يۇقىرى. ئىزدىنىشچان شائىر دېيىشىمىزدىكى سەۋەب: ئۇ، 32 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسى جەريانىدا تېما ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ماھىرلىقى جەھەتتە ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ، ياخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ناچىرىدىن دادىل ۋاز كېچىپ، كېمىنى تولۇقلاپ، تىنىمسىز ئېنىرگىيە تولۇقلاپ، يېڭى پەللە ئۈچۈن تىرىشتى. ئىزىغا سەكرەيدىغان، تىنىمسىز ئۆزىنى تەكرارلايدىغان ناچار ئىجادىيەت خاھىشىنى ئىجادىيەت بوسۇغىسىغا دەسسەتمىدى. ھوسۇللۇق شائىر دېيىشىمىدىكى سەۋەب: ئۇ تىنىمسىز يازدى، كۆپ يازدى، ياخشى يازدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى»، «قەبرىدىكى پالۋان»، «قېرىماس ئانا»، «كۆيۈك مەڭگۇ تېشى»، «مۇھەببەت كارىدورى»، «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» قاتارلىق 6 بارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ھەممىسى بازارلىق كىتابلار  قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، شېئىر توپلاملىرىنىڭ نەشرىياتلار ئالدىدىكى قەددىنى كۆتۈردى. «تارىم مۇكاپاتى»، «ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق داڭلىق مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى بولۇپ، غورۇرلاندى، ئۆزىگە ۋە ئىجادىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ  دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. پەزىلەتلىك شائىر دېيىشىمىزدىكى سەۋەب: ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىنى، ئۇنىڭ تارىخىنى قىزغىن سۆيدى، تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولدى. ئۆزىنى خەلقنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالمىدى. ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ياخشى قىلدى، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلدى. دوستلۇقنى قەدىرلىدى، ئاينىتتى، پىتنە-پاساتتىن يىراق تۇردى، نەتىجە قازانغانلارغا چاۋاك چالالىدى، يىقىلغانلارنى يۆلىيەلىدى، باشتىن-ئاخىر بىردەك بولدى، بىر تال بۇغدايغا سەمرىپ، جاھانغا پاتمايدىغان، بىر تال قوناققا كىچىكلەپ ئۆپكىسىنى قولىغا ئالىدىغان پەسەندىلىكلەردىن يىراق تۇردى... بىز بۇنداق روھنى قەدىرلەيمىز ۋە بۇنداق ئادەمنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈشنى شەرەپ دەپ بىلىمىز. بۇنى كۆتۈرمىكەشلىك دەپ قارىمايمىز.
ئۇسلوپ – يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ماھارەت جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ، ئىجادىيەتتە مۇئەييەن پەللە ۋە خاسلىق ياراتقانلىقىنىڭ  مەھسۇلى. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇسلوبىنى «تارىخىيلىق، مىللىيلىك، بوشلۇق ۋە سەمىمىيلىك»تىن ئىبارەت تۆت سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. تارىخىيلىق. تارىخىيلىق - ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرىنىڭ ئوق يىلتىزىدۇر. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران تارىخى بار مىللەتنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىندەك ھېكمەتلىك تارىخىغا ئالاھىدە مۇھەببەتلىك نەزەردە قارايدۇ. شۇ تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان ئەجدادلىرىدىن چىن دىلىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئېغىزىدىن ئەقىل دۇردانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاپئاق ساقاللىق تاغ سۈپەت مويسىپىت كەم بولمايدۇ، مويسىپىت تېكىستنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايدۇ، بەلكى خۇددى بىر خىل ئىلاھى روھتەك يىراقتىن كۆز تاشلاپ تۇرىدۇ. ساڭا مۇھەببەتلىك نەزەردە قارايدۇ، خاتالاشساڭ مەيۈسلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ھايا قىلىپ، ئەيمىنىپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىسەن. يولۇڭ توغرىلانسا، رازى بولۇپ ئاپئاق ساقاللىرىنى سىلىغىنىچە باش لىڭشىتىدۇ، ئۆزۈڭچە خۇش بولۇپ قالىسەن... ئۇ شېئىرىي دېتاللارنى تۇرمۇشتىن ئالىدۇ، چوڭقۇر قازىدۇ. پىكىر يۈزگۈزگەندە ئەڭ ئاۋۋال تارىخقا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئەھمىيەتلىك شەخس ۋە دېتاللاردىن  ھېكمەت ئىزدەپ، بىر نەچچە مىسرادىلا ناھايىتى كەڭ پىكىر بوشلۇقى زېمىنى ھازىرلىۋالىدۇ. ئوقۇرمەن شېئىرنىڭ بېشىدىلا ئاپتور بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، تېزلا  رىتىم بىرلىكى ۋە پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلىۋالىدۇ. تەسەۋۋۇرى ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا مۇكىدەك قاتراپ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ، شېئىرىي مۇھىتنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىدۇ، شېئىرىي مەقسەت ئۈچۈن ئۈزۈكىسز بەدىئىي زېمىن ھازىرلايدۇ. بۇ جەرياندا ئوقۇرمەن بىردە پىچقا تاشلانغان رودىدەك ئېرىپ سۇ كەبى ئاقسا، بىردە قەھرىتاندا كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بىتەلەيدەك ئەندىكىدۇ. كاللىسى تىنىمسىز پىكىر قىلىدۇ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا پاسسىپ ھالدىكى قوبۇل قىلغۇچىدىن ئاكتىپ ھالدىكى ئىجاد قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ.

                               تارىم

                 خىيال قىلغاندەك، چۈش كۆرگەندەك،
                 كېچىپ بولدۇم ئېقىنىڭنى بىردەمدىلا.
                 يىغلاپ سالدىم بويۇڭدا يۇم-يۇم،
                 مودىلىڭمۇ بۇ،
                 يۈز يىل ئىلگىرى ياساپ قويغان؟
   تارىم ساھىلى- «تارىم مەدەنىيىتى»نىڭ بۆشۈكى ۋە خۇرۇماس بۇلىقى بولۇپ، يۇرت مېھرى قەلبىنى ئىللىتقان ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بۇ دەريانىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئاڭلىغان ھامان يۈرىكى جىغىلدىماي قالمايدۇ. ئاپتور شېئىردا بىزنى تېكىستتە ئەمەس،  «تارىم» دېگەن سەرلەۋھىنىڭ ئۆزىدىلا ئانا دەريانىڭ مۆرۈۋەتلىك باغرىغا، شانۇ -شەۋكەتلەك تارىخىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئوقۇرمەن ھاياجانلىنىدۇ، ئاپتورغا ئەگىشىپ، «تارىم قوۋۇقى»دىن مەغرۇرانە كىرىپ كېلىدۇ. كىرىپلا تۇرۇپ قالىدۇ، مەستخۇشلۇقتىن يېشىلىپ، ئەتراپقا سوئال نەزىرىدە ئەيمىنىپ قارايدۇ: «مەن» نېمىگە يۇم-يۇم يىغلايدۇ؟ بۇ سوئال ئوقۇرمەننى ئوبدانلا ساراسىمگە سېلىپ قويىدۇ.
            رەڭسىز سەن تاش قوراللار دەۋرىدىكى سۈرەتتەك،
            يۇيۇلۇپ كەتتىڭ قايسى كەلكۈندە؟
            ئاۋاقسەن، جىمجىتسەن مەن كەبى،
            ساۋقۇنۇڭ ئاڭلانماس چاقماقتەك ئۈندە.
ئوقۇرمەن تېخىمۇ گاڭگىرايدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ يېشىللىق-ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئانا دەريانىڭ «رەڭسىز سۈرەتتەك» تاتىراڭغۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
يېرىلغان تاشلاندۇق تاۋاقسەن،
يۇندىلار يىقىلار ساڭا ئوڭدىلا.
يەردىكى ئەڭ ئەرزان قاۋاقسەن،
قەي قىلار زاۋۇتلار بوسۇغاڭدىلا.
       ھەممە تېزلا ئايدىڭلىشىدۇ. گاڭگىراش ھەسرەتكە ئورۇن بوشىتىدۇ، ئېغىر تىنىشلار باشلىنىدۇ. ئادىمىيلىك ئېڭى ئويغىنىپ، ھەر تەرەپكە باراقسانلايدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدىكى ئەقلىي ئىزدىنىشلىمىزگە يېڭى يول ئېچىلىدۇ. ئۇ يول دەل ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشتۇر!
                 باشلىدىم شېئىرىمنى ئېقىنىڭغا،
                 قوپارسەن ئۇندىن،
سۆيگۈدەك، مۇقامدەك، كىتابدەك...
  ئوقۇرمەن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يەنە ئۈمىدلىنىدۇ. ئانا ۋەتەنگە، ئۇنىڭ غول تومۇرى بولغان ئانا دەرياغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ئەقلىي تۈس ئېلىپ،   مەسئۇليەت ئېڭى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىدۇ. دېمەك، بۇ شېئىر ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى، جۈملىدىن رېئاللىققا زىچ باغلانغان تارىخىيلىقى بىلەن ئۆز سەھىپىسىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ مەزمۇننى جۇلالاندۇرۇپ، ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ شېئىرنى  ۋەتەن ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئىپىكا دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتورنىڭ «تارىم»، «قەشقەردە دوغاپ ئىچىش»، «كىملىك»، «تۇنيۇقۇق»، «مەڭگۈ تاش»، «قەبرىدىكى پالۋان»، «قۇمۇل تاغلىرى»، «سايرامدىن ئۆتكەندە»، «دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۆگە»،«بۈگۈن توپا ياغدى»، «ئاغرىنىش»، «نادان يىدى سېنىڭ بېشىڭنى»، «مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتە»، «ئەسلىگەندە قەشقەرنى»، «جۈپ ھەيكەل»، «موللا بىلال»، «لوپ قوشۇقى ئېيتار بىر بوۋاي»، «سەپەر، مەھمۇد كاشغەرىي، مەن»، «رىزۋانگۈل»، «ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا تۇردۇم ھېيتگاھتەك»، «كىروران» قاتارلىق ئاساسلىق شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى روشەن ھېس قىلىش مۇمكىن.
2. مىللىيلىك. مىللىيلىك مىللىي ئەدەبىياتنىڭ جېنى، دۇنياۋىيلىقنىڭ ئاساسى. مىللىيلىككە سەل قارىغان يازغۇچى، شائىرلار ھەقىقىي مەنىدىكى يازغۇچى ئەمەس، بەلكى تەقلىدچىلەردۇر. مىللىيلىك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقچىللىقنىڭ ئاساسىدۇر. زامانىۋىيلىقنى بانا قىلىپ، مىللىيلىكنى چەتكە قېقىش ياكى ئۇنىڭدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەقىللىق يازارمەننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران بۇ نوقتىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىق تونۇپ يەتكەن شائىر بولۇپ، ئىجادىيىتىدە مىللىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. ئۆز نۆۋىتىدە تارىخىيلىق بىلەن مۇستەھكەم جىپىسلىشىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ ۋە جۇلالاندۇرۇپ، يىمىرىلمەس بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلغان، ئۇنىڭ پايانىدا زامانىۋىيلىق ئالۋۇنىدا بۇقسىغان تالاي يوقىتىشلار  سوئال بەلگىسى شەكلىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ.
ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىدىكى مىللىيلىك ئالدى بىلەن مىللىي ئۇدۇم ۋە ئېتىقاد ئامىللىرىنى قېزىش ۋە ئۇنى جايىدا ئىپادىلەشتە روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان:
              ئوردا ئالدى...
              ئوردا ئالدى ئەمەس ھازىر ئۇ
خام بازىرى، تۇماق بازىرى.
چىقىپ كېلەر ئۇندىن
مىڭ يىل كېيىنكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئەمەستۇر قولىدىكى «قۇتادغۇ بىلىگ»
بۆگۈنكى مەھمۇد كاشغەرى
تىراژ غېمىدە بەللىرى ئېگىك.
شاھانا شەربەتلەر كەچكەن ئوردىدىن
رەستىلەر قېرىغان يەڭگۈشلەپ ئىگىن.
............
              جىگدە يىلىمى سېتىپ ئولتۇرغان موماي،
              يۈزىنى تارىختەك قورۇق قاپلىغان.
              دوغاپ ئىچەر، دوغاپ بىلەن تەڭ
كىرىپ كېتەر مېڭىسىگە غەم.
مورىسىدىن ئەمەس،
سۈتىدەك ئاپئاق چاچلىرىدىن
لەيلەيدۇ ئىس بولۇپ بىر ئۆيلۈك پىغان.
                           «قەسقەردە دوغاپ ئىچىش» تىن
   يۇقىرىقى مىسرالاردىكى « ئوردا ئالدى»، « خام بازىرى»، «تۇماق بازىرى»، « يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «قۇتادغۇ بىلىگ»، « مەھمۇد كاشغەرى»،  «جىگدە يىلىمى»، «دوغاپ»، «مورا» قاتارلىق سۆز ۋە سۆز بىرىكلمىرى مىللىي مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاس بەلگۈلەر بولۇپ، جايىدا ئىشلىتىلگەن بۇ بەلگىلەر ئەسەرگە كۈچلۈك مىللىيلىك ئاتا قىلغان، ئۆز نۆۋىتىدە ئەسەرنىڭ ئىستېتىك كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئېسىل شېئىرنىڭ ئىستېتىك كۈچى دەل بالقىپ تۇرغان مىللىيلىكتىن كەلگەن.
ئۇندىن قالسا، ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىدىكى مىللىي ئۇدۇم ۋە ئېتىقاد ئامىللىرى يەككە-يېگانە ئىپادىلەنمەستىن، مىللەتنىڭ خاس روھى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكىپ، سۇغا سۇ قېتىلغاندەك قېتىلىپ، ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ جانلىق ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرگەن:
               مىڭ يىل ئاۋۋالقى قەبىلىلەردەك،
غۇژمەك-غۇژمەك ئۈزۈم، مۇناقى.
يېيىپ تەلەڭگىدە نەچچە كۆكباشتى،
چېچېىلغان پۇرچاقتەك ئولتۇرار موماي.
............
ئەركەكلىكنى مىڭ يەردىن ساۋاپ،
ھۆل يۇلغۇنغا ساقچىلغان كاۋاپ،
شورپىلىرى چوغنى يالقۇنداپ،
ئاشىقنىڭ يۈرىكىدەك تۇرار پىژىلداپ.
غالتەكلىك ھارۋىدا مۈگدىگىنىچە،
دەردمەننىڭ چېھرىدەك تاتارغان كىتاب،
ئۇندا چاپچىپ تۇرغان ماگمىدەك تىلەك،
ئېتىلار يۈرىكىڭگە ئوقتەك ۋىژىلداپ.
                          «كورلىدىكى دۆڭكۆۋرۈك»تىن
ساداقەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۈپ،
بۈدرە چاچ قىزلارغا قارار نۇزۇگۇم.
ئويىدا يۈز يىلغا يېقىن قان ھىدى...
تونۇپ بولماس تالاي نەرسىنى،
تارىخچى قېرىغان، تارىخ قېرىغان.
                       «قەسقەردە دوغاپ ئىچىش»تىن
ھەر ئىككى شېئىردا تەسۋىرلەنگىنى قايناق بازار، كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدىغىنى تۇرمۇش رېئاللىقى! ئاپتور شېئىردا تىلنىڭ كېڭىيىشچانلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر بىر مىسراغا جان ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئىماگ تىرىك جاندەك ھەرىكەتكە كېلىدۇ. مىسرالار تومۇرغا ئايلىنىدۇ، ھەر بىر تومۇردا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇر قېنى!
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىللىيلىك ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرىنىڭ غول تومۇرىدۇر.
3.بوشلۇق. شائىر ۋائىز ئەمەس، نەسىھەتچى تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىجاتكاردۇر. شېئىرى پىكىرنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاق ئەكس ئەتتۈرۈش شېئىرنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئوقۇرمەننى پاسسىپ ھالدىكى قوبۇل قىلغۇچى ئورنىدا كۆرۈپ ھەممىنى ئىزىپ ئىچۈرۈشكە ئورۇنۇش، ھە دېگەندە مەمەدالىق قىلىش ئەقىللىق شائىرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە چۈشەنچىسى ۋە تۇتقان يولى بار. ئۇ بولسىمۇ: ئوقۇرمەننى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭ ئوبېيكتىپ ئورنىغىلا ئەمەس، سوبېيكتىپ رولىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇسۇلنى ئۆزىلا ئوينىماي باشقىلارنىمۇ ئويناشقا تەكلىپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل كەڭ قورساقلىق روھى ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىغا ئۆزگىچە سالاپەت بېغىشلىغان:
                 ئوڭ كەلمىگەن تەلەيدەك،
                 قاغجىرىغان ئورداڭ، يوللىرىڭ.
پۇتلىرىڭنى چىلاپ دەرياغا،
ئولتۇرۇپسەن ئارالدا ئۇسسۇز،
يۈرىكىدەك غېرىب شائىرنىڭ.
                                       «يارغول»دىن
تاغ كەينىدە سەن ياشىغان ئۆي،
باغ كەينىدە مەن ساقلىغان ئۆي.
ئارىمىزدا ئۆركەشلىمەكتە،
سەن ياسىغان، مەن ياسىغان كۈي.
                                     «تاغ كەينىدىكى قىز»دىن
نېمە ئۇ مىلادىيە، ھىجىرىيە دېگەن،
نۆلدىن باشلىنىدۇ بىزنىڭ يىلىمىز.
                                      «تۇغۇلغان كۈن»دىن
سۆيگۈ كۆرسىتىدۇ دۇنيانى گۈلدەك...
سۆيگۈ كۆرسىتىدۇ دۇنيانى كۈلدەك...
                                 «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى»دىن
كەلمەكتە ئوتتۇز ياشلىق ئاياللار،
كەلمەكتە قىيام بولغان بىر قۇتا ھوزۇر.
كۆڭۈل ئۇۋۇسىدىن ئەركەكلەرنىڭ،
ئۇچۇپ چىقماقتا باچكىلار پۇر-پۇر.
                              «ئوتتۇز ياشلىق ئاياللار»دىن
ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان تالاي شېئىرلارنىڭ تەسىرى چېكىت قويۇلغان ھامان ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروراننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسىرى چېكىت قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ.
4. سەمىمىيلىك. قانداق يازغۇچى، شائىر بولسا، شۇنداق ئەسەر چىقىدۇ. سەمىمىيلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتتىلا ئەمەس، شېئىر ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرى قىزغىنلىق ۋە ئەقلىي ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ماتورى سەمىمىيلىكتۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى سەمىمىيلىك-ئالدى بىلەن ھېسسىياتنىڭ چىن ۋە سەبىيلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق. راست گەپ سەل ئاچچىقراق بىلىنگىنى بىلەن يەنىلا ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. شېئىردىمۇ شۇنداق. سائىرنىڭ ۋەزىپىسى تۇرمۇشنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ماھىيىتىنى، ھەقىقىتىنى كۆرسۈتۈشكە يىپ ئۈچى بولۇشتۇر.
بولساڭلارمۇ شۇ قەدەر ئوماق،
ئەرزىگۈدەك ھامان سۆيۈشكە؛
بىلىسىلەر سەرەڭگە تېلى،
يېتەر پەقەت بىر رەت كۆيۈشكە.
                            «زورلىماڭلا مېنى گۇناھقا»دىن
بۇ شېئىردا پۇت-قولى ساق، ھۇش-كاللىسى جايىدا، ھەممىگە قىزىقىش نەزەرىدە قارايدىغان تەلەپچان ئەركەك (تەبىئىي ئادەم) بىلەن تۇرمۇشتا پىشقان، ئىنسانىي كامالەتتە يۈكسەلگەن ۋاپادار ئەر (ئىجتىمائىي ئادەم) نىڭ (ئەمەلىيەتتە ئىككىسى بىر ئادەم) ئادەم بولغاندىن كېيىنكى چىن ھېسسىياتى پەردازلانماستىن، سەمىمىي ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغان كىشىدە بىر خىل سۆيۈنۈش، قايىللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. چاتما تەسىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئادىمىيلىك، جۈملىدىن ئەرلىك پەزىلەتلىرى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا، ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ شېئىرلىرىدىكى سەمىمىيلىك يەنە دادىللىقتا، ئوچۇق-يورۇقلۇقتا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. ھەممىدە ھېسسىيات دولقۇنىغا ئەگىشىدۇ، ئۆزىنى، يەنى لىرىك ئوبرار «مەن»نى قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇپ، ئالىيجانابلاشتۇرۇپ تاختا پەرىگە چىقىرىپ قويمايدۇ، بەلكى گۆشى ۋە قېنى بار، ھېسسىياتى ۋە جېنى بار تىرىك ئادەم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوقۇرمەننىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ئەقىدە ۋە ۋاپادارلىق بابىدا «سايىماخۇن» ئاتىلىپ قېلىشتىن قورقمايدۇ. باھانى ئوقۇرمەن بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ ئايالى ۋە دوستلىرى تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بۇ قارىشىمىغا دەلىل بولالايدۇ.
ئومۇمەن، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شېئىرلىرى مىللىي ئەدەبىيات قەسىرىدە ئېچىلغان ئۆزگىچە گۈل بولۇپ، سۈلكىتى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئەلبەتتە شائىرنىڭ ئىجادىيىتىمۇ قىسمەن نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس: ئاساسلىقى بىر قىسىم شېئىرلىرىدا قالدۇرۇلغان بوشلۇق بەك كەڭ بولۇپ ئاتلاپ ئۆتۈش تەس. ئىشلەتكەن بەزى سۆزلىرىدە شېئىرى پۇراق كەمچىل (ئىشلەتكىنى ئەمەلىيەتتە شېئىر تىلى ئەمەس)، مەنتىقىگە (شېئىرىيەت مەنتىقىسىگىمۇ) چۈشمەيدۇ، يەنە بەزى شېئىرلىرىدا مىسرالارنىڭ ئىچكى رىتىمدارلىقى ئوبدانلا ئاجىزلاشتۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغاندا چىگىت چاقىدۇ، شېئىرى تۇيغۇ ئاتا قىلالمايدۇ، ۋاھاكازالار. بۇلار ماقالىمىزنىڭ تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، تەپسىلى توختالمايمىز.  

(ئاپتور خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىدا)

مەنبە : «كروران ھەققىدە يېڭى داستان» توپلامىدىن

ۋاقتى: 2014-9-22 11:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران گە مۇبارەك  بولسۇن !
ئەپسۇس ، ھازىرغىچە شائىرنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالماپتىمەن. شائىرنىڭ  ئىجادىيتىگە ئۇتۇق ،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2014-9-24 21:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئالايكوم!   ئۆمارجان   ئاكا.  قۇت  تويڭىزغا  مۇبارەك!!!   يارقىن  ئىزلىرىڭىز  تېىخىمۇ  جۇلالانغاي!  شېئىرىيەتنىڭ   تېىخىمۇ يۈكسەك پەللىسىنى  ياراتقايسىز!  ئات،تايلىرىڭىز  ھەددىدىن  زىيادا  كوپ بولغاندىكىن   پەقەت ھېرىپ قالماڭ  جۇمۇڭ!            بەختلىك  ئائىلىڭىزگە  چەكسىز  بەختلەر يار  بولغاي!

ۋاقتى: 2014-9-24 22:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجانغا ياخشى تىلەكلەر يوللىنىپتۇ ، مەنمۇ ئۆمەرجاننىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك ، ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2014-9-27 03:07:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروان سىزنى  يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-10-1 23:06:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كرورەننىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئىجادىيىتىنىڭ تىخىمۇ رەڭدار
بولىشىنى تىلەيمەن....تارىم دولقۇنىدەك جۇشقۇنلۇق  سىزگە داۋاملىق يار بولسۇن....!

ۋاقتى: 2014-10-2 22:49:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئالدى  بىلەن  ئۆمەرجان  ئاكامنىڭ   قۇتلۇق  50  يېشى  بىلەن  ئىجادىيەت  ئىلمى  مۇھاكىمە  يىغىنىنىڭ  بىرلا  ۋاقىتتا  ئې چىلغانلىقىنى  قىزغىن  تەبرىكلەيمەن!!!   جاپا  چەكتىڭىز. بۇنچىلىك شان-شەرەپلەرگە  ئېرىشمەك ھەقىقەتەن  ئاسان ئەمەس!  بارىكاللا !!! يارايسىز!  كىرورەننىڭ  پەخىرى!  تېىخىمۇ   غەيرەت  قىلىپ  شېئېرىيەتنىڭ  ئەڭ  يۈكسەك  پەللىسىنى  ياراتقايسىز.  بىر بىپايان  گۈلزارلىققا  ۋە  چەكسىز بايلىققا تولۇپ دولەت غەزىنىسىگە
ئايلانغان  بۇ يىغىن  مەيدانىڭىزدا  ئولتۇرالىغىنىمدىن ئۆزۈمگە  شەرەپ  ھىس  قىلدىم. قەلىمىڭىز
تېىخىمۇ  بەرىكەتلىك  ،ئائىلىڭىز  تېخىمۇ  بەختلىك  بولغاي!!!

ۋاقتى: 2014-11-4 15:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش