7- ئاينىڭ 18- كۈنى، قەشقەر شەھىرى «دەۋىر مىلودىيەسى- شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە پائالىيتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى يىغىن زالىدا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى. شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گۈلشەن يازۇنۇن ۋە شەھەرنىڭ ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلىرى، مەدەنىيەت، سەھىيە، قۇرۇلۇش، يېزائېگىلىكى، ئىقتىساد-ئۇچۇر قاتارلىق پارتكوملاردىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق مىللىي ئىشچى-خىزمەتچى شە بىر قىسىم شائىر-يازغۇچىلار ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ پائالىيەت بۈگۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئىككى مەيداندىن ھەر قايسى يېزا-بازار، كوچا باشقارما ۋە ئىدارىلەردە 26- ئىيۇلغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سۈرەتتە: قەشقەر شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ «ۋەتەنھەققىدە غەزەل» ناملىق شىئېرىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا
قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن سۆز قىلماقتا
قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىمىت سوپىھاجى(ئوڭدا)، قەشقەر شەھەرلىك تىلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە ئۇتۇق(سولدا) پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا
قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى فىلولوگىيە فاكولتۇتىنىڭ فىراففىسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مەسئۇل مۇھەرىررى كېرىمجان ئابدۇرېھىم سۆز قىلماقتا
شائىر، يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى «قەدەمىي قىشلاق»، «نان» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا
شائىر، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىرنىڭ مۇھەررىرى ئابلاجان بوۋاقى «ئەخلاق» ناملىق مۇخەممىسىنى دىكلاماتسىيە قىلماقتا
شائىرە، قەشقەر شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مىھرىگۈل ئابلىمىت «ھەقىقەت»، «سەھرا قىزىمەن» دىگەن ئىككى پارچە شېئرىنى ئوقۇماقتا
شائىر مۇھەممەئىمىن قۇربان تۇغلۇق «قەشقەر شەھىرىگە قاراپ» دىگەن تەخمىسىنى ئوقۇماقتا
رەھبەرلەر، شائىرلار ۋە كەڭ ئامما پائالىيەتكە ئىشتىاك قىلدى