شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن << تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا بېغىشلانغان << شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى >> ئۈرۈمچى مائارىپ سارىيىدا (قارلەيلىسى مېھمانسارىيى) ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىق، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق كەسپىي يازغۇچىسى ئەخەت تۇردى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى ئابدۇكېرىم راخمان<< تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال قاتارلىقلار ۋە ئۈرۈمچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىبلەر، ژۇرنالىستلار، ئاخپارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا << تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئالدى ياسىن زىلال ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ئابدۇكېرىم راخمان، ئازات سۇلتان،ئەخەت تۇردى، ئابلىمىت سادىق، نەسىرۇللا ئابلەت، مۇختار سۈپۈرگى قاتارلىقلار ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە تەييارلىغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە سۆز قىلدى.
بوغدا ئابدۇللا، مۇسا ئەھەت تىركەش، چىمەنگۈل ئاۋۇت، رىسالەت مەردان قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمىن ئەخمىدىگە بېغىشلاپ يازغان شېئىرلىرىنى نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
چۈشتىن ئاۋالقى يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، پىشقەدەم رەھبىرىمىز ئىسمايىل تىلىۋالدى شائىرغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سوۋغا تەقدىم قىلدى.ئاخىرىدا ئىمىن ئەھمىدى ئاكىغا ھۆرمەت تونى كەيدۈرۈلدى. شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرياتى، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرياتى،شىنجاڭ ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى فېلىلوگىيە ئىنىستۇتى ۋە << ئىلى دەرياسى >>، <<كروران >> ، <<تەڭرىتاغ >>، << تۇرپان >>، <<ئەدەبىي تەرجىمىلار >>، <<كۈسەن مەدەنىيىتى >> قاتارلىق ئورۇن ۋە ژۇرناللار شائىرغا ئات مىندۈردى ۋە سوۋغا تەقدىم قىلدى. شائىرنىڭ خىزمەتداش، كەسپداشلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرى تۈرلۈك سوۋغاتلار بىلەن شائىرغا كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى.