جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2709|ئىنكاس: 44

پەخىرلىك ئەدىب جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان ئۇچتۇرپان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  578
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 90
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      پەخىرلىك ئەدىپلىرىمىزدىن جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان ئۇچتۇرپاندا

  



ئىزگۈ تىلەكلەرگە تويۇنغان گۈلگۈن -خۇشچىراي ماي بايرىمى يىتىپ كېلىش ھارپىسىدا قەدىمى شەھەر ئۇچتۇرپاننىڭ سوقماق كوچلىرىغىچە بىر خەۋەر ئەگىيتتى.... ھاياجانلىق شىۋىرلاشلار ئاڭلىناتتى....

-جالالىدىن بەھرام كېلىدىكەن!...

-ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ كەلگۈدەك...

-قاچان كېلىدىكەن؟...

- ...........؟؟...

   زارىقىپ كۈتكەن تارىخى دەملەر ئاخىرى يىتىپ كەلدى!...

   2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى(يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:00دا ئۇستاز ئەدىپ، شۆھرەتلىك يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئاكا ناھىيىلىك گوچىڭ ئوتتۇرا مەكتىۋىدىكى ئەنۋەر ھۆسەن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىۋى ۋەئۇچتۇرپاندىكى ھەر ساھە قەلەمكەش -ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۈمىد- تەقەززالىرىغا جاۋابەن ئۇزاق يوللارنى بېسىپ ئۇچتۇرپانغا يىتىپ كەلدى. مۇختار داۋۇت، ئەنۋەر ھۆسەن،ئابلاجان ئوسمان،تۇرسۇن مەھەممەدلەر باشچىلىغىدا بىر قانچە زىيالى، قەلەم ساھىبلىرى بېكەتكە چىقىپ، بۇ  بەردەم، خۇشچاقچاق، يېقىملىق،كۈلۈپلا تۇرىدىغان بوۋاينى كۈتىۋالدۇق...   ئۇچتۇرپاندىكى ۋەكىللىك جايلارنى بىر قۇر ئايلاندۇردۇق...

   شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30لاردا پەخىرلىك ئوغلان، ئەل سۆيگەن يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان، تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر، دوستى مۇتەللىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇچتۇرپاندىكى مۇختار داۋۇت، تۇرغۇن مىجىت باشچىلىغىدىكى قەلەم ساھىپلىرى-ھەۋەسكار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىۋىگە جاۋابەن تارىخى يۇرت يەكەن دىيارىدىكى ھەر ساھە قەلەمكەش دوستلارنىڭ سالامىنى ئېلىپ ، ئۇزاق يوللارنى بېسىپ ئۇچتۇرپان زېمىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى....  مۇختار داۋۇت، تۇرغۇن مىجىت، روزى سوپى، ياسىنجان ئىمىن قاتارلىقلار ئاقتۇقاي يېزا دوقمۇشىغىچە بېرىپ بۇ ھاياجانلىق دەملەرنى بىرلىكتە كۈتىۋالدۇق...   قىزغىن قۇچاق ئېچىپ كۈرۈشۈشلەردىن گەرچە تونۇشمىساقمۇ ئەزەلدىنلا تونۇش بىر ئىزگۈلۈكنى ھىس قىلدۇق...

شۇ كۈنى كەچتە ئىككى ئەدىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇچتۇرپاندىكى قەلەم ساھىبلىرى، ئەدەبىيات ئاشيانلىرى بىلەن دىدار مۇلاقاتتا- كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەردە بولدى...بىللە كۇچا ئايلاندى...

ئەتىسى(4-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئەتىگەندە ئۇستاز جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدىكېرىم قادىلار  مۇختار داۋۇت تۇرغۇن مىجىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن كېسەل ياتقان شائىر- ئىبراھىم قۇرباننى يوقلىدى...

   

سائەت 10دا <توققۇز بۇلاق> باغچىسىغا جەم بۇلدۇق....   پەلەمپەي بويلاپ مۆلجەر تاغ ئۈستىگە چىققاندا ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە، شىمالدا بۇلۇتلار باغرىنى يېرىپ ھەيۋەتلىك قەد كۆتىرىپ تۇرغان ئاقباش تەڭرى تاغلىرىغا قاراپ ئۇلار شۇنچىلىك ھاياجانلاندى...  مۆلجەر تاغقا باغلىنىشلىق تارىخنى ئەسلىگەچ يەتتە قىز ئەرك يولىدا ئۆزىنى تاشلىغان<قىز قىياسى>نى كۆرگەندە ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ كۆزلىرى ئىختـىيارىسىز نەمدەلدى...

تاغدىن چۈشتۇق. توققۇز بۇلاقنىڭ مۇزدە سۈيى كۆڭۈللەرنى ئارىلاپ دىل رىشتىمىزنى مەھكەم تۇتاشتۇردى...  دىدار پۇرسەتلىرىگە گۇۋاھ بۇ سۇدىن ئوچۇملاپ قانغۇچە ئىچىشتۇق...

   باغچىدىن چىققاندا دەرۋازا ئالدىدا ئاقسۇدىن كېلىپ ئۇلار بىلەن دىدارلاشقىلى ساقلاپ تۇرغان ئابلىز ئوسمان، ئابباس مونىياز ۋە ئارال شەھەرلىك پارتىكومدىن ئوسمانجان مۇھەممەد ئاكىلار بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلار قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، قايتا-قايتا ھال ئەھۋال سوراشتى...

  

سائەت 11لەردە <يەتتە قىزلىرىم>مەقبەرىسىگە يول ئالدۇق...    خەلقىمىزنىڭ ئەرك يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ شاھىدى بولغان غېرىپ قەبرىلەرنى كۆرۈپ ھەممەيلەن تارىخى ئەسلىمە ئىچىدە سۈكۈتكە چۈمدى. ... خوتەندىن كەگەن دوستىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىن مۇڭلۇق قىرائەتنى باشلىغاندابوغزىمىز ئېچىشقاندەك بولدى....  ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ كۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ياش تاراملاپ تۆكۈلدى....

   خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن <يەتتە قىزلىرىم> مەقبەرىسىدىن چىقىپ <سوۋۇتقۇ>بۇلاق سەيلىگاھىغا قاراپ يول ئالدۇق...

  

<سوۋۇتقۇ> بۇلاق بويىدا 19 -ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى موللا شاكىرنىڭ روھىنى ئەسلىدۇق، ئۇنىڭ قەدەم جايىلىرىنى ئايلاندۇق؛ <سوۋۇتقۇ >بۇلىغىنىڭ يۈرەككە شىپا مۇزدەك سۈيىدىن نۆۋەت بىلەن ئىچىشتۇق....جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدىكېرىم قادىر، ئابلىز ئوسمان ئاكىلار <كۆزگە پايدا قىلىدۇ>دەپ بۇ سۇدا قايتىلاپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيدى. .... كۆڭۈللۈك بىر تەسىرات ،قىيالماسلىق نەزەرلىرىدە بۇ يەردىن ئايرىلىپ <مارجان بۇلاق >ئارامگاھىغا يۈرۈپ كەتتۇق...

<مارجان بۇلاق >تىكى ئەنجۈمەندە كۆپچىلىك ئېچىلىپ- يېيىلىپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىشتى... ئۇچتۇرپاندىكى قەلەم ساھىبلىرى، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر ساھە زىيالىيلىرىدىن بولۇپ 50تىن ئارتۇق كىشى بۇ يەگە جەم بولۇپ ئەدىبلىرىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، تەلىم سورىدى. چۈشەنمىگەنلىرىنى چۈشىنىپ كۆڭۈل تۈگۈچلىرىنى يەشتى. ئىپتىخارلىق ۋە ھېكمەت جەۋھەرلىرى بىلەن مەنىۋىيىتىنى بېزىدى....  ئەنجۈمەن تولىمۇ مېھىرلىك داۋام قىلدى...   ئاخىرىدا ئۇچتۇرپاندىكى قەلەم ساھىبلىرى، ئەدەبىيات ئاشيانلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتى، مۇھاببىتى، كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ ئىككى پەخىرلىك يازغۇچىغاۋە ئۇچتۇرپاندىكى پىشقەدەم ئەدىب- ھۆرمەت ساھىبى ئىمام مۇھەممەد ئاكىغا قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە تون كىيدۈرۈلدى... گۈلچەمبىرەكلەر ئېسىلدى...    كىچىككىنىە چېدىردىن ئالەمچە مېھىر ،ھۆرمەت، شادلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد مىلودىيىلىرى ياڭرىدى!...     بۇ ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر ئىكران يۈزىدە، قەلىبلەردە ئۆمۈرلۈك ئەسلىمە بولۇپ قېتىپ قالدى.....

خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىنىڭ ناھايتى زىچلىغى سەۋەبلىك ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدىكېرىم قادىر، ئوسمانجان مۇھەممەد ۋە بىللە كەلگەنلەرنى بىر خىل قىيالماسلىق نەزەرلىرىدە ئۇزىتىپ قويدۇق...   ئۈچ ماشىنا ئوتلۇق تىلەكلەر ئىچىدە دىل رىشتىلىرىمىزنىڭ بىر ئۇچىنى ئېلىپ كەچكى نۇر ئىچىدە ئاستا يۈرۈپ كەتتى...


                                                                  

                 


                                                        2012-يىل 30- ئاپىرىل. ئۇچتۇرپان.




يوللىغۇچى: مۇختار داۋۇت، تۇرغۇن مىجىت، ياسىنجان ئىمىن، ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى.



(رەسىملەر ۋە كېيىنكى پائالىيەتلەر  ئاستىغا داۋاملىق يوللىنىدۇ)




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  578
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 90
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                               ئۇچتۇرپاندا كەچ
                                                (2012-4-29)


DSCN0194.JPG

DSCN0195.JPG
DSCN0191.JPG

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرغۇن مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 01:49  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  578
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 90
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:05:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شائىرنى يوقلاش

(2012-4-30)

DSCF8380.JPG

DSCF8389.JPG

DSCF8398.JPG



Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 874
تۆھپە : 7
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۆلجەر تاغدا ئىز

(2012-4-30)

مۆلجەر تاغ -(بەزىلەر خاتا ھالدا قالغاچتاغ دەۋاتىدۇ)ئۇچتۇرپاندىكى توققۇز بۇلاق باغچىسى ئىچىگە جايلاشقان تاغ ،سۇ ،ئورمان تۇتاش گىرەلەشمە مەنزىرە ھاسىل قىلغان مەشھۇر مەنزىرە نوقتىلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا تالاي تارىخى كەچمىشلەرنىڭ شاھىدى.  مۆلجەر- قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا  ئىستىھكام، ئابارون،  مۇداپىئەلىنىدىغان جاي دېگەنلىكتۇر...

0.JPG

IMG_5778.JPG
1.JPG
2.JPG
3.JPG

4.JPG

5.JPG
6ز6.JPG
7.JPG
7ز7.JPG
8.JPG
9.JPG



چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 874
تۆھپە : 7
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 03:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

10.JPG



11.JPG

12.JPG

13.JPG

14.JPG

15.JPG

16.JPG

17.7.JPG

17.8.JPG

17.9.JPG


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 04:39  


9.JPG
چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  753
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىز بىلەن تۇنۇشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت.........

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 237
تۆھپە : 11
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. بۇ تېمىنى يۇرتۇپ بەرگەن تۇرغۇن مىجىت ئاكىغا رەھمەت!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  243
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:28:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەھمىيەتلىك ياخشى ئىش بوپتۇ ،سۈرەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنى كۆرۈپ مەنمۇ يۈز كۆرۈشكەندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم .ھەمدە ماڭا تۇنۇش بولغان ئۇچتۇرپان ساياھەت ئارامگاھلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇم .بۇ ياخشى يازمىڭىلارنى يوللىغان تۇرغۇن مىجىت ئەپەندىمگە  كۆپ تەشەككۈر .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 874
تۆھپە : 7
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

17.JPG


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 874
تۆھپە : 7
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18.JPG


19.JPG


20.JPG


21.JPG


22.JPG


23.JPG




چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 874
تۆھپە : 7
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




24.JPG

26.JPG



27.JPG




29.JPG


30.JPG





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 10:07  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  670
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلب تۆرىمىزدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق يازغۇچى، ئەدىپلىرىمىز بىزنىڭ پەخرىمىزدۇر ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ياخشىلارنىڭ ئۆمرىنى زىيادە قىلغاي! تىما يوللىغۇچىغا رەخمەت!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 0
توردا: 67
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ،تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىزنى كۆرگىنىمدىن خوشالمەن.
تېما ئېگىسى ياكى باشقۇرغۇچىلار،مۇمكىن بولسا،4-قەۋەتتىكى بىر پارچە رەسىمنى چىقىرۋاتقان بولساڭلار،ياشلارغا سەلبىي تەسىر بېرىپ قويمىسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.توغرا چۈشىنىشكە بولسىمۇ،لېكىن،ئۇ بىر پارچە رەسىمنىڭ جامائەت توپى بار يەردە ئاشكارە چىقىشىنى تازا ياخشى بولدى دەپ قارىمايمەن.ئۆزەڭلارمۇ ئويلاپ باقارسىلەر....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 874
تۆھپە : 7
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 10:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى



يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى- مۆلجەر تاغنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ئاقتۇقاقاي تېغى باغرىغا جايلاشقان بولۇپ 1765- يىلدىكى

ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى(جىگدە يېغىلىقى)نىڭ  خاتىرىسى. ...


DSCN0349.JPG



DSCN0350.JPG


DSCN0351.JPG


DSCN0354.JPG


DSCN0363.JPG


DSCN0368.JPG


DSCN0369.JPG


DSCN0370.JPG


DSCN0371.JPG


DSCN0373.JPG


DSCN0375.JPG


DSCN0378.JPG


DSCN0379.JPG



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 10:36  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش