يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 18653|ئىنكاس: 150

مەردان: ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


1.كاۋاباتا ياسۇنارى: ئۆلۈمدىنمۇ يۈكسەك سەنئەت يوق، ئۆلۈم دېمەك تۇغۇم دېمەكتۇر.

كاۋاباتا ياسۇنارى(1899-1972)، يېڭى تۇيغۇ ئېقىمىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ياپونىيەلىك يازغۇچى (1968). ئەسەرلىرى لىرىكىغا باي، نىھلىزم ۋە بۇددىزىمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. دوستويىۋىسكىي ئەسەرلىرىدىكى تەنھالىق ۋە سەرسانلىقنىڭ ئۆز تۇيغۇسىغا يېقىنلىقىدىن دوستويىۋىسكىغا ئىنتايىن مەپتۇن بولغان. ئۆمرىدە يۈزدىن ئارتۇق ھېكايە-پوۋىست يازغان، ئەسەرلىرىدە ئاساسەن جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ئاياللار، تۇققانلار ئارىسىدىكى غەلىتە مۇھەببەت، ياشانغان كىشىلەر پىسخىكىسىدىكى قاراڭغۇ ۋە چۈشكۈن تەرەپلەر تەسۋىرلىنىدۇ.


ئۇ بۇرۇن ئۆلۈۋېلىشقا قارشى ئىدى. "دۇنيادىن قانچە بىزار بولۇپ كەتكەن بولساڭمۇ، ئۆلۈۋېلىش يەنىلا بىر گۆدەكلىك، يەڭگىلتەك ھېسابلىنىدۇ" دېگەنىدى ئۇ. بىراق شۇ كۈنى ئۇ ئۆيدىكىلىرىگە ئايلىنىپ كېلەي دەپ چىقىپ كەتكەن ۋە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن يېزىقچىلىق ئۆيىدە ئېغىزىغا گاز تۇربىسىنى تىقىۋالغان ھالەتتە بايقالغان.



(داۋامى بار)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 16:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-23 18:01:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يىڭىلگەنلەرنىڭ قىلىقى ،ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغانلىق بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ھىچكىمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۋىلىش ھوقۇقى يوق،چۈنكى ھاياتلىق ئۇنىڭ  شەخسى مۈلكى ئەمەس،ھىچكىم  ھاياتقا ئىرىشىمەن دەپلا ئىرىشەلمەيدۇ،ھاياتلىق ئىنسان ئۈچۈن بىر ئامانەتكى  ئۇنى ياخشى ئاسىرشى،قوغدىشى كىرەككى ھەرگۈزمۇ  ئۇنىڭدىن  ۋاز كەچمەسلىكى كىرەك،ھەم ۋاز كىچىش ھوقۇقىمۇ  بولمايدۇ. ،

باھا سۆز

دۇرۇس ئېيتتىڭىز، مەنمۇ شۇ قاراشتا...  ۋاقتى: 2014-7-24 09:51 PM
ۋاقتى: 2014-7-23 19:52:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆلۈم پۈتكۈل چۈشىنىشنى رەت قىلغانغا باراۋەردۇر .

. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ ۋەسىيەت قالدۇرماسلىق خۇيمۇ ئىش،ئۈنسىز ئۈلۈم مەڭگۈلۈك ياشاش دېمەكتۇر

.ھايات ئۆلۈمنىڭ قارشىسى ئەمەس،ئۆلۈم ھاياتلىق ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان


                                                                                                    __كاۋاباتا ياسۇنارى                                             

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 20:21  


ۋاقتى: 2014-7-23 20:00:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بۇ يەرگە يوللاشتىكى مەخسىتىڭىز نېمە ؟

باھا سۆز

بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمە ،سىز بۇنداق ئويلىمايدىغان ئوخشىمامسىز ؟  ۋاقتى: 2014-7-23 08:28 PM
«ھەربىر ئىنسان ئۆلۈم تەمىنى تېتىغۇچىدۇر!»شۇڭا ئۆلۈم ئۈستىدە ئويلىنىپ  ۋاقتى: 2014-7-23 08:26 PM
بۇ ئىنكاسنى بۇ يەرگە يېزىشىڭىزنىڭ مەخسىدى نېمە دېگەنگە ئوخشاپ كەتسە كېرەك  ۋاقتى: 2014-7-23 08:23 PM
ۋاقتى: 2014-7-23 20:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاۋباتا ياسۇنارىنىڭ ئەسەرلىرى بەكلا كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقىغا، تەسىرگە ئىگە. ئۇ ياپۇنىيە ئەدەبىياتىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە يازغۇچى، ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلغان... يۇقارقى ئەسەرنى تولۇق يوللاپ بولغان چېغىڭىزدا كۆرەي، تېزىراق يوللىسىڭىز.

