ئىمىن ئەخمىدى
چارچىمامسەن دېدىم دەرياغا ،
دىدى: ئۆلۈم توختاپ قالغىنىم .
خۇي-پەيلىمدە ھاردۇق ئىلىش يوق،
جىم تۇرساملا سېسىيمەن شۇئان .
ھاياتلىقىم گويا ئاتقان ئوق،
مېنىڭ ئۈچۈن ئىغىر ھاقارەت،
ئادەملەرگە ئوخشاپ قالغىنىم ...
.
قىرىمامسەن دېدىم دەرياغا ،
دېدى: ياشلىق يەردىن ئالغىنىم .
ھەر تىنىقتا ئالەمچە شوخلۇق،
نەگە بارسام شۇندا مۇھەببەت .
بۇ مەندىكى يەككە ئۇلۇغلۇق،
ياشارتىدۇ مېنى ھەر نەپەس
قىرغاقلارنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ
دالىلارغا گىرە سالغىنىم .
.
ئۇسسىمامسەن دېدىم دەرياغا ،
دېدى: قىزلار ئىچسە بىر يۇتۇم ،
ياش بالىلار يالىڭاچ بولۇپ –
بىلىق كەبى ئوينىسا مەندە .
يەر ئېتىزدا يىيىلىپ ئاقسام
ئاشۇ ئارام، ئاشۇ قانغىنىم .
توڭلىمامسەن دېدىم دەرياغا ،
دېدى: تۇرغان-پۈتكىنىم بىر ئوت .
قاتقان مۇزلار باھار لىباسى
يازدىن بەكرەك قىشتا قىزىيمەن،
گۈل -گىياھنىڭ سېغىنىشلىرى،
يالقۇنۇمدىن ياسايدۇ ئەگىز .
ھەممە ئىشقىم قىيان ئىچىدە،
شارىلدىشىم كۆيۈپ يانغىنىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-30 13:52