ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم 8- نۆۋەتلىك 7- قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكوم، شەھەرلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگۈنۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمىلىلەشتۈرۈۋاتقان، شەھىرىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنى قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەرنى غەربىي دىياردىكى مەرۋايت شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياخشى بىر ۋەزىيەتتە، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى بىلەن، قەشقەر شەھىرىدە «دەۋر مېلودىيىسى- شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 8 دە قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قەشقەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش شائىرلاردىن ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، تۇرسۇن نىياز، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى، ئوبۇلھاشىم ئەھەد ئېقىن، مۇھەممەد ئىمىن قۇربان تۇغلۇق، ئابلاجان بوۋاقى، مۇختەر زىبىل، ھاجى ئابدۇغوپۇر شىرىپ ، مىھرىنۇر ئەبەيدۇللا، مىھرىگۈل ئابلىمىت قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سوۋغا قىلىدۇ.
بۇ پائالىيەت 7- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار، ئىدارە ئورۇن، كوچا باشقارمىلىرىدا 16 مەيدان ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پائالىيەت مەزمۇنىنى تور ئارقلىق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-23 22:29