پائالىيەت بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە دەل ۋاقتىدا بولدى. يىغىنغا قاتناشقان خوتەن ئەدىبلىرى بەكمۇ ھاياجانغا چۆمدۇق. دوستىمىز ، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ دوتسېنتى، شائىر مۇختار سۈپۈرگى خوتەن ئەدىبلىرىگە ۋاكالىتەن بەكمۇ ياخشى بىر ماقالا ئوقۇدى. ئاندىن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى ۋە خوتەن ئەدىبلىرى ئىمىن ئەخمىدى ئاكامنى بىر ئات، بىر تايغا مىندۈرۈپ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلدۇق. بۇ ئەنجۈمەن ئادەم ھەۋەسلەنگۈدەك، مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەك يىغىن بولدى. ئەنجۈمەنگە قاتناشقان ۋە قاتنىشالمىغان بارلىق خوتەن ئەدىبلىرى ئىمىنكامغا ئۇزۇن ئۆمۈر، ئىجادىيىتىگە شان-شەرەپ ۋە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيدۇ.
|