يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تۇرغۇن مىجىت

پەخىرلىك ئەدىب جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان ئۇچتۇرپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-12 04:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8533.JPG

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-12 04:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCN0427.JPG

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-12 04:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                           چوغلانبەگنى ئۇزىتىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرغۇن مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 11:58  


ۋاقتى: 2012-5-12 11:44:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8537.JPG

ۋاقتى: 2012-5-12 11:45:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8538.JPG

ۋاقتى: 2012-5-12 11:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8540.JPG

ۋاقتى: 2012-5-12 11:49:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8541.JPG

ۋاقتى: 2012-5-12 11:51:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8542.JPG

ۋاقتى: 2012-5-12 11:52:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSCF8544.JPG

ۋاقتى: 2012-5-12 12:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەر باغرىدا ئىزىڭلار قالدى: (ئۈمىد)

غوۋا قىرغاقلارنىڭ بۇزۇپ چۈشىنى،
يېشىل نۇر كەلدى بۈگۈن يىراقتىن.
ئەجداد روھى چوغ باغرىمىز ئارا
لاۋۇلدار يۈرەك ئېرىپ پىراقتىن...

يىراق تارىختەك ئوت نەپەس بىلەن،
ئۇيغۇر مېھرىدە قۇچاق ئېچىشتۇق.
<<باھادىرنامە>>، <<جاللات خېنىم>>نى
يازغان جۈپ قولنى مەھكەم سىقىشتۇق...

2
كىرگەندە يوقلاپ شائىرنى* سەھەر،
بوۋاينىڭ كۆزى ياشلاندى، ياندى.
<< ئالىملىرىمىز... >> دېدى ھېس قىلىپ،
غېرىپ كۈلبىدە بىر ئارمان قالدى...

<<لېيىغان بۇلاق>> سۈزۈلگەن بۆگۈن،
مۆلجەر تېغىنىڭ زۇمرەت قوينىدا.
چوققىلار تۇتاش گىرەلەشكەن چىڭ،
ئىككى ئوغلاندىن* ئىزنا بار بۇندا...

<< يەتتە قىزلىرىم>> مەقبەرىسىدە،
ئابدۇلھەمىدجان* قىرائەت قىلدى.
مۇڭلۇق بىر تارىخ، نەملەشتى كۆزلەر،
ياسىنجان سادىق چوغلان يىغلىدى...

سوۋۇتقۇ بۇلاق سۇلىرى زەمزەم،
مۇزدەك ئەندىكىش سەگىتەر يۈرەك.
موللا شاكىرنىڭ* قەدەم جايىدىن،
ئەل ئوغلانىغا  ياغار قۇت- تىلەك...

<< مارجان بۇلاق>> تا پۇرەكلىدى گۈل،
ھۆرمەت تۆرىدە ياپتۇق تون- لىباس.
ئۈچ تال گۈلچەمبەر*ئېسىلدى لەرزان،
سىڭگىنى ئاڭا مۇھاببەت-ئىخلاس...

سىم- سىم يامغۇردەك خوشلاشتۇق ئاخىر،
دىل يالقۇنىدىن يۈرەك چوغلاندى.
<< جالالىدىنىكام، چوغلان ئىزىدىن
كۆڭۈلدىن تۇمان يىراق قوغلاندى>>...
مەيلى نە بولسۇن ئامان بۇلۇڭلار ،
رىشتىڭلار ئۇچ*قا سۈزۈك باغلاندى.
باسقان قەدەملەر گۈلگە ئايلانسۇن،
مۆلجەر* باغرىدا ئىزىڭلار قالدى...

2012-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى

......................................................................................................
....................................................................................
........................................................................
*شائىر- يەتتە قىزلىرىم داستاننىڭ ئاپتۇرى شائىر ئىبراھىم قۇرباننى دېمەكچى( مېڭىسىگە بىرنەچچە قېتىم

قان چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ياخشى بۇلالماي ھازىر ئائىلىسىدەئىدى)


*ئىككى ئوغلان-جالالىدىن بەھرام، ياسىجان سادىق چوغلان.

*ئابدۇلھەمىدجان- توردىشىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىن

*موللا شاكىر- ئۇچتۇرپاندا ياشاپ ئۆتكەن  شائىر، تارىخچى- ئالىم. <<زەپەرنامە>> داستانىنىڭ ئاپتۇرى.

*ئۈچ تال گۈلچەمبەر- شۇكۈنى تون كىيدۈرۈلگەن جالالىدىن بەھرام ئاكا، چوغلانبەگ ئاكا ۋە ئۇچتۇرپاندىكى پىشقەدەم يازغۇچى، <<سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا >>ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى-ئىمام مۇھەممەد ئاكلارنىڭ بوينىغا سېلىنغا ئاددى گۈلچەمبەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ...

*ئۇچ-ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخى نامى.

*مۆلجەر- مۆلجەر تاغ.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 22:45  


ۋاقتى: 2012-5-12 12:46:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2012-يىل 1- ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارسى يىغىن زالىدا ئاپتۇر ۋە ئوقۇرمەنلەردىن بولۇپ 150چە كىشى قاتناشقان ئاپتۇرلار سۆھبەت يىغىنى ئېچلدى. يىغىندا  ئۇستاز جالالىدىن بەھرام ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى چىقىىش قىلىپ مۇھىم سۆز قىلدى. مۇئاۋىن ھاكىم ئارزىگۈل ئابدۇرسۇل ، ئاقسۇ ئەدەبىياتى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىغى ئابلىز ئوسمان، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇۋىن بۇجاڭى غېنى نارمەت قاتارلىق رەھبەرلەر ناھيىمىزنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت كۈتۈپخانا خىزمىتى ، مۆلجەر تاغ ژورنىلىنى نەشىرقىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.يىغىنغا ناھيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىغى شەۋكەت نۇردۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.
1.JPG 2.JPG 3.JPG 5.JPG 6.JPG 7.JPG 8.JPG 9.JPG 10.JPG
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 13:05  


ۋاقتى: 2012-5-12 13:10:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىندىن كېيىن ناھيە مەسئۇللىرى جالالىدىن بەھرام ئاكىنى ۋە باشقا يىغىن قاتناشچىلىرىنى كۈتىۋالدى


11 - 副本.JPG

12.JPG

13 - 副本.JPG


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 13:12  


ۋاقتى: 2012-5-12 13:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىل 2-ماي ئۇچتۇرپان ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپىگە جاۋابەن ئۇستاز جالالىدىن بەھرام 1-ئوتتۇرا مەكتەپ يىغىن زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى. يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بولۇپ 700دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
IMG_1493.JPG
IMG_1498.JPG
IMG_1500.JPG
IMG_1503.JPG
IMG_1504.JPG
IMG_1505.JPG
IMG_1509.JPG
IMG_1511.JPG


ۋاقتى: 2012-5-14 19:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتۇرپاندا تولىمۇ خاسىيەتلىك  بىر ئىش بوپتۇ. ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي...

ۋاقتى: 2012-5-26 01:49:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم . كۆپ رەھمەت سىلەرگە .قابىل تۆھپىكارلار ۋە دوست يارەنلەرگە كۆپلەپ سالاملار بولسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش