پەخىرلىك ئەدىپلىرىمىزدىن جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان ئۇچتۇرپاندا
ئىزگۈ تىلەكلەرگە تويۇنغان گۈلگۈن -خۇشچىراي ماي بايرىمى يىتىپ كېلىش ھارپىسىدا قەدىمى شەھەر ئۇچتۇرپاننىڭ سوقماق كوچلىرىغىچە بىر خەۋەر ئەگىيتتى.... ھاياجانلىق شىۋىرلاشلار ئاڭلىناتتى....
-جالالىدىن بەھرام كېلىدىكەن!...
-ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ كەلگۈدەك...
-قاچان كېلىدىكەن؟...
- ...........؟؟...
زارىقىپ كۈتكەن تارىخى دەملەر ئاخىرى يىتىپ كەلدى!...
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى(يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:00دا ئۇستاز ئەدىپ، شۆھرەتلىك يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئاكا ناھىيىلىك گوچىڭ ئوتتۇرا مەكتىۋىدىكى ئەنۋەر ھۆسەن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىۋى ۋەئۇچتۇرپاندىكى ھەر ساھە قەلەمكەش -ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۈمىد- تەقەززالىرىغا جاۋابەن ئۇزاق يوللارنى بېسىپ ئۇچتۇرپانغا يىتىپ كەلدى. مۇختار داۋۇت، ئەنۋەر ھۆسەن،ئابلاجان ئوسمان،تۇرسۇن مەھەممەدلەر باشچىلىغىدا بىر قانچە زىيالى، قەلەم ساھىبلىرى بېكەتكە چىقىپ، بۇ بەردەم، خۇشچاقچاق، يېقىملىق،كۈلۈپلا تۇرىدىغان بوۋاينى كۈتىۋالدۇق... ئۇچتۇرپاندىكى ۋەكىللىك جايلارنى بىر قۇر ئايلاندۇردۇق...
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30لاردا پەخىرلىك ئوغلان، ئەل سۆيگەن يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان، تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر، دوستى مۇتەللىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇچتۇرپاندىكى مۇختار داۋۇت، تۇرغۇن مىجىت باشچىلىغىدىكى قەلەم ساھىپلىرى-ھەۋەسكار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىۋىگە جاۋابەن تارىخى يۇرت يەكەن دىيارىدىكى ھەر ساھە قەلەمكەش دوستلارنىڭ سالامىنى ئېلىپ ، ئۇزاق يوللارنى بېسىپ ئۇچتۇرپان زېمىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.... مۇختار داۋۇت، تۇرغۇن مىجىت، روزى سوپى، ياسىنجان ئىمىن قاتارلىقلار ئاقتۇقاي يېزا دوقمۇشىغىچە بېرىپ بۇ ھاياجانلىق دەملەرنى بىرلىكتە كۈتىۋالدۇق... قىزغىن قۇچاق ئېچىپ كۈرۈشۈشلەردىن گەرچە تونۇشمىساقمۇ ئەزەلدىنلا تونۇش بىر ئىزگۈلۈكنى ھىس قىلدۇق...
شۇ كۈنى كەچتە ئىككى ئەدىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇچتۇرپاندىكى قەلەم ساھىبلىرى، ئەدەبىيات ئاشيانلىرى بىلەن دىدار مۇلاقاتتا- كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەردە بولدى...بىللە كۇچا ئايلاندى...
ئەتىسى(4-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئەتىگەندە ئۇستاز جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدىكېرىم قادىلار مۇختار داۋۇت تۇرغۇن مىجىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن كېسەل ياتقان شائىر- ئىبراھىم قۇرباننى يوقلىدى...
سائەت 10دا <توققۇز بۇلاق> باغچىسىغا جەم بۇلدۇق.... پەلەمپەي بويلاپ مۆلجەر تاغ ئۈستىگە چىققاندا ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە، شىمالدا بۇلۇتلار باغرىنى يېرىپ ھەيۋەتلىك قەد كۆتىرىپ تۇرغان ئاقباش تەڭرى تاغلىرىغا قاراپ ئۇلار شۇنچىلىك ھاياجانلاندى... مۆلجەر تاغقا باغلىنىشلىق تارىخنى ئەسلىگەچ يەتتە قىز ئەرك يولىدا ئۆزىنى تاشلىغان<قىز قىياسى>نى كۆرگەندە ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ كۆزلىرى ئىختـىيارىسىز نەمدەلدى...
تاغدىن چۈشتۇق. توققۇز بۇلاقنىڭ مۇزدە سۈيى كۆڭۈللەرنى ئارىلاپ دىل رىشتىمىزنى مەھكەم تۇتاشتۇردى... دىدار پۇرسەتلىرىگە گۇۋاھ بۇ سۇدىن ئوچۇملاپ قانغۇچە ئىچىشتۇق...
باغچىدىن چىققاندا دەرۋازا ئالدىدا ئاقسۇدىن كېلىپ ئۇلار بىلەن دىدارلاشقىلى ساقلاپ تۇرغان ئابلىز ئوسمان، ئابباس مونىياز ۋە ئارال شەھەرلىك پارتىكومدىن ئوسمانجان مۇھەممەد ئاكىلار بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلار قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، قايتا-قايتا ھال ئەھۋال سوراشتى...
سائەت 11لەردە <يەتتە قىزلىرىم>مەقبەرىسىگە يول ئالدۇق... خەلقىمىزنىڭ ئەرك يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ شاھىدى بولغان غېرىپ قەبرىلەرنى كۆرۈپ ھەممەيلەن تارىخى ئەسلىمە ئىچىدە سۈكۈتكە چۈمدى. ... خوتەندىن كەگەن دوستىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىن مۇڭلۇق قىرائەتنى باشلىغاندابوغزىمىز ئېچىشقاندەك بولدى.... ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ كۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ياش تاراملاپ تۆكۈلدى....
خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن <يەتتە قىزلىرىم> مەقبەرىسىدىن چىقىپ <سوۋۇتقۇ>بۇلاق سەيلىگاھىغا قاراپ يول ئالدۇق...
<سوۋۇتقۇ> بۇلاق بويىدا 19 -ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى موللا شاكىرنىڭ روھىنى ئەسلىدۇق، ئۇنىڭ قەدەم جايىلىرىنى ئايلاندۇق؛ <سوۋۇتقۇ >بۇلىغىنىڭ يۈرەككە شىپا مۇزدەك سۈيىدىن نۆۋەت بىلەن ئىچىشتۇق....جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدىكېرىم قادىر، ئابلىز ئوسمان ئاكىلار <كۆزگە پايدا قىلىدۇ>دەپ بۇ سۇدا قايتىلاپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيدى. .... كۆڭۈللۈك بىر تەسىرات ،قىيالماسلىق نەزەرلىرىدە بۇ يەردىن ئايرىلىپ <مارجان بۇلاق >ئارامگاھىغا يۈرۈپ كەتتۇق...
<مارجان بۇلاق >تىكى ئەنجۈمەندە كۆپچىلىك ئېچىلىپ- يېيىلىپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىشتى... ئۇچتۇرپاندىكى قەلەم ساھىبلىرى، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر ساھە زىيالىيلىرىدىن بولۇپ 50تىن ئارتۇق كىشى بۇ يەگە جەم بولۇپ ئەدىبلىرىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، تەلىم سورىدى. چۈشەنمىگەنلىرىنى چۈشىنىپ كۆڭۈل تۈگۈچلىرىنى يەشتى. ئىپتىخارلىق ۋە ھېكمەت جەۋھەرلىرى بىلەن مەنىۋىيىتىنى بېزىدى.... ئەنجۈمەن تولىمۇ مېھىرلىك داۋام قىلدى... ئاخىرىدا ئۇچتۇرپاندىكى قەلەم ساھىبلىرى، ئەدەبىيات ئاشيانلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتى، مۇھاببىتى، كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ ئىككى پەخىرلىك يازغۇچىغاۋە ئۇچتۇرپاندىكى پىشقەدەم ئەدىب- ھۆرمەت ساھىبى ئىمام مۇھەممەد ئاكىغا قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە تون كىيدۈرۈلدى... گۈلچەمبىرەكلەر ئېسىلدى... كىچىككىنىە چېدىردىن ئالەمچە مېھىر ،ھۆرمەت، شادلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد مىلودىيىلىرى ياڭرىدى!... بۇ ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر ئىكران يۈزىدە، قەلىبلەردە ئۆمۈرلۈك ئەسلىمە بولۇپ قېتىپ قالدى.....
خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىنىڭ ناھايتى زىچلىغى سەۋەبلىك ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدىكېرىم قادىر، ئوسمانجان مۇھەممەد ۋە بىللە كەلگەنلەرنى بىر خىل قىيالماسلىق نەزەرلىرىدە ئۇزىتىپ قويدۇق... ئۈچ ماشىنا ئوتلۇق تىلەكلەر ئىچىدە دىل رىشتىلىرىمىزنىڭ بىر ئۇچىنى ئېلىپ كەچكى نۇر ئىچىدە ئاستا يۈرۈپ كەتتى...
2012-يىل 30- ئاپىرىل. ئۇچتۇرپان.
يوللىغۇچى: مۇختار داۋۇت، تۇرغۇن مىجىت، ياسىنجان ئىمىن، ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى.
(رەسىملەر ۋە كېيىنكى پائالىيەتلەر ئاستىغا داۋاملىق يوللىنىدۇ)