يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: مەردان

مەردان: ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 15:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىت يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 14:27
كېيىن ك گ ب نىڭ ئارخپى ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭدا يېسېنىننى ...

بۇ بىر مۇھىم تولۇقلىما بولغىدەك، رەھمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2014-7-26 19:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىخسىمان بىر يىرىڭ بار ،بىركىم كۆرەلمەيدىغان...

سەمەندەر بىلەن ئۇيغۇراننىڭ ئىنكاسى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2014-7-27 06:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم قانچە ۋىجدانلىق بولغانسېرى، بۇ دۇنيادا ياشىمىقى شۇنچە تەسلىشىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-27 17:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
u=771844800,1263812061&fm=21&gp=0.jpg

14.ۋالت بېنجامىن: ئۆلۈم مەنا ۋە ماددىنىڭ تەگ-تېگىدىن پارچىلىنىشى، ئۇ ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىنكى تەنگە قالدۇرۇلغان بىر كىنايىسىمان كاۋاك ئىشارە.

بېنجامىن (1892-1940)، گېرمانىيەلىك يەھۇدىي پەيلاسوپ، ئەدەبىي تەتقىقاتچى. بېرلىندا تۇغۇلغان. فىرانكىفورت ئېقىمى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق، ماركىسزم بىلەن يەھۇدىي مىستىسىزىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھۆلدېرلىن، بودلېر ۋە 17-ئەسىر دىراماتىروگلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چۆكۈپ تەتقىق قىلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى ھالقىما رىئالىزىمچىلاردىن زوقلانغان. پەلسەپىۋىي تېكىستلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە، پاسسىپ، سىرلىق ۋە رادىكال تەمگە ئىگە. پۈتكۈل ئۆمرىنى دېگۈدەك يېزىقچىلىققا سەرىپ قىلغان، ئەسەرلىرى بويىدىن ئاشقان بولسىمۇ، كۆپىنچىلىرى پۈتمىگەن، پارچە-پۇرات، تەرمىسىمان تېكىستلەر. ئۇ پۈتۈنلۈككە ئۆچ ئىدى. ئۇلۇغ يازغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ پارچە-پۇرات يازمىلىرىنىڭ ۋەزنى پۈتكەنلىرىدىن ئېغىر بولىدۇ، پەقەت پىسخىكىسى ئاجىز، روھىي بوشاڭ ئادەملەرلا پۈتۈنلۈككە ئىنتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇر، تەسەللىي تاپالايدۇ. ئۈزۈكلۈك ۋە مۈشكۈلات تالانتلىقلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە قونغان ئۇيقۇدەكلا تاتلىق دەپ قارايتتى. <<گېرمان تىراگىدىيىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى>>، <<تاق يۆلىنىشلىك يول>>، <<ئاپتوماتىك نۇسخىلاش دەۋرىدىكى سەنئەت ئەسىرى>>، <<1900-يىللار ئەتراپىدىكى بېرلىندىكى بالىلىق>>، <<تەرەققىي تاپقان كاپىتالىزم دەۋىردىكى لىرىكىلىق شائىر>>، <<پارىژ پىشايۋان كوچىسى>> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، بودلېرنىڭ <<پارىژ مەنزىرىسى>> ناملىق شېئىر توپلىمىنى گىرمانچىگە تەرجىمە قىلغان. ئادونو قاتارلىق 20-ئەسىر مۇھىم پەيلاسوپلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ھېسسىياتچان، كۆڭلى نازۇك، يالغۇزلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى.


بېنجامىن ناتسىستلاردىن قېچىۋېتىپ، ئىسپانىيە-فىرانسىيە چېگراسىدا تۇتۇۋېلىنغان ۋە شۇ كۈنى كەچ مورفېن ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 03:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-27 17:55:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ شائىر ئىلاھىيەتشۇناس ھەم يەنە تارىخىي ماتىرىيالىزىمچى، مېتافىزىك تىلشۇناس ھەم سىياسىي قاچقۇن... ناتسىست گېرمانىيەدە ئۇ بىر يەھۇدىي؛ موسكىۋادا ئۇ بىر مىستىك؛ شادىمان پارىژدا ئۇ بىر سوغۇققان گېرمانىيەلىك. ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆيى يوق، ۋەتىنى يوق، ھەتتا كەسپىمۇ يوق، ئۇ ئىلمىي ساھە ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر قەلەمكەش، ئۇ يازغان بارچە نەرسە ھامان ئۆزگىچە بىر نەرسە بولغۇسى!  -- رىچارد كانى

ۋاقتى: 2014-7-27 18:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 13:59
12.سېرگىي ئالىكساندىروۋىچ يېسىنىن: خەير-خوش، مېنىڭ دوس ...

تەرجىمىلەرگە سەل ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىز بوپتىكەن. مانا بۇ يەردە ھەرگىزمۇ پويىز ئەمەس، بەلكى ماشىنا چاقى. بۇنداق ئاددىي خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى كېرەكتى.

ۋاقتى: 2014-7-28 00:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-28 14:41:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


15.ئاكۇتاگاۋا: ھايات دوزاختىنمۇ بەتتەر دوزاخ.

ئاكۇتاگاۋا (1892-1927)، ياپونىيە تېيشو دەۋرىدىكى يازغۇچى. 150تىن ئارتۇق ھېكايە يازغان، ھېكايىلىرى قىسقا، يېڭىچە، ۋەقەلىكى ئۆزگىچە ھەتتا غەلىتە. <<بامبۇكزارلىقتا>>، <<دەريا بالىسى>>، <<پەتەكنىڭ سۆزى>> قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلىرى دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ ياپونىيە يېڭىلىق ھەركىتى مەزگىلىدىكى ۋەكىللىك يازغۇچى، 1935-يىلدىن باشلاپ، ياپونىيەدە ئۇنىڭ نامىدىكى ئەدەبىيات مۇكاپاتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات ھازىرغا قەدەر مۇنەۋۋەر ياش يازغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولۇپ كەلمەكتە. <<بامبۇكزارلىقتا>> 1950-يىلى ''كىنوچىلىقنىڭ شېكىسپىراسى''، بۈيۈك ئۇستاز ئاكىرا كۇروساۋا تەرىپىدىن كىنو <<راشومون>> قىلىپ ئىشلىنىپ، دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى يارقىن نامايەندە بولۇپ قالغان. مەزكۇر كىنو ''تارىختىكى ئەڭ قىممەتلىك ئون فىلىم'' نىڭ بىرسىدۇر.


ئاكۇتاگاۋامۇ بۇرۇن ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئۇ ئۆلۈمگە باشقىچە مەھلىيا ئىدى. 1927-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇ ئاغرىق، ۋەزىيەت، ئائىلە ماجراسىنىڭ قاتمۇ-قات قىينىقىدا، ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئويلىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئوچۇملاپ-ئوچۇملاپ ئۇيقۇ دورىسى يەۋېلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.








باھا سۆز

ھايات دوزاختىنمۇ بەتتەر دوزاخ_ مۇشۇ سۆز مېنىڭمۇ سۆزۈم.  ۋاقتى: 2014-8-2 06:17 PM
ۋاقتى: 2014-8-2 15:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-8-2 18:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئىزچىل كۆرۈپ، ئەجرىڭىزدىن جىمجىت سۆيۈنۈپ كېلىۋاتىمەن ئىنىم،
«ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار» نىڭ ئۆلۈمى بىزگە نۇرغۇن نەرسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ...  مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتىكى مۇنبەرگە يوللىغان ماتېرىيالنىڭ ھەممىسىنى ئايرىم سورىسام بولارمۇ مەردان؟

ۋاقتى: 2014-8-2 18:38:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ھايات ئازابقا تولغان. بۇھەقىقەت. لېكىن ئۇنىڭ سېنى مەست قىلغۇچى تەرەپلىرى ھەم بار، بۇمۇ بۇھەقىقەت! ئۆلىۋېلىش بىزگە يات. بۇمۇ  ھەم ھەقىقەت!!!

باھا سۆز

توغرا گەپ  ۋاقتى: 2014-8-15 08:59 PM
ۋاقتى: 2014-8-3 00:56:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسئان يوللىغان ۋاقتى  2014-08-03 00:32:44


بۇ ھۆكۈمىڭىز ئۆز نۆۋىتىدە بىر يۇمۇر بوپتۇ، ئادىلجان!

باشقىلارنى - يەنى ئۆز سۆيگەنلىرىنى ئۆلتۈرىۋېتىش خاراكتىرلىق ئۆلىۋېلىش .. ياخشى سۆزكەن پاسئان. ماڭا ياقتى.

ۋاقتى: 2014-8-3 12:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات - ئىنسانغا بۈيۈك ئامانةت...  ئۆلىۋېلىش - نۆۋىتىدة ئامانةتكة خىيانةت!
ئىنسان مۇشۇ ئامانةتتة ئۆز ئةقىدىسى، ئۆز قىممىتىنى جايىغا يةتكۈزۈش، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئىشلار يولىدا تىرىشىپ ياشاش ۋة بۇ يولدىكى جىمى كۆرمىشلىرى بىلةن بةختلىكتۇر....
ھةربىر جان دۇنيانىڭ كةلگۈسىگة تاشلانغان بىر ئۇرۇق..

ئةمما پىسخىكىلىىق كىرزىس ئىچىدة روھى گۇمران بولغۇچىلار، ئىدىية قۇربانلىرى، ۋة ئۆزگىچة مةشھۇرسىراش كېسىلى قۇربانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا... ئۇلارنى تامامةن روھىي كېسةل دةپ قارىماق لازىم..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-3 13:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilistan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 18:06
تېمىڭىزنى ئىزچىل كۆرۈپ، ئەجرىڭىزدىن جىمجىت سۆيۈنۈپ كې ...

بولىدۇ، تېما ئاخىرلاشقاندا مەن ھەممىسىنى سىزگە يوللاپ بېرەي.

ۋاقتى: 2014-8-3 14:55:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تىيانشان تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بەزىلەرنىڭ بولسا ھاڭگرىت پيدىنمۇ قەدىرسز

__ماۋزىدۇڭ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش