ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىنى ۋەتەن-خەلقنى كۈيلەش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئەل-يۇرتقاقانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى رازى قىلالىغان ئادەملەرئارىمىزدا ئۇنچە كۆپ بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. ئاتاقلىق شائىر تۇرسۇن نىياز ئىجاد ئىشقىدا نەچچە ئون يىللارنىبىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، «سۇدىن چىققان پەرىزات»، «ئۇزۇن سەپەر ناخشىلىرى» ۋە«ياشلىقىمدا يېزىلمىغان شېئىرلار»...قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ۋە باللادىلىرىبىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭبىرىدۇر. «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ سابىقمۇھەررىرى، شائىر تۇرسۇن نىياز ئاكا بۇ قېتىمقى مۇشائىرە پائالىيىتىدە «كاشغەر» ۋە «قەلبىمدىكى ۋەتەنئوبرازى» ناملىق ئىككى شىئېرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا haltakoqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-19 21:11