گۈزەل قەشقەر
بۈگۈن يەتتىم ئانا يۇرتتا مۇھەببەتنىڭ ۋىسالىغا،
يۈرەك قاندى لىۋىم تەككەچ گۈزەل يارىم دىدارىغا.
ئۇزۇن مەنزىل بېسىپ كەلدىم مۇھەببەت ئىشتىياقىدا،
دىلىمغا ئوت يېقىپ ئۆتكەن گۈزەل قەشقەر دىيارىغا.
ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى يىللار بولۇپ كاككۇك بىلەن زەينەپ،
قوشۇلدۇم مەن ۋاپادارىم ۋەتەن خەلقىم قاتارىغا.
قىزىل گۇل ئىشقىدا بۇلبۇل بولۇپ قوندۇم چىمەنلەرگە،
يۈرەك رىشتىم قىلاي تارى بوۋام چالغان ساتارىغا.
غېرىپنى ئىزدىمەس بولسا سەنەم باققا قەدەم باسماس،
مۇھەببەت يالقۇنى يەتكەچ كۆڭۈلنىڭ گۇلئۇزارىغا.
گۈزەل قەشقەر سىماسىدۇر رەڭگا-رەڭ چاھار باغلار،
ئۆزىگە خاس بەلگىسى بار ئۈزۈم ئەنجۈر ئانارىدا.
مەنبە؛ ئۆز ئىجادىيتىم.
مەن يىراق يىزىغا خىزمەتكە كىتىپ قېلىپ يىغىنغا بارالماي قالدىم.كە چۈرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-18 14:51
|