ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن راستتىنلا تېخى ھايات ئىكەنمەن!بۇخىل تۇيغۇنى ھەممىڭلارنىڭ مېنى ياد ئېتىپ تۇرغانلىقىڭلاردىن ھەم دۇنيادا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇمىغانلىقىڭلاردىن بىلدىم...ئۇھ...مەن تېخى ھايات ئىكەنمەن!...
بىر كۈنى شۇنداق بىر چۈش كۆردۈم،سەھەر پەيتى ئىدى، ئەجەلنىڭ قامچىسى بېشىمغا تېگىش ئۈچۈن ئۇچۇپ كەلدى...قاچتىم،قاچتىم،قاچتىم...لېكىن ئەشۇ قامچا ھامان بېشىم ئۈستىدە چۆرگىلەپ كەلدى...شۇ ھالەتتە ئويغاندىم،تىرىك ئىدىميۇ،شۇ خىل بېشارەتتىن سۇلغۇن بولدۇم...گەرچە ھەركۈنى ئۆلۈمنى ئويلاپ،ھامان بىر كۈنى ،مەيلى بۈگۈن يا ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ياشاپ كېلىۋاتقان بولساممۇ،ئەشۇ سايە بېشىمغا چۈشكەندە ھاياتقا سەل تارتىشتىم...بىر نەچچە كۈن ئۆزۈمنى تىڭشاپ يولنىڭ چېتىدە مېڭىپ،موتوسېكلىتىمنى ئاستا ھەيدەپ، ئەتراپىمدىكلەرگە ۋە بالا-چاقىلىرىمغا تېخىمۇ مېھرىبان بولدۇم،كۆپلەپ سەدىقە-ئېھسان قىلدىم...چۈنكى،مەن كۆرگەن بېشارەت دەل ئۆلۈمنىڭ بېشارىتى ئىدى...............شۇ تۇيغۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شېئىرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم...نەھايەت بۇ شېئىر پۈتۈپ چىقتى! شۈكرىلەر بولسۇنكى،بۈگۈنگىچە ھايات يۈرۈپتىمەن...لېكىن،ئۆلۈم ھامان بېشىمدا قامچا ئوينىتىپ يۈرمەكتە،ئۇ كېلىدۇ،گەرچە بەك ئۇزۇن ياشاپ كېتىشنى ئانچە ئارزۇ قىلىپ كەتمىسەممۇ،ھاياتنىڭ ھەر بىر مىنۇتىغا،ھەر بىر كۈنىگە تېخىمۇ تارتىشىدىغان بولۇپ قالدىم...بولۇپمۇ شۇنداق نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۆلمىسەم بولامدۇ نىمە،دەپ ئويلاپ قالدىم!...
