قاينامى ۋاپات بولدى
ئۇنى قۇدۇققا تاشلىدى قېرىنداشلىرى...
ئۇنىڭ ناخشىسىنى چوقۇدى قۇشلار
يېدى قار ئۇچقۇنى كىيىملىرىنى
ئايرىدى شامال ياپراقلىرىدىن
يامغۇر يۇيۇپ تاشلىدى ئەسلىرىنى
دەريا دولقۇنلىرى يېرىم كېچىدە
سۇندى بىر قەبرىنى لەيلىتىپ كېلىپ
ئۇنىڭ سۇنغۇدەك قاناتلىرى يوق
سۇندى تېنىدىن جېنىنى ئېلىپ
جانان كوچىسىدىن چىققان كارىدۇر
سوزۇلدى يۈرەكنىڭ قېنىغا قەدەر
تارتتى قولىنىڭ بېغىشلىرىدىن
ئاۋازنىڭ قەپىسى بەنت قىلغان پەدەر
سۆڭىكىگە سېلىنغان قۇلۇپ
ئېچىلدى قولىنى سۇنغاندا ھاۋا
قۇرىدى تېنىدىن ئۆتكۈنچى دەريا
يىغلايدۇ ئۈچ دەرەخ ئېرىق بويىدا
قۇچاقلار ئاينى لەۋلىرى قۇرۇق
باقار يۇلتۇزغا كۆزى ئۇيقۇلۇق
كەلمەكتە ئۆلۈم قاناتلىرى يوق
سۇنار قەلبىنى كىمگە قايغۇلۇق
ئۇنىڭ ناخشىسىنى چوقۇدى قۇشلار
يېدى قار ئۇچقۇنى كىيىملىرىنى
ئايرىدى شامال ياپراقلىرىدىن
يامغۇر يۇيۇپ تاشلىدى ئەسلىرىنى
كەلدى ئۇيقۇدىكى گۈللەردىن خەۋەر
تاڭ ئاتتى چۈش چۈشىدىن ئويغانغىچە
سۆيۈشنىڭ تەمى لەۋدىن ئۆتكىچە
جاننىڭ ئىسسىقى تەندىن كەتكۈچە
سانجىلغان پىچاق سۆڭەككە يەتكۈچە
خىيال خاملىقىنى بىلىپ بولغىچە
مىسىرلىق كارۋانلار كەلگۈچە يېتىپ
ئۆتتى كۈنلەر مىڭلاپ تاڭ ئېتىپ
ئۇ جانان كەلگۈچە چىرىغىن يېقىپ
قاينامى ۋاپات بولدى...
2012.04.17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaynami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 20:47