ۋاقتى: 2014-7-23 20:50:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈمدىنمۇ يۈكسەك سەنئەت يوق، ئۆلۈم دېمەك تۇغۇم دېمەكتۇر.
_________________________________________

بۇ سۆزىنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ ،نېمىشقا ئۆلۈمدىنمۇ يۈكسەك سەنئەت يوق ،ئۆلۈم دېمەك تۇغۇم دېمەكتۇر، دەيدۇ .
ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىنىش ،ئۆ نۆۋىتىدە ھاياتلىق ھەققىدە ئوي سۈرۈشتۇر .چۈنكى بىز يوقلۇقتىن ئۆلۈش ئارقىلىق ھازىر بولغان بولساق ،ئەمدى ھاياتتىكى ھەر بىر ئۆلۈم ئارقىلىق ھازىرنى ،يەنى ئۆلمەكچى بولۇۋاتقان ھەمدە تۇغۇلىۋاتقان تۇترۇقسىزلىقنى تۇتۇپ تۇردۇق .ھەر  زامان ،ھەر ۋاقىت ئۆلۈش ئارقىلىق  بۈگۈنىمىزگە ئۇلاشتۇق ...كىيىن يەنە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈمگە تۇغۇم ئاتاقىلدۇق .ئۆلۈمنىڭ ھاياتى ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىغان تارىختۇر .شۇڭا ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىنىش بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر ،ئۆلۈمنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تەڭ ھاياتنىڭ ئۈلۈمىگە كۆڭۈل بۆلۈشتۇر .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-24 03:17:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


2.ئېرنېسىت ھېمىڭۋاي: ئىنسان ھالاك بولىدۇكى، مەغلۇب بولمايدۇ.

ھېمىڭۋاي(1899-1961)، ئامېرىكا يازغۇچىسى، 1954-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن << بوۋاي ۋە دېڭىز>>، <<قۇياش ئوخشاشلا كۆتۈرۈلىدۇ>>، <<ئەلۋىدا، قورال>>، <<ماتەم قوڭغىرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى>> قاتارلىقلار بار.


ئۇ يېزىقچىلىقنى ئوكياندىكى مۇزتاغقا ئوخشىتىپ مۇنداق دېگەن: "مۇز تاغنىڭ شۇنچىلىك بەھەيۋەت كۆرۈنۈشى شۇنىڭدىنكى، ئۇنىڭ پەقەت سەككىزدىن بىر قىسمىلا سۇ يۈزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ."

1961-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، ھېمىڭۋاي ئايداخو شىتاتىنىڭ كەتچۇم ناھىيسىدىكى تۇرالغۇسىدا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان كۈمۈش يالىتىلغان ئوۋ مىلتىقىنىڭ ئۇچىنى ئېغىزىغا كىرگۈزۈپ تەپكىنى باسقان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-24 04:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


3.ۋىرگىنىيە ۋۇلف: مىخسىمان بىر يىرىڭ بار بىركىم كۆرەلمەيدىغان.


ۋىرگىنىيە ۋۇلف(1882-1941)، 20-ئەسىر مودىرنىزىمى ۋە فېمىنىزىمىدىكى ئاۋانگارت يازغۇچى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى لوندون ئەدەبىياتىنىڭ يۈرىكى.


ئاقسۆڭەك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەمدە قانداش ئاكىسى تەرىپىدىن جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغان. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بىزار، بالىلىق بولۇشتىن تېخىمۇ بىزار. بىر مەزگىل ئوخشاش جىنستىكىلەرگە ئىشتىياق باغلىغان. ئاچىسى ۋانېيسانى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ھەتتا يېزنىسى بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋانېيساغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ قونچىقى قىلىشقا ئۇرۇنغان.


3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھاياتىدا نۇرغۇن قېتىم ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ ئەمەلگە ئاشمىغان، يانچۇقىغا لىق تاشلارنى تولدۇرىۋالغان 59 ياشلىق ۋۇلف بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئوۋس دەرياسىغا كىرىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن سەللا ئاۋۋال، ئۇنىڭ باسمىچىلىق زاۋۇتى بىلەن داچىسى ئارقا-ئارقىدىن بومباردىمان قىلىنغان ئىدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 04:37  


ۋاقتى: 2014-7-24 05:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش توغرا ئەمەس.بۇ، ئىدىيەدە چۈشكۈنلۈككە ئۇچراش ئاقىۋىتى.

ۋاقتى: 2014-7-24 10:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىرمە يەتتىسى ھەممىسىنى تەرجىمە قىلامسىز ياكى تاللاپ تەرجىمە قىلامسىز؟

باھا سۆز

تاللاپ، يەنە ئۆزۈم تولۇقلايدىغانلىرىمۇ بار.  ۋاقتى: 2014-7-24 02:03 PM
ۋاقتى: 2014-7-24 11:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپى مەشھۇر ئەدىبلەر.
مېنىڭچە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان زىددىيەت توقۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
مۇسۇلمان يازغۇچىلار ئىچىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدىبلەر ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلار چىقىپ باقمىغان. لېكىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر خېلى بار.
كېيىنگە بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. پەرھات تۇرسۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالامدۇ؟ ياكى سىزمۇ ياكى مەنمۇ؟ بۇنىڭغا ھاياتقا چېكىت ئۇرۇلغاندا ئاندىن بىر نەرسە دېيىش كېرەك. قاچان تۇغۇلۇش، قاچان ئۆلۈش ياراتقۇچىنىڭ ئىلكىدىكى ئىش، بۇنىڭغا بەندە ئامالسىز. بىراق بىز ھامان ئۆلۈۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئۆلۈۋېلىش گۇناھى كەبىردۇر.

ۋاقتى: 2014-7-24 11:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-7-24 15:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدە بىلمىگەننى بىلىۋالىدىغان، بىلگەننى قايتا پىششىقلىۋالاىدىغان بولدۇق، داۋامىنى ئوقۇساق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-24 15:28:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


4. جۈ دې مۇپاسسان: ھايات سەن ئويلىغاندەك ياخشى بولمايدۇ، ئۇ ھەم سەن ئويلىغاندەك يامانمۇ ئەمەس!

مۇپاسسان(1850-1893)، فىرانسىيە رىئالىستىك يازغۇچىسى، ئەينى دەۋىر ياۋروپا ھېكايىچىلىقىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى. فېلوبىرنى ئۇستاز تۇتقان. ئون يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىدا ئۈچيۈزدىن ئارتۇق ھېكايە، ئالتە رومان يازغان.


19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ كۈچىيىشكە باشلىغان چۈشكۈن، ئۈمۈدسىز كەيپىياتى ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققان. 1891-يىلىدىن باشلاپ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، داۋالىنىپ كۈتۈنۈشنى ئويلاشقان، ھەم يەنە كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشتىن ۋاز كېچەلمىگەن. كېلەركى يىلى 1-ئاينىڭ ئىككىسى قايچا بىلەن كارنىيىنى كېسىۋالغان، بىراق ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋېلىنىپ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن روھىي پۈتۈنلەي تۈگەشكەن. بەش كۈندىن كېيىن ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئەكىرىۋېتىلگەن، بىر يىلدىن كېيىن ئۆلگەن. بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 16:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-24 16:09:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


5.سىتىفېن زىۋىگ: مەن بۇ ئالدىراڭغۇ ئادەم، ئۇلاردىن بۇرۇن كېتىدىغان بولدۇم.

سىتىفېن زىۋىگ(1881-1942)، ئاۋىستىرىيىلىك داڭلىق يازغۇچى. <<ئاي نۇرى كوچىسى>>، <<ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت>>، <<شاھماتنىڭ ھېكايىسى>>، <<بۈيۈك تراگېدىيە>> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. فىروئىدنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، پىسخىك تەسۋىرگە ماھىر. ھاياتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى، چوڭ دېپرېسسىيە، سەرگەردانلىق تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە بولغان گۈزەل تەسەۋۋۇرىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىۋەتكەن.


1942-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئايالى بىلەن برازىلىيەدە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 12:19  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش