يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: پولات

كورلىدا <<دەۋر مېلودىيىسى_شېئىرىيەت سەپىرى>>مۇشائىرە پائالىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-9-8 14:05:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ئاكامغا قارىسام تون كىيىۋېتىپ يىغلاپ سالىدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى،(مەن بولساممۇ چوقۇم يامغۇردەك يىغلايتتىم، ياشلىرىم ئىچىمگە ئېقىپ يۈرەك يارىلىرىمغا مەلھەم بولاتتى.) ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك يىغىن بوپتۇ .
بەش- ئون يىل ئىلگىرى تېخى ئۆمەرجان ئاكام قارا چاچ، قارا قاش يىگىت ئىدى، چاچلىرىغا ئاق سانجىپتۇ. ھاياتىنىڭ 50- پەلەمپىيىگە، دەۋرنىڭ يېرىم ئەسىرىگە كەلگىنىدە ئاندىن ئەجرىنىڭ ئېتراپىغا ، شان- شەرەپ تونىغا مۇيەسسەر بوپتۇ، يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىپ كەتكەندۇ شائىر ئاكامنىڭ . مۇبارەك بولسۇن ئاكا !

باھا سۆز

راست ئېيتتىڭىز،يېقىندا تېخى ياش ئىدى،  ۋاقتى: 2014-9-27 02:53 AM
ۋاقتى: 2014-9-9 09:59:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ . ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ ئۆمرىگە بەركەت، بارلىق ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن! ئالتۇن بويى ئامان بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-9-9 19:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،ئىجادىيەت يولىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن،تېنىڭىز سالامەت،قەلىمىڭىز تۇلپار بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-9-9 19:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك، ئۆمەرجان قۇتلۇق تويىڭىز،
پەلەككە تاقاشسۇن ئالتۇن بويىڭىز.
كىروران روھىنى چاقنىتىپ ئەبەد،
دىللارغا نۇر بەرسۇن مەقسەت-ئويىڭىز!

سالام، ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كىروران! تېنىڭىزگە قۇۋۋەت، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت، ئائىلىڭىزگە ئاللاھتىن چەكسىز رەھمەت تىلەيمەن! ئامان بولغايسىز!

ۋاقتى: 2014-9-10 15:23:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ئاكامنىڭ ئېسىل  ھۆرمەت تونى كىيىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خوش بولدۇم.ئۇ ھەقىقەتەن تون كىيىشكە لايىق كاتتا شائىرىمىز.يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى.ئۇ ھەرقېتىم يۇرتىمىزغا كەلسە،ئۇ تونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كېتىدۇ...

ئۆمەرجان ئاكا،تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار،شان-شەرەپلەر سىزگە يار بولسۇن!

(نەچچە كۈندىن بېرى كومپيۇتېرىم بۇزۇلۇپ قالغاچقا ،مۇنبەرگە كىرەلمەي،ئۆمەرجان ئاكامنى تەبرىكلىيەلمىدىم.سەت بولدى.تولىمۇ ئۆزرىلىكمەن)... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەلىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-10 15:33  


ۋاقتى: 2014-9-10 18:38:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر، ژۇرنالىست ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران ئەپەندىنىڭ قۇتلۇق تويىغا مۇبارەك بولسۇن! ئۆمرى ئۇزۇن، ئىجادىيىتى تېخىمۇ ھوسۇللۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-9-10 20:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى كاتتا پائالىيەت بوپتۇ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەردىن ئېلھام ئېلىپ مىللىتىمىزنىڭ روھىيىتىنى قازىدىغان، خەلقنى داغدام مەنزىلگە باشليدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزگە تەقدىم ئېتىشىگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2014-9-10 20:06:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن مەىموتنىڭ يۈرەكنى چىكىدىغان ھېكايىلىرىدىن بەكمۇ زوقلىنىمەن

ۋاقتى: 2014-9-11 10:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇساجان دوستۇم ، مەنمۇ ئەسلى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان . كۆرۈشەلمەي قاپتۇق ئەمەسمۇ ....

ۋاقتى: 2014-9-13 19:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەتنى مەزمۇنلۇق ماقالىسى ، سۇزۇك سۇرەتلىرى بىلەن ئەلگە تاراتقان،ۋاقتىدا خەۋەر قىلغان   تىرىشچان ئۇكىمىز   پولات نىيازغا رەخمەت ئېيتىمەن. « دەۋىر مىلۇدىيەسى - شىنجاڭ شىىئېرىيەت سەپىرى »  مۇشائىرە پائالىيىتى ۋە شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران شىئېرئىجادىيىتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.شائىر ئۆمەرمۇھەممەتئىمىن كىرورانگە مۇبارەك بولسۇن.
شائىرە ھەبىبە تايىر نىڭ قىلغان شۇنچىلا كۆپ ئەجرىگە ئاپىرىن،تەشەككۇر. قولىڭىز دەرت كورمىسۇن.

ۋاقتى: 2014-9-14 11:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يىغىن ئېچىلغان شۇ  كۈنى كەچلىك زىياپەتتە بىر قىسىم ئۇستازلار بۇ قېتىملىق يىغىن ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پىكىر بايان قىلىشتى:

IMG_7216.JPG
  
رەئىس ئازات سۇلتان سۆز قىلماقتا.

IMG_7221.JPG

قەشقەر پېداگوگىكا ئىىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئەركىن ئابدۇرەھىم ئوغۇز شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللانىڭ يىغىنغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ بەرمەكتە.

IMG_7225.JPG

شائىر ئابلىمىت سادىق سۆز قىلماقتا.

IMG_7229.JPG


شائىر تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
  

IMG_7233.JPG


يازغۇچى ئالىمجان ئىسمائىل سۆز قىلماقتا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kroran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-14 11:55  


ۋاقتى: 2014-9-14 23:34:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ۋە ئۆزگىچە بولدى. يېزىلغان ماقالىلەردىن ئۆمەرجان ئاكامنى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۇق. ئۆمەرجان ئاكامنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-9-15 10:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ئاكىغا مۇبارەك بولسۇن ،   ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ئاكا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە  مۇھىم  ئورۇن تۇتىدىغان شائىرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭغا تېخىمۇ  ئالى شەرەپلەر نېسىپ بولغاي !

ئۇشبۇ يىغىن پائالىيىتىگە خىزمىتىم سەۋەبىدىن قاتنىشالمىغانلىقىمغا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن !

ۋاقتى: 2014-9-15 10:39:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى يالقۇن روزى يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن بىللە:



DSC_7563.JPG

DSC_7572.JPG

DSC_7584.JPG

DSC_7590.JPG

DSC_7639.JPG


ۋاقتى: 2014-9-15 13:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك بولسۇن ! بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن !

    بۇ  پائالىيەتتىن بىخەۋەر قاپتىمەن كروران ئەپەندىم ! بولمىسا يارىشىغىدا قەددىسىنى قىلاتتۇق !
     بۇ  بىر نەچچە ئايدا  تورغا چىقالمىدىم، كېچىكىپ كورۇپتىمەن،ئۆزرىلىكمەن،تىنىڭزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش