سوۋۇتقۇ بۇلىغى زامان -زامانلاردىن تارتىپ ئىلىم ئەھلىلىرى يىغىلىپ ئەنجۇمەن تۈزىدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن تالىپلارغا مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان، ئەتراپىدىكى چىملىق مەيداندا نورزلۇق ئات بەيگىسى ۋەتۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن مەشھۇر سەيلىگاھلارنىڭ بىرىدۇر . كىشىلەر ئارىسىدا بۇ يەرگە ئائىت نۇرغۇن دىنىي رىۋايەتلەر ساقلانغان. شۇلارنىڭ بىرىدە ھەزرىتى ئەلى شەھرى بەربەرنى بويسۇندۇرغىلى كېلىپ بۇ يەردە ئېتىنى سوۋۇتقانلىغى قەيىت قىلىنىدۇ.(ئىسلام تارىخدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ باشقا ئەللەرگە بارغانلىغىغا دائىر خاتىرە يوق. ھەزرىتى ئەلى خەلىپە مەزگىلىدە ئەرەپ ئىستىلاچىلىرى تېخى ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ بولالمىغانىدى...). شائىر موللا شاكىر ئۆمۈر بويى مۇشۇ يەردە ئەۋلاد تەربىيلەپ، ئىستىقامەت قىلىپ ئۆتكەنىكەن. تەجەللى ھەزرەت ئۇچتۇرپانغا كەلگەندە ئۇچتۇرپاندىكى ئەھلى -ئىلىملەرگە بۇ يەرنى ئوبدان قوغداشنى، موللا شاكىرنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقنى تاپىلىغانىكەن.. شۇندىن بۇيان تا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە بۇ يەر ئەھلى- ئىلىملەرنىڭ خاس زىيارەتگاھى بولۇپ كەلگەن...
(2012-4-30)
DSCF8467.JPG
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-13 11:20