ئىمىن ئەخمىدى ئاكىنىڭ قۇتلۇق ئىجادىيەت تويىنى چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن.مەن شائىر ئاكىمىزنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى،تەرجىمە شېئىر-رومانلىرى(«بۆرە تۇتىمى»..)نى ئوقۇپ،قاتتىق ھاياجانغا ،ئىلھام-مەدەتكە تولغانىدىم.بىرنەچچە قېتىم ئەدەبىي پائالىيەتلەردە بىۋاستە تەلىم ئېلىپ ،قەلبىم يورىغانىدى!
ئىمىن ئەخمىدى شېئىرلىرى تېتىملىق تىل،چوڭقۇر پەلسەپە،ۋەتەنپەرۋارلىك،خەلقچىللىق روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بولۇپ،ھۆر پىكىرلەرنىڭ يارقىن جۇلاسى كىشى قەلبىنى مەست قىلىدۇ.
ماڭا تەسىر قىلغان بىر ئىش، شائىرنىڭ كەمتەرلىكى،ياشلارنى تەربىيلەش جەھەتلەردە ئۈلگە بولغانلىقىدىن ئىبارەت پەزىيلىتى .
ئەل قەلبىدە ئورۇن ئالغان،كاتتا شائىرىمىزغا،ئەدەبىيات پېشىۋايىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر،سالامەتلىك يار بولغاي!
|