خەيزىنىڭ قەبرىسى :ئەنچىڭ گاۋخې
18-خەيزى :بىر شەھەرنى كۆمۈپ ،بارلىق چىراقلارنى ئۆچۈردۈم
خەيزى (ئەسلى ئىسمى چا خەيشىڭ) ، 1964- يىلى -5-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينىڭ ناھىيسى گاۋ خې ييزىسىدا تۇغۇلغان. 1979-يىلى 15 يېشىدا بېيجىڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ قانۇن فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . ئۇ ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 1983-يىلى بېيجىڭ جۇڭگۇ سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كافېدىراسىغا تەقسىم قىلىنغان. 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى شەنخەيگۈندە پويىز رىلىسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.70 يىللاردىن كېيىنكى يېڭى ئەدەبىيات تارىخدا موھىم ئورۇن تۇتقان ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان تولىمۇ چەكلىك ياشىغان شائىردۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا مۆجىزە خاراكتىرلىك تالانتى،ئېجادى ئىقتىدارى،مول بېلىمى ئارقىلىق ئاددى-ساددا تۇرمۇش موھىتىدىمۇ
ئىككى مىليون خەتلىك شېئىر، پىروزا، دراما، ۋە ئېلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن"بىراق،سۇ،سۇ"
"تۇپراق" ناملىق داستانى ، "قۇياش" ناملىق درامىلىرى بار.
مەن بارلىق جاراھەتلەردىن بىر نۆۋەت ئۆتىمەن ،ئەڭ ئازابلايدىغىنى سەن ئاخىرقى نوقتا ئەمەس ؛مەن بارلىق ئۈمۈدسىرلىكلەردىن بىر نۆۋەت ئۆتىمەن ،ئەڭ ئازابلايدىغىنى سەن يەنىلا باشلىنىش نوقتىسى...
1989-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى شەنخەيگۈندە پويىز رىلىسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-4 00:46