يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: مەردان

مەردان: ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-24 20:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


6.سىلۋىيە پلاس: ئۆلۈۋېلىش بىر سەنئەت، خۇددى باشقا ھەممە نەرسىدەك، شۇنچىكى چىرايلىق تاماملاي ئۇنى.

سىلۋىيە پلاس(1932-1963)، ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار ئېقىمىدىكى ئەڭ ياش، ئەڭ ئىستىداتلىق، ھەم ئەڭ بۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شائىرە. سەككىز يېشىدا ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسى ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەندە، ئۇ "ئەمدى خۇدا بىلەن تېلفونلاشمايمەن" دېگەن ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىرلىرىدا زۇلمەت ۋە ئۆلۈملا پۇراپ تۇرغان، ئۈمۈدسىزلىك، قالايمىقانچىلىق، ئوچۇق جىنسىي تەسۋىرلەرنى ئاجايىپ سۆيۈملۈك تەسۋىرلىگەن. ئۈچ قېتىم ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا توكلۇق داۋالىنىپمۇ باققان. <<گىگانت ئادەم ۋە باشقا شېئىرلار>> ناملىق شېئىر توپلىمى، <<قوڭغىراقسىمان قالپاق>> ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان. 1982-يىلى پۇلس مۇكاپاتى ئۆلگىلى 19 يىل بولغان سىلۋىيەگە بېرىلگەن.


1963-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، لوندوندا، يېزىقچىلىق ئۈستىدىكى سىلۋىيە تۇيۇقسىز قەلەمنى تاشلاپ، بېرىپ گاز تۇڭىنى ئېچىۋەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا قۇچاقتىكى ئىككى بالىسى ياندىكى ئۆيدە ئۇخلاۋاتاتتى، سىرتتا قېلىن قار يېغىۋاتاتتى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 12:23  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-25 01:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


7.جېك لوندون: چوققىغا چىققىنىڭدا، ھەممىنىڭ يوقلۇق ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.

جېك لوندون (1876-1916)، سان فېرانسىسكودا تۇغۇلغان. ئامرىكىلىق مەشھۇر رىئالىزم يازغۇچىسى. 24 يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. 16 يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىدا 19 رومان، 150تىن ئارتۇق ھېكايە، كۆپلىگەن ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئۈچ دىرامما، تالاي ماقالىلەرنى يازغان. <<مارتىن ئىدىن>>، <<ياۋايىلىقنىڭ چاقىرىقى>>، <<دېڭىز بۆرىسى>> قاتارلىق ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە. ئۇ يەنە تارىختىكى تۇنجى سودا خاراكتىرلىك يازارمەنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


1916-يىلى نويابىر، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدا زىيادە كۆپ مورفېن بىلەن جېنىدىن ئايرىلغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 03:40  


ۋاقتى: 2014-7-25 01:53:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىلار بار ھەم بۇندىن كېيىنمۇ بولىشى مۇمكىن.file:///C:/DOCUME~1/ADMINI~1/LOCALS~1/Temp/01SN1WPNG($NZSFGGMDAHVJ.gif.،


ۋاقتى: 2014-7-25 02:31:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئەرەب ۋە تۈركلەردىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار بارمۇ؟

باھا سۆز

ئەرەبلەردە بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلا مەۋجۇت  ۋاقتى: 2014-7-25 02:58 AM
Khalil Harvey مانا بۇ لىۋانلىق شائىر ،بۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋاپتىكەن .  ۋاقتى: 2014-7-25 02:56 AM
ۋاقتى: 2014-7-25 03:42:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم كۈتۈپخانىدىن كىتاب ئىزدەپ كېتىۋىتىپ «جوڭگۇ ئەدىبلىرىنىڭ بىنورمال ئۆلۈمى»ناملىق كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى  .باشقىلاردا،تىرىكنىڭ ئەمەس ئۆلۈكنىڭمۇ ئىنسانىي قەدىر -قىممىتى بولۇۋىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش تەشەببۇس قىلغۇدەك ياكى قارشى تۇرغۇدەك ئىش بولمىسىمۇ ،تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ،تەگ- ماھايىتىنى چۈشىنىپ ،ئۇرۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر .جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ،بۇ ھادىسە نوقۇل ھالدا ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىلەنلا چەكلەنمەستىن ،جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە قەدەر سىڭىشتى ،مەسىلەن ،ئالىي مەكتەپ باللىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى دىگەندەك ،ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسىن چىقىپ ئىيتقاندا ،بۇ تەتقىق قىلىدىغان ،ئىزدىنىدىغان بىر ساھە ،يەنى بىر تۈرلۈك سەنئەتتۇر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 03:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-25 12:09:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


8.ۋېنسېنت ۋىللىم ۋان گوك: ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمنى دوغا تىكتىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەقلىمدىن ئايرىلدىم. بىراق بۇ ھېچ گەپ ئەمەس.

ۋان گوك (1853-1890)، گوللاندىيەلىك رەسسام. كېيىنكى تەسىراتىزم ئېقىمىنىڭ ئاتىسى. 20-ئەسىر سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.  <<ئاپتاپپەرەس>>، <<يۇلتۇزلۇق ئاسمان>>، <<قاغىلار ئۇچۇشقان بۇغدايلىق>> قاتارلىق ئەسەرلىرى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئەتىۋار سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارىدا ساقلىنىدۇ. بىراق ھاياتىدا ئېتىراپقا ئېرىشەلمىگەن، بىر ئۆمۈر غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن، ئۇزۇن ۋاقىت روھىي كېسەلنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. ئازاب دەستىدىن بىر قۇلىقىنى كېسىۋېلىپمۇ باققان. 37 يېشىدا گۈزەل ئويس دەرياسى بويىدا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 03:42  


ۋاقتى: 2014-7-25 13:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشىنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز ياخشى بوپتىكەن مەردان .

باھا سۆز

بولىدۇ  ۋاقتى: 2014-7-25 01:58 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-25 13:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،

9.مۇرات ناسىروف: يۇلتۇزۇم، كەچۈرگىن مېنى، يورۇق بولسۇن تېنىڭ...

مۇرات ناسىروف (1969-2007)، روسىيلىك ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى، مۇزىكانت، ناخشى تېكىستى يازغۇچىسى. ئالماتادا تۇغۇلغان. دادىسى ئىسمايىل ناسىروف (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ئاقسۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇزىكا ئۆمىكىدە تۇرغان،56-يىلى روسىيەگە كۆچۈپ كەتكەن)نىڭ يىتەكلىشىدە كىچىكىدىن مۇزىكىغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ھەم مىللىي چالغۇلارنى ئۆگەنگەن. موسكىۋادىكى بىر سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 91-يىلى <<موسكىۋا ياشلار مۇزىكا فېستىۋالى>>غا قاتنىشىپ بىرىنچى بولغان ۋە شۇندىن باشلاپ چولپانلىق يولىغا قاراپ ماڭغان. 97-يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" ناملىق تۇنجى پلاستىنكىسى بىلەنلا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيەدىكى خەلقلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۆمرىدە جەمئىي 5 پلاستىنكا چىقارغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ چىقارغان " قالدىم يالغۇز يەنە" ناملىق پلاستىنكىسى روسىيە تەۋەلىكىدە چىققان تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا پلاستىنكىسى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كونسېرت ئورۇنلاشتۇرغان، نۇرغۇن تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن، ناخشىسىنى ئېيتقان.


2007-يىلى، 37 ياشلىق مۇرات موسكىۋادىكى بەش قەۋەتلىك داچىسىنىڭ ئۈستىدىن يېقىلىپ ئۆلگەن. گەرچە زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن ياكى مەست قىلغۇچ دورىلارنى يىگەندىن كېيىن سەكرىۋالغان، باشقىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىك قىلىنغان دېگەندەك پاراڭلار تارقالغان بولسىمۇ، جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجسى بۇنى ئىنكار قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇنى چۈشكۈنلۈك كېسىلىنىڭ تىپىك ئىپادىسى دەپ قارىغان. ھەقىقەتەن ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا ئىشىنەلمەيتتى.


مۇراتنىڭ قەبرىسى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھرىدە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 03:43  


باھا سۆز

مۇرات ناسىروفنى قانداقمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچى دىگىلى بولسۇن، قىززىق ئىش.  ۋاقتى: 2014-7-25 04:26 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-25 13:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 13:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 00:28:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
164200.22460031_500.jpg

10.ئاننى سېكىستون: كۈتكەن ئىدىم ئۇشبۇ ئۆلۈمنى، شۇنچىلىك تەخىرسىز، شۇنچىلىك ئۇزاق.

ئاننى سېكىستون (1928-1974)، ئامېرىكىلىق شائىرە. ھازىرقى زامان ئاياللار ئازادلىق ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى. ئاساسلىق شېئىر توپلاملىرىدىن <<روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا كېتىۋېتىپ يېرىم يولدا قايتىپ كېلىش>>، <<ياشاش ياكى ئۆلۈش>>، <<شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى>>، <<ئۆلۈم خاتىرىلىرى>> قاتارلىقلار بار. 1967-يىلى پۇلىس شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سىلۋىيە پلاسنىڭ دوستى. سىلۋىيە پلاس ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇ بىر پارچە مەرسىيە يازغان، شېئىردا سىلۋىيەنى "ئوغرى ئۇ ماڭا تەئەللۇق ئۆلۈمنى ئوغرىلاپ كەتكەن" دەپ تەسۋىرلىگەن. <<ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار>> ئېقىمىگە تەۋە دەپ قارالغان شائىرلار ئىچىدە، ئۇ بىردىنبىر بۇ نامنى ئېتىراپ قىلغىنى ۋە بۇ ئېقىمغا ئەڭ ۋەكىل بولالايدۇ دەپ قارالغىنى. بوستون ئۇنۋېرسىتىتىدا پرافىسسور بولغان. چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار.


1974-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتى كېيىن سائەت ئۈچتە، ماشىنىسىنىڭ كاربونىنى سۈمۈرۈپ ئۆلۈۋالغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 20:35  


ۋاقتى: 2014-7-26 01:44:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپلا داڭلىقلارنىڭ ئاخىرقى ھاياتى چۈشكۈنلۈك بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.توۋا...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 02:04:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


11. جۇ شىياڭ: تۆكۈلگەن ياپراقلار بىلەن كېتەرمەن، ھېچكىم بىلىدىغان ئاشۇ زېمىنغا.

جۇ شىياڭ(1904-1933)، مىنگو دەۋرىدىكى ئاۋانگارت شائىر. "چىڭخۇا تۆت ئەركىسى"نىڭ بىرى. ئامېرىكىغا چىقىپ بىلىم ئاشۇرغان. يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىگە ئاۋاز قوشۇپ نۇرغۇن يېڭى شېئىرلارنى يازغان، شېئىرىيەت ژۇرنىلى چىقارغان. شېئىر تەرجىمىسى، شېئىرىيەت ماقالىلىرىنىمۇ يازغان. لۇشۈن ئۇنى ساپ شائىر، جوڭگونىڭ كىتىسى دەپ تەرىپلىگەن.


1933-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇشىياڭ پاراخوت بىلەن نەنجىڭغا يول ئالغان. ئەتىسى سەھەردە بىر قولىدا شامپان كۆتۈرۈۋېلىپ، تەلۋىلەرچە ھېنىينىڭ شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلغان ۋە پاراخوت سەيشىجىدىن ئۆتكىنىدە دېڭىزغا سەكرىۋالغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 22:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 13:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


12.سېرگىي ئالىكساندىروۋىچ يېسىنىن: خەير-خوش، مېنىڭ دوستۇم.

يېسىنىن (1895-1925)، روسىيەلىك شائىر. كىچىكىدىنلا شېئىر يېزىشنى باشلىغان. 1914-يىلى <<ئاق قېيىن>> ناملىق لىرىكىسىنى ئېلان قىلغان. 1915-يىلى گوركىي، ماياكوۋىسكىيلار بىلەن تونۇشقان ۋە تۇنجى توپلىمى <<ئەرۋاھلار بايرىمى>>نى چىقارغان. 1916-يىلى ھەربىيگە قاتناشقان، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇنجى تويىنى قىلغان. 1919-يىلى ''ئىماگىزم چاقىرىقى"نى ئېلان قىلىشقا قاتناشقان. 1921-يىلى دانكېن بىلەن توي قىلغان، 1925-يىلى 9-ئايدا تولىستوينىڭ نەۋرىسى تولىستويا بىلەن توي قىلغان، 11-ئايدا ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرگەن. 12-ئاينىڭ 28-كۈنى لېنىنگىرادتىكى بىر مېھمانخانىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.


يېسىنىن ئۆلۈپ بىر يىلدىن كېيىن، ئۇنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بىراق توي قىلىشقا ئىمكان بولمىغان بېنسىلافۇسكويا ئۇنىڭ قەبرىسىنى قۇچاقلاپ ئۆلىۋالغان. يەنە بىر يىلى دانكىن شارپىسىنى پويىز چاقىسىغا چىگىلەشتۈرۈپ قويۇپ پويىزغا چىقىپ ئولتۇرغان-دە، پويىز قوزغىلىپ ئۆلگەن. ئالدىدا ئۇ كىشىلەرگە جەننەتكە ماڭدىم دېگەنىدى.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 12:23  


ۋاقتى: 2014-7-26 14:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-26 14:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1568941520202391393.jpg

13. ئانتونىيو پوززىنا: كۈندۈزمۇ بېسىپ كېلەر كېچىدەك قارا.

ئانتونىيو پوززىنا (1912-1938)، مىلاندا تۇغۇلغان. مىلان ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقىغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۆلۈۋالغان. كېيىن دوستلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى شائىر مونتالىغا ئاپىرىپ كۆرسەتكەن، مونتالى ئۇنىڭ تالانتىغا ھەيران قالغان ۋە ئۆزى كىرىش سۆز يېزىپ شېئىر توپلىمىنى نەشىردىن چىقارغان. شېئىر توپلىمى ناھايىتى تېزلا ئىتالىيە شېئىرىيەت ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. <<سۆزلەر>> (1939)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 03:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش