يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: مەردان

مەردان: ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-3 17:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


16.ئىنگىرد جونكىر: ئۆلۈم ھاياتنىڭ قانچىلىك يالغان بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئىنگىرد جونكىر (1933-1965)، جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئاق تەنلىك شائىرە. پۈتۈن ئۆمرىدە ئانا تىلدا ئىجادىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئەسەرلىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنى ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ، خىزمەتكە بېرىلىشچانلىقى ۋە پاجىئەلىك ھاياتىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن "جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىلۋىيە پلاسى" دەپ ئاتالغان. ئازاپلىق بالىلىقى بولغان، بىراق شېئىر جەھەتتە ئالاھىدە تالانتىنى نامايەن قىلغان. ئېرقىي ئايرىمىچىلىق مەزگىلىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلغان. سىياسىي كۆز قاراشتا بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن باي دادىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن، كونا ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ئېرىدىن ئاجراشقان. 1965-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدە، كېپتون دېڭىز ساھىلىدىن دېڭىزغا جىمجىتقىنا چۆكۈپ ئۆلۈۋالغان. دادىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: "ئۇنى قايتۇرۇپ ئاپىرىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتسەڭلارمۇ مېنىڭ كارىم يوق." دېگەن.

32 ياشلىق ئىنگىرىد 7 ياشلىق بىر قىزى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە <<پەرۋازلىرى قارا كېپىنەك>> ناملىق توپلىمى ئەڭ مەشھۇر. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ داھىيسى ماندىلا 1994-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا كۆزىنى تىككەن تۇنجى سايلىنىش مۇراسىمىدا، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن شائىر ئىنگىرد جونكىرنىڭ شېئىرىنى دېكلىماتسىيە قىلغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 22:57  


ۋاقتى: 2014-8-3 17:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-8-3 17:59:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىقلار ئىچىدە ئاياللار بىر قەدەر كۆپمۇ قانداق؟!

ۋاقتى: 2014-8-3 21:37:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىت يوللىغان ۋاقتى  2014-08-03 17:28:41


ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر روھىي كېسەل، روھىي كېسەل ب

ۇيغۇر تىلىدا «سەپسەتە» دەپ اتايدۇ.

ۋاقتى: 2014-8-3 21:46:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىت يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 17:28
ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر روھىي كېسەل، روھىي كېسەل ب ...


ئۇبدان كېسةلكةن،... ئةمما بۇ ئۆلىۋېلىش كېسىلىدىن ياخشى..

سىز مىسالغا ئالماقچى بولغان تور نامىىم (ئۈمىد)- ئىتىقادۋة ئةمىلىيةتنى چىقىش قىلغان  ئىشةنچ -ئۈمىدنى ۋة ئۇ ئۆز ئىچىگة ئالغان ھةرىكةتنى كۆرسىتىدۇ... خام خىيال، روھى غالىبىيةتچىلىكنى كۆرسةتمةيدۇ.... سىز دةۋاتقان ئۈمىدۋارلىق كېسىلى مۇشۇ بولسا مةن بۇ بىىمارلىققا رازى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 21:54  


ۋاقتى: 2014-8-3 21:52:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 14:55
بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تىيانشان تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بەزىلە ...

بۇ سۆز ئەسلىي تارىخشۇناس سىماچىيەننىڭ سۆزى ئىدى، ‹‹تارىخي خاتىرىلەر››دە ئۇچرايدۇ. كېيىن 1940-يىللاردىمىكى، ماۋ زېدۇڭغا بىر مەزگىل قوغدىغۇچى بولغان جاڭ فامىلىلىك ئەسكەر كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئىنقىلابىي قۇربانلار سېپىگە تىزىلغاندا يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا تەزىيە بىلدۈرگەندە نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ بۇ گەپنى قىلغان. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بۇ گەپنى قىلغاندا ئۇ سىماچىەننىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا تا ھازىرغىچە مۇتلەق كۆپىنچە كىشى بۇ گەپنى ماۋ زېدۇڭغا تەئەللۇق قىلىۋالغان. بۇ ھەققىدە مەخسۇس بىر كىنو ئىشلەنگەنىدى، ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-3 22:23:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


17.گۇچېڭ: قارا تۈن بەرگەنتى بۇ قارا كۆزنى، ئېھ ئەپسۇس، مەن ئۇندا ئىزدىدىم سۈبھى.

گۇچىڭ (1956-1993)، جوڭگو ئاتالمىش گۇڭگا شېئىرىيتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. بېيجىڭدا شائىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. خەنزۇ. 12 يېشىدىلا ئوقۇشنى تاشلاپ چوشقا باققان، "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى"دىن بۇرۇنلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان. 21 يېشىغىچە قارا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئانچە-مۇنچە ئەسەر ئېلان قىلىپ تۇرغان. 1977-يىلى "مامكاپ" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر قاتار ئەسەرلىرى شېئىرىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا ۋە چوڭ دەتالاش قوزغىغان، شۇندىن كېيىن "گۇڭگا شېئىرىيەت"تىكى ۋەكىللىك ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلغان. 80-يىلى سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان، كېيىن يېڭى زىللاندىيەنىڭ ۋىيرىك ئارىلىدا خىلۋەتچىلىكتە ياشىغان. 88-يىلى يېڭى زىللاندىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. جوڭگودا ئون نەچچە توپلىمى چىققان، ئەسەرلىرى ئون نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە خەلقئارادا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


1993-يىلى، يېڭى زىللاندىيەدىكى داچىسىدا، ئايالى شيې يېنى پالتا بىلەن چانىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزى دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان، ئايالىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 12:33  


ۋاقتى: 2014-8-3 22:27:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-8-3 22:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-8-3 23:12:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈفىي يوللىغان ۋاقتى  2014-08-03 21:52:59


بۇ سۆز ئەسلىي تارىخشۇناس سىماچىيەننىڭ سۆزى ئىدى، ‹‹ت

جاڭ سىدې.

باھا سۆز

توغرا.  ۋاقتى: 2014-8-6 06:40 PM
ۋاقتى: 2014-8-3 23:20:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىت يوللىغان ۋاقتى  2014-08-03 22:51:26
ئۇكام، سىز بىلمىگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى سەپسەتە بولمايدۇ

ۈمىدۋارلىق روھى كىسەل بولسا، دۇنيادا ساق ادەم قالماپتۇ. مەنمۇ ۈمىدۋار ىدىم، گېپىڭىزگە قارىغاندا تۆتىنچى دوختۇرخانىدىن مەنمۇ ۆچرەتكە نومۇر ېلىپ قويسام بولغۇدەك. مەنمۇ ۆلىۋالماي ھېلى بىكار.
ھە راست سابىت مۇەللىم، مەن خەنزۇ تىلىغا انچە پىششىق ەمەس، ۆرۈپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

ۋاقتى: 2014-8-3 23:22:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...
...

دىمةكچىمةنكى  مةيلى شةرىقىنىڭ ياكى غةرىبنىڭ بولسۇن  ئاشۇ ھاياتىدىن ئۆز قولى بىلةن ۋاقىتسىز ئايرىلغان نامايةندىلةرنىڭ بىز گة قالدۇرۇپ كةتكةن سةمةرلىرى ئىنسانىيةتنىڭ مةنۋىيةت بايلىغى سۈپتىدة مةڭگۈ قةدىرلىنىشكة تېگىشلىك . ئةمما ئۇلارنىڭ ئۆلىۋېلىشى ، ئۆلىۋېلىشتىكى سةۋةبلىرى ئةدةبىيات ھادىسسى سۈپتىدة داۋراڭ قىلىشقا ، مودا- ئېقىم پةيدا قىلىشقا ، سةنئةت يۈكسةكلىكىدة تونۇشقا تىگىشلىك ئىش ئةمةس.،..ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى -ئۇلارنىڭ جىسمانىي،مةنىۋى كىرزىسلىرى ئىچىدىكى تىراگىدىية خالاس..ئۆلىۋېلىش -سةنئةت ئةمةس. ئۇنىڭ مةنبة-سةۋةبلىرى كۆپ خىل.. بۇ شۇ  كىشىدة، شۇ دةۋردة ، شۇ خىل ئىجىتمائىيةتتة، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ۋة ئةتراپىدا تۇرغانلارغىلا ئايان سىر بولىشى مۇمكىن..   .
ئادةمسىز جةزىرلةرنى پارچة پارچة  ھاياتلىق نىشانلىرىغا تۇتاشتۇرۇپ ،يىپةك يولى مةدةنىيىتى، ئات ئۈستى مةدةنىيىتىنى  ياراتقان ئۇيغۇر ھازارىتى ئةسلىدىنلا ئۆلىۋېلىشىنى تةشةببۇس قىلمايدۇ . بۇ مةدةنىيةت ئاساسىمىزدىكى ئۈستۈنلىكىنىڭ بىر تةرىپى .ئةلۋةتتة.....


ئەرچىندىن: ياسىنجان، بۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ بېشىدىكى سۆزلەت بىر ئادەمنىڭ تارىختىكى ئىززەت-ھۆرمىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. سىز تىلغا ئالغان ئۇ ئىشلار ھەممە بىلىدىغان، بىراق، ھېچكىم سۆزلەشنى خالىمايدىغان، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ يوشۇرۇۋاتقان ئاشكارە مەخپىيەت. شۇڭا ئۆچۈرىۋەتتىم.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 01:37  


ۋاقتى: 2014-8-3 23:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش دەرىسىدىن ئاددىي ساۋات

ئۆزىنى ئۆلتۈۋىلىش- يەككىلەر روھى پائالىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا،سۈيقەست ياكى ئۆزى خالاپ ھەر خىل ۋاستىلەرنى تاللاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ .ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش بىر خىل مۇرەككەپ ئىجتىمائى ھادىسە.ئالىملار ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ تۈرىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە .
ئامېرىكا دۆلەتلىك روھى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئورنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى مۇنداق تۈرلەرگە بۆلىگەن «مۇتلەق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش (مۇكەممەللىكنى ئاساس قىلىدۇ )،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش غەرىزى ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئىددىيىسى ».
بوۋسېل (1963) ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى مۇنداق تۈرلەرگە بۆلىگەن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش تۈسى،زىددىيەتلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش غەرىزى ،قاتتىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش نىيىتى ،تولۇق ئۆزىنى ئۆلتۈۋىلىش »قاتارلىق.باشقا تۈرلەردىن :ئادەت خاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ،ئاستا خاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ،نىرۋا ئاجىزلىق خاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ،تولۇق ئىختىيارى خاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش قاتارلىقلار.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ،ئادەتتە مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خىيالى ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئۇتۇقى .

ۋاقتى: 2014-8-3 23:45:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 23:22
مةن تۇنۇيدىغان بىر ئۇستاز ھةم قةدىناس دوستۇم بار ئىد ...

خاتا چۈشەنچە بولۇپ قالدىمۇ  نېمە ،بۇ يەردە بىر كىم داۋراڭ سېلىپ ئۆلۈۋىلىشنى تەشەببۇس قىلىمايۋاتىدۇ ،يا بىر مودا ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش خىيالىمۇ يوق .بىلمىگەنننى بىلۋاسۇن دەپتۇ خالاس،باشقا ھېچقانداق تەشەببۇس بىر نېمىلەر يوق .

ۋاقتى: 2014-8-3 23:56:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى  2014-08-03 23:22:47
  مةن تۇنۇيدىغان بىر ئۇستاز ھةم قةدىناس دوستۇم بار ئىدى

دۇرۇست گەپ قىلدىڭىز. تامامەن توغرا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش